ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> فىزىكا >> يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىش ۋە ۋاقىتنىڭ كەينىگە يانماسلىقى
يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىش ۋە ۋاقىتنىڭ كەينىگە يانماسلىقى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-19 11:15:29 كۆرۈلۈش سانى : 127
ئالىملار ئىلگىرى بىر مەزگىل يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىشنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مەلۇم بىر كۈنى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تېز ھەرىكەت قىلىدىغان راكېتانى ياساپ چىقىشنى خىيال قىلىشتى. شۇنداق بولسا، كىشىلەر بۇ خىل راكېتاغا چىقسىلا، يەر شارىدىن قويۇپ بېرىلگەن يورۇقلۇق سىگنالىغا يېتىشىۋېلىپ، يەر شارىدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرەلەيدۇ. بۇ، يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىش شەرتى ئاستىدا ۋاقىتنىڭ كەينىگە يانىدىغانلىقى، كىشىلەر ئاۋۋال ئەتىنى، ئاندىن بۈگۈننى، ئاخىرىدا تۈنۈگۈننى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن يەنە ئەتىكى كۈندىن ئۆتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئادەم ئاۋۋال بوۋاي بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ياشقا، ئۆسمۈرگە، ئاخىرىدا بوۋاققا ئايلىنىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ خىل ھادىسىنى بىزنىڭ بۇ فىزىكا دۇنيايىمىزدا ياشاۋاتقان كىشىلەر قىياس قىلالمايدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئەگەر ئاۋاز تېزلىكىدە ئۇچۇۋاتقان رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلاندىن بىر باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ بۇ ئايروپىلانغا نىسبەتەن تېزلىكىمۇ ئاۋاز تېزلىكىگە تەڭداش بولسا، يەر يۈزىدىكى ئادەمنىڭ قارىشىچە بۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئاۋاز تېزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك تېزلىكتە ئالدىغا قاراپ ئۇچىدۇ. بۇ كلاسسىك فىزىكىدىكى تېزلىكلەرنى قوشۇش فورمۇلىسىغا ئاساسەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان خۇلاسە. ئەمما، يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچۇۋاتقان راكېتادىن بىر دەستە يورۇقلۇق قويۇپ بېرىلسە، بۇ بىر دەستە يورۇقلۇق يەر شارىدىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككى ھەسسە يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئالدىغا قاراپ تارقىلامدۇ؟ بۇ مەسىلە بىر مەزگىل ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكىلىق ئالىم مايكېلسون بىلەن مورېي ھەمكارلىشىپ ئاتاقلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپ، ئاندىن بۇ مەسىلىنى ئاساسەن ئېنىق جاۋابقا ئىگە قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىر مۇھىم خۇلاسىنى دەلىللىدى: يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇم (ھەقىقىي بوشلۇق) دىكى تېزلىكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، مەيلى قايسى كۆزىتىش سىستېمىسىدا ئۇنى كۆزەتسۇن، مەيلى يورۇقلۇق دەستىسىنى قويۇپ بەرگەن يورۇقلۇق مەنبەسى ھەرىكەت قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن، ھەممىسىدە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ نۆۋەتتە بىز بىلىدىغان تەبىئەتتىكى تېزلىكلەرنىڭ «چېمپىيونى» ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ھەرىكەت تېزلىكىنىڭ چېكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇڭلاشقا، ۋاقىت مەڭگۈ كەينىگە قايتمايدۇ.
ئېينىشتېين يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ پرىنسىپ ھەم ھەرىكەتلەرنىڭ نىسپىيلىك پرىنسىپىغا ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى يارىتىپ، فىزىكا يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ بەردى.
|
|