ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> فىزىكا >> ياشلىق باھارى بۇلىقى ۋە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى
ياشلىق باھارى بۇلىقى ۋە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-15 10:11:36 كۆرۈلۈش سانى : 75
كۆپ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر ئاجايىپ بىر خىل بۇلاقنى ئىزدەپ كەلمەكتە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئادەم ئىچسە قېرىماي، مەڭگۈ ياش تۇرارمىش. ئەمما، مەيلى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان پادىشاھ بولسۇن، مەيلى دەرمان تاۋلاپ ماھارەتكە ئىگە بولغان راھىب بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. پەن كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ بارغان19 - ئەسىردە، بۇ ئارزۇ ئاساسەن يوققا چىقىرىلدى.20
- ئەسىردە، بۇ سىر كۈتۈلمىگەن يەردىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە بايقالدى. ئۇ يېيىش، ئىچىش ۋە نەپەس ئېلىشلارغا تامامەن مۇناسىۋەتسىز، ياشلىق باھارى بۇلىقىغا بېرىش يولى تېز سۈرئەتتە مېڭىش يولىدىن ئىبارەت. ئېينىشتېين بۇنداق مېڭىش تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلىشىشى كېرەك! دەپ قارىدى. بۇنىڭ سىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا،20 ياشلىق بىر جۈپ قوشكېزەك بالا بىرى تۈرلۈك ئالەم ئۇچۇش پىلانىغا قاتناشقان. بۇلارنىڭ بىر ئالەم كېمىسىگە چىقىپ ئىنتايىن يىراققا سەپەر قىلىپ، سېكۇنتىغا290 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچقان؛ يەنە بىرەيلەن بازىدا قېلىپ كۆزىتىش ئېلىپ بارغان.50 يىلدىن كېيىن، بازىدا قالغىنى بېلى مۈكچەيگەن، چاچلىرى ئاقارغان بىر قېرىغا ئايلىنىپ قالغان، ئۇ بازىغا قايتقان قېرىندىشىنى كۈتۈۋالغاندا يەنىلا30 نەچچە ياشلىق بىر ياش ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىغان! دېمەك، گەرچە يەر يۈزىدە ۋاقىت50 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارانلا10 نەچچە يىل ئۆتكەن بولىدۇ!
تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى كىشىلەرگە يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغاندا سائەتنىڭ مېڭىش قەدىمىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ ئۆزى بىر تىرىك سائەت، ئادەم يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشقان تېزلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا، يۈرىكىنىڭ سوقۇشى ئاستىلايدۇ، باشقا فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنىڭ رىتىمىمۇ ئاستىلايدۇ، بەلكىم بىر ۋاخلىق تاماقنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، ئىككى ۋاخلىق تاماقنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى بىرقانچە يىل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. فىزىئولوگىيىلىك جەرياننىڭ تېزلىكى كىچىكلىگەنلىكتىن، ياشنىڭ چوڭىيىشىمۇ ئاستا بولىدۇ. شۇڭا، تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىسىدە، كىشىلەر خىيال قىلىپ كەلگەن ياشلىق باھارى بۇلىقى مەۋجۇت.
|
|