ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> فىزىكا >> ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسى
ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-14 11:25:25 كۆرۈلۈش سانى : 65
ئەگەر 1kg ئېغىرلىقتىكى بىر تاۋۇز بىلەن 1kg ئېغىرلىقتىكى بىر كاۋىنى بىرلىكتە ئۆلچىسەك، ئۇلارنىڭ ماسسىسى چوقۇم 2kg بولىدۇ. ئەمما، ئالىملار شۇنى بايقىدىكى، ئەگەر1 بىرلىك ماسسىدىكى نېيترون بىلەن1 بىرلىك ماسسىدىكى پروتوننى بىرلىكتە قويغاندا، ھاسىل بولغان ئاتوم يادروسىنىڭ ماسسىسى2 بىرلىك ماسسىغا تەڭ بولمايدۇ. ئىلمىي ئۆلچەشلەر قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق بىر دانە ئاتوم يادروسىنىڭ ماسسىسى ھامان بۇ يادرونى تۈزگۈچى پروتون بىلەن نېيتروننىڭ يەككە ماسسىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ھامان كىچىك بولىدۇ. ئالىملار كېمىيىپ كەتكەن ئاشۇ بىر ئۈلۈش ماسسىنى ئاتوم يادروسى ماسسىسىنىڭ خورىشى دەپ ئاتىدى.20
- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئېينىشتېين نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىن چىقىش قىلىپ، داڭلىق ماسسا ئېنېرگىيىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنىڭ مۇناسىۋەت فورمۇلىسىE=cm2نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دېمەك، يورۇقلۇق تېزلىكى ئۆزگەرمىگەن شەرت ئاستىدا، ماسسا m بىلەن ئېنېرگىيە E نىڭ بىر خىل ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. ئاتوم يادروسىنىڭ ماسسىسى ئۇنى تۈزگۈچى نۇكلوننىڭ ئومۇمىي ماسسىسىدىن ئاز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەككە نۇكلون يېقىنلىشىپ بىرىكىپ ئاتوم يادروسىنى ھاسىل قىلغاندا، چوقۇم بىر قىسىم ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ بىر بايقاش ئالىملارغا شۇنى ھەقىقىي ئىشەندۈرىدۇكى، پەقەت ماسسا خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق بىر خىل ئۇسۇلنى تاپقاندىلا، ئىنسانىيەت ئاتوم يادروسىدىن ئېنېرگىيىگە ئېرىشەلەيدۇ.
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ بىر ئىدىيىنى تۇنجى بولۇپ فرانسىيىلىك فىزىكا ئالىمى يولىئوت - كيۇرىي ئىسپاتلىدى.1939 - يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇ نېيترون »سىنارەدى« ئارقىلىق ئۇران ئاتوم يادروسىنى بومباردىمان قىلىش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەندە، ئۇران ئاتوم يادروسىنىڭ سوقۇلۇپ ئىككى پارچىغا بۆلۈنگەنلىكى ھەم غايەت زور ئېنېرگىيىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خىل ئېنېرگىيە ئاتوم يادروسىنىڭ ئىچىدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئۇ ئاتوم ئېنېرگىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولىئوت يەنە ئۇران پارچىلانغاندا2 ~3 دانە يېڭى نېيترون قويۇپ بېرىدىغانلىقى؛ بۇ نېيترونلار يەنە باشقا ئۇران يادرولىرىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېخىمۇ كۆپ نېيترون قويۇپ بېرىلىپ، ئۇلار يەنە تېخىمۇ كۆپ ئۇران يادرولىرىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئالىملار بۇنداق جەرياننى زەنجىرسىمان رېئاكسىيە دەپ ئاتىغان. ئەگەر ئۇراننىڭ سانلىق مىقدارى يېتەرلىك كۆپ بولسا، بۇ خىل زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئۈزلۈكسىز ھالدا تېز ئېلىپ بېرىلىدۇ - دە، ئاتوم پارتلاش يۈز بېرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئامال قىلىپ كونترول قىلىنسا، يەنى ئاتوم رېئاكتورى (رېئاكسىيە قازىنى) ياسالسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق توك تارقاتقىلى، يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىدىغان ھەربىي پاراخوتى، سودا پاراخوتى ۋە ئايروپىلان ياسىغىلى بولىدۇ. يەنە سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كېرەكلىك ھەر خىل رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلارنى ئىشلەپچىقارغىلى ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئالىملارنىڭ چىڭ تۇرۇپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش پارلاق كەلگۈسى مەنزىرىسى ئېچىلدى.
|
|