بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> فىزىكا >> گالىلېينىڭ چوڭ كېمىسى ۋە نىسپىيلىك پرىنسىپى

گالىلېينىڭ چوڭ كېمىسى ۋە نىسپىيلىك پرىنسىپى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-17 11:25:37    كۆرۈلۈش سانى : 77  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
350نەچچە يىللار ئىلگىرى، ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلېي تالانتلىق ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزۈپ، فىزىكىدىكى ئاتاقلىق نىسپىيلىك پرىنسىپىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ بىزگە مۇنداق دېگەن: سىزنى بىرنەچچە ئاغىنىڭىز بىلەن بىللە چوڭ كېمىنىڭ پالوبىسى ئاستىدىكى كېمە بۆلمىسىگە بىرنەچچە چىۋىن، كېپىنەك ۋە باشقا كىچىك ھاشاراتلار بىلەن بىللە سولاپ قويايلى. بۆلمە ئىچىگە لىق سۇ قاچىلانغان ھەم بىرنەچچە تال بېلىق سېلىنغان بىر چوڭ سۇ قاچىسى قويۇپ قويۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن سۇ قاچىلانغان بىر بوتۇلكا ئېسىپ قويۇلۇپ، سۇ بىر تامچە - تامچىدىن ئاستىدىكى بىر تار بويۇنلۇق بوتۇلكىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان قىلىنىدۇ. كېمە قوزغالماي تىنچ تۇرغاندا، دىققەت قىلىپ كۆزەتسىڭىز، بۇ كىچىك ھاشاراتلار ئوخشاش بولمىغان تېزلىكتە بۆلمىنىڭ ھەرقايسى يۆنىلىشلىرىگە قارىتا ئۇچۇۋېرىدۇ، بېلىقلار ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەرگە قارىتا ئىختىيارىي ئۈزۈۋېرىدۇ، سۇ تامچىلىرى ئاستىدىكى بوتۇلكىغا تېمىپ تۇرىدۇ. سىز خالىغان بىرنەرسىنى ئاغىنىڭىزگە ئېتىپ بەرمەكچى بولسىڭىز، ئارىلىقلار تەڭ بولسىلا، بۇ يۆنىلىشكە قارىتىپ ئاتقىنىڭىزدا يەنە بىر يۆنىلىشكە قارىتىپ ئاتقىنىڭىزغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرىسىڭىز، مەيلى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ سەكرىسىڭىزمۇ ھەممىسىدە ئارىلىق ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ. سىز بۇ ھادىسىلەرنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، كېمىنى خالىغان تېزلىكتە ئىلگىرىلەتسىڭىزمۇ، پەقەت ھەرىكەت تەكشى بولسىلا، بىردەم سولغا، بىردەم ئوڭغا ئېغىشمىسىلا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھادىسىلەردە قىلچە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. سىز بۇلار ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر ھادىسىدىن كېمىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ياكى ھەرىكەت قىلماي تىنچ تۇرغانلىقىنى ئېنىقلىيالمايسىز. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پاكىتلارنى خۇلاسىلىگەندە، فىزىكىدىكى نىسپىيلىك پرىنسىپى بارلىققا كېلىدۇ. »نىسپىي« ئەھۋال كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئايروپىلاندا تۇرۇپ ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارغا قارىساق، ئۇلار ئۇ يەردە قوزغالماي ئولتۇرىدۇ؛ يەر يۈزىدىن كۆزەتكەندە، يولۇچىلار ئايروپىلان بىلەن بىللە ئۇچىدۇ. يولۇچىلار تىنچ تۇرغان بولامدۇ ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولامدۇ؟ بۇ كۆزەتكۈچىنىڭ پايدىلانغان ئۆلچىمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. فىزىكىدا پايدىلىنىلغان بۇ خىل ئۆلچەم پايدىلىنىش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ ھەم كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن تىنچ تۇرغان ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان پايدىلىنىش سىستېمىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئىنېرتسىيىلىك سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ.19 - ئەسىردىن كېيىن، ئېلېكتر ماگنىتىزم زور تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەتنى ھور دەۋرىدىن ئېلېكتر دەۋرىگە ئېلىپ كىردى، شۇنداقلا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن بۆشۈك تەييارلاپ بەردى. ئېينىشتېين ئۆزى تىكلىگەن تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئەگەر فارادېينى گالىلېينىڭ چوڭ كېمىسىگە تەكلىپ قىلىپ ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە تەجرىبىسىنى ئىشلەتسە، كېمە مەيلى قانداقلا تېزلىكتە يۈرسۇن، فارادېينىڭ كېمىدە ئىشلىگەن تەجرىبىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئىشلىگەن تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسى تامامەن ئوخشاش بولىدۇ. فارادېيمۇ ئوخشاشلا كېمىدە ئىشلىگەن ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيە تەجرىبىسىگە ئاساسەن كېمىنىڭ تەكشى تېزلىكتە يۈرۈۋاتقانلىقى ياكى پرىستاندا توختاپ تۇرغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئېينىشتېين يېڭى نىسپىيلىك پرىنسىپى، يەنى فىزىكا قانۇنىيەتلىرى (مېخانىك قانۇنىيىتىنىلا ئەمەس، يەنە ئېلېكتر ماگنىت ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ بارلىق ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىلاردا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بەرپا قىلدى. كېيىن، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە، ئېينىشتېين يەنە بۇ پرىنسىپنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق كېڭەيتتى. فىزىكا قانۇنىيەتلىرى بارلىق ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىدا ئوخشاش بولىدۇ. نىسپىيلىك پرىنسىپى ئېينىشتېين نەزەرىيىلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئېينىشتېين بەرپا قىلغان نەزەرىيىنى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى دەپ ئاتىدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇ...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىد...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدى...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېم...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك د...
●  ياشلىق باھارى بۇلى...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ...
●  ئاساس بولمىغان ئاس...
●  رادىي
●  «زەمبىرەك»
●  «قارا بۇلۇت»
●  X نۇرىنىڭ بايقىلىشى
●  ئاتوم دۇنياسىغا كى...
●  لازېر نۇرى
●  ئىنفرا قىزىل نۇر
●  كۆزەينەك ھەققىدىكى...
●  مىكروسكوپ
●  تېلېسكوپ ۋە لىنزا
●  ئالاھىدە ئادەم ئىز...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇنياسى...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىدە ئىز...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېش...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېمىسى ۋ...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك دۇنيان...
●  ياشلىق باھارى بۇلىقى ۋە ...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ئاتو...
●  ئاساس بولمىغان ئاساسىي ...
●  رادىي

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى