بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> فىزىكا >> يۇقىرى سۈرئەتلىك دۇنيانىڭ مۆجىزىسى

يۇقىرى سۈرئەتلىك دۇنيانىڭ مۆجىزىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-16 10:36:49    كۆرۈلۈش سانى : 90  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىجادچىسى ئېينىشتېين كىچىكىدىن تارتىپلا مۇنداق بىر مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىپ كەلگەن: ئەگەر بىر ئادەم نۇرغا ئەگىشىپ يۈگۈرسە ھەم ئۇنىڭغا يېتىشىۋالسا، بۇ ئادەم قانداق ھادىسىنى كۆرەلەيدۇ؟20  نەچچە يىللىق مۇلاھىزە قىلىش ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئېينىشتېين ئاخىر جاۋابىنى تېپىپ، تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تىكلىدى. تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە، ئېينىشتېين بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى: ئەگەر سىز ھەقىقەتەن يورۇقلۇق تېزلىكىدىكى تېزلىكتە يۈگۈرەلىسىڭىز، ھەتتا يورۇقلۇققا يېتىشىۋالالىسىڭىز، سىز كۆرگەن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىن تاشقىرى بولىدۇ. بۇ چاغدا، سىز بىر گەز (سىزغۇچ) نى ئېلىپ ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچىسىڭىز، ئۇنىڭ ئادەتتىكى سىزغۇچتىن خېلىلا قىسقىراپ قالغانلىقىنى بايقايسىز؛ سىز يورۇقلۇققا قانچە يېقىن ئەگىشىپ ماڭسىڭىز، گەزنىڭ ئۇزۇنلۇقى شۇنچە قىسقا بولىدۇ! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆزىڭىزگە كۋادرات ئۆزگىرىپ تىك تۆت تەرەپلىك، چەمبەر ئۆزگىرىپ ئېللىپس بولۇپ كۆرۈنىدۇ. تېزلىك سېكۇنتىغا260  مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەندە، كېتىۋاتقان بىر پويىزنى تەپسىلىي كۆزەتسىڭىز، پويىزدىكى ھەربىر ئادەم، ھەربىر نەرسە سىزنىڭ ئىلگىرىلىگەن يۆنىلىشىڭىزدە ئىككىدىن بىرى قىسقارغانلىقىنى بايقايسىز. پويىزدىكى ئادەممۇ سىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىڭىزدە ئىككىدىن بىرىڭىز قىسقارغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ چاغدا ئەگەر پويىزدىكى يولۇچىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشكە ئىمكانىيەت بولسا، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ بىر ھەسسە ئاشقانلىقىنى بايقايسىز. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا، يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۇنيادا، سائەتنىڭ مېڭىشىمۇ بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىدۇ. تېزلىكىڭىز يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ%99.99999999 ىگە يەتكەندە، قول سائىتىڭىزنىڭ مېڭىشى، يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشى، نەپەس ئېلىشىڭىز، ھەزىم قىلىشىڭىز ۋە تەپەككۇرىڭىزمۇ ئاستىلاپ ئەسلىدىكىسىنىڭ70  مىڭدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق يۇقىرى سۈرئەتلىك ھەرىكەتتە يەتتە كۈننى ئۆتكۈزسىڭىز، يەر شارىدا1342  يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەن »تاغدىكى نەچچە كۈن، دۇنيادا1000  يىل بولدى« دېگەندەك بولىدۇ. ئادەتتە ھەر خىل جىسىمنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامان ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ھادىسىلەرنى بايقىغىلى بولمايدۇ. سېكۇنتىغا1 .8 كىلومېتىر تېزلىكتە يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلغان سۈنئىي ھەمراھتا،1  مېتىرلىق گەزنىڭ ھەرىكەت تۈپەيلى قىسقارغان ئارىلىقى بىر تال چاچ دىئامېتىرىنىڭ10  مىڭدىن بىرىچىلىك كەلمەيدۇ. ئەمما، مىكرو دۇنيادا ئەھۋال بۇنىڭغا كۆپ ئوخشىمايدۇ. يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك تېزلەتكۈچ ناھايىتى ئوڭايلا ئېلېكتروننىڭ تېزلىكىنى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ   % 99.88 ىگە يەتكۈزەلەيدۇ. بۇ چاغدا گەز قىسقىرايدىغان، سائەت ئاستىلاپ قالىدىغان، ماسسا ئېغىرلاپ قالىدىغانغا ئوخشاش بۇ تۈردىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېففېكتى ئىنتايىن روشەن بولىدۇ. ئالىملار دەل بۇ ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك دۇنيادىكى مۆجىزىلەرنى كۆزىتەلىگەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇ...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىد...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدى...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېم...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك د...
●  ياشلىق باھارى بۇلى...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ...
●  ئاساس بولمىغان ئاس...
●  رادىي
●  «زەمبىرەك»
●  «قارا بۇلۇت»
●  X نۇرىنىڭ بايقىلىشى
●  ئاتوم دۇنياسىغا كى...
●  لازېر نۇرى
●  ئىنفرا قىزىل نۇر
●  كۆزەينەك ھەققىدىكى...
●  مىكروسكوپ
●  تېلېسكوپ ۋە لىنزا
●  ئالاھىدە ئادەم ئىز...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇنياسى...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىدە ئىز...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېش...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېمىسى ۋ...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك دۇنيان...
●  ياشلىق باھارى بۇلىقى ۋە ...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ئاتو...
●  ئاساس بولمىغان ئاساسىي ...
●  رادىي

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى