بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> فىزىكا >> كۈچنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىش − چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزەرىيىسى

كۈچنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىش − چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزەرىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-20 11:27:20    كۆرۈلۈش سانى : 108  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
فىزىكىدا كۈچ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئاددىي، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر ئۇقۇم. قارىماققا ئاددىيدەك تۇرغان بۇ فىزىكىلىق ئۇقۇمنى ئاڭلىماققا ھەممە ئادەمگە تونۇشتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما ئۇزاق يىللاردىن بۇيان فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلدى. يەر شارىدىكى جىسىمنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى مەيلى قانداق بولسۇن، ئاخىر ھامان ئىتائەتمەنلىك بىلەن يەرگە چۈشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئالەم بوشلۇقىدا يەر شارى قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئاي يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئالىم نيۇتون جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيە − ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى بايقىدى. مەيلى يەر شارىدىكى جىسىملار بولسۇن ياكى ئاسماندىكى ئاسمان جىسىملىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئىسسىقلىق ھادىسىلىرى ھەققىدە كىشىلەر ئىسسىقلىق ئىلمى نەزەرىيىلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتى. ئېلېكتر ماگنىت ھادىسىلىرى ھەققىدىمۇ كىشىلەر ئېلېكتر ماگنىت مەيدان نەزەرىيىلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتى، فىزىكىنىڭ ھەرقايسى قىسىم مەزمۇنلىرى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل ھەرىكەت شەكىللىرىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە نەزەرىيىسىنى خۇلاسىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ قانۇنىيەتلەر ئارىسىدىن تېخىمۇ ئاساسلىق بولغان قانۇنىيەتنى خۇلاسىلەپ، تېخىمۇ كەڭ مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ - يوق؟ بۇ فىزىكا ئالىملىرى ئۇدا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالدى. ھازىر، كىشىلەر مىكرو زەررىچىلەر ئارىسىدا پەقەت ئالەملىك تارتىشىش كۈچى، ئېلېكتر ماگنىت كۈچى، كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر كۈچ ۋە ئاجىز ئۆزئارا تەسىر كۈچتىن ئىبارەت تۆت خىل ئۆزئارا تەسىر كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى. ئالەمدىكى بارلىق ھادىسىلەرنى مۇشۇ تۆت خىل تەسىر كۈچتىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. تۆت خىل تەسىر كۈچنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە بىرلىككە كېلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ، تۆت خىل ئۆزئارا تەسىر كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرەلەيدىغان نەزەرىيىنى تېپىش چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېينىشتېين نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن،20  - يىللاردىن باشلاپ ئۇ بىرلىككە كەلگەن بىر نەزەرىيە ئارقىلىق بارلىق ئۆزئارا تەسىرلەر، يەنى بارلىق فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى1955  - يىلى ۋاپات بولغىچە كۈچىنىڭ بارىچە داۋاملاشتۇرغان.60 - يىللىرى گراشوف، ۋېينبېرگ، سالام قاتارلىق ئۈچ ئالىم ئاجىز ئېلېكتر بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاجىز ئۆزئارا تەسىر بىلەن ئېلېكتر ماگنىتىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى بىرلىككە كەلتۈردى، بۇ خىل بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزەرىيىسى ئايرىم - ئايرىم ئاجىز ئۆزئارا تەسىر ۋە ئېلېكتر ماگنىت ئۆزئارا تەسىرنىڭ ھەر خىل ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى ھەم بىرنەچچە خىل يېڭى زەررىچىنى ئالدىن پەرەز قىلدى، شۇڭلاشقا ئۇلار1979  - يىلى فىزىكا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى،1983  - يىلى تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق نەزەرىيىدە ئالدىن پەرەز قىلىنغان زەررىچىلەرنى بايقاپ، نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىدى.70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كىشىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچلۈك، ئاجىز ئېلېكتر ماگنىتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تەسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چوڭ بىرلىككە  كەلتۈرۈش نەزەرىيىسى خۇلاسىلىرىدىن بىرى پروتوننىڭ يىمىرىلىشىنى ئالدىن پەرەز قىلىش بولۇپ، بۇ تەجرىبە نەتىجىسىگە زىت بولۇپ قالدى. چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزەرىيىسى گەرچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۆت خىل ئۆزئارا تەسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى ئىزدىنىش تەتقىقاتى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، كىشىلەر يەنىلا بۇ ئېگىز چوققىغا ياماشماقتا.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇ...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىد...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدى...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېم...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك د...
●  ياشلىق باھارى بۇلى...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ...
●  ئاساس بولمىغان ئاس...
●  رادىي
●  «زەمبىرەك»
●  «قارا بۇلۇت»
●  X نۇرىنىڭ بايقىلىشى
●  ئاتوم دۇنياسىغا كى...
●  لازېر نۇرى
●  ئىنفرا قىزىل نۇر
●  كۆزەينەك ھەققىدىكى...
●  مىكروسكوپ
●  تېلېسكوپ ۋە لىنزا
●  ئالاھىدە ئادەم ئىز...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دۇنياسى...
●  كۈچنىڭ سىرى ھەققىدە ئىز...
●  يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېش...
●  يادرو ئېنېرگىيىسى
●  گالىلېينىڭ چوڭ كېمىسى ۋ...
●  يۇقىرى سۈرئەتلىك دۇنيان...
●  ياشلىق باھارى بۇلىقى ۋە ...
●  ماسسىنىڭ خورىشى ۋە ئاتو...
●  ئاساس بولمىغان ئاساسىي ...
●  رادىي

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى