بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ئىشلىتىلىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-18 12:54:24    كۆرۈلۈش سانى : 70  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئونلۇق كەسىر چېكىتى ئەڭ بۇرۇن16  - ئەسىردىكى گېرمانىيە ماتېماتىكى كراۋسنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. ئۇ ئىشلەتكەن ئونلۇق كەسىر چېكىتى «.» نىڭ مەنىسى ھازىرقىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پۈتۈن سان قىسمى بىلەن ئونلۇق كەسىر قىسمىنى ئايرىش بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئونلۇق كەسىر ئونلۇق سىستېمىسىدىكى كەسىر بولۇپ، ئۇنى10  نىڭ دەرىجىسىنى مەخرەج قىلغان ئاددىي كەسىر دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئونلۇق كەسىر دەسلەپ جۇڭگودا پەيدا بولغان ۋە ئىشلىتىلگەن، ئونلۇق كەسىر چېكىتى «.» نىڭ قوللىنىلىشى بولسا يېقىنقى300  يىل مابەينىدىكى ئىش. جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى بۈيۈك ماتېماتىك چىن جيۇشاۋ (1202 −1261 ) نىڭ «ماتېماتىكىدىن توققۇز باب» دېگەن ئەسىرىدە ئونلۇق كەسىرنىڭ ھازىرقى زاماندىكى يېزىلىش ئۇسۇلى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ324506.25 نى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئىپادىلىگەن. «قالدۇق 餘» دېگەن خەت بىلەن مۇشۇ خانىدىن كېيىنكى قىسمى پۈتۈنلەي ئونلۇق كەسىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. «قالدۇق» خېتى ھازىرقى ئونلۇق كەسىر چېكىتى رولىنى ئوينىغان. غەربتە ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى16  - ئەسىردىكى بىلگىيە ماتېماتىكى سىتېۋېنغا مەنسۇپ . ئۇ قوللانغان ئونلۇق كەسىر بەلگىسى خېلى مۇرەككەپ. مەسىلەن، ئۇ912 .5 نى مۇنداق يازغان: 5,9①1②2③ كېيىن بەزى غەربلىكلەر912 .5 نى مۇنداق يازغان: ″′2 ″1 ′9 ,5 ياكى «,» ئارقىلىق ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى، «①، ②، ③ » ياكى «′، ″، ″′» ئارقىلىق ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى ئونلۇق كەسىر قىسمىنىڭ1 ىنچى،2 ىنچى،3 ىنچى خانىلىرىنى ئىپادىلىگەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى