بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> ماتېماتىكىدىكى بەلگىلەر

ماتېماتىكىدىكى بەلگىلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-30 11:20:18    كۆرۈلۈش سانى : 111  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ماتېماتىكا ئۆگىنىش ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى ئۆگىنىشتىن باشلىنىدۇ. بالىلار باغچىسىدا ئۆگىتىلىدىغان  2 4,3,2,1.....  0,9لەر ماتېماتىكىدىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان بەلگىلەردۇر. ماتېماتىكا تەتقىقاتىمۇ بەلگىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، كىشىلەر بەزىدە بىرەر يېڭى قانۇنىيەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېڭى بەلگىلەرنى ئىجاد قىلىدۇ. تارىختا0 دىن9  غىچە بولغان ئون ئەرەب رەقىمى ماتېماتىكىغا كىرگەندىن كېيىن، ماتېماتىكىدا بىر قېتىملىق ئىنقىلاب پەيدا بولدى. فرانسىيە ماتېماتىكى ۋېتا تۇنجى بولۇپ بەلگىلەرنى ماتېماتىكىغا ئېلىپ كىرگەن كىشى، ئۇ نامەلۇم سانلارنى سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن، مەلۇم سانلارنى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەلۇم سانلار رەقەم بىلەن ئىپادىلىنەتتى، بۇ ماتېماتىكىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى. ۋېتانىڭ ئالگېبراغا دائىر ئەسىرى »يېڭى ئانالىز ئۇسۇلى« سان ئورنىغا بەلگە ئالماشتۇرۇلغان تۇنجى ئەسەردۇر، بىراق، ھازىرقى ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر سىستېمىسى ئاساسەن دېكارت قوللانغان بەلگىلەردۇر. ئۇ26  ئىنگلىزچە ھەرپنىڭ ئاخىرقى ھەرپلىرى x، y، z لار بىلەن نامەلۇم سانلارنى، باش ھەرپلىرى a، b، c لار بىلەن مەلۇم سانلارنى ئىپادىلەشنى تەكلىپ قىلغان. ماتېماتىكا بەلگىلەر ياردىمىدە تېخىمۇ ئىخچام ۋە ئېنىق بولدى، ئىشلىتىشمۇ ئاسانلاشتى، ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى، مەسىلەن، «8=3+5» دېگەن ئەمەل يېزىق بىلەن ئىپادىلەنسە »بەشنى ئۈچكە قوشساق سەككىز بولىدۇ« دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ناۋادا ھەممىلا ماتېماتىكا ئەسەرلىرى مۇشۇنداق بولۇپ كەتسە، تولىمۇ چۇۋالچاق بىر نېمە بولۇپ، ئەستە تۇتۇشمۇ تەسكە توختايتتى، بەلگىلەرنى قوللىنىش يالغۇز ئىشنى ئازايتىش، باياننى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، بەلگىلەر ئۇقۇملارنى بايان قىلىش، ئۇسۇللارنى چۈشەندۈرۈش، تېئورېمىلارنى تۇرغۇزۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان قورالدۇر. بىرقەدەر ياخشى بەلگىلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، ھەر خىل ئەمەل قائىدىلىرىنى يەكۈنلىگىلى، سانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئېچىپ بەرگىلى، ئەقلىي خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ. ئەگەر ماتېماتىكا بىر پارچە رەسىم دېيىلسە، بەلگىلەر رەسىمنىڭ سىزىقلىرىدۇر. رەسىم سىزىش سىزىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ماتېماتىكا بەلگىلەردىن ئايرىلالمايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى