بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> تۈز سىزغۇچ، تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ ۋە سىركۇل

تۈز سىزغۇچ، تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ ۋە سىركۇل

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-28 10:14:32    كۆرۈلۈش سانى : 32  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
سىركۇل بىلەن تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ جۇڭگودا كەشىپ بولغان. قەدىمكى كىشىلەر ئۇلاردىن ئۆلچەش، چەمبەر ۋە تىك بۇلۇڭلۇق شەكىللەرنى سىزىشتا پايدىلانغان. «سىركۇل» چەمبەر سىزىشتا ئىشلىتىلگەن، «تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ» پۈكلەپ تىك بۇلۇڭ شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەگرى سىزغۇچ بولۇپ، ئۈستىگە شكالىلار ئويۇلغان. سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلار كەشىپ بولغان يىلنى ئېنىقلىماق تەس، لېكىن مىلادىيىدىن15  ئەسىر بۇرۇنقى چىغىناق - تاغاق يېزىقىدا 规 (گۇي - سىركۇل) ۋە 矩 (جۈي - تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ) دېگەن ئىككى خەت خاتىرىلەنگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس سىماچيەن «تارىخنامە» دە مۇنداق يازغان: شيا يۈي قىياننى تىزگىنلىگەندە «سول قولىدا ئۆلچەش تانىسى، ئوڭ قولىدا سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنى ئېلىپ يۈرگەن»، بۇنىڭ مەنىسى شيا يۈي سول قولىدا ئۆلچەش تانىسى، ئوڭ قولىدا سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، قىيان تىزگىنلەش لايىھىسىنى تۈزگەن دېگەنلىك. بۇ شيايۈي قىيان تىزگىنلىگەن دەۋرلەردىلا (مىلادىيىدىن2000  يىل بۇرۇن) سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچتىن ئىبارەت ئىككى خىل گېئومېتىرىيىلىك قورال بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى گېئومېتىرىيىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شاڭ گاۋ «سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچنى ئىشلىتىش يولى» نى نەزەرىيە جەھەتتىن مۇنداق يىغىنچاقلىغان: «تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچنىڭ بىر تەرىپىنى گورىزونتال قويۇپ، يەنە بىر تەرىپىنى تىك تانىغا تىرىسە، تانىنىڭ تىك ياكى تىك ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچنىڭ بىر تەرىپىنى ئوڭدىسىغا قويۇپ، يەنە بىر تەرىپىنى تۈز قويسا ئېگىزلىكنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ؛ يۇقىرىدىكى ئېگىزلىك ئۆلچىگەن تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچنى تەتۈر ئۆرۈپ قويسا چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ؛ يۇقىرىدا ئېگىزلىك ئۆلچىگەن تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچنى يەرگە ياتقۇزۇپ قويسا، يىراقتىكى ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ». ئۇ تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كەڭ ۋە جانلىق تەسۋىرلىگەن. قەدىمكى گرېكلەر گېئومېتىرىيىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغاندا تۈز سىزغۇچ ۋە سىركۇل ئىشلەتكەن. بۇ تۈز سىزغۇچقا شكالا ئويۇلمىغان بولۇپ، تۈز سىزىق سىزىشقىلا ئەسقاتىدۇ. گرېكلەر ئەڭ ئاساسىي قورال − تۈز سىزغۇچ ۋە سىركۇلدىن پايدىلىنىپ ئىلاجنىڭ بارىچە نۇرغۇن گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنى سىزىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچىدىن، بۇ شەكىلنى سىركۇل ۋە تۈز سىزغۇچ بىلەن سىزغىلى بولامدۇ - يوق، ئىككىنچىدىن، سىزغىلى بولسا قانداق سىزىش كېرەك، دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىققان. بۇ جەھەتتە تۈز سىزغۇچ ۋە سىركۇل بىلەن شەكىل سىزىشتا كېلىپ چىققان ئەڭ مەشھۇر ئۈچ چوڭ مەسىلە بار بولۇپ، ئۇلار خالىغان بۇلۇڭنى تەڭ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈش، كۇبنى ھەسسىلەش ۋە چەمبەرنى كۋادراتقا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۈز سىزغۇچ ۋە سىركۇل بىلەن شەكىل سىزىش تەتقىقاتى نۇرغۇن ماتېماتىكىلىق تېئورېمىلارنىڭ بايقىلىشىغا سەۋەب بولدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى