تۇرىڭ كومپيۇتېرى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-25 11:05:44 كۆرۈلۈش سانى : 28
ھازىرقى زامان ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەندىزىسى (ئەسلىي تىپى) ئەنگلىيە ماتېماتىكى تۇرىڭ1936 - يىلى لايىھىلىگەن ئىدىئال ھېسابلاش ماشىنىسى (تۇرىڭ كومپيۇتېرى)دۇر. تۇرىڭ ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ھېسابلاش ھەرىكەتلىرىنى بىرقانچە ئاددىي ھەرىكەتكە پارچىلىدى. ئۇ بىرەر كىشى قەغەز يۈزىدە ھېسابلىغاندا مۇنداق نەرسىلەر زۆرۈر بولىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلدى: (1) ھېسابلاش نەتىجىسىنى ساقلايدىغان بىر خىل ساقلىغۇچ، يەنى قەغەز؛ (2) بىر خىل تىل، يەنى تۆت ئەمەلنى بېجىرىش مەشغۇلاتى ۋە سانلارنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە؛ (3) تەسۋىر يېيىش (سكاننېرلاش) رايونى، يەنى ھېسابلاش جەريانىدا كۆرىدىغان يۇقىرى - تۆۋەن، ئوڭ - سول كاتەكچىلەردىكى سانلار؛ (4) ھېسابلاش مەقسىتى، يەنى ھەربىر باسقۇچنى ھېسابلىغاندا، كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاش. مەسىلەن،9 +6 نى كۆرگەندە كۆڭۈلدە قالدۇرۇشقا تەييارلىنىش دېگەندەك؛ (5) كېيىنكى قەدەمدىكى ھېسابلاشنى بېجىرىش.
ھەربىر قەدەملىك ھېسابلاشقا كەلسەك، ئۇ: (1) سان ياكى بەلگىلەرنى ئۆزگەرتىش؛ (2) تەسۋىر يېيىش رايونىنى ئۆزگەرتىپ، سولغا خانا سۈرۈش ياكى ئوڭغا خانا قويۇش؛ (3) ھېسابلاش مەقسىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس.
تۇرىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇشنى قىياس قىلىپ،32 ×26 نى تىك شەكىلدە ھېسابلاشنى قەغەز لېنتىنى تېشىپ832 =780+52=32×26 ئارقىلىق ئىپادىلىدى. ئەگەر سانلارنىڭ ھەممىسى ئىككىلىك سىستېمىدىكى سان بىلەن، قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، تەڭلىك بەلگىلىرىمۇ ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلار بىلەن ئىپادىلەنسە، ئۇ ھالدا بىر ھېسابلاش جەريانى بىر قەغەز لېنتىدىكى0 بىلەن1 دىن تەركىب تاپقان سانلار تىزمىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك بىر ماشىنىنى پەرەز قىلساق، ئوقۇش - يېزىش بېشى لېنتىغا كىرگۈزۈلگىنىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ماشىنىدىن چىقىرىلغىنىنى كۆرسىتىدۇ، كۆزىتىش كاتەكچىسىدىكى مەزمۇنلار ئوقۇش - يېزىش بېشى ئارقىلىق ماشىنىغا يوللىنىدۇ، بالا ماشىنا كېيىنكى قەدەمدىكى مەشغۇلاتنى ئوقۇش - يېزىش بېشىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ. ئوقۇش - يېزىش بېشى ئۈچ خىل ھەرىكەتنى ئىشلەيدۇ:
(1) كۆزىتىش كاتەكچىسىگە يېزىش ياكى يازماسلىق (يەنى مەزمۇننى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگەرتمەسلىك)؛
(2) ئوقۇش - يېزىش بېشى سولغا ياكى ئوڭغا بىر كاتەك سۈرۈلۈش؛
(3) توختاش.
شۇنداق قىلىپ، تۇرىڭ ئادەمنىڭ ھېسابلاش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ماشىنىلاشتۇردى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەڭلىمە يېشىش، تەقرىبىي ھېسابلاش قاتارلىقلاردا، مەلۇم ھېسابلاش قائىدىسىگە ئاساسەن، كۆزىتىش كاتەكچىسىدە قانداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كېيىنكى قەدەملىك ھەرىكەتنى قانداق ھېسابلاش مەقسىتى بويىچە بېجىرىش ماشىنىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇلسىلا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم ياكى ماشىنىلار بېجىرەلەيدىغان ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەرقاندىقىنى تۇرىڭ لايىھىلىگەن ماشىنىمۇ بېجىرەلەيدۇ. |
|