كىشىلەر ئادەتتە شوتلاندىيىلىك ناپېرنى لوگارىفمىنىڭ ئىجادچىسى دەپ قارايدۇ. ناپېر دەۋرىدە كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» كىشىلەرنى ئالەمنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۈچلۈك جەلپ قىلغان، ئەمما كېلەڭسىز ھېسابلاش ئۇسۇلى ئاسترونوملارنى مۇرەككەپ ئاسترونومىيىلىك رەقەملەرنى ھېسابلاشتا غايەت زور زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىشقا مەجبۇرلايتتى. ناپېر ئاسترونومىيە ھەۋەسكارى بولۇپ، ئۇ ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھېسابلاش تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئاخىر لوگارىفمىنى كەشىپ قىلدى.
ئېنگېلس دېكارتنىڭ كوئوردېناتى، ناپېرنىڭ لوگارىفمىسى، لېيبنىز ۋە نيۇتونلارنىڭ دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالىنى17 - ئەسىر ماتېماتىكىسىدىكى ئۈچ بۈيۈك كەشپىيات دەپ ئاتىغانىدى. مەشھۇر ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم لاپلاس: لوگارىفما ھېسابلاش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ، بۇ «ئەمەلىي ئۈنۈم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاسترونوملارنىڭ ئۆمرىنى نۇرغۇن ھەسسە ئۇزارتقانغا ئوخشاش» دېگەنىدى.
ئاۋۋال ئىككى سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
…… ,11 ,10 ,9 ,8 ,7 ,6 ,5 ,4 ,3 ,2 ,1 ,0
……1,2,4,8,16,32,64,128,256,512,1024,2048
ئەگەر ئىككىنچى قۇردىكى ئىككى ساننىڭ كۆپەيتمىسىنى تاپماقچى بولساق، بىرىنچى قۇردىن ماس ئىككى ساننى تاپساقلا، بۇ ئىككى ساننىڭ يىغىندىسىغا ماس كېلىدىغان ئىككىنچى قۇردىكى سان بىز تاپماقچى بولغان كۆپەيتمە بولىدۇ. مەسىلەن،128 ×16 نى تېپىش ئۈچۈن، جەدۋەلدىن16 گە ماس4 نى،128 گە ماس7 نى تاپىمىز. 11=11,4+7گە ماس كېلىدىغىنى2048 . مانا بۇ128 ×16 نىڭ كۆپەيتمىسى. شۇنىڭدەك، سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى:
……5 4 3 2 1 0
……105 104 103 102 10 1 (بۇ يەردىكى 2،3،4،5 قاتارلىقلار كۇۋادىرات بۇلۇپ كەلگەن )
دىنمۇ يۇقىرىقىدەك مۇناسىۋەتنى بايقاشقا بولىدۇ.
ناپېر كەشىپ قىلغان لوگارىفمىنىڭ نەزەرىيىۋى قۇرۇلمىسىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش. بىراق، ئۇنىڭ دەسلەپتە لوگارىفمىنى تۇرغۇزۇش يولى ھازىرقى لوگارىفما ئۇقۇمىغا ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ھازىر لوگارىفمىغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلىدۇ: ئەگەر ab=N، بۇنىڭدا0 >a ھەم1 ≠a بولسا، ئۇ ھالدا b نى a ئاساسىدىكى N نىڭ لوگارىفمىسى دەپ ئاتايمىز ۋە b=logan قىلىپ يازىمىز، بۇنىڭدا a ئاساس، N لوگارىفمىلانغۇچى سان دېيىلىدۇ.
لوگارىفمىدىن پايدىلىنىپ دەرىجىگە كۆتۈرۈش، يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرىنى كۆپەيتىش، بۆلۈش ئەمەللىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، كۆپەيتىش، بۆلۈش ئەمەللىرىنى يەنە قوشۇش، ئېلىش ئەمەللىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى ئەمەللەرنى بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەللەرگە ئايلاندۇرۇش لوگارىفمىلاش ئۇسۇلىنىڭ مۇرەككەپنى ئاددىيلاشتۇرۇش سىرى، شۇنىڭدەك لوگارىفمىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىدۇر. |