بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى

قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-09 11:24:54    كۆرۈلۈش سانى : 104  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى (+، -، × ) . (، ÷) قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئۇزاق زامانلار تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن،17  - ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. قوشۇش بەلگىسى باشتا ئىنگلىزچە plus (قوشۇش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى p بىلەن ئىپادىلەنگەن. گېرمانىيىدە ئىنگلىزچە and (ۋە) گە توغرا كېلىدىغان نېمىسچە «et» بىلەن ئىپادىلەنگەن. ياۋروپادا سودىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، «et» دەپ يېزىش بەك ئاستا بولۇپ قالىدىكەن دېگەن ئوي بىلەن، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىككى ھەرپ قوشۇپ يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن «et» بارا - بارا «+» غا ئۆزگەرگەن. ئېلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنگلىزچە minus (ئازايتىش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى m بىلەن ئىپادىلەنگەن، كېيىن تېز يېزىش ئۈچۈن، ئۇ تەدرىجىي «-» غا ئۆزگەرگەن. «+» بەلگىسى بارلىققا كېلىپ100  يىللاردىن كېيىن ئەنگلىيىلىك ئوترېد ( Oughtred,1631-1574) بىرىنچى بولۇپ «×» نى كۆپەيتىش بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆپەيتىش بەلگىسى قوشۇش بەلگىسىدىن كېلىپ چىققانىكەن. چۈنكى، كۆپەيتىش ئەمىلى ئوخشاش بىرنەچچە قوشۇلغۇچىنى ئارقىمۇئارقا قوشۇشتىن تەرەققىي قىلغان، مەسىلەن،5 ×13 ئەمىلى13 +13+13+13+13 دېگەنلىكتۇر، يەنى كۆپەيتىش ئەمىلى ئالاھىدە بىر خىل قوشۇش ئەمىلىدۇر، شۇڭا، قوشۇش بەلگىسى «+» سەللا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن كۆپەيتىش بەلگىسى «×» گە ئايلانغان. كېيىن لېيبنىز «×» ئوڭايلا x بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدىكەن دەپ «.» نى كۆپەيتىش بەلگىسى قىلىشنى تەكلىپ قىلغان، بۇمۇ قوبۇل قىلىنغان. لېكىن، بەزىلەر «.» ئوڭايلا ئونلۇق كەسىر چېكىتى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدىكەن دەپ، «×» نى قوللىنىۋەرگەن. بۆلۈش بەلگىسى «÷» نى ئەنگلىيىلىك ۋارلىس بىرىنچى بولۇپ قوللانغان، كېيىن ئەنگلىيىدە كەڭ ئومۇملاشقان، بۆلۈشنىڭ ئەسلىي مەنىسى تەقسىملەش، مەسىلەن،100  تال ئالما ئون بالىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلسە، ھەربىرىگە نەچچىدىن تېگىدۇ دېيىلسە، بۇ10 ÷100 بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «÷» بەلگىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توغرا سىزىق يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى بۆلەكنى ئايرىپ، «بۆلۈش» (تەقسىملەش)نى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، گېرمانىيىدە لېيبنىز «:» نى بۆلۈش بەلگىسى قىلىپ قوللانغان، ھازىرغىچە شۇنداق قوللىنىلىۋاتىدۇ، كېيىنچە كىشىلەر نىسبەتنىمۇ «:» بىلەن ئىپادىلىگەن، چۈنكى نىسبەتنىڭ مەنىسى بۆلۈشنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاش.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى