بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> ناپېر تاياقچىسى

ناپېر تاياقچىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-13 10:46:52    كۆرۈلۈش سانى : 20  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ناپېر تاياقچىسى ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان قورال بولۇپ، «ناپېر ھېسابلاش سىزغۇچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى لوگارىفمىنىڭ كەشپىياتچىسى ناپېر كەشىپ قىلغان. ئۇ10  تال تاياقچىدىن تەركىب تاپقان، تاياقچىلارغا رەقەملەر ئويۇلغان، ئوڭ تەرەپتىكى بىر تال تاياقچە مۇقىم بولىدۇ. قالغانلىرىنى ھېسابلاش ئېھتىياجغا قاراپ بىرىكتۈرگىلى ياكى ئورۇنلىرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ (رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك). ناپېر تاياقچىسىدا قوشۇش ۋە بىر خانىلىق سانلارنى كۆپەيتىشنى كۆپ خانىلىق سانلارنى كۆپەيتىشنىڭ ئورنىغا، شۇنىڭدەك، بۆلگۈچىسى بىر خانىلىق سان بولغان بۆلۈش ۋە ئېلىشنى كۆپ خانىلىق سانلارنى بۆلۈشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ناپېر تاياقچىسىدا ھېسابلاش پرىنسىپى «كاتەكچىلەرنى كۆپەيتىش» تىن ئىبارەت. مەسىلەن،314 ×934 نى ھېسابلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى3  كاتەكچىگە تەڭ چاسا كاتەك سىزىپ، ئاندىن يانتۇ سىزىقلارنى سىزىمىز؛ چاسا كاتەكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە9 ،3 ،4  لەرنى، ئوڭ تەرىپىگە3 ،1 ،4  لەرنى يازىمىز؛ ئۈستى تەرىپىدىكى سانلارنى ئوڭ تەرەپتىكى سانلارغا ئايرىم - ئايرىم كۆپەيتىپ، چىققان كۆپەيتمىلەرنى كاتەكچىلەرگە يازىمىز؛ ئاخىرىدا ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجەكتىن باشلاپ ئۈچبۇلۇڭلۇق كاتەكچىلەردىكى سانلارنى يانتۇ سىزىق بويىچە قوشىمىز، زۆرۈر تېپىلسا، كۆڭۈلدە قالغان ساننى كېيىنكى خانىغا قوشىمىز، شۇنىڭ بىلەن كۆپەيتمە293276  كېلىپ چىقىدۇ. ناپېر تاياقچىسى كاتەكچىلەرنى كۆپەيتكەندە كاتەكچە تولدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئالدىن تەييارلىۋالغانلىقتىن باشقا بىرنەرسە ئەمەس. قايسى سانلار لازىم بولسا، شۇ سانلار ئويۇلغان تاياقچىلار كاتەكچە كۆپەيتىش شەكلى بويىچە بىرىكتۈرۈلىدۇ. ناپېر تاياقچىسى جۇڭگوغىمۇ كىرگەن، ھازىر بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ (خان سارىيى) مۇزېيىدا ئۇنىڭ نۇسخىسى ساقلانماقتا.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى