بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> جۇغراپىيە >> دېڭىز قولتۇقى

دېڭىز قولتۇقى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-20 10:12:23    كۆرۈلۈش سانى : 77  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
دېڭىز قولتۇقى دېڭىز بىلەن ئوكيانلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ تەرىپى قۇرۇقلۇققا تۇتىشىدۇ، بىر تەرىپى دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كەڭلىكى دېڭىز - ئوكيانلاردىن كۆپ كىچىك بولىدۇ. دېڭىز قولتۇقىنىڭ شەكىل - ھالىتى ھەر خىل، بەزىلىرى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، قۇرۇقلۇققا چوڭقۇر ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولىدۇ؛ بەزىلىرى بىرقەدەر تۈز ۋە كەڭ بولىدۇ. بەزى دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئەتراپى قۇرۇقلۇقلار ئارقىلىق مەھكەم ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ پەقەت بىر كىچىك ئېغىز ئارقىلىق تاشقى دېڭىز بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى جاۋجۇ قولتۇقى؛ بەزىلىرى كەڭ ۋە تەكشى بولۇپ، دېڭىز بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى بوخەي قولتۇقى، شەرقتىكى خاڭجۇ قولتۇقى ۋە نەنخەي دېڭىزىدىكى بېيبۇ قولتۇقى قاتارلىقلار. ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە، دېڭىز قولتۇقىنىڭ شەكىل - ھالىتى ۋە ئورنى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. خاڭجۇ قولتۇقىنى مىسال ئالساق،5000  −6000  يىللار ئىلگىرى ھازىرقى خاڭجۇ قولتۇقى جايلاشقان رايون يەنىلا بىپايان دېڭىز ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئورنى داۋاملىق تۈردە ھازىرقى خاڭجۇ شەھەر رايونىغا قاراپ ئىچكىرىلەپ كىرگەن. دېڭىز قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى يان تەرەپتە باۋشىشەن تېغى، گېلىڭ تېغى، جەنۇب تەرەپتە بولسا ۋۇشەن تېغى، زىياڭشەن تېغى قاتارلىقلار بار ئىدى، غەرب تەرەپ قاتار - قاتار كەتكەن جەنۇب ۋە شىمال چوققىلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ھازىرقى شىخۇ كۆلى بىلەن خاڭجۇ شەھىرى ئەينى ۋاقىتتا كۆپكۈك بىپايان دېڭىز سۈيى بىلەن قاپلانغانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككى يان تەرىپىدىكى لاي - لاتقىلار ئۈزلۈكسىز دۆۋىلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، لاي - لاتقىلىق تىنمىلار داۋاملىق تۈردە شەرققە قاراپ سوزۇلۇپ، دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئورنى تەدرىجىي ھالدا شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، ئەڭ ئاخىردا كانايغا ئوخشايدىغان دېڭىز قولتۇقى − خاڭجۇ قولتۇقى شەكىللەنگەن. دېڭىز قولتۇقىنىڭ شەكىل - ھالىتى ھەر خىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ - كىچىكلىك پەرقىمۇ ناھايىتى چوڭ. بەزى دېڭىز قولتۇقلىرىنىڭ كۆلىمى دېڭىزلاردىنمۇ چوڭ بولىدۇ، مەسىلەن، بېنگال قولتۇقى، مېكسىكا قولتۇقى قاتارلىقلار. دېڭىز قاتنىشى قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەتلەردە، كىشىلەر دائىم دېڭىز بىلەن دېڭىز قولتۇقىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. مەسىلەن، مېكسىكا قولتۇقى بولسا دېڭىز، ئەمما ئۇ قولتۇق دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەرەب دېڭىزى بولسا قولتۇق، ئەمما ئۇ دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنى...
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  كېڭىيىۋاتقان دېڭىز...
●  لەيلەپ يۈرگەن ماتې...
●  مۇز دەۋرى
●  بوستانلىق
●  يەر پوستىنىڭ ئۆزگى...
●  دېڭىز بوغۇزى
●  ماگما
●  تاشقاتما
●  پۈرۈلمە
●  يەر قاتلىمى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى