بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> جۇغراپىيە >> دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى

دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-29 10:55:00    كۆرۈلۈش سانى : 34  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
دېڭىز يۈزى بىلەن قۇرۇقلۇق يۈزىنىڭ چېگرىسى دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دېڭىز سۈيى بىلەن قۇرۇقلۇقلار دېڭىز قىرغىقىنى چېگرا قىلىدۇ، دېڭىز قىرغىقىنى بويلىغان ئۇزۇن لىنىيە دېڭىز - قىرغاق  لىنىيىسى دېيىلىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىشى ھەمدە شامال كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز سۈيىنىڭ ھەرىكىتى دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسىدە دائىم يۆتكىلىش ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر دېڭىز سۈيىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆرلىگەن ۋاقىتتىكى يېتىپ بارالايدىغان چېگرا سىزىقىنى دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى دەپ ئاتىشىدۇ. گېئولوگىيە تارىخىدا، يەر پوستى ھەرىكىتى ۋە ئىقلىمنىڭ چوڭ دائىرىلىك ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن، دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىدە چوڭ دائىرىلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن20  —70  مىڭ يىلغىچە بولغان مەزگىلدە دېڭىز سۈيى داۋاملىق تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە تۇرغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دېڭىز تەكشىلىكى ھازىرقىدىن نەچچە مېتىر تۆۋەن ئىدى. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى دېڭىز - قۇرۇقلۇقلارنىڭ جايلىشىشى ۋە دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئورنى ھازىرقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى خۇاڭخەي دېڭىزى ئاستىنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇقلۇق ئىدى، ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن چاۋشيەن ۋە ياپونىيىمۇ ئۆزئارا تۇتاش ئىدى. ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ۋە خەينەن ئاراللىرىمۇ بىر پۈتۈن مۇكەممەل چوڭ قۇرۇقلۇق ئىدى. دېڭىز قىرغىقى قەدىمدىن بۇيان داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى دېڭىز قىرغىقى ۋە ھازىرقى دېڭىز قىرغىقى دەپ بۆلۈنىدۇ. دېڭىز - قىرغاق تىپى ئوخشاش بولمىسا، دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى ئەگرى - بۈگرى بولسا، يەنە بەزىلىرى تەكشىرەك بولىدۇ. تاغلىقلاردىكى دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا دېڭىز سۈيى قىرغاقتىكى تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلارنى ئۇزاق ۋاقىت يالاپ ئۇپراتقانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تىك خەتەرلىك قىيالار شەكىللىنىدۇ، دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، سۈيى چوڭقۇرلاپ، قولتۇق ئۇزىرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە تەبىئىي ياخشى پورتلار شەكىللىنىدۇ. تۈزلەڭلىكلەردىكى دېڭىز - قىرغاق رايونلىرىدا يەر يۈزى كەڭ ۋە تەكشى بولۇپ، دېڭىز قىرغىقى تۈز بولىدۇ، دېڭىز سۈيى تېيىز بولۇپ، تۇز مەيدانلىرىنى قۇرۇشقا، دېڭىزنى تىندۇرۇپ ئېتىز بەرپا قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا مەزكۇر رايون يەنە تېيىز دېڭىزلاردىكى بايلىقلارنى ئاچىدىغان ياخشى سورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، شىمالدا جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىدىكى يالۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا جۇڭگو - ۋيېتنام چېگرىسىدىكى بېيلۇن دەرياسى ئېغىزىغىچە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى18000  كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ ئېلىمىز دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ ئالدىنقى سېپى، شۇنداقلا چەت ئەل بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى كۆزنەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنى...
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  كېڭىيىۋاتقان دېڭىز...
●  لەيلەپ يۈرگەن ماتې...
●  مۇز دەۋرى
●  بوستانلىق
●  يەر پوستىنىڭ ئۆزگى...
●  دېڭىز بوغۇزى
●  ماگما
●  تاشقاتما
●  پۈرۈلمە
●  يەر قاتلىمى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى