بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> جۇغراپىيە >> ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەكلەر

ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەكلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-12 09:35:25    كۆرۈلۈش سانى : 56  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
قاتتىق يەر پوستى «بىر پارچە تۆمۈر تاختا» ئەمەس، يەر يۈزى ئاستىدىكى70  ~100  كىلومېتىر قېلىنلىقتىكى تاغ جىنس قاتلىمىمۇ تۇخۇم شاكىلىغا ئوخشاش ئۇنداق مۇكەممەل ئەمەس. مەيلى ئوكيان ئاستى ياكى چوڭ قۇرۇقلۇق ئاستىدىكى تاغ جىنس قاتلىمى بولسۇن، ھەممىسى پارچە - پارچە چوڭ بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن. بۇ چوڭ بۆلەكلەرنىڭ ئارىلىقىدا ئوكيان ئوتتۇرىسى ئومۇرتقىسىدىكى يېرىق ياكى نەچچە كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز جىلغىسى ياكى غايەت زور ئۈزۈلمە بولىدۇ.1968 - يىلى فرانسىيە گېئولوگى لىپشۈن يەر شارىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىنى تىنچ ئوكيان بۆلىكى، ياۋرو - ئاسىيا بۆلىكى، ئامېرىكا بۆلىكى، ھىندى ئوكيان بۆلىكى، ئافرىقا بۆلىكى ۋە ئانتاركتىدا بۆلىكىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ بۆلەككە بۆلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تىنچ ئوكيان بۆلىكى ھەممە قىسمىنى سۇ بېسىپ تۇرغان دېڭىز - ئوكيان تېگى بولغاندىن سىرت، قالغان بەش بۆلەكتە دېڭىزمۇ، قۇرۇقلۇقمۇ بار. تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بەزىلەر بۇ چوڭ بۆلەكلەردىن بەزى كىچىكرەك بۆلەكلەرنى ئايرىپ چىقتى. مەسىلەن، ئامېرىكا بۆلىكىنى شىمالىي ئامېرىكا بۆلىكى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا بۆلىكىگە بۆلدى؛ تىنچ ئوكيان بۆلىكىدىن شەرقىي تىنچ ئوكيان بۆلىكىنى ئايرىپ چىقتى؛ ياۋرو - ئاسىيا بۆلىكىدىن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان شەرقىي ئاسىيا بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئايرىپ چىقتى. بۇ بۆلەكلەرنىڭ ھەممىسى يەر شارى ئارا قاتلىمىدىكى ئېقىشچان ئاستېنوسفېرا قەۋىتى ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. ئاستېنوسفېرا قەۋىتىنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى بۆلەكلەرمۇ مۇناسىپ ھالدا گورىزونتال ھەرىكەت قىلىدۇ. گېئولوگلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، چوڭ بۆلەكلەر ھەر يىلى1  ~6  سانتىمېتىر يۆتكىلىدىكەن. بۇ سۈرئەت گەرچە ئىنتايىن ئاستا بولسىمۇ، بىراق مىليونلىغان يىللاردىن كېيىن يەر شارىدىكى دېڭىز - قۇرۇقلۇقلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: ئىككى بۆلەك تەدرىجىي ئاجرالغاندا ئاجرالغان ئورۇندا يېڭى ئازگال ۋە دېڭىز - ئوكيانلار پەيدا بولىدۇ؛ ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن شەرقىي ئافرىقا يېرىلمىسى ئىككى چوڭ بۆلەكنىڭ بىر - بىرىدىن ئاجرىلىشىدىن شەكىللەنگەن. ئىككى چوڭ بۆلەك ئۆزئارا يېقىنلىشىپ سوقۇلغاندا، سوقۇلۇپ تۇتاشقان جايدا قىسىلىش نەتىجىسىدە ئېگىز، تىك تاغ تىزمىلىرى كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگرا رايونىغا جايلاشقان ھىمالايا تېغى بۇنىڭدىن30  نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى جەنۇبىي قىسىمدىكى ھىندىستان بۆلىكى بىلەن شىمال تەرەپتىكى ياۋرو - ئاسىيا بۆلىكىنىڭ سوقۇلۇپ قىسىلىشىدىن شەكىللەنگەن. بەزىدە يەنە بىر خىل ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ، يەنى ئىككى قاتتىق بۆلەك ئۆزئارا سوقۇلغان چاغدا، سوقۇلغان قىسىمدىكى تاغ جىنس قاتلىمى ئېگىلىپ شەكىل ئۆزگەرتمەي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەك يەنە بىر بۆلەكنىڭ ئاستىغا چوڭقۇر كىرىپ كېتىدۇ. سوقۇلۇش كۈچى زور بولغانلىقتىن بېسىپ كىرگەن ئورۇنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ، بۆلەكتىكى كونا تاغ جىنس قاتلىمى تاكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئارا قاتلامغىچە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئاخىر ئېرىپ كېتىدۇ. بۆلەكنىڭ يەر پوستىغا كىرگەن جايىدا چوڭقۇر دېڭىز جىلغىسى شەكىللىنىدۇ. غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ دېڭىز ئاستىدىكى بەزى چوڭ دېڭىز جىلغىلىرى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن. بۆلەكلىك تۈزۈلۈش تەلىماتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، گەرچە بىر قىسىم گېئوتېكتونىكا ھادىسىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى مەسىلىلەرنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى، بەزى يەكۈنلەر تېخى ئىسپاتلانغىنى يوق. ئەمما بۇلار بۇ تەلىماتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنى...
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  كېڭىيىۋاتقان دېڭىز...
●  لەيلەپ يۈرگەن ماتې...
●  مۇز دەۋرى
●  بوستانلىق
●  يەر پوستىنىڭ ئۆزگى...
●  دېڭىز بوغۇزى
●  ماگما
●  تاشقاتما
●  پۈرۈلمە
●  يەر قاتلىمى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى