بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> جۇغراپىيە >> لەيلەپ يۈرگەن ماتېرىكلار

لەيلەپ يۈرگەن ماتېرىكلار

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-02 20:22:54    كۆرۈلۈش سانى : 23  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
1912 - يىلىنىڭ بىر كۈنى گېرمانىيە مېتېئورولوگى ۋېگنېر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالىدۇ. ئۇ نەزىرىنى تامدىكى نەچچە مىڭ قېتىم كۆرۈپ بولغان دۇنيا خەرىتىسىگە يۆتكىگەندە، تۇيۇقسىز كاللىسىغا نېمە ئۈچۈن خەرىتىدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان برازىلىيىنىڭ ئامازون دەرياسى ئېغىزىدىكى چوقچىيىپ چىققان بىر بۆلەك قۇرۇقلۇق بىلەن ئافرىقىدىكى كامېرون دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئىچىگە ئويۇلۇپ كىرگەن قىسمىنىڭ شەكلى بىر - بىرىگە شۇنچە ئوخشايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ تىرىنىداد بىلەن توپاگوغىچە بولغان پېتىنغۇ شەكىللىك بەلۋاغ بىلەن ياۋروپانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىن ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغىچە بولغان كۆپۈنگۈ شەكىللىك قۇرۇقلۇق شۇنچىۋالا ماس كېلىدۇ؟ ئەجەبا بۇ بىرنەچچە پارچە قۇرۇقلۇق ئەسلىي بىر گەۋدە بولۇپ، كېيىنچە بۆلۈنۈپ كەتكەنمۇ؟ دېگەن خىيال كېلىدۇ. ۋېگنېر بۇ غەلىتە خىيالىدىن ھاياجانلىنىپ بىرنەچچە كۈن ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇ خەرىتىدىكى بارلىق قۇرۇقلۇق بۆلىكى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيىلىرىنىڭ بىر - بىرىگە خېلىلا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. كېيىن ئۇ گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە پالېئوكىلىمات، پالېئونتولوگىيە جەھەتتىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قۇرۇقلۇقلارنىڭ يەر قاتلىمى، تاغ جىنسلىرى، تۈزۈلۈشى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقى، بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى، ھىندىستان يېرىم ئارىلى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارنىڭ قەدىمكى ھايات ئېراسى ۋە ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قەدىمكى ھايۋانلىرى ۋە قەدىمكى ئىقلىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئوخشىشىدىغانلىقى، ئەمما ئوتتۇرا ھايات ئېراسىدىن كېيىنكىلىرى روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ، بىرقانچە پارچە قۇرۇقلۇقنىڭ بۇرۇن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، كېيىنچە تەدرىجىي بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋېگنېر يۈرەكلىك ھالدا دۇنيا ئىلىم - پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان مەشھۇر تەلىمات — ماتېرىكلارنىڭ لەيلەپ يۈرۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئارخېئوزوي ئېراسىدا يەر شارىدىكى بارلىق قۇرۇقلۇقلار بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، كېيىنچە شەرقتىن غەربكە قاراپ يۆنەلگەن دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىدىن كېلىپ چىققان سۈركىلىش كۈچى ھەم ئىككى قۇتۇپتىن ئېكۋاتورغا قاراپ يۆنەلگەن مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ماتېرىكلار پارچىلانغان ھەمدە لەيلەپ يۆتكەلگەن. ئامېرىكا قىتئەسى ماتېرىكىنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسى ماتېرىكىنىڭ ئەڭ ئاستا بولغان، نەتىجىدە بۈگۈنكىدەك قۇرۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى شەكىللەنگەن. ئەينى چاغدا بۇ تەلىمات ئىلىم - پەن ساھەسىدە غايەت زور ئىنكاس قوزغاپ، بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدىن كېيىن ۋېگنېرنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ۋە ئۇنى ئىسپاتلايدىغان تېخىمۇ كۆپ پاكىتنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ تەلىمات گەرچە بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق50 - يىللاردىن كېيىن بىر قاتار يېڭى ئىلمىي كۆزىتىش ماتېرىياللىرى ماتېرىكلارنىڭ لەيلەپ يۈرۈش تەلىماتىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. مەسىلەن، پالېئوماگنىتىكا تەتقىقاتى ئارقىلىق ماگنىت قۇتۇپىنىڭ يەر شارى تارىخىدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقى، ماتېرىكلارنىڭ مۇقىم تۇرۇش نەزەرىيىسى بىلەن بۇ خىل ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقى، ماتېرىكلارنىڭ لەيلەپ يۈرۈش تەلىماتى ئارقىلىق چۈشەندۈرسە ئاسان بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. يېڭى ئىلمىي كۆزىتىش ماتېرىياللىرى ئارقىلىق يەنە ماتېرىكلارنىڭ ھازىرمۇ يۆتكىلىۋاتقانلىقى، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى ماتېرىكىنىڭ ھەر يىلى1 ~5 سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن بىر - بىرىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقى، فرانسىيىدىكى كورسىكا ئارىلىنىڭ يېقىنقى80 يىل ئىچىدە شەرققە قاراپ8 ~10 مېتىر يۆتكەلگەنلىكى ئىسپاتلاندى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنى...
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  كېڭىيىۋاتقان دېڭىز...
●  لەيلەپ يۈرگەن ماتې...
●  مۇز دەۋرى
●  بوستانلىق
●  يەر پوستىنىڭ ئۆزگى...
●  دېڭىز بوغۇزى
●  ماگما
●  تاشقاتما
●  پۈرۈلمە
●  يەر قاتلىمى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى