بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> جۇغراپىيە >> ماتېرىك بوسۇغىسى

ماتېرىك بوسۇغىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-25 11:53:43    كۆرۈلۈش سانى : 41  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ماتېرىك بوسۇغىسى يەنە «قۇرۇقلۇق جازىسى» ياكى «ماتېرىك تېيىزلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ماتېرىكلارنىڭ دېڭىز - ئوكيانلارغا سوزۇلۇپ كىرگەن تېيىز دېڭىزدىكى قۇرۇقلۇق بولۇپ، سۇ ئاستىدىكى تۈزلەڭلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ماتېرىك بوسۇغىسىنىڭ دائىرىسى ئادەتتە دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ تۆۋەنكى ئورنىدىن باشلىنىپ تاكى چوڭقۇر دېڭىزلاردىكى ماتېرىك يانباغىرغىچە بارىدۇ. ماتېرىك بوسۇغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئادەتتە200  مېتىردىن تۆۋەن بولۇپ، كەڭلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يانتۇلۇق دەرىجىسى كىچىك بولىدۇ. ياۋروپانىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى ماتېرىك بوسۇغىسى1000  كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ماتېرىك بوسۇغىسى يەر پوستى ھەرىكىتى ياكى دېڭىز دولقۇنىنىڭ يالاپ كېتىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. يەر پوستىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش ھەرىكىتى قۇرۇقلۇقلارنى چۆكتۈرۈپ سۇ ئاستىغا غەرق قىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماتېرىك بوسۇغىسى شەكىللىنىدۇ؛ دېڭىز سۈيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئۇرۇلۇشى بىلەن دېڭىز سۇپىسى شەكىللىنىپ، سۇنىڭ ئاستىدا قالىدۇ، بۇ ئارقىلىقمۇ ماتېرىك بوسۇغىسى شەكىللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىككى قىرغاق ۋە شىمالىي مۇز  ئوكياننىڭ چېتىگە جايلاشقان. ماتېرىك بوسۇغىسىدا مول قېزىلما بايلىقلار ۋە دېڭىز - ئوكيان بايلىقلىرى بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغانلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، مىس، تۆمۈر قاتارلىق20  خىلدىن ئارتۇق كان مەھسۇلاتلىرى بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى پۈتكۈل يەر شارىدىكى نېفىت ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ماتېرىك بوسۇغىسىدىكى تېيىز دېڭىز رايونى دېڭىز - ئوكيان ئۆسۈملۈكلىرى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھايۋانلىرى ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيان بېلىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ماتېرىك بوسۇغىسىدىكى دېڭىز رايونىغا جايلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دېڭىز ئاستى ئورمانلىرى بىلەن كۆپ خىل يۈسۈن تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كۆپ خىل يېمەكلىك قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى ياخشى دورا ماتېرىيالى ۋە سانائەت خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايلىقلارنىڭ ھەممىسى دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرگە تەۋە.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنى...
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  كېڭىيىۋاتقان دېڭىز...
●  لەيلەپ يۈرگەن ماتې...
●  مۇز دەۋرى
●  بوستانلىق
●  يەر پوستىنىڭ ئۆزگى...
●  دېڭىز بوغۇزى
●  ماگما
●  تاشقاتما
●  پۈرۈلمە
●  يەر قاتلىمى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى