بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> جۇغراپىيە >> ئارال

ئارال

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-15 12:49:05    كۆرۈلۈش سانى : 50  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن ئورىلىپ تۇرىدىغان كىچىك دائىرىدىكى قۇرۇقلۇق ئارال دەپ ئاتىلىدۇ. كۆلىمى بىرقەدەر چوڭراق بولغانلىرى ئارال دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ تەيۋەن ئارىلى؛ كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بولغانلىرى ئارالچە دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، شيامېننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گۇلاڭ ئارىلى. ئاراللارنىڭ توپلىشىپ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىرى تاقىم ئاراللار دېيىلىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى جۇشەن تاقىم ئاراللىرى. يايسىمان جايلاشقان تاقىم ئاراللار يەنە ئاراللار يايى دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، ياپون تاقىم ئاراللىرى، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى قاتارلىقلار. ئۈچ تەرىپى سۇ بىلەن، بىرلا تەرىپى قۇرۇقلۇققا تۇتىشىدىغان ئارال يېرىم ئارال دېيىلىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ئىبارەت. دۇنيادا200  مىڭدىن ئارتۇق ئارال بولۇپ، چوڭلىرى بىرقانچە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەرنى سىغدۇرالايدۇ، كىچىكلىرىنىڭ دائىرىسى بىر پۇتبول مەيدانىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ. دېڭىز ئارىلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى9963500  مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ6 .6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، دۇنيادىكى42  دۆلەت زېمىنىنىڭ ھەممىسى ئاراللاردىن تۈزۈلگەن. ئاراللارنى شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىلى، يانار تاغ ئارىلى، مارجان ئارىلى ۋە تىنما ئارال دەپ تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز - ئوكيانلارغا قاراپ، ئۇزىراپ سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى بىرقەدەر چوڭراق ئاراللارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىلىدىن ئىبارەت. ئۇ يەر پوستىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، قۇرۇقلۇقلارنىڭ تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇشى ياكى دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىپ كىرىشى نەتىجىسىدە قىسمەن قۇرۇقلۇقلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ كېتىشىدىن شەكىللىنىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ گرېنلاندىيە ئارىلى، مەشھۇر ياپون تىزما ئاراللىرى، بۈيۈك برىتانىيە تاقىم ئارىلى، شۇنىڭدەك ئېلىمىزدىكى تەيۋەن ئارىلى، خەينەن ئارىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىلىدىن ئىبارەت. يانار تاغ ئارىلى دېڭىز تېگىدىكى يانار تاغلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئېتىلىپ چىقىپ، ماگمىلارنىڭ تەدرىجىي دۆۋىلىنىشى بىلەن ئەڭ ئاخىردا سۇ يۈزىگە چىقىپ قېلىشىدىن شەكىللەنگەن. مەسىلەن، ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى دېڭىز ئاستى يانار تېغىنىڭ پارتلاپ چىقىشى بىلەن شەكىللەنگەن بولۇپ، سۇ يۈزىگە چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن تۈز سىزىق شەكلىدە سوزۇلغان. مارجان ئاراللىرى تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدىغان مارجان قۇرتلىرى ۋە باشقا قاسىراقلىق ھايۋانلار جەسەتلىرىنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسەن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيانغا مەركەزلەشكەن. مارجان خادا تاشلىرىنىڭ ئۈچ خىل تىپى بار، ئۇلار: قىرغاق خادا تېشى، توسۇق تاش ۋە ھالقىسىمان تاشتىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توسۇق تاش ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى چوڭ توسۇق خادا تاشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى2000  كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، كەڭلىكى50  −60  كىلومېتىر بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك. تىنما ئارال ئادەتتە چوڭ دەريالارنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا ياكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دېڭىز قىرغىقىنىڭ چەت - يانلىرىغا جايلاشقان، دەريالاردىكى لاي - لاتقىلار ياكى دېڭىز ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە دۆۋىلىنىشتىن شەكىللەنگەن يېڭى قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىنما ئارال ئامازون دەرياسى ئېغىزىغا جايلاشقان ماراجو ئارىلىدۇر. دېڭىز ئاراللىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. دېڭىز ئاراللىرىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ياخشى سودا پورتى، بېلىق پورتى، ھەربىي ئىشلار پورتىنى ھەمدە سانائەت  بازىلىرىنى قۇرۇشقا بولىدۇ. مەنزىرىسى گۈزەل، ئىقلىمى يېقىشلىق بولغان دېڭىز ئاراللىرى كىشىلەر ساياھەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان داڭلىق ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنى...
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان ...
●  كېڭىيىۋاتقان دېڭىز...
●  لەيلەپ يۈرگەن ماتې...
●  مۇز دەۋرى
●  بوستانلىق
●  يەر پوستىنىڭ ئۆزگى...
●  دېڭىز بوغۇزى
●  ماگما
●  تاشقاتما
●  پۈرۈلمە
●  يەر قاتلىمى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  دېڭىز قولتۇقى
●  ئارال
●  ئارال
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...
●  دېڭىز - قىرغاق لىنىيىسى
●  دېڭىز قولتۇقى
●  ماتېرىك بوسۇغىسى
●  ئويمانلىق
●  سازلىق
●  ھەركەت قىلىۋاتقان بۆلەك...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى