روسسو پارادوكسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-18 11:17:29 كۆرۈلۈش سانى : 15
ساۋىر كەنتىدىكى ساتىراش بىر كۈنى مۇنداق ئېلان چاپلاپتۇ: «كەنتتىكى ئۆزى چاچ ياسىمايدىغان
بارلىق ئەرلەرنىڭ چېچىنى ياسايمەن، مەن مۇشۇ ئادەملەرنىڭلا چېچىنى ياسايمەن». بېرەيلەن
ئۇنىڭدىن: «سىزنىڭ چېچىڭىزنى كىم ياسايدۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، ساتىراش ئېغىز ئاچالماي قاپتۇ.
چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ چېچىنى ياسىسا، ئۆز چېچىنى ئۆزى ياسايدىغانلار قاتارىغا كىرىدۇ، لېكىن،
ئېلاندا مۇنداق ئادەملەرنىڭ چېچىنى ياسىمايدىغانلىقى ئېيتىلغان، شۇڭا ئۆزىنىڭ چېچىنى ياسىسا
بولمايدۇ. ناۋادا باشقا بىر كىشى ئۇنىڭ چېچىنى ياسىسا، ئۇ ئۆزى چاچ ياسىمايدىغان ئادەم بولۇپ
قالىدۇ، ئېلاندا بولسا، ئۇنىڭ ئۆزى چاچ ياسىمايدىغان بارلىق ئەرلەرنىڭ چېچىنى ياسايدىغانلىقى
ئېيتىلغان، شۇڭا، ئۇ چېچىنى ئۆزى ياسىشى كېرەك. بۇنىڭدىن كۆرۈش مۇمكىنكى، قانداقلا خۇلاسە
قىلمايلى، ساتىراشنىڭ گېپى ئۆز - ئۆزىگە زىت چىقىدۇ.
بۇ بىر مەشھۇر پارادوكس بولۇپ، «روسسو پارادوكسى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنى ئەنگلىيە پەيلاسوپى
روسسو ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ توپلام نەزەرىيىسى ھەققىدىكى مەشھۇر بىر پارادوكسنى ھېكايىلەشتۈرۈپ
ئاممىباب بايان قىلغان.1874
- يىلى گېرمانىيە ماتېماتىكى كانتور توپلام نەزەرىيىسىنى بەرپا
قىلغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيە ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن ماتېماتىكا تارماقلىرىغا سىڭىپ كىرىپ،
ئۇلارنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ماتېماتىكا تارماقلىرىنىڭ
ھەممىسى دېگۈدەك توپلام نەزەرىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلدى. مۇشۇ چاغدا توپلام نەزەرىيىسىدە ئۆز -
ئۆزىگە زىت نەتىجىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، بولۇپمۇ1902 - يىلى روسسو ئوتتۇرىغا
قويغان ساتىراش مەسىلىسى ئەكس ئەتتۈرگەن پارادوكس تولىمۇ ئاددىي، چۈشىنىشلىك ۋە ئېنىق
ئىدى، نەتىجىدە ئۇ ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويدى. مانا بۇ ئاتالمىش3 - قېتىملىق «
ماتېماتىكا كرىزىسى» ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ماتېماتىكلار بۇ پارادوكسلارنى يېڭىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەتقىقات خىزمەتلىرىنى
ئىشلىدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن يېڭى نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى، ماتېماتىكا ئىدىيسىدىمۇ
ئىنقىلاب يۈز بەردى. |
|