بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> قەدىمكى گوگۇ تېئورېمىسى

قەدىمكى گوگۇ تېئورېمىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-01 10:07:14    كۆرۈلۈش سانى : 12  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئىنسانلار ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ «تاشقى پلانېتا ئادەملىرى» نى ئىزدەۋاتقىنىدا، ناۋادا تاشقى پلانېتا «ئادەملىرى» ئۇچراپ قالسا، ئۇلار بىلەن قانداق سۆزلەشكۈلۈك دېگەن قىيىن بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى. روشەنكى، ئىنسانلارنىڭ تىلى، يېزىقى، مۇزىكىسى ئەسقاتمايتتى. جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى خۇا لوگېڭ سان بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سخېمىنى تاشقى پلانېتا «ئادەملىرى» بىلەن سۆزلىشىش تىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ سخېمىدا تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى3 ،4 ،5  بولغان ئۈچ كۋادرات بار، ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئۈچبۇلۇڭ قورشالغان، ئۈچ كۋادرات چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش كاتەكچىلەرگە بۆلۈنگەن، ھەربىر تەرەپتىكى بۇ كاتەكچىلەرنىڭ سانى شۇ تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇق سانىغا تەڭ بولىدۇ، ئىككى كىچىك كۋادراتنىڭ كىچىك كاتەكچىلىرىنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم9  ۋە15 ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى25  بولۇپ، چوڭ كۋادراتنىڭ كىچىك كاتەكچىلىرىنىڭ سانىغا تەڭ. بۇ شەكىل: «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ كاتېتلار (ئىككى تىك تەرەپ) كۋادراتلىرىنىڭ يىغىندىسى گېپو تىنوزا (يانتۇ تەرەپ) كۋادراتىغا تەڭ» دېگەننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ گوگۇ تېئورېمىسىدۇر. غەربتە كىشىلەر ئۇنى پىفاگور تېئورېمىسى دەيدۇ. گوگۇ تېئورېمىسى قەدىمىي ۋە ئىنتايىن كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىر تېئورېما، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا،4000  يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن جۇڭگودىكى بۈيۈك يۈي گوگۇ تېئورېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىككى يەرنىڭ يەر پەرقىنى بەلگىلەپ قىياننى تىزگىنلىگەن. قەدىمكى مىسىرلىقلارمۇ گوگۇ تېئورېمىسىدىن پايدىلىنىپ تىك بۇلۇڭلارنى ئارغامچىغا تۈگۈن تۈگۈش ئۇسۇلى بىلەن بەلگىلەپ، ئېھرامنىڭ كۋادرات شەكىللىك ئاساسى (ئۇنىڭ تۆت تىك بۇلۇڭى بار) نى بەلگىلىگەن، گوگۇ تېئورېمىسى ھازىرقى زاماندا تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. ياغاچچى3 ،4 ،5  لىك تانا تارتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تىك سىزىق ياكى تىك بۇلۇڭلارنى بەلگىلەيدۇ، ئۆينىڭ چېدىر لىمىغا كېتىدىغان ماتېرىيال ۋە كراننىڭ خىزمەت ئېگىزلىكى گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ھېسابلىنىدۇ. گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا، قۇرۇلۇش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىشىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قوللىنىلىش دائىرىسىگە ھېچقانداق ماتېماتىكىلىق تېئورېمىلار تەڭ كېلەلمەيدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىكلەر خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك، گوگۇ تېئورېمىسىنى كەشىپ قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلاندى. بۇ گوگۇ تېئورېمىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ ئاساسىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تەبىئىي ھالدا باشقا پلانېتىلاردىكى «كىشىلەر» نىڭ ئىنسانلار بىلەن «گېپى بىر يەردىن چىقىپ قېلىشى» مۇمكىن دەپ ئويلىدى. شۇ سەۋەبتىن گوگۇ تېئورېمىسىنى تاشقى پلانېتا «كىشىلىرى» بىلەن پىكىرلىشىدىغان ئالەم تىلى قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى