بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> يەرگە خىش يېيىتىش ئىلمى

يەرگە خىش يېيىتىش ئىلمى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-25 10:31:45    كۆرۈلۈش سانى : 17  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
يەرگە يېيىتىلىدىغان موزايكا خىشنىڭ قانداقلا نەقىش چىقىرىلمىسۇن، خىش ھامان كۋادرات ياكى مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىك شەكىللىك بولىدۇ. مۇشۇ ئاددىي ھۈنەرگىمۇ گېئومېتىرىيە مەسىلىلىرى يوشۇرۇنغان. بىرنەچچە مۇنتىزىم كۆپ تەرەپلىك خىشنى تەكشى يېيىتىش (ئېگىز - پەس قىلماسلىق)، ھىم بىرىكتۈرۈش (ئاراش قويماسلىق) ئۈچۈن، خىشلارنىڭ بىرىكتۈرۈلگەن بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى °360 بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاددىي بىرنەچچە مۇنتىزىم كۆپ تەرەپلىكنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنى تىزىپ چىقايلى: ئەگەر بىر خىللا شەكىلدىكى خىش يېيىتىلماقچى بولسا، مۇنتىزىم ئۈچبۇلۇڭ، كۋادرات، مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىك شەكلىدىكىلىرى بولۇشى كېرەك.6  دانە ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك،4  دانە كۋادرات شەكىللىك،3  دانە مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىك شەكىللىك خىشلارنى °360 قىلىپ بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ. بىراق، پەقەت ئۈچبۇلۇڭلۇق خىشلار يېيىتىلسا چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ. ئادەتتە يېيىتىش قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، كۋادرات شەكىللىك ۋە مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىك خىشلار ئىشلىتىلىدۇ. مۇنتىزىم5 ،8 ،9 ،10 ،12  تەرەپلىك خىشلارنى يالغۇز ئىشلەتسە، تەكشى يېيىتقىلى بولمايدۇ، بىرنەچچە خىل مۇنتىزىم كۆپ تەرەپلىك خىشنى بىللە ئىشلىتىش ئۈچۈن، بۇلۇڭلارنىڭ يىغىندىسى °360 بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن بىرنەچچە ئەھۋالدىن پايدىلانساق بولىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللار بار. ھەربىر خىل بىرىكتۈرۈشتە، يەنە تىزىش تەرتىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ، ھەر خىل نەقىش نۇسخىلىرى كېلىپ چىقىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى