بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ماتېماتىكا >> گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى

گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-23 10:55:19    كۆرۈلۈش سانى : 11  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۈيۈك يۇنانىستان ماتېماتىكى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» بىلەن بىللە شۆھرەت قازانغان. بۇ دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كەڭ تارالغان ماتېماتىكا ئەسىرى بولۇپ،2000  يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ماتېماتىكا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ كەلمەكتە، كوپېرنىك، گالىلېي، دېكارت، نيۇتون قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئېۋكلىد ئۆمرىدە نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى يازغان، «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەپ، ئومۇم ئېتىراب قىلغان بەزى پاكىتلارنى ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىغا ئايلاندۇرۇپ، فورمال لوگىكا ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئاكسىئوما، ئېنىقلىمىنى چىقىش قىلغان، ھۆكۈملۈكلەرنى ئىسپاتلاپ تېئورېمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر يۈرۈش گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، بىر مۇكەممەل لوگىكىلىق سىستېما − گېئومېتىرىيىنى شەكىللەندۈردى. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا23  ئېنىقلىما،5  پوستولات،5  ئاكسىئوما،467  ھۆكۈملۈك بار. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى قوليازما ئىدى، كېيىن دۇنيادىكى ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ تارقىلىش مىقدارى «ئىنجىل» دىن كېيىنلا بولۇپ،2  - ئورۇندا تۇرىدۇ.19  - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيە ماتېماتىكى لېگېندر ئېۋكلىدنىڭ ئەسلىي ئەسىرىنى ھازىرقى زامان تىلىدىكى گېئومېتىرىيە دەرسلىكى قىلىپ يېزىپ، ھازىرقى ھەممىباب گېئومېتىرىيە دەرسلىكىگە ئايلاندۇردى. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا (1607 - يىلى) جۇڭگوغا كىرگەن، ئۇنى ئېلىمىز ئالىمى شۈ گۇاڭچى بىلەن ئىتالىيە مىسسىئونېرى رىمادو بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئېلىمىزدە تەرجىمە قىلىنغان غەربنىڭ تۇنجى ماتېماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىڭ ماتېماتىكا تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى باشقا ھەرقانداق كىتابتىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇ ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ نەزەرىيە - ئاساسلىرىنىڭ بىرى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ كىشىلەرگە بىر يۈرۈش ئىلمىي گېئومېتىرىيە ئىدىيىسىنى ئاتا قىلدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مەندە بىر تېپىشماق ...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چو...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىت...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىز...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپە...
●  ماتېماتىكىدىكى بەل...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېساب...
●  تۇرىڭ كومپيۇتېرى
●  مېخانىك ھېسابلاش م...
●  تاناسىپلىق سىركۇل
●  ناپېر تاياقچىسى
●  ئاسترونوم ۋە لوگار...
●  ترىگونومېتىرىيىلى...
●  چوت (سەنپەن) ۋە چوت ...
●  ھېسابلاش چوكىسى ۋە ...
●  تۈز سىزغۇچ، تىك بۇل...
●  ماتېماتىكىلىق جەدۋ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مەندە بىر تېپىشماق بار !!...
●  يىغىندى بەلگىسى (∑) ۋە ئا...
●  تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>)...
●  i بەلگىسى
●  ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ...
●  ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى...
●  قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش،...
●  ماتېماتىكىدىكى بەلگىلە...
●  لوگىكىلىق ئۇسۇل
●  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش م...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى