بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> تەنتەربىيە >> ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى

ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-09 11:22:37    كۆرۈلۈش سانى : 45  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى تەنھەرىكەتچىلەر بەلگىلىك ئۆلچەمدىكى ۋېلىسىپىتنى مىنىپ سۈرئەت، چىداملىق ۋە تېخنىكىدا مۇسابىقىلىشىدىغان ھەرىكەتتۇر. ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن.1883  - يىل7  - ئايدا موسكۋا بەيگە مەيدانىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.10  يىلدىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسابىقە مەيدانىدىكى ۋېلىسىپىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1896  - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ۋېلىسىپىت رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.1900  - يىلى خەلقئارا ۋېلىسىپىت بىرلەشمىسى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، بىر يىلدا بىر قېتىملىق دۇنيا ۋېلىسىپىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. كېيىن يەنە دۇنيا ياش - ئۆسمۈرلەر ۋېلىسىپىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا ۋېلىسىپىت دالا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قوشۇلغان.1956  - يىلى خەلقئارا ۋېلىسىپىت بىرلەشمىسى تەرەققىي قىلىپ، ئىككى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايرىلغان، يەنى خەلقئارا كەسپىي ۋېلىسىپىت جەمئىيىتى (باش ئورگىنى بېلگىيىدىكى بريۇسسېلغا جايلاشقان) ۋە خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى ۋېلىسىپىت جەمئىيىتى (باش ئورگىنى ئىتالىيىدىكى رىمغا جايلاشقان). ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى مۇسابىقە مەيدانىدىكى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە دالا مۇسابىقىسى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىدىكى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى مەيدان مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىپ، مەخسۇس ۋېلىسىپىت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە زال ئىچى، زال سىرتى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئاساسلىقى1000  مېتىرلىق ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسى، ئالدىن تالىشىش مۇسابىقىسى، ئەرلەرنىڭ4000  مېتىرلىق، ئاياللارنىڭ3000  مېتىرلىق يەككىلەر قوغلىشىش مۇسابىقىسى، ئەرلەرنىڭ4000  مېتىرلىق، ئاياللارنىڭ2000  مېتىرلىق كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسى بار. تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يەككىلەر مۇسابىقىسى بىلەن كوللېكتىپ ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى120  ~190  كىلومېتىرلىق يەككىلەر مۇسابىقىسى ۋە100  كىلومېتىرلىق كوللېكتىپ ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسى، ئاياللارنىڭ ئىشتىن سىرتقى50  ~70  كىلومېتىرلىق يەككىلەر مۇسابىقىسى، كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ250  ~280  كىلومېتىرلىق يەككىلەر مۇسابىقىسى بار. دالا مۇسابىقىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم مۇساپىسى يانباغىر، ئورمانلىق، جىرالىق، كۆۋرۈككە ئوخشاش مۇرەككەپ يەر تۈزۈلۈشىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان، ئۇ ئوچۇق مۇسابىقە ۋە مەخپىي مۇسابىقە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسىدا مۇسابىقىدىن بىر كۈن ئاۋۋال لىنىيە ئېلان قىلىنىدۇ، كېيىنكىسىدە مۇسابىقىگە يېرىم سائەت قالغاندا لىنىيە ئېلان قىلىنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا24  كىلومېتىر، ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا21  كىلومېتىر، ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا15  كىلومېتىر بولىدۇ. دالا مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بىرلا مۇسابىقە تۈرى بار. تاشيول مۇسابىقىسى بىلەن دالا مۇسابىقىسىنىڭ لىنىيە ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن، پەقەت ئىسىم تەرتىپى نەتىجىسى بىلەن ئوتتۇرىچە سائەتلىك تېزلىكىلا بولۇپ، دۇنيا رېكورتى بولمايدۇ. ھازىر دۇنيا ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتىدە كۈچلۈك دۆلەتلەر ياۋروپاغا توپلانغان بولۇپ، ئىتالىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيىلەر تارىختىكى دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلاردۇر. ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى1913  - يىلى ئېلىمىزگە كىرگەن.1930  - يىلى جۇڭگولۇق پەن دېمىڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىپ، دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەن.1990  - يىل9  - ئاينىڭ27  - كۈنى ئېلىمىز ماھىرى جۇ لىڭمېي ئاياللار بىر كىلومېتىرلىق ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسىدە بىر مىنۇت13  سېكۇنت99 .8 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. بۇ، ئېلىمىز ماھىرلىرىنىڭ ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشى ھېسابلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىك...
●  ماتورلۇق قېيىق تەن...
●  موتسىكلىت تەنھەرىك...
●  دېڭىز قاتناش مودېل...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەر...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشل...
●  تاغقا چىقىش
●  قارىغا ئېتىش
●  سۇمۇ (شاڭپۇ)
●  بوكس
●  جۇدو (رۇداۋ)
●  چەۋەندازلىق
●  چېلىشىش
●  ئوقيا ئېتىش
●  كۆۋرۈك قارتا
●  قورشاۋ قاتار
●  شاھمات

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى
●  ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىك...
●  موتسىكلىت تەنھەرىكىتى
●  دېڭىز قاتناش مودېلى تەن...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھ...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىت...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشلىق ئى...
●  تاغقا چىقىش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى