ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىتى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-16 10:33:30 كۆرۈلۈش سانى : 34
بۇ، ئۇچقۇ ۋە باشقا ئاۋىئاتسىيە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھاۋادا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەنھەرىكەت بولۇپ، ئاساسلىقى ئاۋىئاتسىيە مودېلى، پاراشۇتتىن سەكرەش، پلانېر، ھاۋا شارى قاتارلىق تۈرلەر بار.
ئاۋىئاتسىيە ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ھەم تەنتەربىيە ھەرىكىتى خۇسۇسىيىتى ھەم ئىلمىي سىناق قىلىش خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگە. مەسىلەن، ھاۋا شارى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھاۋا رايى ئىلمىي تەتقىقاتىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئايروپىلان ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە ئاۋىئاتسىيە نەزەرىيىسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. ئاۋىئاتسىيە ھەرىكىتىدە ئاسمان سەھنە قىلىنىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇ كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا، بۇ ھەرىكەت پەيدا بولغاندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە بۇ ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلماقتا. ئېلىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە ھەرىكىتى1949 - يىلىدىن كېيىن بەزى تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغان بولۇپ، پاراشۇتتىن سەكرەش، ئاۋىئاتسىيە مودېلى تۈرلىرىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيىسىدە تۇرماقتا. |
|