بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> تەنتەربىيە >> دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى

دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-18 13:03:43    كۆرۈلۈش سانى : 30  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ھەر خىل دېڭىز قاتناش مودېللىرىنى (مەسىلەن، كېمىلەر، دېڭىز قاتناش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قۇرۇلمىلىرىنىڭ مودېللىرى) پىلانلاش، ياساش ۋە كونترول قىلىش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ پەن - تېخنىكىلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. دېڭىز قاتناش مودېلى ئومۇمەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك كېمە مودېلى، يەلكەنلىك كېمە مودېلى، سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك كېمە مودېلى دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك كېمە مودېلى مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قۇرۇلمىسى بولغان، سۇدا يۈرەلەيدىغان ھەر خىل كېمىلەرنىڭ مودېلىدۇر. يەلكەنلىك كېمە مودېلى يەلكىنى بولغان، شامالنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىغان مودېل كېمىدۇر. سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك كېمە مودېلى دېگىنىمىز بەلگىلىك تاناسىپ بويىچە راست كېمىلەرگە ئوخشىتىپ ياسالغان ھەر خىل سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك مودېللارنى ياكى ھەر خىل تىپتىكى كېمىلەرنىڭ، دېڭىز پورتى، كېمە ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ مودېللىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھەرىكىتى ۋە ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشلۈك كېمە مودېلىنىڭ ئادەتتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇرۇلمىسى بولمايدۇ، مۇسابىقىدە سىرتقى كۆرۈنۈش نەتىجىسى بويىچە دەرىجە بېكىتىلىدۇ. دېڭىز قاتناش مودېلى تەنھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپتە16  - ئەسىردە ياۋروپادا باشلانغان.20  - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ھەر خىل مۇسابىقىلىرى كۆپەيگەن.1959  - يىلى شۋېتسارىيىدە دۇنيا دېڭىز قاتناش مودېلى بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، باش ئورگىنى ئاۋسترىيىنىڭ ۋيېنا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. بىرلەشمە ئۆتكۈزىدىغان ئاساسلىق مۇسابىقىلەردىن ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بار. ئېلىمىزدە1958  - يىل تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دېڭىز قاتناش مودېلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1964  - يىلى جۇڭگو دېڭىز قاتناش ھەرىكىتى جەمئىيىتى قۇرۇلغان.1981  - يىل8  - ئايدا گېرمانىيىنىڭ ماگدېبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن2  - نۆۋەتلىك دۇنيا دېڭىز قاتناش مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرى ۋى يۈيمىڭ B2F دەرىجىلىكتە چېمپىيون بولغان. بۇ، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ دېڭىز قاتناش مودېلى مۇسابىقىسىدە تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى بولۇشى ھېسابلىنىدۇ


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىك...
●  ماتورلۇق قېيىق تەن...
●  موتسىكلىت تەنھەرىك...
●  دېڭىز قاتناش مودېل...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەر...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشل...
●  تاغقا چىقىش
●  قارىغا ئېتىش
●  سۇمۇ (شاڭپۇ)
●  بوكس
●  جۇدو (رۇداۋ)
●  چەۋەندازلىق
●  چېلىشىش
●  ئوقيا ئېتىش
●  كۆۋرۈك قارتا
●  قورشاۋ قاتار
●  شاھمات

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى
●  ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىك...
●  موتسىكلىت تەنھەرىكىتى
●  دېڭىز قاتناش مودېلى تەن...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھ...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىت...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشلىق ئى...
●  تاغقا چىقىش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى