بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> تەنتەربىيە >> موتسىكلىت تەنھەرىكىتى

موتسىكلىت تەنھەرىكىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-08 11:56:50    كۆرۈلۈش سانى : 43  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۇ تۈرنىڭ مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان موتسىكلىت ئىككى چاقلىق ۋە ئۈچ چاقلىق بولۇپ، ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ھەربىر خىلدىكى موتسىكلىت تىپى يەنە ماتور سىلىندىرىنىڭ ئىش سىغىمى بويىچە بىرقانچە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئىككى چاقلىق موتسىكلىت تىپىدا50 ،70 ،100 ،125 ،250 ،350 ،500  ۋە500  دىن يۇقىرى مىللىلىتىرلىقلار، ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت تىپىدا500 ،750 ،1000  ۋە1000  دىن يۇقىرى مىللىلىتىرلىقلار بار. موتسىكلىت تەنھەرىكىتى19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ موتسىكلىت ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ھەم مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش مەقسىتىدە ھەمىشە پۇل چىقىرىپ، بىر قىسىم موتسىكلىتلارنى مۇسابىقىلەشتۈرەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىر يېڭى تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى مەيدانغا كەلگەن.1904  - يىلى خەلقئارا موتسىكلىت بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، باش ئورگىنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. بۇ تەشكىلات ھەر يىلى كۆپ خىل تۈر ئايرىمىسىدىكى دۇنيا موتسىكلىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. موتسىكلىت مۇسابىقە تۈرلىرى ئاساسلىقى دالا مۇسابىقىسى، كۆپ كۈنلۈك مۇسابىقە، تاشيول مۇسابىقىسى، چىداملىق مۇسابىقىسى ۋە مەيدان توسالغۇلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ، بىردەك سۈرئەت ۋە ھەيدەش ماھارىتىگە قاراپ ئىسىم تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. دالا مۇسابىقىسى تەبىئىي توسالغۇلۇق، مۇرەككەپ يەر شەكلىدىكى قاماللىق لىنىيىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر ئايلانمىسىنىڭ ئارىلىقى5 .1 −5  كىلومېتىرغىچە بولۇپ، لىنىيىنىڭ كەڭلىكى بەش مېتىردىن تار بولمايدۇ، ئېگىزلىك پەرقى ئۈچ مېتىردىن كەم بولمايدۇ. ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئارىلىقى ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنىڭ60  كىلومېتىردىن، ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنىڭ40  كىلومېتىردىن ئاشمايدۇ. دۇنيا يەككىلەر دالىدا موتسىكلىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەر يىلى4  - ئايدىن8  - ئايغىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا12  دۆلەتتە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئىسىم تەرتىپى باھالاپ بېكىتىلىدۇ ھەمدە مۇسابىقە نومۇرى جەملىنىپ دۇنيا چېمپىيونى باھالىنىدۇ. دۇنيا موتسىكلىت دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ دالا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە ھەرقايسى دۆلەتلەر كوماندا ئەۋەتىپ قاتنىشىدۇ. ھەربىر كوماندا3  ~4  ئادەمدىن تەشكىل تاپىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە ھەربىر تىپتىكى موتسىكلىت مۇسابىقىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پەقەت بىر دۆلەتتىلا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆپ كۈنلۈك مۇسابىقىدە دالا مۇسابىقىسىدىكى لىنىيە ئاساس قىلىنىپ، ئاخىرقى كۈنىنى تاشيول مۇسابىقىسى بىلەن تاماملايدۇ. شۇڭا ئۇ ھەم دالا، ھەم تاشيول مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، كۈن سانى2  ~6  كۈنگىچە بولىدۇ. مۇسابىقىدە تەنھەرىكەتچى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن ئارىلىقنى تاماملىشى كېرەك، بالدۇر تۈگەتسىمۇ ياكى كېچىكتۈرۈپ قويسىمۇ ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىدۇ. مۇسابىقە مۇساپىسىدە جايلارغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەنھەرىكەتچى پونكىتتىن ئۆتكەندە، تەكشۈرگۈچى تەنھەرىكەتچىنىڭ تىزىملىتىش كارتىسىغا قول قويۇپ ئۆتكەن ۋاقىتنى ئىزاھلايدۇ. مۇسابىقە مۇساپىسىدە موتسىكلىتتىن كاشىلا چىقىپ بەلگىلەنگەن رېمونت قىلىش ۋاقىتدىن ئېشىپ كەتسە، رېمونت سايمانلىرى ئارىيەت ئېلىنسا ياكى تىزىملىتىش كارتىسى چۈشۈپ قالغان بولسا، ئوخشاشلا نومۇر جازاسى بېرىلىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بېرىشتىكى ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى ۋە جازا نومۇرىنىڭ قانچىلىكلىكى بويىچە ئىسىم تەرتىپى بەلگىلىنىدۇ. خەلقئارا موتسىكلىت بىرلەشمىسى ھەر يىلى خەلقئارا ئالتە كۈنلۈك مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ. تاشيول مۇسابىقىسى يولى ياخشى قاماللىق تاشيولدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆپ ئايلانمىلىق مۇسابىقىدۇر. ھەر ئايلانمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىردىن، ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇساپىسى50  كىلومېتىردىن كەم بولمايدۇ. لىنىيە ھەر خىل گرادۇسلۇق ئايلانمىلار، يۇقىرى - تۆۋەن يانباغىرلار ۋە تۈز يوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يول يۈزى ئالتە مېتىردىن تار بولمايدۇ، قايچىلاشما يول يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى قەۋەتكە ئايرىلىدۇ، نومۇر ھېسابلاش ئۇسۇلى دالا مۇسابىقىسىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. دۇنيا تاشيول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەر يىلى3  - ئايدىن10  - ئايغىچە،8  دىن12  گىچە دۆلەتتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. چىداملىق مۇسابىقىسى تاشيول مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ، مۇسابىقە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ھەربىر باسقۇچ ئالتە سائەت بولىدۇ.18  سائەت ئىچىدىكى ئەمەلىي بېسىپ ئۆتكەن ئارىلىق نەتىجە ھېسابلىنىپ، ئىسىم تەرتىپى باھالىنىدۇ. دۇنيا چىداملىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەر يىلى5  - ئايدىن9  - ئايغىچە سەككىز دۆلەتتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەيدان توسالغۇلۇق مۇسابىقىسى جۇڭگودا تەسىس قىلىنغان دەسلەپكى مەشىقلەنگۈچىلەر قوللىنىدىغان مۇسابىقە تۈرىدۇر. ئۇزۇنلۇقى100  مېتىر، كەڭلىكى80  مېتىرلىق مەيدان ئىچىگە تەڭپۇڭلۇق لىمى، يىلانباغرى يول، سانجىما بايراق، قاماللىق ئايلانما، «8» شەكىللىك يول، ئۇدا ئۇلانغان تار يول، لىڭگىرتاقتاق، يالغۇز ياغاچلىق كۆۋرۈك، سەكرەش تاختىسى، چەكلىمىلىك ئىشىك، تۆپىلىك، ئازگال، توختاش سىزىقىغا ئوخشاش توسالغۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەنھەرىكەتچى توسالغۇلاردىن ئۆتكەندە قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا، نومۇر جازاسى بېرىلىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بارلىق توسالغۇلاردىن ئۆتۈپ، بەلگىلەنگەن جازا نومۇرىدىن ئاشۇرمىغانلار ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالىنىدۇ. ياۋرۇپالىقلار موتسىكلىت ھەرىكىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىزچىل تۈردە قولدىن بەرمەي كەلدى، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيىلەرنىڭ سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى. ئېلىمىز1949  - يىلىدىن كېيىن بۇ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان.1979  - يىلى جۇڭگو موتسىكلىت ھەرىكىتى جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلغان تۈرلەردىن مەيدان توسالغۇلۇق مۇسابىقىسى، دالا مۇسابىقىسى ۋە تاشيول مۇسابىقىسى بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىك...
●  ماتورلۇق قېيىق تەن...
●  موتسىكلىت تەنھەرىك...
●  دېڭىز قاتناش مودېل...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەر...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشل...
●  تاغقا چىقىش
●  قارىغا ئېتىش
●  سۇمۇ (شاڭپۇ)
●  بوكس
●  جۇدو (رۇداۋ)
●  چەۋەندازلىق
●  چېلىشىش
●  ئوقيا ئېتىش
●  كۆۋرۈك قارتا
●  قورشاۋ قاتار
●  شاھمات

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى
●  ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىك...
●  موتسىكلىت تەنھەرىكىتى
●  دېڭىز قاتناش مودېلى تەن...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھ...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىت...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشلىق ئى...
●  تاغقا چىقىش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى