ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكىتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-15 10:31:29 كۆرۈلۈش سانى : 34
ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكىتى ئۇچۇشقا قويۇپ بېرىدىغان، ئۆزى ياسىغان مودېل ئايروپىلاننى باشقۇرۇپ مەشىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدىغان ھەم رېكورت يارىتىپ ئۇچۇرىدىغان بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەتتۇر. ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بۇ ھەرىكەتنى نىسبەتەن بالدۇر قانات يايدۇرغان دۆلەتلەردۇر.
بۇ خىل تەنھەرىكەتكە قاتنىشىشقا بەلگىلەنگەن ئاۋىئاتسىيە مودېلىنى چوقۇم تەنھەرىكەتچى ئۆزى ياسىغان ۋە قۇراشتۇرغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، بىر مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئۈچۈن، پەللىگە يەتكەن ئاۋىئاتسىيە مودېلىنى ئۇچۇرۇش تېخنىكىسى بولۇشى ھەم چوقۇم بىر ھۈنەر - سەنئەت ئۇستىسى بولۇشى لازىم.
ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھەرىكىتىنىڭ ئۈچ چوڭ دۇنيا مۇسابىقىسى بار، يەنى دۇنيا ئەركىن ئۇچۇرۇش ئاۋىئاتسىيە مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ)، دۇنيا ئاۋىئاتسىيە مودېلىنى لىنىيىلىك باشقۇرۇش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن دۇنيا يەككە تۈرلەر ئاۋىئاتسىيە مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (يىل ئاتلاپ ئۆتكۈزۈلىدۇ)، بۇلارنى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئاۋىئاتسىيە مودېلىنىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئەركىن ئۇچۇرۇش تۈرلىرى، لىنىيىلىك باشقۇرۇش تۈرلىرى، رادىئو ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىش تۈرلىرى، مودېل پلانېر ۋە راستقا ئوخشىتىش تۈرلىرى بولۇپ، تۆت چوڭ تۈرگە،30 نەچچە خىلغا ئايرىلىدۇ.
ئېلىمىز1956 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئاۋىئاتسىيە مودېلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.1983 - يىل10 - ئايدا ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن21 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەركىن ئۇچۇرۇش ئاۋىئاتسىيە مودېلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسىدىن لۈي جىفا، جاڭ ۋېنيى، ۋاڭ گوسەيلەر B1F دەرىجىلىكتە كوللېكتىپ چېمپىيون بولغان. بۇ، ئېلىمىز ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋىئاتسىيە مودېلىدا دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ تۈردە دۇنيادىكى ئىلغار دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى نامايان قىلغان. |
|