بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> تەنتەربىيە >> ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىكىتى

ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىكىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-25 10:59:09    كۆرۈلۈش سانى : 34  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىكىتى19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەيدا بولغان. ئەينى چاغلاردا سانائىتى راۋاج تاپقان دۆلەتلەر ماتورلۇق قېيىق ياساپ دېڭىز - ئوكيان تەكشۈرۈشنىڭ قاتناش قورالى قىلغان. ئۇلار بىپايان دېڭىزدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كەلگەندەك ھېسسىياتتىن ھوزۇر ئالغان، شۇڭا، ئۇ ناھايىتى تېزلا جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تەنھەرىكەت بولۇپ قالغان.1903  - يىلى ئامېرىكىدا مەملىكەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك قېيىق جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ھەر خىل كۆلەمدىكى ماتورلۇق قېيىق مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگەن.1922  - يىلى خەلقئارا ماتورلۇق قېيىق بىرلەشمىسى بېلگىيىنىڭ برۇكسېللېس شەھەرىدە قۇرۇلۇپ، دۇنياۋى ياكى شتات دەرىجىلىك لەۋھە ۋە لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىلىرىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. خەلقئارا مۇسابىقىلەردىكى ئۆلچەملىك ماتورلۇق قېيىقلاردىن ماتورى سىرتىغا ئورنىتىلغان سۈرئەتلىك قېيىق، ماتورى ئىچىگە ئورنىتىلغان سۈرئەتلىك قېيىق، ماتورى سىرتىغا ئورنىتىلغان سپورت قېيىقى، ماتورى ئىچىگە ئورنىتىلغان سپورت قېيىقى، كۆپتۈرمە قېيىق، يېقىن دېڭىز قېيىقى دەپ ئالتە خىلى بار. ئۇلار ماتور سىلىندىرىنىڭ ئىش سىغىمى ياكى قېيىقنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە جەمئىي50  نەچچە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئادەتتە ھەر خىل يۈرۈش بەلگىلىرى بولغان لىنىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇزۇن ئارىلىقلىق مۇسابىقە، يېقىن دېڭىز مۇسابىقىسى، توسالغۇلۇق مۇسابىقىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇزۇن ئارىلىقلىق مۇسابىقە چىداملىق مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مۇسابىقە بىر سائەت ياكى بىرقانچە سائەت داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئوخشاشمىغان دەرىجىلىك قېيىقلار بىرلا ۋاقىتتا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ھەربىر قاتناشقۇچىنىڭ قوزغىلىشتىن ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يۈرگەن ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىقىغا ئاساسەن نەتىجىسى باھالىنىپ، ھەرقايسى دەرىجىلىكلەر بويىچە ئىسىم تەرتىپى تۇرغۇزۇلىدۇ. يېقىن دېڭىز مۇسابىقىسى دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇزۇن ئارىلىقلىق مۇسابىقە بولۇپ، قېيىققا ئاز بولغاندىمۇ16  ياشتىن كىچىك بولمىغان ئىككى ئەزا ئولتۇرغان بولۇشى لازىم. ھەر خىل تىپ ۋە دەرىجىلىك قېيىقلار ئارىلاش ھالەتتە مۇسابىقىلىشىپ، سۈرئىتى بويىچە ئىسىم تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. توسالغۇلۇق مۇسابىقە مەخسۇس تۈر مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەنھەرىكەتچى قوزغالغاندىن كېيىن، چوقۇم بەلگىلەنگەن پايدىسىز شەرتلەرنى، مەسىلەن، لەيلەتمە جىسىمدىن ئۆتۈش، تار يولدىن ئۆتۈش، ماتور زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇشلارنى ئورۇنداپ، سۈرئەت ۋە ھەرىكەتتىكى ئورۇنداش دەرىجىسى بويىچە ئۈستۈنلۈكى باھالىنىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۈستۈنلۈك ئىزچىل تۈردە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا بولۇۋاتىدۇ. ئېلىمىز1956  - يىلىدىن باشلاپ بۇ ھەرىكەتنى دېڭىز بويلىرى، دەريا ياقىلىرى، چوڭ كۆل بويلىرىدىكى شەھەرلەردە قانات يايدۇرغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىك...
●  ماتورلۇق قېيىق تەن...
●  موتسىكلىت تەنھەرىك...
●  دېڭىز قاتناش مودېل...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەر...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشل...
●  تاغقا چىقىش
●  قارىغا ئېتىش
●  سۇمۇ (شاڭپۇ)
●  بوكس
●  جۇدو (رۇداۋ)
●  چەۋەندازلىق
●  چېلىشىش
●  ئوقيا ئېتىش
●  كۆۋرۈك قارتا
●  قورشاۋ قاتار
●  شاھمات

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى
●  ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىك...
●  موتسىكلىت تەنھەرىكىتى
●  دېڭىز قاتناش مودېلى تەن...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھ...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىت...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشلىق ئى...
●  تاغقا چىقىش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى