بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> تەنتەربىيە >> رادىئو تەنھەرىكىتى

رادىئو تەنھەرىكىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-13 11:40:21    كۆرۈلۈش سانى : 44  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بۇ − ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى بىلەن تەنتەربىيىنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ھاسىلاتىدۇر. ئۇ تەنھەرىكەتچىدە بەلگىلىك رادىئو تېخنىكىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جەھەتلەردىكى بىلىملەرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتكە قاتناشقاندا، بەدەننى چېنىقتۇرغىلى ھەم رادىئو نەزەرىيىسى بىلىملىرى ۋە ياساش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. رادىئو ھەرىكىتى رادىئو قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ياساش، رادىئودا تېز سۈرئەتلىك تېلېگرامما قوبۇل قىلىش ۋە يوللاش، رادىئو ئارقىلىق يۆنىلىش ئۆلچەش، رادىئو كۆپ تۈرلۈك ئالاقىسى ۋە ھەۋەسكارلار رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رادىئو قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ياساش، رادىئو نەزەرىيىسى ۋە ياساش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمىلەر بويىچە قاچىلاپ ياساش ۋە رادىئو ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭشەپ سىنايدۇ، سۈرئىتى تېز، ئۈنۈمى ياخشى بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. رادىئودا تېز سۈرئەتلىك تېلېگرامما قوبۇل قىلىش قوبۇل قىلغاننى كۆچۈرۈش ۋە مورىز كودى تېلېگراممىسىنى يوللاش مەشىقلىرىنى مەزمۇن قىلغان. ئاتالمىش مورىز كودى «قۇرۇقلۇق كودى» دەپمۇ ئاتىلىپ، ئېلېكتر ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ ئۇلاش - ئۈزۈش، ئالماشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان خەۋەر پارولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ئامېرىكىلىق مورىز ئىجاد قىلغاچقا، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تېز سۈرئەتلىك تېلېگرامما قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىدە تېلېگراممىنى قوبۇل قىلىش سۈرئىتى تېز، خاتالىق ئاز بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. رادىئولۇق يۆنىلىش ئۆلچەش دېگىنىمىز رادىئو ئارقىلىق يۆنىلىش ئۆلچەش ئەسۋابىنى قورال قىلىپ، يوشۇرۇنغان قويۇپ بېرىش ئىستانسىسىنى ئىزدەپ تېپىش ھەرىكىتى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە رادىئو ئىستانسىلىرىنى كۆپ تاپقىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. قويۇپ بېرىش ئىستانسىسى ئەپچىل يوشۇرۇنغان بولغاچقا، ئاسان سېزىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ «تۈلكە» دەپ ئاتىلىپ، يۆنىلىش ئۆلچەش ھەرىكىتى «تۈلكە تۇتۇش ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپ تۈرلۈك رادىئو ئالاقىسى دېگىنىمىز تەنھەرىكەتچى كىچىك تىپتىكى رادىئو ئىستانسىسىنى ئېلىپ يۈرۈپ، دالىدا بىر قاتار ئالاقە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندايدىغان ھەرىكەتتۇر. ئۇنىڭدا رادىئو ئىستانسىسى تەسىس قىلىش، يۆنىلىش بەلگىلەپ يۈرۈش قىلىش، كېتىۋېتىپ رادىئودا سۆزلىشىش، رادىئو خەۋەر پارولىنى كۆچۈرۈش ۋە تېلېگراممىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش، مەخسۇس يۆنىلىشلىك ئاخبارات، رادىئو ئىستانسىسىنى سۆكۈپ يىغىشتۇرۇش قاتارلىق يەتتە تۈر بار. مۇسابىقىدە ۋەزىپىنى ئورۇنداش ۋاقتى قىسقا، خاتالىقى ئاز بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. ھەۋەسكارلار رادىئو ئىستانسىسى رادىئوغا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ ھەۋەسكارلار رادىئوسىدىن پايدىلىنىپ مەشىق قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە مۇسابىقىلىشىش پائالىيىتى بولۇپ، ئاساسلىق شەكلى ھەۋەسكارلار رادىئو ئىستانسىسى ئېچىپ، ھەۋەسكارلار قانىلىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رادىئو ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتۇر. ئۇنىڭ مۇسابىقىسىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالاقە ئورنىتالىغان رادىئو ئىستانسىلىرى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، ئارىلىقى يىراق بولغانلىرى غەلىبە قىلىدۇ. رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇشتا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. ئېلىمىزدە نۆۋەتتە پەقەت كوللېكتىپ ھەۋەسكارلارنىڭ رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى كوللېكتىپ ھەۋەسكارلار رادىئو ئىستانسىسى1958  - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، چاقىرىق پارولى «KPIYB».


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىك...
●  ماتورلۇق قېيىق تەن...
●  موتسىكلىت تەنھەرىك...
●  دېڭىز قاتناش مودېل...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەر...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشل...
●  تاغقا چىقىش
●  قارىغا ئېتىش
●  سۇمۇ (شاڭپۇ)
●  بوكس
●  جۇدو (رۇداۋ)
●  چەۋەندازلىق
●  چېلىشىش
●  ئوقيا ئېتىش
●  كۆۋرۈك قارتا
●  قورشاۋ قاتار
●  شاھمات

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى
●  ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىك...
●  موتسىكلىت تەنھەرىكىتى
●  دېڭىز قاتناش مودېلى تەن...
●  ئاۋىئاتسىيە مودېلى تەنھ...
●  پلانېر تەنھەرىكىتى
●  ئاۋىئاتسىيە تەنھەرىكىت...
●  رادىئو تەنھەرىكىتى
●  ھازىرقى زامان قىشلىق ئى...
●  تاغقا چىقىش

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى