• قۇم باسقان شەھەر(1)

    2010-06-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66138156.html

    قۇم باسقان شەھەر
    (رومان)

    ئاپتورى : مەمتىمىن ھوشۇر


    1-قىسىم ، جاھان كەزدى سۈپۈرگە

    قۇياش شاھى

       ھەشەمەتلىك شەھەر دەرۋازىسىدىن ئېشىگىنى يىتلەپ چىقىۋاتقان بۇ كىشى جاھان كەزدى سۈپۈرگە ئىدى. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا شەھەرگە كىرىشنى كۈتۈپ كېچىچە سىرتتا تۈنىگەن كارۋانلار توپلىشىۋالغان ئىدى . سۈپۈرگە ئىسسىق تىنىقلىرى ئۇرۇلۇپ تۇرغان تۆگىلەرنىڭ تۇمشۇقلىرىنى نېرى بېرى قىلىپ ، قانداقتۇر ئۇزۇن چاپان .قىسقا چاپان .ساقاللىق، ۋەساقالسىز كىشىلەرنى ئارلاپ قىستاڭچىلىقتىن ئۆتتى ، -دە ئەركىن نەپەس ئالدى . ئىشىكىگە مىنىپ .تاش يېيىتىلغان خانلىق يول بىلەن ئىتتىك مېڭىپ كەتتى  .
    سۈزۈك ئاسماندىكى يىنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئەتتىگەنلىك قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى جىلۋىلىنەتتى . سۈپۈرگىنىڭ كۆز ئالدىدا شەۋەر سېپىلىغا ياندىشىپ كەتكەن ئېتىزلار .ھەرتەرەپكە سوزۇلغان توپىلىق يوللار.تېخىمۇ يىراقتا بولسا چەكسىز دالا تاشلىنىپ ياتاتتى، قانچە كارۋانلار ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنى ئۇپراتقان تاشلىق يول سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا رېتىملىق تاراسلايتى . قېلىن ، ئېگىز سېپىللار بىلەن قورشالغان ھەيۋەتلىك بىر شەھەر يولوچىنىڭ ئارقىسىدا قالماقتا ئىدى . بۇ شەھەر بۇ ئەتراپقا داڭقى كەتكەن  «قۇياش شاھى» نىڭ پايتەختى ئىدى، يائاللا ، جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆمرىدە مۇنداق سۆرۈن تەلەت شەھەرنى كۆرگەن ئەمەس ، شەھەر بەكمۇ چوڭ بولۇپ ، پادىشاھلىققا قاراشلىق بارلىق ئۆلكىلەردىن بۇلاپ كېلىنگەن بايلىقلار بىلەن تىنىپ كەتكەن ئىدى . قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان باغلار بىلەن قورشالغان  خان سارايلىرىنى ھەيۋەتلىك تۈۋرۈكلەر بېزەپ تۇراتتى  ،چاسا خىش ياتقۇزۇلغان كەڭ يوللار ،رەڭلىك تاۋلىنىپ تۇرغان راۋاقلار  ،بۈككىدە دەرەخزارلىق ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاجايىپ گۈمبەزلەر. سۈنئىي تاغلار ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن تاش پەلەمپەيلەر، شەھەر مەنزىرىسىگە تېخىمۇ سەلتەنەت  بېغىشلايتى ، شەھەر كوچىلىرىدىن ئالتۇن كۆمۈش، ئېسىل تاشلار . قىممەتلىك ھايۋان تېرىلىرى ، خۇش پۇراق دورا دەرمانلار . قايسى بىر كىچىكرەك پادىشاھلىقنىڭ سوۋغا سالاملىرى قاچىلانغان ساندۇق، قاپلانى ئارتقان كارۋانلار شاھ ئوردىسىغا قاراپ ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇراتتى ، بۇ بايلىقلار بۇ يەردە ئوردىدىكى يەپ ئىچىش ، ئوشۇقچە سۆلەت ، ساراي ئايۋانلارنى بېزەش ئىشلىرىغا سەرىپ بولۇپ تۈگەيتى ،
        جاھانكەزدى سۈپۈرگە بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلەر ئىچىدە باھارنىڭ ھەقىقى ھىدىنى . ئادەملەرنىڭ چىرايىدا توقلۇقنىڭ بىشارىتى بولغان قىزىللىقنى . قاقاقلاپ كۈلگەن چىن كۈلكىنى كۆرمىدى . شەھەرنىڭ پاسكىنا . تار كوچىلىرى نامراتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى . ھەشەمەتلىك خان سارايلىرىنى قۇرغان كاسىپلار ،قاداقلاشقان قوللىرى بىلەن ئاجايىپ راۋاقلارنى ئۆرە قىلغان ئۇستىلار . ماھىر نەققاشلار بۇ يەردە قىيسايغان  . تار كۆلبىلەردە ھايات كەچۈرەتتى . كوچىلاردا مۈكچەيگەن،ئېغىر ئەمگەكتىن ھالسىرىغان كىشىلەر چۈشكۈن قەدەم تاشلايتى . جاسۇس سۇخەنچىلەردىن  خۇدىكسىرەپ ،ئەتىراپىغا قاراپ ئېھتىيات بىلەن پىچىرلىشاتتى . دەرەخلەر ئۈستىدە قۇشلار چورقىرىشاتتى . ئارامبەخىش شامالدا يۇپۇرماقلار يىنىك شىلدىرلايتى . شىرقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلار مۇھاببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئېرىق بويلىرىدىكى يېشىل ئوتلارنى سۆيۈپ ئۆتەتتى . لېكىن  تەبىئەتنىڭ بو بەزمىلىرىدىن خوشال بولغۇدەك كۆڭۈلنى تاپماق تەس ئىدى.
        شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىدا يەنە «دىۋانىلەرمەھەللىسى »دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىلەرمۇ بار ئىدى . پاكار پاكار ئۆيلەر ،ئەگرى بۈگرى توپىلىق تار كوچىلاردىن قۇرۇلغان بۇ مەھەللىدە قۇل قۇل كىيىملىرى بىلەن كوچىنىڭ توپىسىنى توزۇتۇپ ئويناپ يۈرگەن بالىلارنىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى ، بەزى دىۋانىلەر يەرنى كولاپلا گەمەقىىلىپ كىرىۋالغانىدى ، ھەر بىر ھويلىىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۈكلىرى چۈشۈپ قوتورلىشىپ كەتكەن ئىتلار ئىككى پۇتىنىڭ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ مۈگىدەپ ياتاتتى . بۇ ئىتلار شۇنچىلىك ھورۇنلشىپ كەتكەنكى ،بىرەر ئوغرى كەلسىمۇ ، ئىگىسى ئويغۇتۇپ قويمىغۇچە قاۋىمايتى ، ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەسكى لاتىلار ، تۆمۈر تېسەك ، كونا كىيىملەر، خالتىلاردا قورىغان ، كۆكەرگەن پارچە نانلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى .
        بۇيەردە بىر تۈپ دەرەخ ياكى كۆكەرگەن ئوت چۆپمۇ كۆرۈنمەيتى . ھەممە يەر كۆيۈك ئاپتاپتا ئوتتەك  چاڭقاپ ياتاتتى . بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ  ھەممىسى شەھەرگە كىرىپ دىۋانىچىلىك قىلىش بىلەن جېنىنى باقاتتى ، پادىشاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ شەھەر ئىچىدە تۇرۇشى مەڭگۈ چەكلەنگەن ئىدى . شەھەرگە كىرگەندىمۇ ئۇلارنىڭ چوڭ كوچىلارغا  ئۆتۈپ تىلەمچىلىك قىلىشى  مەنئىي قىلىنغان ئىدى . ئۇلارغا سەدىقە بېرىدىغانلار يەنىلا شەھەرنىڭ ئارقا كوچىسىدىكى نامراتلار ئىدى .
         جاھان كەزدى سۈپۈرگە «قۇياش شاھى» نىڭ بۇ ئۇلۇغ پايتەختىگە قانداق كېلىپ قالغانلقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى .بەلكىم ئېزىپ كېلىپ قالغاندۇ . ياكى تەقدىرنىڭ شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ بۇ يەرگە تاشلىغاندۇر . ........سۈپۈرگە سەپىرىنىڭ تىزگىنىنى كۆڭلىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغان ئىدى . ئۇ قانچە سۇلارنى كىچىپ  ئۆتتى ، قانداقتۇر كارۋانلارغا ئەگىشىپ ماڭدى . كىملەرنىڭدۇر گۈلخانلىرى ئەتىراپىدا تۈنىدى .
         ئۇ ئۇ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرمەي تۇرۇپلا بۇ لەنىتى ماكانغا كېلىپ قالغىنىغا پۇشايمان يىدى ، دەرۋازا قوۋۇقچىلىرى بېشىغا نىپىز بۆك كىيگەن . يۈزىنى قورۇق ساقال باسقان ، ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ بىر پىشىنى پوتىسىغا قىستۇرىۋالغان بۇ غەلىتە ئادەمنى ۋارقىراپ توختاتتى .
    -ھەي ساقال!
    سۈپۈرگە قورۇقچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ مېڭىۋەردى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسمى ساقال ئەمەس دە ،
    _ ھەي ساقال . ساڭا گەپ قىلىۋاتىمىز.
    _ مېنى چاقىرۋاتامسىلەر؟
    _ ھە سېنى ، نەگە ؟
    _ كۆرىۋاتىسىلەرغۇ ، شەھەرگە كىرىپ كېتىۋاتىمەن .
    _ ئېشىگىڭنى بۇياققا تارت .
    قورۇقچىلار سۈپۈرگىنى نوقۇپ ، تارتقۇشلاپ بىرچەتكە چىقىرىپ يانچۇق قويۇنلىرىنى ئاختۇردى ، ئۇلارنىڭ قولىغا بىر نەتچە ئۇششاق يارماقتىن باشقا ھىچنىمە چىقمىدى . كۆپنى كۆرگەن سۈپۈرگە ئۈنچىقماي قاراپ تۇراتتى .ئەلۋەتتە مۇھىمراق نەرسىلىرىنى مۇنداق ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ  تۇرىدىغان قاراقچىلارنىڭ قولىغا چىقىدىغان يەرگە قويمايتى .
    _ ئۇلۇغ پايتەختىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلەمسەن ؟ _ دەپ سورىدى قورۇقچى
    _ بىلىدىغىنىمدىن بىلمەيدىغانلىرىم كۆپ _ ، دېدى سۈپۈرگە
    _ ئەمىسە ئاڭلاپ قال ، بۇ شەھەرگە بىرىنجى نۆۋەت كەلگەن كىشى دەرۋازىدىن كىرىش ھەققى تۆلەيدۇ .
    _ خۇدا ھەققى ئۆزۈڭلارمۇ ئاختۇرۇپ كۆردۈڭلار،مېنىڭدە ئاشۇ بىر نەتچە يارماقتىن باشقا ھېچنىمە يوق .
    _ پۇلۇڭ بولمىسا شەھەرگە كىرىپ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ ياكى سەن تىلەمچىلىك قىلماقچىمۇ ؟شۇنداق قىلماقچى بولساڭ يوقال بۇيەردىن . بىزنىڭ دىۋانىلەر مەھەللىمىزنىڭ دىۋانىلىرىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ . ......
    _ نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىلەر ؟ _ دەپ چۈشەندۇردى سۈپۈرگە ،_ مەن جاھان كەزدى مۇساپىرمەن ، قۇدرتى تەڭداشسىز «قۇياش شاھى» مىزنىڭ شۆھرىتىنى ، ئۇلۇغ پايتەختىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ . زىيارەت قىلماق بولۇپ يىراقلاردىن كەلدىم . مەندە نەدىمۇ پۇل پۈچەك ، مال دۇنيا بولسۇن . دۇنيا يىغىش ئاقىللارنىڭ ئىشى
    ئەمەس . بايلىق پەقەت ئۇلۇغ شاھلارغىلا زىننەت قوشالايدۇ ....نەدە قاراڭغۇ چۈشسە شۇ يەردە تۈنەيمەن . بۇگۈن تاپقىنىمنى ئەتىگە ئاشۇرۇپ قويمايمەن ، ئاڭلىغانمۇ سىلەر ؟ خۇدا ئەتىگە يەتكۈدەك ئۆمۈر بەرگەن كىشىگە .ئەتىلىك رىزقىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ . مۇقەددەس كىتاپلارغا ئەنە شۇنداق يېزىلغان .
    _ سەن ىېلى گەپچى ئوخشىمامسەن ؟ _ دەپ سۈپۈرگىنڭ گىپىنى تارتىۋالدى يەنە بىر قورۇقچى _ پۇلۇڭ بولمىسا مۇنۇ قوتۇر ئېشىكىڭنى قويۇپ كەت بولمىسا خان ئوردىسىغا بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيسەن ،ئىككىدىن بىرىنى تاللا .
    _ نىمە گەپ بولۇپ كەتتى ،مەن زادى چۈشۈنەلمىدىم ؟
    _ خۇپسەنلىكىڭنى قوي ، ياكى بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيدىغانغا تۇر ، ياكى ئېشىگڭنى قۇيۇپ كەت .
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۈپۈرگىنىڭ كۆرۈمسىز ئېشىگى ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋىتىپ ھاڭراپ ، ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىشقىمۇ بولمايدىغان بۇ شەھەرنى بېشىغا كىيدى . قورۇقچىلار ئاچچىقىدا ئۇنىڭ بېقىنلىرىغا قاتتىق ئايىغى بىلەن بىر نەتچىنى تېپىۋەتتى . ئېشەك سۈپۈرگە ئۈچۈن قۇياش شاھىدىنمۇ قىممەتلىكرەك ئىدى .
    ئېشەككە تەگكەن تاياق ئۆزىگە تەگكەندەك بولۇپ دۈمبىلىرى قىمىلداپ كەتتى .  _ھاي ھاي ياخشى ئادەملەر  ئۇنداق قىلماڭلار ._ دەپ ئارىغا چۈشتى شۈپۈرگە _
    كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى ، بۇ مۇشۇنداق ئەسكى خۇيلۇق مەخلۇق ، خۇدا شۇڭا ئۇنى باشقا نىمە قىلماي ئېشەك قىلىپ ياراتقان . بوپتۇ مەن اشارغا ئىشلىسەم  ئىشلەي . ئېشەك ئۆزۈمگە قالسۇن .
        سۈپۈرگە تاش يۇنۇغۇچىلار قاتارىدا تاش چوقۇدى . قانداقتۇر بىر دۆڭنى تۈزگە ، تۈزنى دۆڭگە تارتىۋاتقان ھاشارچىلارغا قوشۇلۇپ ئېشىكى بىلەن توپا توشىدى .
        ئۇ يەردە سېپىللار ئۈستىگە قۇرۇلغان دارلارنى ، شەھەر مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورنىتىلغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ كاللىسى چېپىلىدىغان ھەيۋەتلىك كۆتەكنى ، ئايىغىدىكى ئېغىر كىشەنلەرنى شاراقلىتىپ سۆرەپ ، قامچا ئاستىدا ئىشلەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى كۆردى . ھەممە يەرنى كىشىنىڭ دىمىنى سىقىدىغان ئېغىر بۇرۇقتۇملۇق ، چوڭقۇر سۈكۈت قاپلىغاندەك قىلاتتى . . پەقەت ئىككى ئىشلا سۈپۈرگىنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالدى .
    بىر قېتىم ئۇ دىۋانىلەر مەھەللىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بېرىپ ، ئېشىكىدىن ۋە ئۆزىنىڭمۇ جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدى . جۇلدۇر كېپەن بىر توپ ئادەملەر يۇپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنى ئېشىكىنىڭ ئۈستىدىن سۆرەپ چۈشتى . قىپيالاڭاچ بالىلاردىن بىر نەتچىسى ئېشەكنىڭ ئۈستىگە مىنىپمۇ ئۈلگۈردى . قالغانلىرى ئۇنىڭ قويۇنلىرىنى ئاختۇرۇپ كىيىملىرىنى تارتقۇشلاپ سۆرىگىلى تۇردى . قورقۇپ كەتكەن سۈپۈرگە :
    _ ھاي نا ئىنساپلار . مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ سىلەر ئۆز كەسىپدىشىڭلارنىمۇ بۇلاڭ تالاڭ قىلامسىلەر ؟مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا قەلەندەرغۇ ؟ _ دەپ خىيالىغا كەلگەن گەپلەرنى قىلىپ چۇقان سالدى ، ئۇ ۋارقىرىمىغىنىدا بۇ غەلىتە ئادەملەر ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ گۆشىنىمۇ تالان تاراج قىلىپ بىر پارچىدىن بۆلۈشىۋالىدىغاندەك قىلاتتى . ھەر ھالدا ئۇنىڭ ۋارقىرىشى ئۈنۈم بەردى . _ يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان قەلەندەرلەر نېمىشقىدۇر چىپپىدە توختاپ قېلىشتى .
    _ سەن راستىنلا قەلەندەرمۇ ؟_ دەپ سورىدى بىرى .
    _ بىلىپ قويۇڭلاركى _ دەپ گۈركىرىدى سۈپۈرگە،_ مەن يىراق ئەلنىڭ مەشھۇر قەلەندەرىمەن.....
    _ ئۇنداقتا نىمىشقا ئېشەك منىپ يۈرۈيسەن ؟_ دەپ سۆزىنى بۆلدى تۇنجى ئېغىز ئاچقان قەلەندەر ،_ قەلەندەر دىگەننىڭ ھېچنىمىسى بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟
    _ بىز تەرەپتە ئېشىكى يوق قەلەندەر قەلەندەر ھېساپلانمايدۇ، _ دەپ چۈشەندۈردى سۈپۈرگە _ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يۇرتۇمدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلىمەن. ئېشەككە مىنىپ جاھان كېزىمەن ، ھەربىر شەھەرگە بارغاندا شۇ يەرنىڭ قەلەندەر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلىمەن ، سىلەرنىڭ بۇ قىلىقىڭلار باشقا يۇرت قەلەندەرلىرىنىڭ قۇلىقىغا يەتسە شۇنچىلىك سەت ئىش بولىدۇكى ..............
    _ سەن ئۆز يۇرتۇڭدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلى بولساڭ _ دەپ خىرىلدىدى قېرى بىر قەلەندەر ._ بىزنىڭ قەلەندەرلەر شاھىمىز بىلەن كۆرۈشمىكىڭ شەرت.
    _ قەلەندەرلەر شاھى ؟ ھەيران بولدى سۈپۈرگە _ سىلەرنىڭ قەلەندەرلەر شاھىڭلار بارمۇ تېخى ؟
    _ سېنىڭ يۇرتۇڭدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلى بولسا _ دېدى قېرى قەلەندەر پەخىرلىنىپ تۇرۇپ _ بىزنىڭ ئۆز شاھىمىز بار . مانا ھازىر كۆرىسەن .
    قەلەندەرلەر چۇۋۇلدىشىپ ئۇنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدى . سۈپۈرگە گەپدانلىق قىلىمەن دەپ ئاغزىمدىن بالاغا قالدىممۇ نېمە؟ دەپ ئوشۇقچە گەپلەرنى قىلىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى . ئەسىلىدە ئۇ ئۆزىنى قەلەندەرلەر ئاقساقىلى قلىپ كۆرسىتىپ مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلىۋالماقچى ئىدى . بۇ ئەبلەخلەرنىڭ پادىشاھىنىڭ بارلىقىنى كىم بىلسۇن . لېكىن ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپنى ئەمدى قايتۇرىۋالغىلى بولمايتى . شۇڭا بىر دانىشمەن سۆزنى
    ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ دەپ توغرا ئېيتقان .
    قەلەندەر سۈپۈرگىنى باشلاپ قىيسىيىپ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكەلدى . ئۆي ئىچىدىكى قارداپ كەتكەن بورىنىڭ ئۈستىدە چاچ ساقاللىرى چىگلىشىپ كەتكەن ، چىشلىرى قارىدىغان، يۇيۇقسىز بەتلىرى ئەسلى ئۆڭىنى يوقاتقان . ئۈستىدىكى كىيىم كېچەكلەرنىڭ جۇل جۇللىقى باشقا قەلەندەرلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان سۈرلۈك قىياپەتتىكى بىر ئىنسان ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ ياش قورامىنىڭ قانچىدە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماق مۈشكۈل ئىدى .
    ئەتىراپتا گىژىلداپ يۈرگەن چىۋىنلار ، تور بېسىپ كەتكەن تورۇسلاردا ساڭگىلىغان ئۆمۈچۈكلەر بۇ « شاھ ئوردىسى» نى تېخىمۇ سىرلىق كۆرسىتەتتى .
    جاھانكەزدى سۈپۈرگىنى سۈر باستى . قەلەندەرلەر شاھى ئۇنىڭغا باش كۆتۈرۈپ قاراپمۇ قويماي:
    _ نىمە ئادەمسەن ؟ _دەپ سورىدى .
    _ تىلەمچىمەن ._ دېدى سۈپۈرگە ئىككىلەنمەي .
    _ شۇنداق ئۇلۇغ تەڭرىم ئالدىدا ھەممە ئادەم ئوخشاشلا تىلەمچى ،_ دەپ قەلەندەرچىلىك پەلسەپەسى ئۈستىدە ۋالاقلاپ كەتتى قەلەندەرلەر شاھى ،_ ئىنسان ئۆزىنىڭ رىزقىنى ، بەختىنى خۇدادىن تىلەيدۇ . پەرىق شۇ يەردىكى ، بىز خۇدادىن تىلىگەنلىرىمىزنى بەندىنىڭ قولى ئارقىلىق ئالىمىز ، سەن ئۇ دۇنياغا بارغاندا كۆرىسەن .شاھلار . ئەمەلدارلار . بايلار بۇ دۇنيادىكى قىلمىشىدىن ھىساپ بېرىپ بولالماي قىينىلىپ تۇرغاندا قەلەندەرلەرنىڭ ھەممىسى خوشال خورام جەننەتكە قاراپ ماڭغان بولىدۇ . نېمىشقا دېسەڭ ، بايلار ئەمەلدارلار زومىگەرلەر خەلىقنىڭ نەرسىلىرىنى كۈچ ۋە زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدۇ . قەلەندەرلەر بولسا باشقىلار ئىختىيارلىق بىلەن ئىلتىپات قىلغان نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ ،
    _ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دىلىم يورۇپ .ۆز كەسپىمگە ھۆرمىتىم ئاشتى ،_ دەپ خوشامەت قىلدى سۈپۈرگە . ئۇنىڭ ئەسيادى بىر نىمىلەر قىلىپ بۇ جىن ئۇۋىسىدىن سالامەت چىقىپ كېتىشتە ئىدى . _ مەن بەزىدە سەل ئۇيالغاندەك بولاتتىم .........
    _ ئۇيالما پەخىرلەن ._ دەپ سۈپۈرگىنىڭ سۆزىنى بۆلدى قەلەندەرلەر شاھى _ بىز باشقىلارنى جىنايەت يولىدىن قايتۇرغۇچىلارمىز . مىسالى : بىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا ئۆز خىراجىتىدىن ئوشۇق بىر تەڭگە تۇرۇپتۇ دەيلى ، بۇ ئوشۇقچە نەرسە چوقۇم ئۇنى يامان خىياللارغا سالىدۇ . بىز ئۇنىڭ ئوشۇقچە پۇلىنى تىلىۋالىمىز، ھېلىقى كىشى يامان يوللارغا مېڭىپ قېلىشتىن ئامان قالىدۇ . ھەمدە كۆپ ساۋاپ ئالىدۇ .
    _ ئاپىرىن ._ دېدى سۈپۈرگە _ مەن تېخى ھېچبىر قەلەندەرنىڭ ئاغىزىدىن مۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن .
    _ سەن ئادەتتىكى بىر قەلەندەرنىڭ ئەلدىدا ئەمەس ، قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن -دە،_ دەپ مەغرۇرلاندى شاھ،_ مەن ساڭا ئېيتسام ئۇلۇغلۇق تەرەپتە مىنىڭ نامىم «قۇياش شاھى» دىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ . بەزىدە شۇ شاھنىڭمۇ ماڭا ھاجىتى چۈشىدۇ .
    _ شۇ ئۇلۇغ ق«قۇياش شاھى»نىڭ ؟
    _ مانا بۇ بوينۇمدىكى مىس پۈتۈكنى كۆردۈڭمۇ ؟ _ بوينىغا ئېسىقلىق تۇرغان قانداقتۇر بىر كىچىك مىس تاختىنى كۆرسەتتى قەلەندەرلەر شاھى ،_ مانا بۇ پۈتۈكنى ئېلىپ شاھ ئوردىسىغا ئىختىيارى كىرىپ چىقالايمەن . بەزىدە شاھنىڭ ئۆزى مېنى چاقىرىپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ . نىمە ئۈچۈن دىمەكچى ولىدىغانسەن ؟ شاھ ئۆز قوشۇنى بىلەن ياقا يۇرتلارنى بېسىۋالغاندا ، ئارقىدىنلا ئۇيەرگە مىڭلاپ قەلەندەرلەرنى ئەۋەتىشكە تۇغرا كىلىدۇ . بۇ قەلەندەرلەر ئۇ يەردە
    ئون - يىگىرمىدىن بالىلاپ ئاز كۈندىلا شۇنداق كۆپىيىپ كېتىدۇكى ، ئەقلىڭ يەتمەيدۇ . بۇ بەتچىغەرلەر ئۇ يەرگە بېرىپ بېيىشقاندىن كيىنلا بىزنى ئۇنتۇشىدۇ .  
    بۇ ئىشقا مەن ھەرگىز خاپا بولمايمەن . ئادەملەر مال دۇنيانى كۆرگەندە ياراتقان .ئىگىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ . مەن نىمە ئىدىم ...ھەقاچان سەن قۇياش شاھىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەنسەن . ئېھتىمال ئۇ بۇدۇنيادا مەندىن مەرتىۋىلىكتۇر ، ئەمما ئۇ دۇنيادا مىنىڭ ئورنۇم چوقۇم ئۇنىڭكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ ... خۇدا ساڭا ئاجايىپ كەسىپ ئاتا قىپتۇ ، شۇ كەسىپ بىلەن ئۆلۈپ كېتشىڭگە نىسىپ بولغاي ، قېنى يولۇڭغا ماڭ .
        سۈپۈرگە قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئالدىدىن قايتىپ چىقىشى بىلەن  ئىشىك ئالدىدا تۇرغان قەلەندەرلەر كېلىپ چۇۋۇلدىشىپ ئۇنى ئورىۋالدى . چۈنكى سۈپۈرگە ئۇلارنىڭ شاھىنىڭ نەزىرىگە چۈشكەن ۋە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدى . قايسى بىر قەلەندەر ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ قۇيرۇقىنى تارتاتتى ، قايسى بىرلىرى ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ توپىسىنى قاقاتتى . كىملەردۇر «پوش پوش » دەپ ئۇنۇڭغا يول ئاچاتتى . قەلەندەرلەر ئۇزۇندىن بېرى بۇيەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاشۇنداق قىزغىن تەنتەنە بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى .
        يەنە بىر كۈنى سۈپۈرگە شەھەر كوچىسىدا قولى مەھكەم باغلانغان بىر مەھپۇس بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى . ئىككى لەشكەر ئۇنى يالاپ ئادىغا سېېلىپ ئەكىتىۋاتاتتى .
    _ ھاي قېرىنداش ._ دەپ چاقىردى مەھپۇس سۈپۈرگىنى ، سۈپۈرگە  ئېشىگىنىڭ قەدىمىنى ئىختىيارسىز توختاتتى . چۈنكى ئۇ سۈپۈرگە تۇغۇلغان يۇرتنىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلىدى .
    _ سەن كىم بولىسەن ، نىمە ئادەمسەن ؟ _ دېدى سۈپۈرگە ھەيران بولۇپ .
    _ كىملىكىمنى دەپ بېرىشكە ۋاقتىم يوق _ دېدى مەھپۇس،_ مۇنۇ ئىككى لەشكەر تېخى مىنىڭ كىملىكىمنى بىلەىنى يوق ، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم . كىملىكىمنى بىلىپ قېلىشسا ، مەڭگۈ زىنداندا چىرىپ تۈگەيمەن . يانچۇقۇڭدا بىر تىللايىڭ يوقمۇ ، پەقەت بىر تاللا تىللا ؟مېنى قۇتقۇزۇپ قال.
    _ نىمە دىيىشىۋاتىسەن ؟_ دېدى لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ سۆزىنى چۈشۈنەلمىگەنلىكتىن .
    _ ئۇ مىنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ _ دېدى سۈپۈرگە _ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قال دەپ يېلىنىۋاتىدۇ . مانا بۇ تىللانى ئېلپ ئۇنى كەچۈرسەڭلار .
        لەشكەرلەر ئۈچۈن مەھپۇسنى ئوردىغا ئاپىرىپ بەرگەندىن كۆرە ، شۇ بىر تىللاغا تىگىشكىنى پايدىلىقراق ئىدى . سۈپۈرگە ئېشىكىدىن چۈشۈپ . قولىنى لەشكەرلەرگە سۇندى . ئۇنىڭ ئالقىنىدا راستىنلا بىر تال تىللا قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى .
    _ بىر تاللا بارمۇ ؟ _ دېدى لەشكەرلەرنىڭ بىرى _ قارا بىز ئىككى ئادەمدە . بىر تال تىللايىڭنى قانداق بۆلۈشىۋالىمىز؟ بەرسەڭ ئىككىنى بەر بولمىسا يولۇڭغا ماڭ .
    _ بوپتۇ ئىككىنى بەرسەممۇ بېرەي .
    سۈپۈرگە ئالقىنىدىكى تىللالارنى يەرگە تاشلىدى . بىر تال تىللا پىششىق خش ئۈستىگە جىرىڭلاپ چۈشتى -دە . ئىككى تال تىللاغا ئايلىنىپ ئىككى تەرەپكە قاراپ دومىلاپ كەتتى . لەشكەرلەرنىڭ ھەيرانلىقتا كۆزلىرى پارقىراپ كېتىشتى ۋە يەنە دەرھال ئېسىنى يىغىپ تىللاغا ئۆزىنى ئاتتى . سۈپۈرگە مەھپۇسنى باغلاقتىن يەشتى .
    _ رەھمەت ساڭا ._ دېدى مەھپۇس، - « تام تېشەر» دىگەن ئىسىمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت ، كېرەك بولغاندا ياخشىلىقىڭغا ياخشىلىق قايتۇرىمەن.
    مەھپۇس يۈگۈرگىنىچە يىراقلاپ كەتتى . نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزى سۈپۈرگىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۇزاققىچە ئۆچمىدى . .....ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شەھەردە كۆرگەن ھېچنىمە سۈپۈرگىدە چوڭقۇرراق تەسىر قالدۇرغىنى يوق . بۇ شەھەردىكى ھەممە نەرسە پەقەتلا بىر ھۆكۈمران _ ئاشۇ « قۇياش شاھى» نىڭ خاھىشى . خوشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى . ھەممە نەرسە شۇ بىر ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇناتتى . ئوردىدىكى بارىلىق ۋەزىر ۋۇزرا ، ئۆلىما ، دانالار ، گۈزەل نازىنىنلار شۇ كىشىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلاتتى .
    « خوش ئېشىگىم - دەپ مۇراجەت قىلدى سۈپۈرگە ئېشىكىگە ،_ سەن ئەگەر ئېغىلدا ئېغىلدا بىركۈن ئوشۇقراق باغلاقلىق تۇرۇپ قالساڭ زېرىكىشتىن ھاڭراپ جاھاننى بېشىڭغا كىيىسەن . شاھ ئوردىسىدىكى شۇ بىچارىلەرنىڭ ساراڭ بولۇپ قالمىغىنىغا ھەيرانمەن ... بارلىق كۈچ ۋە ھوقوقنىڭ ئىگىسى بولغان شۇ (قۇياش شاھى) قانداقراق ئادەمكىن ؟ئۇ كېچىسى قانچىلىك كەڭلىكتىكى ئورۇندا ياتار ؟بىر ۋاخلىق تامىقىدا قانچىلىك بالايى بەتتەرلەرنى يۇتىۋىتىدىغاندۇ ؟ ئېھتىمال ئۇنىڭ ئاغىزى تىمساقنىڭكىدىنمۇ يوغاندۇر؟ ئۇنىڭ قۇلاقلىرى سېنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ مۈرىسىگە ساڭگىلاپ چۈشسە كېرەك ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ھېلىقى چۆچەكلەردىكى ئىبلىسنىڭ نەق ئۆزىدۇر ؟ بولمىسا نىمىشقا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانلىكى ئادەمنى تىتىرەك باسىدۇ؟......»
        جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان ئىدى . ئۇنىڭ يۇرتى بەكمۇ يىراقتا ، قۇم ۋە چۆللىكلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى . خۇدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسىتىپ . ئاشۇ چۆللۈكلەر ئارىسىغا ئاجايىپ بۇلاقلارنى ياراتقان . يىراقتىكى ئاق باش تاغلار . قارلىق چوققىلاردىن ئېقىپ چۈشكەن مۇزدەك قار سۇلىرى بىر بىرىگە قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك ئېقىنلارنى ھاسىل قىلىپ . قۇملۇقلارغا يېتىپ كەلگەندە نەلەرگىدۇرسىڭىپ غايىپ بولاتتى . - دە يەنە چۆللۈكنىڭ قايسى بىر جايلىرىدىن
    فونتاندەك ئېتىلىپ چىقاتتى ، ئادەملەر بۇ بۇلاق سۇلىرىنى باشلاپ بوستانلىقلارنى بىنا قىلغانىدى . سۈپۈرگە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەرنىڭ سېپىللىرىمۇ ، ھەتتا پادىشاھىمۇ يوق . سانسىز بولاقلاردىن يىغىلغان سۇلار شەھەر ئىچىدە ئۆستەڭ بولۇپ ھەيۋەتلىك شارقىراپ ئاقىدۇ . ئۆستەڭ بويىدىكى قۇملۇقلاردا ئۇششاق بالىلار قىپيالاڭاچ بولىۋېلىپ يۈگۈرشۈپ ئوينىشىدۇ . سۆگەتلەر سايىسىدىكى سەگەنچۈكلەردە بوۋاقلار تاتلىق ئۇخلايدۇ . ئۇژمە دەرىخى سايىسى ئاستىدىكى كىگىزلەردە ئولتۇرغان ئاياللار قىزىق پاراڭلىشىپ يىپ ئىگىرىشىدۇ . شەھەر مەيدانلىرىدا دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ماللىرىنى يېيىپ سودا سېتىق قىلىشىدۇ . ئۇلاردىن باج سېلىق ئېلىشنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. ئۇ يەردىكى بايلىق . توقچىلىق كىشىلەرنى شۇنداق ساددا .غەمسىز ياشاشقا ئۆگەتكەن . كەچلىكلىرى باغلاردىن ناخشا . ساز ئاۋازى كېلىدۇ . ناخشىچىلار ئۆز ناخشىلىرىدا ئاشىقلارنىڭ دەردى .بەخىتكە ئېرىشكەن قىزنىڭ شادلىقى . يىراق كارۋان يولىدا كېلىۋاتقان يولوچىنىڭ جاپاسى . ئېرىنى كۈتىۋاتقان ئايالنىڭ سېغىنىشى . گۈللەر ئېچىلغان دالا . ئاپتاپ چاڭقىپ تۇرغان قۇملۇقلار . باھارنى قوغلىشىپ كېتىۋاتقان قۇشلار ............. يەنە شۇنداق نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدا كۈيلەيدۇ . سۈپۈرگىنىڭ شۇ سۈيۈملۈك يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا مانا بىر يىلچە بولدى .ئۇ ھەر قېتىم جاھان كېزىپ يىراقلاپ كېتىدۇ . دە يەنە سېغىنىپ ئارقىسىغا يانىدۇ.
    جاھانكەزدى سۈپۈرگە ھېلىلا ئۆزى تاشلاپ چىققان « قۇياش شاھى » نىڭ پايتەختىگە يەنە بىر قېتىم قايرىلىپ قارىدى . ئېگىز سېپىل ئۈستىدە قورال ياراغلىرى بىلەن قېتىپ تۇرۇشقان جىسەكچىلەر بارغانسىرى خىرەلىشىپ بارماقتا ئىدى . ئۇ ئېشىكىنى تېخىمۇ قاتتىقراق دېۋىتتى . « ئالغا باس ئېشىگىم . تەھدىت .
    زوراۋانلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ماكاندىن نېرىراق بولايلى . بۇ شەھەر نىڭ مەرمەر تۈۋرۈك .كۈمۈش فونتان . ئېرەم باغلىرىغا لەنەت...»

    جاھانكەزدى سۈپۈرگە 

        ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان . ساقاللىق بۇ كىشى ئۆز يۇرتىدا « جاھانكەزدى سۈپۈرگە » دەپ نام بىلەن مەشھۇر. سۈپۈرگە كىچىگىدىنلا خىيالچان ئىدى . باش باھاردا ئېرىق بويلىرىدا پەيدا بولىدىغان يۇمران مايسىلار . ئاق ۋە ھال رەڭ تاۋلىنىپ تۇرىدىغان چىچەكلەر ئۇنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالاتتى . يۇپۇرماقلىرى ئەمدى تەڭگە بولىۋاتقان تاللارنىڭ شېخىغا قونۇپ سايرىشىۋاتقان باھار قۇشلىرىغا قاراپ ئۇ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى . بۇ قۇشلار زىمىستان كۈنلىرى نەگە يوقىلىپ كېتىدىغاندۇ ؟ باھار كۈنلىرى بۇيەرنى قانداق تېپىپ كېلەلەيدۇ ؟ .... يۇلتۇزلار كۈندۈزى نەگە مۆكىۋالىدۇ ؟ ... ئېرىقتىكى سۇلار قانداق كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاقىدۇ .؟ ...... ھۆركىرەۋاتقان بوران .گۈلدۈرلەپ چاققان چاقماقلار نېمىنىڭ غەزىپى ؟ ... ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ . ؟ .......بۇ دۇنيانىڭ ئىگىسى زادى كىم ؟ ........ يەنە شۇنداق نۇرغۇن چىگىش سۇئاللار ئۇنىڭ خىيال دۇنياسىدا ئەگىپ يۈرەتتى . سېھىرلىك ئايدىڭ كېچىلەر . يۇرتىنى . قېرىنداشلىرىنى تاشلاپ ئۆز ئاشىقىنى ئەگىشىپ كېتىپ بارغان قىز. جاينامازدا ئولتۇرۇپ بالىلىرىنىڭ بەختىنى تىلەپ يىغلاپ دۇئا ئوقۇۋاتقان ئانا . سەھەردە ئاڭلانغان مۇڭلۇق نەي ئاۋازى سۈپۈرگىنىڭ بالىلىق قەلبىگە ھەسرەتلىك ھېسياتلارنى بېغىشلايتى .
        سۈپۈرگىنىڭ ئائىلىسى تۇرىدىغان مەھەللىنىڭ كوچىسىدىن ئارلاپ ئۆتۈپ قالىدىغان بىر كىشى سۈپۈرگىنى تولىمۇ قىززىقتۇراتتى . ئۇنى ئادەملەر « توختى ئاشىق » دەپ ئاتايتى. نىمىلەرنىدۇر دەپ غودوڭشىپ . يولنىڭ قىززىق توپىسىنى توزۇتۇپ يالاڭئاياغ چىقىپ كېلىۋاتقان توختىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇششاق بالىلار « ئەنە ، توختى ئاشىق كېلىۋاتىدۇ .» دەپ تەرەپ تەرەپكە قېچىشاتتى . لىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە : توختى نامرات ئائىلىنىڭ ئوغلى ئىكەن ، ئۇ يىگىت بولۇپ يېتىلگەندە بىر باينىڭ قىزىغا ئاشىق بوپتۇ . باي قىزنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلىۋىتىپتۇ . شۇنۇڭدىن بېرى توختى ئۆيلەنمەي مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر سەرسانلىقتا ئۆتىۋاتقانمىش........... توىتى ئاشىق دائىم « ياراتقان ئىگەمنىڭ نەزىرىدە باي نىمە ؟ گاداي نىمە؟ ئادەم نىمە؟ چۈمۆلە نىمە؟ ھەممىسى ئوخشاش .

        خۇدا ھەممىنى يارىتىدۇ . يوقىتىدۇ . ئالەمدە پەقەت ئاشىقلىقلا ئۆلمەيدۇ » دەيتتى. سۈپۈرگە: ئاشىقلىق دىگەن نىمە؟ نىمىشقا ئۇ باشقىلارنى ئوتلارغا سۇلارغا سالالايدۇ؟دەپ ھەيران بولاتتى .
    بىر كۈنى توختى ئاشىق ئۆزىدىن قاچماي يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ قالغان سۈپۈرگىنىڭ بېشىنى سىلاپ ، غەلىتە ھىجىيىپ :  
    _ كىمنىڭ بالىسى سەن ؟ ... ھە سەنمۇ چوڭ بولىسەن . ئسسىت . مەن نېمىشقىمۇ سەنچىلىك ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كەتمىگەن بولغىيتىم . _ دېدى .
    توختى ئاشىق ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا بىرەيلەن سۈپۈرگىنى چاقىرىپ قالدى . سۈپۈرگە بېشىنى كۆتۈرۈپ يولنىڭ چېتىدە تۇرغان يوغان سەللىلىك كىشىنى كۆردى
    . بۇ مەھەللىنىڭ ئىمامى ئىدى.
    _ توختى ئاشىق ساڭا ھازىر نىمە دېدى ؟ _ دەپ سورىدى ئىمام .
    _ مەن نىمىشقا سەنچىلىك ھاقتىمدا ئۆلۈپ كەتمىگەن بولغىيتىم دېدى ،_ دەپ جاۋاپ بەردى سۈپۈرگە .
    _ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئىمانسىز ._ دەپ تىللىغىنىچە يولىغا ماڭدى ئىمام .
    ئىمام ئەمدىلا دوقمۇشتىن ئەگىلىپ تۇرۇشىغا يول ئۈستىدە يەنە توختى ئاشىق  پەيدا بولدى .
    _ ھاي بالا ._ دەپ چاقىردى ئۇ سۈپۈرگىنى ،_ ئىمام ھازىر ساڭا نىمە دېدى ؟
    _ توختى ئاشىق ھازىر ساڭاھازىر نىمە دېدى؟ دەپ سورىدى.
    _ سەن نىمە دېدىڭ؟
    _ مەن سەن ماڭا دىگەن گەپلەرنى دېدىم .
    _ ئىمام نىمە دېدى ؟
    _ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئىمانسىز. دېدى .
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ توختى ئاشىق شۇنداق قاقاقلاپ كۈلدىكى ، ئۆيلەرنىڭ ياغىچىغا قونۇپ ئولتۇرغان كەپتەرلەر ئۈركۈپ گۈررىدە ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىشتى .
    _ ئىماننى ئۆلچەيدىغان تارازا ئىگىسىنىڭ قولىدا ،_ دېدى توختى ئاشىق ،_ ئۆلۈم ئاللانىڭ ئىلتىپاتى ، بۇ دۇنيادا جاپا چېكىۋاتقانلار ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ .
    گۇناھقا پاتقانلار ئۆلۈمدىن قورقىدۇ . ......
    سۈپۈرگىنىڭ ئاتىسى شەھەردىكى ھاللق سودىگەرلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ سۈپۈرگە بولسا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۆرگەن ئوغۇل پەرزەنتى ئىدى . شۇڭا ئۇ ئوغلىغا يامان كۆزلەردىن يىراق قىلىش ئۈچۈن تومتاقلا قىلىپ « سۈپۈرگە » دەپ ئىسىم قويغان ئىدى . ئاتىنىڭ نەزىرىدە سۈپۈرگە ھەر دائىم بوسۇغىغىلا تاشلاپ قويىدىغان ئاددىي نەرسە بولسىمۇ ، كىشىلەرگە ھەر كۈنى لازىم بولۇپ تۇرىدىغان ، ئادەملەرنى پاسكىنىچىلىقتىن خالىي قىلىدىغان ئۇلۇغ نەرسە ئىدى .  
    سۈپۈرگىنىڭ ئاتىسى ئۇنى شەھەردىكى داڭلىق مەدىرىسلەرنىڭ بىرىگە ئوقۇشقا بەردى . سۈپۈرگىنىڭ بىر نەتچە تەڭتۇشلىرى ئوننەتچە يېشىدىلا قورئاننى تاماملاپ . كىيىنكى چاغلاردا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى شەھەردىكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىدىن بولۇشتى . ئەمما سۈپۈرگە ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ ھەپتىيەكتىن قورئانغا ئۆتەلمىدى . ۋاڭ چوڭغا تولغان مەدىرىسدە ئۇنىڭ كاللىسى ھېچنىمىنى قۇبۇل قىلالمايتى . قاراڭغۇ ، زەي ھۈجرىلاردا ئالدىغا ھەپتىيەكنى ئىچىپ قويۇپ ئولتۇرغىنىچە ئۇنىڭ خىيالى ئادەملەر بىلەن گۈرۈلدەپ تۇرغان قايناق بازارلاردا ، دېھقان ناخشا ئېيتىپ ساپان ھەيدەۋاتقان كەڭ ئېتىزلاردا ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان دالىلاردا بولاتتى . ئۇنىڭ قۇياش نۇرى بىلەن تاۋلىنىپ تۇرغان ئوچۇقچۇلۇقنى ، كەپتەرلەر پەرۋاز قىلىۋاتقان كۆك ئاسماننى ، چەكسىز دالىلارنى كېسىپ ئۆتۈپ ھەر تەرەپكە قاراپ سوزۇلۇپ كەتكەن چىغىر يوللارنى ، دەرەخزارلىقلارغا تۆكۈلگەن مۇزدەك ھەم نەم يۇپۇرماقلارنى سېغىناتتى . بەزىدە ئۇ مەدىرىستىن قېچىپ چىقىپ . شەھەرنىڭ چېتىدىكى دۆڭلۈككە چىقىپ ئولتۇرۇپ يىراقتا كۈمۈشتەك يالتىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارغا ، ھەر تەرەپكە سوزۇلغان يوللارغا قارايتتى . ۋە مۇشۇ يوللار بىلەن توختىماي مېڭىۋەرسە قەيەرلەرگە بېرىپ قالىدىغاندۇر؟ _ دەپ ھەيران بولاتتى .
    سۈپۈرگە دەرىس ئالىدىغان مەدىرىستە چىرايلىرى سارغىيىپ . مۈكچەيگەن . ئۆمرىنى شۇ زەي . قاراڭغۇ ھۇجرىلاردا  بەڭۋاش بالىلارنىڭ قەلبىگە ئىماننىڭ نۇرىنى يېقىش ئۈچۈن ھەپىلىشىپ ئۆتكۈزگەن بىر مويسىپىت بار ئدى . ئۇ بەزىدە سۈپۈرگىنىڭ بېشىنى سىلاپ :
    _ قارا سېنىڭ كۆزۈڭدىن باشقىچە نۇر چاقناپ تۇرىدۇ . ئۆزۈڭ بۇ يەردە بولساڭمۇ كۆڭلۈڭ ھەر يەردە . خۇدا سېنىڭ دىلىڭغا بەلكىم باشقا بىر نەرسىنىڭ مۇھاببىتىنى سالغاندۇر ياكى كەلگۈسىدە سېنىڭ بېشىڭغا چۈشمەكچى بولۇپ تۇرغان ئاجايىپ قىسمەتلەر باردۇر .بىلگۈچى خۇدا . _ دەيتتى .
    سۈپۈرگە بۇ كىشىنى ياخشى كۆرەتتى . ئۇ قوپال ۋە تەكەببۇر ، مۇتتەسىپلىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان باشقا مۇدەررسلەرگە ئوخشىمايتى . -
    _ تەقسىر . جاھاندىكى ئاشۇ يوللار بىلەن مېڭىۋەرسە قەيەرگە بېرىپ توختايدۇ ؟  _ دەپ سورايتى سۈپۈرگە ھېلىقى ئۇستازىدىن .
    _ ھارغان يېرىڭگە بېرىپ توختايسەن ئوغلۇم . _ دەپ جاۋاپ بېرەتتى ئۇ .
    _ ئەگەرچەندە ھارماي مېڭىۋەرسىچۇ؟
    _ ھارماسلىق پەقەت ئاللاغىلا خاس مۆجىزە . بىز بەندىمىز ھەممىمىز ھارىمىز.
    _ ئەگەر ياراتقان ئىگەم ماڭا شۇنداق كۈچ - قۇۋەت بەرسىچۇ ؟
    _ ئەگەر خۇدا ئۆزى ساڭا شۇنداق قۇدىرەت ئاتا قىلسا ئۇ چاغدا سەن دۇنيانىڭ چېتىگە بېرىپ توختايسەن .
    _ دۇنيانىڭ چېتى؟ _ ھەيران بولدى سۈپۈرگە ، _ دۇنيانىڭمۇ چېتى بولامدۇ ؟
    _ چېتى بولىدۇ ، خۇددى سەن ئۆگىزىگە چىقساڭ ئۇنىڭ تۆت ئەتىراپىدا چېتى بولغانغا ئوخشاش .
    _ دۇنيانىڭ چېتىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە نىمە كۆرىنىدۇ ؟
    _ خۇددى سەن كېچىسى كۆرگەنگە ئوخشاش چەكسىز قاراڭغۇكۇق ۋە نۇرغۇن يۇلتۇزلارنى كۆرىسەن .
    _ چەكسىز قااڭغۇكۇق دېدىلىما؟
    _ شۇنداق مۇقەددەس كىتاپلاردا يېزىلىشىچە : بىز ياشاپ تۇرغان بۇ زىمىننى پايانسىز سۇ ئوراپ تۇرىدۇ . ...
    مۇنداق گەپلەر سۈپۈرگىنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋېتەتتى . ئۇنىڭ مەدىرىسنىڭ ئاشۇ ئېگىز تۆت تېمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ، ۋاڭ چۇڭلۇق شەھەرنىڭ قىستاڭچىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ . سەپەر خالتىسىنى ئۆشنىسىگە تاشلاپ يىراقلارغا سەپەر قىلغۇسى . ئالەمنىڭ چېتىگە يېتىپ بېرىپ . ئۇنىڭمۇ نېرىسىدا نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى كېلەتتى .
    ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن سۈپۈرگە ئاتىسىدىن قالغان مال مۈلۈك . كاتتا باغلىق ئىچكىرى تاشقىرى قورولار نى ئايال قېرىنداشلىرىغا مىراس ھەققى قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىۋەتتى . ئۇ ئايۋانلىق قورولار شۇنچە كەڭ ۋە ھەشەمەتلىك بولسىمۇ . سۈپۈرگىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيادىن يەنە كۆپ كىچىك ئىدى . ئۇنىڭ تۇمۇرىدا تۆت تام ئىچىگە بەند بولۇپ ياشاشنى زۇلۇم بىلىدىغان باشقىچە بىر قان ئۆركەشلەيتى ....
    سۈپۈرگە ئاتىسىدىن قالغان مىراسلارنى ئاجىز  قېرىنداشلىرىغا بېرىپ تۈگەتكەندىن كىيىن  ، ئۆزىنى خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى . شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغان سەيياھلىق تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى . مانا شۇنۇڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇ بىرەر جايدا كۆپ بولسا بىر يىلدىن ئوشۇق تۇرۇپ  باققان ئەمەس . ئۇ چۆللەرنى . چەكسىز قوملۇقلارنى ئايلىنىپ . شۇ قۇملۇقلار ئەتراپىغا يۇلتۇزدەك تارقالغان شەھەر . يېزىلارنى بىرمۇ بىر كېزەتتى . ئېشىكىنىڭ بېشىنى قانداقتۇر بىر بازارغا بۇراپ . ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇننڭ ئىككى كۆزىنى يىپ يىڭنە. چاي تۇز دېگەندەك چۆل ئادەملىرىگە كېرەكلىك ماللار بىلەن تولدۇرۇپ . يەنە قانداقتۇر بىر بازار ياكى يولدا ئۇچۇرغان مەھەللىلەردە ئازغىنە پايدىسىغا سېتىپ پۇل قىلىپ سەپىرىنى داۋام قىلىۋېرەتتى . ئۇ قانچە قانچە قېتىم چۆل قاراقچىلىرىنىڭ بولاڭ تالىڭىغا ئۇچىراپ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالدى . يەنە قانچە قېتىم ئۇ شۇنداق ئۇششاق قاراقچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ قونالغۇلاردا بىللە تۈنىدى . بەزىدە ئۇنىڭغا قىممارۋازلارنىڭ تاۋكالىرنىڭ يېنىدا تاماشا كۆرۈشكە ۋە بەزىدە گۈلخان يېنىدا ئولتۇرۇپ قانداقتۇر بىر تەۋەككۈلچىلەر. جاھانكەزدىلەرنىڭ سىرلىق ئالەم . ھايات . تۇرمۇش توغرىسىدىكى قىززىقارلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا توغرا كېلەتتى .
    بىر قېتىم سۈپۈرگە ئۇقۇشمايلا . ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇمارى بار بىر تەلۋىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى . تاغدەك يوغان بەستى بار . مەيدىسىنى ئاتنىڭ يايلىسىدەك قاپقارا تۈك قاپلىغان بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئوت بولۇپ يېنىڭ كىشىگە تىكىلەتتى . ئۇ كېچىچە سۈپۈرگە ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئەرلەر . ئاياللار. بالىلارنىڭ سانى . ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا قانداق تىپپىرلاپ چىرقىراشقانلىرى . ئاققان قان . ئېچىنىشلىق نالە . چاچىراپ چىققان كۆزلەرتوغرىسىدا زوقلىنىپ سۆزلەپ چىقتى .
    . سۆز ئارىسىدا ئۇ ئارىدەك يوغان  قوللىرىنى سۈپۈرگىگە شىلتىپ :
    _ خەپ سەن بۈگۈن مىھمان بولۇپ قالدىڭ -دە بولمىسا بۇ كېچە سېنىڭ قانداق ھالەتتە جان بەرگىنىڭنى كۆرۈپ ھوزۇرلانغان بولاتتىم . _ دەپ ئەسكەرتىپ قوياتتى .
    بۇ قىن ئىچكۈرنىڭ قارىشىچە: ئادەم بارلىق جىنايەت ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ مەنبەسىمىش. ئاللا ياراتقان بۇ كەڭ ئالەمنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى . جۈملىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىمۇ بۇغۇپ ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغانمىش ..........
    سۈپۈرگە كىرپىك قاقماي ۋەھىمە ئىچىدە تاڭنى ئاتقۇزدى . قورقۇنچۇلۇقىدا ئۇ ھېلىقى تەلۋىگە قانداقتۇر شىلتىسا نەتچە يۈز گەز ئۇزرايدىغان . يەنە بىر شىلتىسا قىسقىراپ غىلاپقا چۈشىدىغان قېلىچ ھەققىدە خىيالىغا كەلگەننى سۆزلەيتى .
    _ سەن مۇشۇنداق قېلىچنى راستىنلا كۆرمىگەنمۇ ؟ ئۇ توغرىسىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغانمۇ ؟ توۋا..........._ دەيتتى سۈپۈرگە ،_ مەن نىمىشقا شۇ قېلىچتىن ساڭا بىرنى ئەكەلمىدىم - ھە، ئۇ چاغدا سەن ئادەملەرنى بۇنداق بىر-بىرلەپ بۇغۇپ ئاۋارە بولمايتىڭ  . ھېلىقى شەمشەرنى بىرلا شىلتىساڭلا يۈزلەپ ئادەمنىڭ بېشى ئالدىڭغىلا دومىلاپ چۈشكەن بولاتتى .
    - سەن مېنى ئالداۋاتىسەنغۇ دەيمەن ؟_ دەقپ سۈپۈرگىنىڭ گېپىگەبىر ئىشىنىپ بىر ئىشىنەلمەي سورايتى ھېلىقى تەلۋە ،_ دۇنيادا نەدىمۇ ئۇنداق قېلىچ بولسۇن . بولغان بولسا مەن نېمىشقا شۇ چاغقىچە ئۇ توغرىسىدا ھېچنىمە ئاڭلىمىدىم .
    _ بىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىمىزدىن ئاڭلىمىغانلىرىمىز. كۆرگەنلىرىمىزدىن كۆرمىگەنلىرىمىز كۆپ ... توختا ، شۇ تاپتا مەنمۇ ئۇ قېلىچنى نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن . ئەمما. ساڭا ۋەدە بېرىمەن . يەنە بىر قېتىم بۇ يەردىن ئۆتكەندە شۇنداق قېلىچتىن بىرنى چوقۇم ئالغاچ كېلىمەن . ...
    شۇنداق ۋەدىلەر بىلەن سۈپۈرگە ھېلىقى ۋەھىمىلىك ماكاندىن ئاران قۇتۇلۇپ چىقتى ،
    ئۇ بەزىدە تولىمۇ يىراقلاپ ، نەق ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دېڭىزنىڭ ئۆزىگە ياكى يات مەملىكەتلەرنىڭ چىگرلىرىغا بېرىپ تاقىشىپ قالاتتى . مۇنداق چاغلاردا سۈپۈرگە كۆكتە قانات قېقىپ ، ئەركىن پەرۋاز قىلىپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قاراپ ھەۋەس قىلاتتى . خۇدايىم يىنىك پەي بىلەن ئككى قانات ئاتا قىلغان بۇ جانىۋارلارنى دېڭىز ئوكيان . ھېچ بىر پادىشاھلىقنىڭ چىگرىسى توسۇپ قالالمايتتى . سۈپۈرگىنىڭ ئۆزى ۋە ئېشىكى بولسا مۇنداق ئۇچۇشنى بىلمەيتتى . .......
    ھېلىقى ھۆرمەتلىك ئۇستاز راستىنلا توغرا ئېيىتقانكەن . ئادەم راستىنلا ھېرىپ قالىدىكەن ، بەزىدە سۈپۈرگىگە ھارغىنىلق يېتىپ قالاتتى . يات يۇرتلارنىڭ يوللىرىدا ، ناتونۇش ساھىپخاننىڭ داستىخىنىدا ۋە ياكى قانداقتۇر بىريولوچىلار ياققان گۈلخاننىڭ يېنىدا مۈگىدەپ ئولتۇرۇپ . ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىنى . ئۆز يۇرتىدىكى بىغەم . خۇش چاقچاق ئادەملەرنى ئەسلەپ قالاتتى - ، دە ئارقىسىغا ياناتتى .
    ئۇچۇشنى بىلمىسىمۇ ئۆز ئېشىكىدىن سۈپۈرگە تولىمۇ مىننەتدار ئىدى . ئېشىكى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە بىر دوستلۇق مەۋجۇت ئىدى . جاھاندىكى مىڭلىغان ئېشەكلەردىن كۆرۈنۈشتە ھېچقانداق پەرقى بولمىغان بۇ ئاددىي ئېشەككە نۇختا سېلىش ئوشۇقچە ئىدى . سۈپۈرگە تاياق بىلەن بېشىنى بۇراپ قويسىلا .
    ئېشىكى ئۆزىنىڭ قاياققا مېڭىش كېرەكلىكىنى چۈشۈنۈپ بولاتتى . سۈپۈرگە ئېشەككە ئېغىر يۈك ئارتقاندا ئۆزى پىيادە ماڭاتتى . ماڭغاندىمۇ ئېشەكنىڭ ئارقىسىدا ئەمەس ئالدىدا ماڭاتتى . ئېشەكنىڭ ئارقىسىدا .ئۇنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭغا كۆمۈلۈپ مېڭىشنى ئۇ ئۆزىگە ھاقارەت دەپ بىلەتتى . بوز ئېشەك ئىگىسى يېتلىۋالمىسىمۇ ئىگىسىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي ئەگىشىپ كېتىۋېرەتتى . سۈپۈرگىنىڭ كىيىم كېچەكلىرىدىن كېلىدىغان تەر ئارلاش پۇراق  ئۇنىڭغا ياخشى تونۇش ئىدى .
    سۈپۈرگە بەزىدە سەپەر ئۈستىدە . مۇھتاجلىققا چۈشۈپ قېلىپ ھېچ ئىلاج قىلالمىغاندا ئېشىكىنى سېتىۋىتىشكىمۇ مەجبۇر بولاتتى . مۇنداق چاغلاردا ئۇ ئېشىكىنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ . پۇللۇق كارۋان باشلىرى ياكى كاززاپ سودىگەرلەر بىلەن سودىلىشاتتى . ئەلۋەتتە ئېشىكىنى ئەرزانغا بېرىۋەتمەيتى ، بۇ ئاجايىپ مەخلۇقتىن بىر سائەتكە بولسىمۇ ئايرىلىش ئۆزىگە قانچىلىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە . ئېشىكىنى جاھاندىكى ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ماختاپ باھا تالىشاتتى. ئېشىكىنى سېتىپ . بازارنىڭ داڭلىق ئاشخانىلىرىدىن بىرىگە كىرىپ تەرلەپ ئولتۇرۇپ قورساقنى ئوبدان توقلايتى  .  ئاشقان پۇلنى بەلۋاققا مەھكەم تۈگۈپ ، ئۆزى چۈشكەن دەڭگە قايتىپ كېلەتتى ،_ دە، دەڭجاڭنىڭ ئاچچىق دەملەپ بەرگەن چېيىنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئالاتتى . بىر ئىككى كۈن ئۆتمەيلا ، تۈن يېرىمىدا ياكى تاڭ سەھەردە ئۇنىڭ ئېشىكى ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولاتتى . چۈنكى ھېچكىم بۇ ئېشەكنى سۈپۈرگىدەك قەدىرلەشنى بىلمەيتتى  باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ پەقەت ئاددى بىر ئېشەكلا ئىدى . ئۇلار ئۇنى قالىغانچە دۇمبالايتى . ياكى يۈكنى بولۇشىغا ئارتىپ . دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەيتى . سۈپۈرگە ئۈچۈن بولسا بۇ ئېشەك سادىق ھەمراھ . ئىشەنچىلىك دوست ئىدى . ئېشەك قايتىپ كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ باش كۆزنى سىلاپ . ئالدىغا كېپەكلىك ھەلەپ ياكى ساپ قوناق تۆكەتتى _ دە، بىرەر سائەتتىن كېيىنلا سۈپۈرگە يەنە ھېلىقى دەڭدىن غايىپ بولۇپ يېڭى سەپىرىنى باشلايتى . ھەر بىر يېڭى سەپەر ئۇنىڭغا يېڭى تەسىراتلارنى بەخىش ئېتەتتى . ھەر بىر يېڭى سەپەردە ئۇنىڭغا يېڭى مۆجىزىلەر ئۇچىرايتى . ئۆز يولىدا ئۇيەنە يېڭى ھەمسەپەرلەر بىلەن ئۇچىرشىپ ئۇلاردىن يېڭى يېڭى ھىكايىلەرنى ئاڭلايتى .  

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us