-
ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق(2)
2010-06-15
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66073634.html
ـ ھۇرۇنلۇق ۋە شۇكرىۋازلىق
ھۇرۇن ئادەم يەرگىمۇ يۈك.
ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالىبۈگۈنكى دۇنيادا مۆھتەرەم سانىلىۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەردە تۈرلۈك دەرىجىدىكى ئوخشىماسلىق ۋە پەرقلەرنىڭ بولۇشى تەبىئى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر بۈيۈك ئوتتۇراقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىشچانلىق، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئادەتتىكى ئىش ـ ھەرىكەتلىرىدىنمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەمگەكچانلىق ۋە تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ئەپتىدىن تۆكۈلۈپ تۈرىدىغان بىر ئىشنى ئۆزى قول تىقىپ قىلماسلىق، ئۆزى كاللا قاتۇرۇپ ئىزدەنمەسلىك، ئۆزى ئىشلىمەي تۇرۇپ، ئىشلىگەننى تېخى كۆرەلمەسلىك، ئىزدەنگەنگە ھەسەت قىلىش، ئۆگىتىپ قوياي دېسىمۇ ئۆگەنمەسلىك، ئەۋزەل شارائىت ۋە قانۇنىي ئىمتىيازلاردىن پايدىلانماي ياكى پايدىلىنالماي، ھامان پاسسىپ ئورۇندا قېلىش، چىدامسىزلىق، ئىرادىسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ھۇرۇنلۇق ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن يېغىپ تۇرىدىغان تەييارتاپلىق كىشىنى «ئەستاغپىرۇللاھ» دېگۈزىدۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ مىلادى 20 ـ ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىدا، ھەر يىلنىڭ بېشىدا، ئۆزىنىڭ تەسەررۇپىدىكى ئادەم تېرىسىمۇ ھايال بولماي ئۈنگىدەك قارا چىلان توپىلىق ئۈنۈمۈۇك زېمىننىڭ تېرىقچىلىقىنى ئۆزى گۈل چىقىرىپ قىلماي ياكى قىلالماي، ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئىجارىگە بېرىۋېتىپ، ئىجارە ھەققى ئۈچۈن ئالغان پۇلنى يېرىم يىلدىلا خەجلەپ ئۈكلەپ بولۇپ، يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئاشۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە مەدىكار بولۇپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئەلەملىك ئاقىۋىتى مىسال بولالايدۇ.
تارىخىي پاكىتلار تاغدەك دۆۋلىنىپ تۇرۇپتىكى، ھۇرۇنلۇق ئۇيغۇرنىڭ خاراكتېرىدىكى تۇغما ئىللەت ئەمەس. چۈنكى ئۆز زامانىسىدا، قەلئە سوقۇپ، شەھەر بىنا قىلىپ، جاھان سورىغان ئۇيغۇر ئەسلىدە ھۇرۇن مىللەت ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتى ئەسلىدە ئىشچان، تىرىشچان ۋە ئەمگەكچان مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇ تارىختا شانلىق ئۇيغۇر خانلىقىنى، ئىدىقۇت خانلىقىنى ۋە بۈيۈك قاراخانىيلار سۇلالىسىنى بەرپا قىلالىغان. شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ زامانىمىزدىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى زامان بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەبىئىتىدىكى شۇ قەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى ھۇرۇنلۇق ئىللىتى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ بۇ مەسىلىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىللەتنىڭ تۈگۈن يىلتىزىنى تېپىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى تۈزىتىش ۋە تۈگىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىشىمىز لازىم.
مېنىڭچە بۈگۈنكى خېلى بىر بۆلەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئەقىدە چۈشەنچىسىدىكى زەئىپلىك بىلەن تۇرمۇش پەلسەپەسىدىكى نامراتلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەلۇمكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئومۇمىيەت جەھەتتىن مۇسۇلمان مىللەت سانىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تۈپ ئەقىدىسى يەنىلا ئىسلام ئەقىدىسىنى يادرو قىلىدۇ. كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئالەم ۋە ئادەم، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق قارىشىنى ئومۇمەن ئىسلام تەلىماتلىرى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى كېيىنكى چاغلاردا، ئىسلام ئەقىدىلىرى سىياسەتۋاز ئۆلىمالار تەرىپىدىن زور دەرىجىدە پۈچەكلەشتۈرىۋېتىلگەنلىكتىن، ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا يارالمىش بىر ئىنسان بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئىرادىسى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت قىلىنغان؛ خەلقنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۆزلىرى يېڭىلىق يارىتىپ ئىجادىي ياشاش روھى بوغۇپ قويۇلغان. ھەممىمىز بىلىمىز «ئىسلام» نىڭ تۈپكى مەنىسى «بويسۇنۇش» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۆز ئېتىقادىدىكى ئىلاھ ـــ ئاللاھقا شەرتسىز بويسۇنۇشنى تۈپ مىزان قىلىدۇ. دۇرۇس، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق ئەقىدىسىدىكى «بويسۇنۇش» ھېچقانداق بىر يارالمىش بەندىگە بويسۇنۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بىراق ئەمەلىي تۇرمۇش سورۇنىدا، ھېلىقى ئۆز ئىمتىيازى ئۈچۈنلا ئويلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى نەپسىنىلا كۆزلەيدىغان بىر قىسىم ئاتالمىش ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت، ئەمرۇمەرۇپلىرىدىكى «بەندىنىڭ رىزقىنى ئاللاھ بېرىدۇ»، «ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ئاچ قويمايدۇ»، «كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىكنىمۇ ئاللاھ مېنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرسۇن دەپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرىگە بېرىدۇ»، «ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ دۇنيالىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن» دېگەنگە ئوخشاش بولمىغۇر ۋە ھېچقانداق بىر كلاسسىك ئىسلام دەستۇرلىرىدىن ئېنىق شاھادەت كۆرسەتكىلى بولمايدىغان بىمەنە تەرغىباتلار ئاخىرىقى ھېسابتا، خەلقنىڭ تۇغما ئېڭىدىكى يېڭىدىن يېڭى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىدىغان ئىشچانلىق، ھەمىشە ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز كۈنىنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بولىدىغان تىرىشچانلىق روھىنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان. نەتىجىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھايات مۇساپىسىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، بۇ ئالەمدىكى كونكرېت ھالاۋەت ئۈچۈن جاپالىق ئەمگەك قىلىش پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ۋە مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى دەپ بىلمەيدىغان، ئەكسىچە، ھەممىدە «ئىلاھ» قا يۆلىنىۋېلىپ، «خۇدايىم بېرىدۇ» دەپ ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغان. ئاپتورنىڭ سەمىمىي قارىشىچە، ھالا بۇ كۈنگە كەلگەندە، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى پۈچەكلەشتۈرىدىغان ساختىپەزلىكلەرنى ئۆزلىرى توغرىدىن توغرا ئەيىبلىشى، كومپارتىيە دىنىي سىياسىتى يول قويغان دائىرىدە ئادىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەقىقىتىنى كەپ پۇقرالارغا ئەينى بىلەن چۈشەندۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېڭىدا، كۈچلۈك ۋە بېجىرىم بولغان پاك ئەقىدە قارىشىنى تىكلەشكە تۆھپە قوشۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرى ياتىدىغان گۆرنىمۇ پۇل بېرىپ يات دىندىكىلەرگە كولىتىدىغان ھۇرۇنلارنىڭ تەييارتاپلىق ۋە زەئىپ ئەقىدە ئىدىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بەرگىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئەبگالىق كېسىلىنى ئاداققىي شىپاغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
«بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەتىگە خۇدايىم بار» ـــ بۇ ھۇرۇنلارنىڭ تۇرمۇش دەستۇرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەبجەق ۋە نامرات جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى.
بۇ ئالەمنىڭ زامان كاتىگورىيىسى تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىنى يادرو قىلغان ۋاقىت ئوربىتىسىنى دەۋرقىلىش بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا تۈنۈگۈندىن كەلگەن، يەنى تۈنۈگۈن بۈگۈننى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۈگۈننى تۇغقان ئانا بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تولىمۇ قەدىرلىك. تۈنۈگۈن دېمەك ۋاقىت ئېتىبارىدىن ئۆتمۈشتۇر. ئىشچان ئۇيغۇردا: «ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇما، شور چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دەيدىغان ماقال بار. بۇ ــ بۈگۈنكى پاراۋانلىقنى يارىتىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەمگەكلەرنى، بۈگۈنكى پاراغەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن تەر تۆككەن ئەمگەكچىلەرنى ئۇنتۇماسلىقنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ھۇرۇنلار ئۇنتۇغاق كېلىدۇ. ئۇلار تۈنۈگۈننىڭ قۇياشى تاغنىڭ كەينىگە چۆكۈشى بىلەن تەڭلا، ئاشۇ تۈنۈگۈنكى جاپالىق ئەمگەكلەرنى، تۈنۈگۈنكى كۈرەشچان ئەجدادلارنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ شۇ دەرىجىدە ھۇرۇن بولۇشى ۋە ھۇرۇنلۇقنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋېلىشى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈننى، تارىخنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدىن بولغان.
بۈگۈن يېڭى، بۈگۈن رېئال، بۈگۈن نەق. شۇڭا، ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك. بۈگۈن ــ تۈنۈگۈن يوق ئىدى. ئۇ ئەتە مەۋجۇد بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈننى تولىمۇ قەدىرلەش كېرەك. دەرۋەقە ھۇرۇنلار بۈگۈننى قەدىرلىمەيدۇ ئەمەس، بەلكى تازا قەدىرلەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپىسى بويىچە باشقىچە بولۇپ، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ. يەنى ئىشچان ئادەملەر بۈگۈننى تۈنۈگۈنكى ئەمگەكنىڭ ھاسىلى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئەتىكى تۇرمۇش بىناسىنىڭ ئۇل ــ ئاساسى يۈكسەكلىكىدە تونۇپ قەدىرلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۈگۈنكى نېمەتكە قول ئۇزىتىشتىن بۇرۇن شۈ نېمەت قىممىتىگە باراۋەر ئەمگەكنى ئاڭلىق قىلغاندىن باشقا، ئەتىكى كۈننىمۈ كۆزدە تۇتۇپ، ئەتىكى تۇرمۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەمگەكلەرنى تەر ئاققۇزۇپ قىلىدۇ. ھۇرۇن ئادەملەر بولسا، «تۈنۈگۈننى كىم كۆرۇپتۇ»، «ئەتە بىز بارمۇ ــ يوق، خۇدا بىلىدۇ» دېيىشىپ، ھامان تەييارغا ھەييار بولىدۇ. بۈگۈنكى نېمەتنى بۇزۇپ ــ چېچىپ، قوينۇم ئوغرى ــ قونجۇم ئوغرى قىلىپ قارنىغا تىقىشنىلا بىلىدۇ، ئەتە ئۈچۈن بولسا، ئويلاپمۇ قويمايدۇ.
ئىشچان، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەتە ئۇمىد، ئىشەنچ ۋە ئارزۈ ــ ئارمانلارنى ئۆزىگە مۈجەسسەم قىلغان تەپداشسىز گۇزەل ۋە مىسلىسىز جازىبىلىك كۈن. ئەتە دېمەك ئىستىقبال دېمەك، غايە دېمەكتۈر. ئەتىنى كژزلەش، غايىلىك بولۇش بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ئادەملىرىنىڭ يۈكسەك پەزىلەتلىرىدىن بىرى. بىراق ھۇرۇن ئادەملەردە غايە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كژپلى ناماز شام قارىغۈسى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلب كژزى ئەتىنىڭ پارلاق قۈياشىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئەتە ئۈچۈن ئىشلەش، كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھۇرۇنلار ئۈچۈن بەجايىكى ٌ بىكاردىن بىكار ئۆزىنىڭ جئنىغا ئۆزى زۇلۇم سېلىش ُ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىراق ئەمەلىيەت شۇكى، سەن ياشاۋاتقان بۈگۈنكى بۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەتتە، بۈگۈن سەن بەھرىلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر نېمەت تېگى ــ تەكتىدىن ئېيتقاندا، سېنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرىڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەجدادلار ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلاتى. دېمەككى، سەن بۈگۈن يەۋاتقان نان ئاددىي ھالدىكى ئىككى تەڭگە پۇلنى تۆلەش بىلەنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ سەن بىلەن ھاياتلىقتا مۇساپىداش بولغان باشقا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ سېنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا، تەر تۆكۈپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ سەمەرەسى. ھالبۇكى، سەن بۈگۈننىڭ ھالاۋەت قوينىدا ئۈزۈپ، بۈگۈننىڭ مەئىشەتلىرى بىلەن قورسىقىڭنى تويغۇزۇپ كېكىرىپ يۈرگەن ۋاقتىڭدا، ئەتىنى ئويلىشىپ، ئەتە ئۈچۈن خۇددى باشقىلارغا ئوخشاشلا كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمگەك قىلىشىپ لازىم. ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىساڭ، ئەتە ئۈچۈن ئەمگەك قىلساڭ، ئەتىنىڭ قۇياشى كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ھەممە ئادەم ئالدىدا سېنىڭمۇ يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىمىساڭ، ئەتە ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ ئەمگەك قىلمىساڭ، ئەتىنىڭ نېمەت داستىخىنى سېلىنغان چاغدا، سېنىڭ يۈزۈڭ تەھقىق چورۇق بولىدۇ.
دەرىخا! زاكۇنغۇ شۇنداق. بىراق ھۇرۇن ئادەملەر تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت مۇشۇ كىشىلىك ھاياتتىكى تەبىئى ۋاقىت لېنىيىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئەقىدە، ئىخلاس ۋە «ئەمگەك» ماركىلىق خاسىيەتلىك زەنجىر بىلەن مەھكەم باغلاپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا ھۇرۇنلۇقىدىن ئۇنى چۈشىنىشنىمۇ خاھلىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بۈگۈن پەيزىنى سۈرىۋاتقان مەئىشەتنى غايىبانە ئامەتتىن دەپ بىلىدۇ. ئەتىكى كۈننى تەقدىرگە ياكى قىسمەتكە ئامانەت قىلىپ كېتىۋېرىدۇ. ئەتە نېمە كۈننى كۆرسە پەرۋايى پەلەك. ھەتتا بۈگۈنكى ھالاۋەتنىڭ ئەكسىچە، ئەتە ئۇ ئەڭ نەس كۈن ــ جاھالەتنى كۆرسىمۇ، «شۈكرە دېدىم، شۈكرە!» دەپ قويۇپ يۈرىۋېرىدۇ.
شۈكرىۋازلىق ـــ ھۇرۇنلۇقنىڭ ھىمايە سايىۋىنى. ھۇرۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ لەنىتى ھۇرۇنلۇقىنى مەزكۇر سايىۋەننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، «شۈكرە قانائەت قىلىش، سەۋرىچانلىق» دەپ پەدەزلەيدۇ. دۇرۇس، ئىسلام تەلىماتلىرى ئىچىدە، «ئىنسان شۈكرە ـ قانائەت قىلىشى، سەۋرىچان بولۇشى لازىم» دەيدىغان بىر ماددىمۇ بار. بىراق ئەسلىدە، ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ ئىمكانىيەت چېكىدىن ھالقىغان ھالدىكى خىيالىي دۇنيانى قوغلىشىدىغان ئەسەبىي قارانىيەتچىلىككە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان توغرا تەلىمات «شۈكرىچان، سەۋر ـ قانائەتچان بولۇش» كېيىنكى چاغلاردا پۈچەكلەشتۈرۈلۈپ، نورمال ئۆلچەكتىن نەچچە غۇلاچ تۆۋەن بولغان ئەڭ مىسكىن ھالەتكىمۇ باش ئىگىپ تازىم بىلەن تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان شۈكرىۋازلىق ئىللىتى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. نەتىجىدە ئەبگا ئۇيغۇر بۇ ئىللەتنى تېرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇق تۇمىقىغا تۇمار قىلىپ تىكىۋالغان ۋە ئۇنى تەييارتاپ گەۋدىسىگە زۇننار قىلىپ ئېسىۋالغان.
ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر مىللەتنى بىھۇدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلدۇرىۋېتىدىغان ۋە ۋاقىتسىز پاجىئەلىك ھالدا يوقىتىۋېتىدىغان بىر ئەجەللىك ئىللەت بار دېيىلسە، ئۇ دەل ھۇرۇنلۇق ئىللىتىدۇر. ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر ئادەمنى نورمال ئىنسان سىياقىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ۋە ئۇنى ئىنسانىي خوجايىنلىق سالاپىتىدىن قىلچە ئىز ـ ئەسەر يوق، ھەمىشە ئۇرۇلۇپ ــ سوقۇلۇپلا يۈرىيدىغان پاسسىپ مەخلۇققا ئايلاندۇرۇۇپ قويىدىغان بىر ئوسال ئىللەت بار دېيىلسە، ئۇ دەل تەييارتاپلىق ئىللىتىدۇر. ھالبۇكى پەقەت ھۇرۇنلۇقتىن قول ئۈزگەن، ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق ۋە ئەمگەكچانلىق بىلەن ئۆزىگە تۈرمۈش يولىنى تۈزگەن ئادەملا بۇ ئالەمنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ مىسلىسىز لەززەت ھالاۋىتىنى كۆرەلەيدۇ. قاراپ باق، بۇ دۇنيا نېمە دېگەن رەڭدار، نېمە دېگەن قوۋناق. ئىنسان تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئاداققىي مەقسەت قىلىنغان يېڭىلىقلار، ئىجادىيەتلەر، مۆجىزىلەر ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر ماكان، ھەر جايدا، ھەتتا سېنىڭ بۇرنۇڭنىڭ ئاستىدىلا تۈشمۇ تۈشتىن بارلىققا كەلمەكتە. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ھەر يىلى مىليونلاپ ئىشلەمچىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىككى قولىنى سېلىپلا كېلىپ، باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە، يەر تېرىشتىن تارتىپ يەر سۈپۈرۈشكىچە بولغان خىلمۇ خىل ئەمگەك، تۈرلۈك تۈمەن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، چاغان ئەرپىسىدە ھەميانلىرى توم ـ توم ھالدا قايتىشماقتا. بۇ ئالتۇن دىيارغا ئۇسقىنى چۈشۈپ قالغانلىرى بىر ئىككى يىلدىلا تۆت قاتلاپ بئيىپ، يېڭى كەلگەن چېغىدىكى ساياقلىق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئەمدىكى قوللىرىدا «داگادا» تۇتقان، يەتتە قىتئەنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ سۆزلىشىپ يۈرگەن يېڭى قىياپىتى بىلەن كۆزۈڭدىن ئوت چىقىرىپ يۈرىدۇ. بۇ نېمە؟! مانا بۇ ــ ئەمگەك، مېھنەت ۋە تىرىشچانلىق سېنىڭ ئالدىڭغا تىكلەپ بەرگەن ئۆرنەك. مانا بۇ ـــ ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ساڭا كۆرسىتىۋاتقان نامايىش ۋە كۆرەك!
ھۇرۇنلۇق بىر قورقۇنچلۇق ئىللەت. بىلگەن ئادەمگە ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ھۇرۇنلۇقى شۇ تاپتا، پۈتكۈل مىللەتكە كېيىن تولدۇرىۋېلىش قىيىن بولغان ئېغىر زىيان كەلتۈرمەكتە. ئۇنىڭ بىۋاستە ۋە قاقشاتقۇچ تەسىرى ئۇيغۇرنىڭ ئالغا كەتكەن باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى بارغانسېرى زورايتىۋەتمەكتە. ھالبۇكى شۈكرىۋازلىق پەرەنجىسى بىلەن نىقاپلانغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلاش سېنىڭ، مېنىڭ، ئۇنىڭ ـــ بىز ھەممىمىزنىڭ تەخىرسىز مەجبۇرىيىتىمىز بولۇپ قالدى. ھۇرۇنلۇقنى ئۈزۈل ـ كېسىل يوقىتىش بىز ھەممىزنىڭ مىللەت ئالدىدىكى جىددىي مەسئۇلىيىتىمىز بولۇپ قالدى!
سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان ئەبگا بولمىساڭ، ئىشخاناڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، نەزىرە يەپ، ئولتۇرۇش كېزىپ يۈرىۋەرمەي، خەلقىڭ ھاجەتمەن ئەڭ جاپالىق ئەمگەك مەيدانىغا بېرىپ ئۇلارغا ھەمدەم بولىسەن. خەلقنىڭ ئېڭى، ئويلايدىغىنى ۋە غېمى نەدە يۈرىۋاتىدۇ، زاماننىڭ تەرەققىيات رىتىمى، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى نەگە يۈرىۋاتىدۇ بۇنى سېلىشتۇرۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى تاپىسەن. ئاندىن ئۇنى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي ئورگانلاردىكى يولباشچىلارغا، داھىيلارغا ئەينەن دوكلات قىلىپ، چارە ئويلاپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي دەردىگە داۋا، مەۋجۇد كېسىلىگە شىڭا تاپىسەن.
سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ئەگەر ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغان ئەبگا ئەپەندى بولمىساڭ، باشقىلار يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان كىتابنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەينەن ئوقۇپ بېرىشنىلا بىلىدىغان تەييارتاپ بولۇپ ئولتۇرمايسەن، بەلكى سەن ئۆزەڭمۇ يازىسەن، ئىجاد قىلىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تەييارغا ھەييار بولىدىغان، جان باقارمەن پاسسىپ ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى ئەبەدىيلىك چۆرۈپ تاشلايسەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىق قىلىشنى، ئوقۇتۇش بىلەن بوشاشماي ئىزدىنىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىڭ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن كۆپرەك تەپەككۇر قىلىدىغان جانلىق ۋە مەنىلىك ھايات يولىغا دادىل باشلايسەن.
سەن بىر ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە گىرىپتار ئەبگا ئەۋلاد بولمىساڭ، سىنىپىڭنىڭ قارا دوسكىسىغا بەندە، ئۆتمىش نومۇرغا قۇل داپەندە بولۇپ ئولتۇرىۋەرمەيسەن. كۇتۇبخانىلارغا بېرىپ كىتابلارنى يار تۇتىسەن. ئەقىل دەپتىرىڭگە ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش غايىسىنى پۈتىسەن. ئۇندىن باشقا، جەمئىيەتكە چىقىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىسەن. سەن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن زادى قانچىلىك كېلىدۇ، تارىمنىڭ سۈيى قەيەردىن باشلىنىدۇ، زەرەپشاننىڭ سۈيى نەگە قۇيۇلىدۇ، ئۆزەپ كۆرۈپ باقىسەن. ئىلى دەرياسىدا ئۆزەڭ ئۈزۈپ كۆرىسەن، يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن ئۆزەڭ گۆھەر سۈزۈپ كۆرىسەن. بىلگىنكى، كىچىكىدىنلا ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش ئىنساندا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئېڭىنى تۇرغۇزىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى ئادەمنىڭ ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قېنىنى جۇش ئۇرغۇزىدۇ!
ھۇرۇنلۇق كالۋالىقنىڭ ھامىلىسى ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كالۋالىق ھۇرۇنلۇقنىڭ تەبىئى تۆرەلمىسى. بۇ ئالەمدە ھېچقانداق بىر مىللەت تۇغۇلۇشىدىنلا تەبىئىي ئەقىللىق يارالغان ئەمەس، بەلكى ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئۇنى ئەقىللىق قىلغان. ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق تىگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسان كاللىسىدىكى پىكىرچانلىق، مۇلاھىزىچانلىقتىن كېلىدۇ. كىمنىڭ كاللىسىدا يېڭى ـ يېڭى پىكىرلەر كۆپ بولسا، شۇنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭىدىن يېڭى پائالىيەتلەر، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر جىق بولىدۇ. كىم پىكىرچان، تەپەككۇرچان بولسا، شۇنىڭ قەدىمى ئىتتىك، قولى ئەپچىل، ھەرىكىتى چاققان، ۋۇجۇدى كۈرەشچان بولىدۇ. بۇ دۇنيا پەقەت ئىش ـ ئەمگەك بىلەن گۈللىنىپ بۈگۈنكى مۇشۇ كۆركەم ۋە قايناق ھالغا كەلگەن. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەت بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭلا مۆتىۋەرلىك تاجىنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن كىيىپ چۇشكەن ئەمەس. شۇنداقلا ھە دېگەندىلا ھەممە تەلپۈنىدىغان مەدەنىي مىللەت تەختىگە ئولتۇرغانمۈ ئەمەس. ھازىرقى دۇنيادا، «سەن ئەمەس مەن» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ يۈرگەن خېلى خېلى مىللەتلەرنىڭمۈ ئۆز زامانىسىدا، ئۆز ئەھلىنىڭ ھۇرۇنلۇقى تۇپەيلىدىن ئەبگالىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خارلىنىپ يۈرگەن چاغلىرى بولغان. ئۇلار پەقەت ۋاقتىدىلا ئويغىنىپ، ھۇرۇنلۇق چاپىنىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆز ۋۇجۇدىدا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق خىسلىتىنى يېتىشتۈرگەندىن كېيىنلا، ئەقلى ئېچىلىپ، پەم ـ پاراسىتى بېيىغان ۋە ئاخىرىدا، كۈرەش ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇشۇ ئەقىللىق، پەن ـ تېخنىكىدا ئىلغار، مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغان.
ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى تەدبىقلاپ ئەمەلىي ئەمگەككە قاتنىشىش. ئەگەر سەن ئۆگىنىشنى خاھلىساڭ، ئالدى بىلەن شۈكرىۋازلىق ئىللىتى بىلەن بېكىك پىكرىڭنى، سەۋر ـ قانائەت قۇلۇڭى بىلەن ئېتىك تەپەككۇرىڭنى ئاچ! قەدىناس مەھەللەڭنى، كونا ئورۇندۇقۇڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، ئويان ـ بۇيانغا بېرىپ، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش ـ ئەمگەكلىرىنى كۆر. باشقىلار بىلەن ئۆزەڭنى سېلىشتۇرۇپ كۆپرەك مۇلاھىزە قىل. ئاندىن سېنىڭمۈ قولۇڭنىڭ پەنجىسى بەش بولغاندىكىن، يەپ شىمايلاپ ئەمەلىي ئەمگەككە قاتناش. ناۋادا مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىپ مەغلۈب بولساڭ، بەلگىلىك بىر ئەمگەكنى ئىشلەپ يېڭىلىشىپ قالساڭ، بۇنى ئالدىراپ ئۆزەڭنىڭ ئەقلىڭنىڭ كەملىكىدىن كۆرمە. ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئەگەر سېنىڭ بىرەر ئىشىڭدىكى ئوڭۇشسىزلىقنى كۆرۈپ، باشقىلار سېنى «كاللىسى ئاددى، كالۋا» دېسە، ھەرگىز ئىشەنمە. بىلگىنكى، ھەرقانداق بىلىك تەكرار ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. كىمدە كىم ئەمەلىيەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانسا، ئەمگەك بىلەن تەكرار مەشغۇل بولسا، ئۇنىڭ بىلىك خەزىنىسى تەدرىجى موللىشىدۇ، كاللىسى ئەقىل ھۇجەيرىلىرى بىلەن تولۇپ غوللىشىدۇ.
ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىماسلىق جەمئىيەت سۆيىدىغان، ۋەتەن ـ خەلق كۆيىدىغان ۋە ئاتا ـ ئانا رازىمەن بولىدىغان بىر ھەقىقىي ئىنسان بولۇشنى خاھلىماسلىق بىلەن باراۋەردۇر. ھۇرۇنلۇق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەيىبلەرنىڭ ئەيىبى. ھالبۇكى ھۇرۇنلۇقنى تاشلاش جەمئىيەتنىڭ، زاماننىڭ، شۇنداقلا سەن ياشاۋاتقان مۇشۇ بوز زېمىننىڭ جىددى تەلىپى!
سېخى تەبىئەت ئاتا قىلغان شۈنچە كەڭ ۋە شۈنچە باي زېمىن ساڭا قۇچاق ئېچىپ تۇرۇپتۇ. پۈتكۈل ئەقىل ـ ئىدرىكىڭنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە ئىقتىدارىڭنى نامايەن قىلىپ، غۇلىچىڭنى كەڭ يېيىپ ئىشلىسەڭ، ئىشلىگەننى كۆتۈرىدىغان تېپىلماس پۇرسەت ساڭا كۆكسىنى يېقىپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى، بۇ ھالدىمۇ كۆز ئېچىپ ئويغانمىساڭ، ئىشچانلار سېپىگە قېتىلىپ، سېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ ئالتۇن زېمىننىڭ ئەتىسى، كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان بىر ئۇلۇش ئەمگەك قىلمىساڭ، تاڭلا مەھشەر كۈنى يۈزۈڭ قىزارماسمۇ، ئويلان، ئەبگا!5 ـ ۋەتەن قەدرىگە يەتمەسلىك ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەسلىك
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس.
- ئۇيغۇر خەلق ماقالىبۈگۈنكى بۇ يەر شارىدا، پەقەت بىرلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بار. ئۇ بولسىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدۇر. يەر مەيدانى بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان، ئەلمىساقتىن تارتىپ «ئالتۇن تاۋاق» دەپ پەخىر نامى بار بۇ مىسلىسىز باي زېمىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاتا مىراس دىيارى، ئومۇمىي ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق مەنبەسى، شۇنداقلا جاھان ئۇيغۇرلىرىنىڭ زاكا يۇرتى، يىلتىزگاھى ۋە سېغىنىش قىبلىگاھىدۇر.
جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا، «شىيۇ» (غەربى دىيار)، «شىنجياڭ» (يېڭى چېگرا) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ زېمىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۇنداق ئۆزلىكىدىن، ئاسانلىقچە روياپقا چىقىپ قالغان ئىش ئەمەس. بەلكى ئۇ پىداكار ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ شانلىق نەتىجىسى، شۇنداقلا ياراملىق ئەۋلادلار چېلىشلىرىنىڭ ئۆلمەس سەمەرىسى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، كومپارتىيە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ھەممە ئەقىل ـ پاراسەتنى قاناتلاندۇرۇپ، بارلىق كۈچ ـ قۇدرەتنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قوغداش، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرىنچى بۇرچى ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر. بىراق ئەبگالىق ئىللىتى بىلەن زەئىپلەشكەن ئۇيغۇردا بۇ خىل تونۇش، بۇ خىل ئاڭ ۋە بۇ خىل زۆرۈر تۇيغۇ تولىمۇ كەمچىل. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، ئۇلار ۋەتەن دېگەن نېمە، ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن نېمە بىلمەيدۇ. ئاپتونومىيە دېگەن نېمە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايونى زادى نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغان چۈشەنمەيدۇ. مېنىڭچە، قانۇن ئومۇمەن ئادىل. بىراق ئەبگا ئۇيغۇر نادان ۋە جاھىل؛ قانۇنشۇناسلار ھەقىقەتەنمۇ ئالىم، بىراق ئەبگا ئۇيغۇر ئۆزىگە ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بەكمۇ زالىم!
بىلىش كېرەككى، بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەتەن دېمەك ئەمەلىيەتتە ئاداققىي مەۋجۇدلۇق دېمەكتۇر. ھېكايە، يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئۇزاق قەدىم زاماندىلا يەھۇدى دىنىنى ئىجاد قىلىپ، دۇنياغا مۇئەييەن ئەقىدە ئاساسىدا ئۆملۈشۈپ، ئومۇملىشىپ ياشاشنىڭ نەمۇنىسىنى يارىتىپ بەرگەن ئۇيۇشقاق مىللەت بولۇپمۇ سانىلىدۇ. بىراق كېيىنچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبگالىق ئىللىتى يامراپ كېتىپ، بۇ ئىللەتكە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆتە شەخسىيەتچىلىكى، ئۆتە بېكىنمىچىلىكى ۋە بەرەھىملىكى كاساپىتىدىن، شۇنداقلا يەنە باشقا بەزەن تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار مۇندىن تەخمىنەن مىڭ يىللار بۇرۇن ئۆز يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، يۇرت ـ ماكانسىز قارا سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالغان.
ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلغان، قارا سەرگەردانغا ئايلانغان يەھۇدىيلار يەر شارىدا، بېشى قايغان، پۇتى تايغان بويىچە ئېقىپ يۈرۈپ، دۇنيانىڭ تۈرلۈك بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىدىن ئۆزلىرىنى تىرىكچىلىك، جاھاندارچىلىق ۋە كۈن كەچۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئەمىن جاي ئىزلىدى. دۇرۇس دەسلەپكى چاغلاردا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سودا ـ تىجارەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن بەزەن دۆلەتلەردە خېلى ياخشى كۈن كۆردى. ئۆزلىرىنىڭ ئىشچانلىقى ۋە ئىلىم ـ پەندىكى ئىجادچانلىقى بىلەن ھەر قايسى ئەل زىيالىلىرىنىڭ سېپىدە بىر مەھەل تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانمۇ بولدى. كىم بىلىدۇ، ئۇلار بەلكىم ئۆز ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالغان دەسلەپكى چاغلاردا: «بىزنىڭ مۇشۇ ئىشچان قولىمىز بىلەن پىكىرچان بېشىمىزلا بولىدىكەن، جاھاننىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قولىدىن نان تېپىپ يېيەلەيمىز ۋە دۇنيادىكى ھەر قانداق ھالاۋەتتىن بەخىرامان بەھرىمەن بولالايمىز» دەپ ئويلىغان بولغىيدى. بىراق، رەھىمسىز رېئاللىق، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت شۇ بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئىشچان، ئەمگەكچانلىقىمۇ، ئۇلارنىڭ كېلىشىملىك، چىرايلىقلىقىمۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ زېھنى ــ زۇكاۋەتلىك، ئەقىللىقلىقىمۇ ھېچقانداق بىر يات ئەلدە ئۇلارغا ئاداققىي ئارامچىلىق ۋە ئەبەدىي پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك يارىتىپ بېرەلمىدى. ۋەتەنسىز يەھۇدىيلار «دۇنيادا ئەڭ مەدەنىي مىللەتبىز» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلايدىغان ياۋرۇپالىقلار ئالدىدىمۇ، ئەڭ ئاق كۆڭۈل، يۇۋاش سانىلىدىغان ئاسىيالىقلار ئالدىدىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا، ئوخشاشلا ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇقى يوق خار ــ زارلىقتىن باشقا ھېچبىر خوۋلۇق كۆرمىدى. ئاخىرىدا، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئالتە مىليۇن يەھۇدى «جاھاندا ھەممىدىن ئۈستۈنبىز» دەپ مارش ئوقۇيدىغان نېمىسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، خۇددى ياۋايى ئېشەكنى سويغاندەك سويۇلدى ۋە تېرىسى تۇلۇم قىلىنىپ، يېغىدا سوپۇن قۇيۇلدى. تەخمىنەن مىڭ يىللىق كەچۈرمىش سەرگۈزەشتە ۋە ئەمەلىي پاكىت ئۇلارغا شۇنداق جاۋاب بەردىكى، ۋەتىنى بار مىللەت دېگەن شۇ دەرىجىدىكى كەڭ ئىختىيارلىققا ۋە شۇ دەرىجىدە چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولىدۇكى، ئۇلار مۇھاجىر مىللەتنى خاھلىسا، زېمىنىدە تۇرغۇزىدۇ؛ خاھلىسا، بىر بولمىغۇر بەدنام بىلەن ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە سولايدۇ؛ خاھلىسا، بىر يوقىلاڭ بۆھتان بىلەن ئۇنى دامغا چۈشۈرۈپ، قۇش قىلىپ ئوۋلايدۇ. شۇنداق، رەھىمسىز پاكىتلار بىلەن تولغان ئۇزاق ئەسىرلىك ۋەتەنسىزلىك، يۇرت ــ ماكانسىزلىق ئاخىرىدا، يەھۇدىيلارنى جېنىدىن جاق تويغۇزغان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئويغىتىپ دىلىغا ۋەتەن ئۇقۇمىنى چوڭقۇر قىلىپ ئويغۇزغان!
مىڭ شۈكرەكى، سېخى تەبىئەت ئۇيغۇرغا دۇنيادىكى ھەر قانداق قەۋمنىڭ زەۋقىنى كەلتۈرگىدەك مىسلىسىز گۈزەل بىر زېمىننى ئاتا قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتىلىدىغان بۇ زېمىندا، مەيلى ئىلى بوستانلىقى، مەيلى تۇرپان ئۇزۇمزارلىقى، مەيلى قاراماي نېفىتزارلىقى، مەيلى كورلا نەشپۈتزارلىقى، مەيلى ئاقسۇ ئالمىزارلىقى، مەيلى كاشغەر ئانار ـ ئەنجۇرزارلىقى، مەيلى ياركەند ياڭاقزارلىقى ۋە مەيلى خوتەن ئۈجمەزارلىقى بولسۇن، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بۇ كەڭ دىياردا زۈمرەتتەك جۇلالاپ تۇرىدۇ. بۇ زېمىننىڭ تۆت پەسلى ئېنىق: خۇش ئىللىق باھارىدا، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈل ــ چېچەكلەر زېمىننى ئوراپ تۇرىدۇ؛ پاراۋان ياز ناھارىدا، پارلاق قۇياش يېتىك نۇرى بىلەن زېمىننى تاۋلاپ تۇرىدۇ؛ بەرىكەت كۈز پەسلىدە، سەلكىن شاماللار زېمىنغا ھەمىشە باياشاتلىق تۆكۈپ تۇرىدۇ؛ ئاراملىق قىش پەسلىدە، كۈمۈش قار زېمىننى رەھمەت يوپۇقى بىلەن پۈركۈپ تۇرىدۇ. بۇ دىياردا، تەكلىماكان، تارىم، جۇڭغار ئاتىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى زور خەزىنە ئامبارلىرى بار. بۇ زېمىننىڭ بايلىقتا تەڭداشسىزلىقىغا پۈتۈن دۇنيا ھەيرەتتە، بەلكى جىمى ئالەم ئاڭا زوقمەندە!
جاھان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مەئىشەتلىك، ئەڭ خاتىرجەم، ئەڭ مەزمۇنلۇق ۋە ئەڭ مەنىلىك تۇرمۇش ئاخىرقى ھېساپتا مۇشۇ مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا. چۈنكى، بۇ زېمىننىڭ چۆلىمۇ، كۆلىمۇ ئۇيغۇرغا ئۆز. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت ــ قولۇمنىڭ خوشلۇقى» دەپ، ئۇيغۇر پەقەت مۇشۇ زېمىندىلا ئېچىلىپ ــ يېيىلىپ، ئۇيغۇرچە ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرچە قوپۇپ يۈرەلەيدۇ. پەقەت مۇشۇ دىياردىلا قىلچىمۇ قىسىلماي، ئازراقمۇ يېتىرقىماي، ئۇيغۇرچە ئويناپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كۈلەلەيدۇ. بۇ زېمىننىڭ تاغۇ تاشلىرىمۇ ئۇيغۇرغا «مەن سېنىڭ» دەپ ئىللىق باقىدۇ. بۇ دىيارنىڭ دەريا ــ ئېقىنلىرىمۇ ئۇيغۇرغا «مەن ساڭىلا خاس» دەپ جىلۋىلىك ئاقىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر بۇ زېمىننى تولىمۇ ئەتىۋارلىشى، بۇ دىيارنى بەكمۇ ئەزىزلىشى، «ئانا ۋەتەننىڭ ئۆز بالىسى» تۇيغۇسى بىلەن ۋەتەننىڭ قەدرىگە ھەقىقىي يۇسۇندا يېتىشى لازىم. ئەگەر كىمكى بۇ زېمىننىڭ قەدرىگە يەتمىسە، تۇز كورلۇق تۆقى ــ لەنىتى بىلەن شەرمەندە بولغاي ئاقىۋەتتە!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ بارلىقىغا ــــ تاغ ــ دالالىرىغا، ئېقىن ــ دەريالىرىغا، يۇرت ــ قىرلىرىغا ۋە مەھەللە ــ كويلىرىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىگىدارچىلىق قىلىشنى باش بەلگە قىلىدۇ. ۋەتەن سېنىڭ ئىكەن، زېمىن سېنىڭ ئىكەن، بۇ ھالدا، ئۇنىڭغا تىكىلگەن ھەر بىر تال كۆچەت، ئۇنىڭغا ئۈندۈرۈلگەن ھەر تال گۈل ــ گىياھتىمۇ سېنىڭ خوجايىنلىقىڭ گەۋدىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. «دۆڭكۆۋرۈك» ئەسلىدە سېنىڭ ئەجدادىڭ بىنا قىلغان كوچا ئىكەن، ئۇ ھالدا، ئۇنى سېنى تۇغقان ئاناڭنىڭ تىلى بىلەن ھەمىشە «دۆڭكۆۋرۈك» دەپ ئاتىغىنكى، ئەكسىچە، ھەرگىزمۇ ئەبجەشلەشتۈرۈپ «ئەردوچو» دېمە! «نۇرباغ» سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاتالغان شۇنداق گۈزەل نام. ھالبۇكى، ئۇنى «مىڭيۇەن» دېۋالدىڭ، بۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە، ھەم تىلىڭنى ھەم دىلىڭنى يوقاتتىڭ. بىخەستىلىكىڭ ۋە ھاماقەتلىكىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى «بىيمىڭ»، «نەنمىڭ» لەشتۈرۈپ بولدى. ئەمدى، بۇ ئىللەتنى بۈيۈك بوۋاڭ مەھمۇد ياشىغان، ئۇيغۇرنىڭ بۆشۈك شەھەرلىرىدىن بولغان كاشغەرگە سۆرەپ بېرىپ، ئەلمىساقتىن تارتىپ «يار باغ» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن كۆۋرۈكنى «بېيداچياۋ» ، «تۆشۈك دەرۋازا» ئاتىلىپ كەلگەن قەدىمى قەلئە دەرۋازىسىنى «دۇڭمېن» ئاتاشقا رايىڭ بېرىۋاتىدۇ. بىر ئوبدان «تۆمەنكۆل» دېگەن نامنى تاشلاپ «دۇڭخۇ» ئاتاشقا تىلىڭ كېلىۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىن «ئۇيغۇر» نى چىقىرىپ تاشلاپ «ئاپتونوم رايون» ئاتاشقا دىلىڭ يول بېرىۋاتىدۇ ــــ بۇ ئەبگالىقىڭ بولماي زادى نېمە؟! بىلگىنكى، بىر يۇرت ــ ماكاننىڭ ئىسىم ـ نامى شۇ جاينىڭ خوجىدارلىق تارىخىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىغان مەڭگۈ يىقىلماس ئابىدە. ئۇنى قانداق ئىشلىتىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىكىلا ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا مىراس قالىدىغان ئامانەت نامايەندە!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش ۋەتەننى قۇرۇش، ۋەتەننىڭ ئەتىسى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان تەرەققىيات بىناسىغا ئۆز قولى بىلەن خىش قويۇشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىدۇ. «بىز مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. بۇ بىزنىڭ ئاتا مىراس دىيارىمىز» دەپ ھۆكۈرەپ قويۇپ، ئىچىپ، چىچىپلا يۈرسەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلغان، ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتكەن بولمايسەن. ۋەتىنىڭنىڭ قەدرىگە يەتسەڭ، ئۆزەڭنىڭ گېلى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ۋەتىنىڭ ئۈچۈن، ئومۇمىي خەلقىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەيسەن. يۇرتۇڭ ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىسەن. ئۆز ئەمگىكىڭ بىلەن ياراتقان نەتىجەڭنى بۇ زېمىن ئۈستىگە ئۆزەڭ بىرمۇ بىر تىزىسەن ۋە ئۇنى جاھان ئەھلىگە نامايىش قىلىپ كۆرسىتىسەن. كۆرسىتىپ باقە قېنى، يۇرتۇڭدىكى قايسى زامانىۋى قۇرۇلۇش، قايسى ئىگىز بىنانى سەن لايىھىلىدىڭ، قايسى ماشىنا، قايسى ئايرۇپىلاننى سەن ياسىدىڭ. سەندىن قانچە ئۇچقۇچى، نەچچە نېفىت چارلىغۇچى، قانچە ئالتۇن كانلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرگۈچى بار؟ ئەگەر سەن ئۆزەڭنى، ئۆز مىللىتىڭنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكىڭنى سەزسەڭ، مۇھىمى كەمچىلىكىڭنى ئېتىراپ قىلساڭ، بۇ ھالدا مائارىپقا بولغان، ئادەم تەربىيىلەشكە بولغان تونۇشۇڭ ئۆسىدۇ. پەرزەنتلەرنى تۈرلۈك ئىلىم ـ پەن ساھەسى بويىچە، يالغۇز ئىجتىمائىي پەندىلا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچىمۇ زور تۈركۈملەپ تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان كۆز قارىشىڭ گرانىت كاللاڭنى بۆسىدۇ.ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلەپ خەلقى ـ ئالەم قايىل بولغىدەك نەتىجە يارىتىش ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىدىن كېلىدۇ. ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىنى بولسا، پەقەت مەكتەپ، خۇسۇسەن ئالىي پەن ـ تېخنىكا مەكتەپلىرىلا يېتىشتۈرەلەيدۇ. سەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىسەن، ئەگەر ئۆيۈڭدە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بولمىسا، بۇ چوڭ نومۇسلۇق ئىش. ھالبۇكى ئۆزەڭ ئاز يېسەڭمۇ، كەم كىيسەڭمۇ، جاپا تارتساڭمۇ، رىيازەت چەكسەڭمۇ پەرزەنتىڭنى مەكتەپكە بەر، بالاڭنى ئوقۇت. «ماڭا باشقىلار ئادەم تەربىيلەپ بەرمىدى» دەپ ھېچكىمدىن ئاغرىنما. «بالامنى ئوقۇتۇپ قويمىدى» دەپ ھېچكىمدىن زارلانما. بادام دوپپاڭغا تايانغىچە، شۇ بادام دوپپاڭنىڭ ئاستىدىكى ساغلام كاللاڭغا تايان. ئۆزەڭ ئامال قىل، ئامال قىلساڭ، ئىلىمنىڭ داغدام يولى ئالدىڭدا جەزمەن بولۇر ئايان. ئىلىم بولمىسا پەلەككە تاقاشقان ئىگىز بىنالارنى خوجايىنلىق ۋە مېمار ــ مۇھەندىسلىك سالاھىيەت بىلەن سالالمايسەن. بىلىم بولمىسا، مەدەنىي ئىنسان بولۇپ، مەدەنىي ھاياتتىن بەھرە ئالالمايسەن. ئەڭ مۇھىمى، ئىلىم بولمىسا، گەرچە ئۆزەڭنىڭ ۋەتىنىدە ياشاۋاتساڭمۇ، ۋەتەن لەززىتىنى ھەقىقىي تېتىيالمايسەن.
ۋەتەننىڭ قەدىرىگە يېتىش ئەمگەك ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ئورۇننى تېپىشنى ئاداققىي مەقسەت قىلىدۇ. ۋەتەن بىر ئىنسان ئۈچۈن تەڭدىشى يوق، تۈگىمەس بايلىق. بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسە بولمىسا بولىدۇكى، ۋەتەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. ۋەتەنسىز ئادەم بەجايىكى ئىگىسىز ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئىگىسى يوق ئېشەكنى كىم كۆرسە، شۇ مىنىدۇ، خاھلىغىنىچە ئىشلىتىپ كۆتلىرىگە تېپىدۇ. ۋەتىنى يوق ئادەمنى باشقىلار ئېشەكتىنمۇ بەتتەر خارلايدۇ. بىراق، ۋەتەن دېگەن ئۇنداق غايىبتىن مىراس قالغان، ھېلىقىدەك بانكىغا سېلىپ قويۇپ، پايدا ـ ئۆسىمىنى ئېلىپ خەجلەپ، ئاپتاپتا سۇنايلىنىپ يېتىپ كۈن ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىغان ئۆلۈك بايلىق ئەمەس. بەلكى ئۇ پەقەت ئۆزلۈكسىز ھالدىكى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە ئىزچىل ھالدىكى مەنىۋى كۈرەشلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، كۈچلەندۈرۈپ تۇرۇشقا موھتاج جانلىق بايلىقتۇر. سەن بىر ۋەتىنى بار، دىيارى بار، خاس زېمىنى بار ئادەم ئىكەنسەن، ئۇ ھالدا ئۆزەڭنى ۋەتەن بىلەن بىر جان، بىر تەن قىلىپ، گەرچە سېنىڭ ھازىرلىق تۈرمۇشۇڭ ئۈچۈن ئانچە لازىملىق بولمىسىمۇ، بىراق ۋەتەنگە كېرەكلىك، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئەمگەكلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىڭ، ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەنىۋى كۈرەشلەرگە تولۇق ئىشتىراك قىلىشىڭ لازىم. ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمگەكلەرگە قاتناشمايدىغان ياكى ئاز قاتنىشىدىغان، يۇرت ـ دىيارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان مەنىۋى كۈرەشلەردىن ئۆزىنى ھەمىشە قاچۇرىدىغان ئادەمنىڭ ۋەتەنداشلىق سورۇنىدىكى ئورنى ئاقىۋەت پەگاھقا چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى ۋەتەن دېگەن ئەمەلىيەتتە، ۋەتەن ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئادەم ئاڭلىق ھالدا ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ. پەقەت ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جان پىدا قىلىپ ئىشلىگەن ئادەملا ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ھالدىكى يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.
بىلگەن ئادەمگە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت سورۇنىدا مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، تۈرلۈك مىللەتكە تەۋە ئىنسانلار ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆز قەلبىگە مەھكەم پۈككەن ھالدا، ئىلمىي رىقابەت قىلىپ، ھەرقايسەيلەن ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەسىردىكى مەۋجۇدلۇق ئورنىنى چەنلەشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى سەن، مەن ۋە ئۇ ـــ بىز ئۇيغۇرلارمۇ پەقەت ئەمەلىي ئەمگىكىمىز ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق مۇبارەك دىيارىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىدىغانلا بولساق، جاھاندىكى تۈرلۈك مىللەتلەر قاتارىدا بىزنىڭمۇ بېشىمىز ئىگىز، سۆزىمىز بىگىز بولىدۇ. كېيىنكى ئەسىرنىڭ مەدەنىي ھالاۋەت ۋە ماددىي دارامەت داستىخانىدا بولسا، ئىگىلىگەن ئورنىمىز ئۆزىمىزگە يەتكىدەك كەڭ، ئېرىشكەن نېسىۋىمىزمۇ ھېچبولمىغاندا باشقىلار بىلەن تەڭ بولىدۇ!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش دېگەنلىك قەدىناس بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، قەدىم جاينى بېسىپ بىر ئۆمۈر يېتىش دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇيغۇردا: «مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس» دېگەن ئۇدۇم ماقال بار. بۇ «ئادەم ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ھەقىقىي بىر ۋەتەنپەرۋەر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن، يۇرت كېزىپ، جاھان كۆرۈپ سەپەر قىلىشى، مۇساپىر (سەپەر قىلغان ئادەم) بولۇشى شەرت» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسى ۋە مىللەتكە كۆيۈش مۇددىئاسىنى چىقىش قىلىپ، ئىلغار ئەل ۋە ئالغا كەتكەن خەلقلەردىن ئۆگىنىش ئۈچۈن، باشقا يۇرت، چەتئەللەرگە سەپەر قىلىش، ھەتتا شۇ يەرلەرگە ماكانلىشىپ ئىككىنچى يۇرت ئېچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى باشقا يۇرت، چەتئەللەردە تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان خىزمەتلەرنى قىلغىلى، بەلكى ئالاھىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان خەنزۇلار ئىچىدىكى بايلارنىڭ، ئالىملارنىڭ ۋە سىياسىئونلارنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈشمۇ تۈشتىن تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى پاكىت بولالايدۇ. بىراق ئۆز دىيارىدىكى قىسمەن ناچار مۇھىت ۋە ئۆز يۇرتىدىكى مەلۇم قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ۋەتەننى تەرك قىلىپ، ياقا يۇرت، چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىش، كەتكەندىمۇ شۇ كەتكەنچە خۇددى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن تاشتەك ئىز ـ دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىش، ئۆزىنى تۇغقان، ئەجدادىنى باققان ۋەتىنىنى ھېچقانداق بىر ئەمەلىي پائالىيىتى بىلەن ياد ئەتمەي، چەتئەلدە بىر ئۆمۈر كاندىدات گراژدان بولۇپ ئۆتۈش ـــ بۇ كەم دېگەندىمۇ ئۆز يۇرت، ئۆز ۋەتىنىگە يۈز كېلەلمىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە دېسەك، چەتئەللەردىكى ھەرقانداق مۇھاجىرنىڭ تۇرمۇشى، كۈنى شۇ ئادەمنىڭ مۇئەييەن كونكرېت ئىشتىكى شەخسى ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈن ياكى تۆۋەن بولۇشىغا باغلىق بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىنىڭ كۈچى، ئانا يۇرتىنىڭ يۈزى ۋە ئۆز دىيار خەلقىنىڭ خەلقئارادا تۇتقان ئورنىغا بېقىپ بولىدۇ. ئەگەر ۋەتىنىڭ كۈچلۈك، خەلقىڭ يۈزلۈك، دىيارىڭ خەلقئارادىمۇ ھۆرمەت ـ ئېتىبارلىق بولسا، ئۇ ھالدا مۇھاجىر بولساڭمۇ چەت ئەل، ياقا يۇرتلاردا قەددىڭنى رۇس قىلىپ، «گۈس، گۈس» دەسسەڭ يۈرەلەيسەن. ئەكسىچە بولسا، ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوق خارلىنىسەن، بىھۇدە بوزەك ئېتىلىپ ئارلىنىسەن. بۇنىڭغا شۇ كۈنلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىز بىلەن ھەم دىنداش ھەم تىلداش ئاتىلىدىغان بەزىلەرنىڭ زېرىكىپ قالسا، «ئاخۇن ئاكىلارنى ئۇرۇپ كېلەيلى» دەپ، سودىگەر ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ـ مۇشتلاپ يۈرگەنلىرى شاھىد بولالايدۇ! يەكۈن شۇكى، ئۆز زېمىنىڭنى ئەزىزلە، ئۆز ۋەتىنىڭنى قەدىرلە. چۈنكى سېنىڭ ئىززىتىڭ ئۆز ۋەتىنىڭ بىلەن تومۇرداش ؛ سېنىڭ قەدىر ــ قىممىتىڭ ئۆز دىيارىڭ بىلەن ئۆمۈرداشتۇر!
ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا ۋەتەننى قەدىرلىمەسلىك ئىللىتى بىلەن قوشكېزەك مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسە، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى بىلەلمەسلىك نۇقسانىدۇر.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىنىدا ئالاھىدە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ نامى بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. بۇ ـــ قانۇنىي ئاساسى بار پاكىت. ئۇيغۇر بۇ زېمىنغا مىھمان ئاھالە ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئاھالە؛ ئۇيغۇر بۇ زېمىندا ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، بەلكى كۆپ سانلىق مىللەت، تۈۋرۈك مىللەت، خوجايىن مىللەتتۇر. پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا بۇ زېمىندا رەئىس ئۇيغۇردىن چىقىدۇ، ۋالىي ئۇيغۇردىن بولىدۇ، ھاكىم ئۇيغۇردىن سايلىنىدۇ. بۇمۇ ھېچكىم كۆز يۇمالمايدىغان رېئاللىق.
دۇنيادا ھېچبىر ئىنسان «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دېيەلمەيدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر قىممەتلىك، ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى قىممەتلىك. شۇڭا جاھاندا نى ـ نى ئالىملار ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلاپ ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر ئەقىللىق. مەھمۇد كاشىغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، موللا مۇسا سايرامىلاردىن كېيىن، ئۇيغۇردا ئالىم تۈگەپ قالغىنى يوق، خالمۇرات غوپۇردەك نەۋقىران ئالىملار ئونلاپ چىقىپ، يۈزلەپ يېتىشىپ، ئىلىم ـ پەن مەيدانىدا بۈيۈك نەتىجىلەر قازىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىك. ئۇيغۇرنىڭ ئون ئىككى مۇقامى دۇنيادا تەڭدىشى يوق مەدەنىي مىراس بولۇپ، قىتئەلەر ئارا ياڭراۋاتىدۇ. دېمەككى، ئۇيغۇرنىڭ ھېچبىر مىللەتتىن قالغۇچىلىكى يوق!历史上的今天:
رۇيلىدا كېڭىيىۋاتقان ئۇيغۇر قەبرىستانلىغى 2010-06-15بىيجىڭ ئايرىدىرومىدىن پارىژ ئايرىدىرومىغىچە 2010-06-15ئىگىسى تونۇمىغان گۆھەر __ كىرورەن 2010-06-15ھاۋا رايى 2010-06-15ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋاقتى 2010-06-15
收藏到:Del.icio.us