• ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق(1)

    2010-06-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66073296.html

    1 ـ ئەقىدىسىزلىك ھەركىم بىلىدۇكى، ئىنسان - تەن (بەدەن) بىلەن روھ (جان) دىن تۈزۈلگەن مەخلۇق. روھ بولمىغان بەدەن بەجايىكى بىر قۇرۇق جاھازدۇر. ئەمدى ئەقىدە بولسا، ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئەقىدىلىك ئىنسانلا، ئاندىن يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقى ئىنسان سانىلىدۇ. ئەقىدە يەككىلىك دۇنياسىنىڭ ھاسىلى ئەمەس، بەلكى ئومۇملۇق ئالەمىنىڭ مۇبارەك مەھسۇلاتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە ھېچقانداق بىر شەخسكە تەئەللۇق خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمغا، كوللىكتىپقا ئورتاق بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇنى كۈندۈزدىكى پارلاق قۇياشقا، كېچىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشاتسا بولىدۇكى، ئەقىدىلىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇ قۇياش ۋە ئاشۇ ئاينىڭ سېخى نۇرى بىلەن ھەمىشە يورۇق تۇرىدۇ. ئەقىدەنى پەقەت كۆپۇل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك رىشتە دېسە بولىدۇكى، ئەقىدىلىك مىللەتنىڭ قەلبى ئاشۇ خاسىيەتلىك رىشتە شاراپىتىدىن بىر ـ بىرىگە ھەر دايىم چىڭ باغلانغان بولىدۇ. ئەقىدە ― سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئۆز ئارا بىر ـ بىرىمىزگە ئىشىنىشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزگە چىنپۈتۈشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزنى ئۆز ئارا قوللىشىمىزنى مىزان يادروسى قىلىدۇ. ئۇ ـ سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايىمىزنى كۈرەش نىشانىسى ۋە مەقسەت مەنزىلى قىلىدۇ. ئەگەر سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ، مەن قوپۇپ سەندىنمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ گۈمانلانسام، بىز ئۇچىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتىمىزگە تەئەللۇق ئىشتا، ئۇچىمىز ئىشنى ئۇچ تەرەپكە تارتساق، تەبىئىيكى مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەجەللىك يېرى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سەن بىزگە تەئەللۇق مەنپەئەت باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، سەن بىز بولساق، ھەقلىق نېسىۋىمىزدىن ئايرىلىپ، ئاشۇ روۋۇك پېتى قېلىۋېرىمىز. ئەڭ مۇھىمى، ئەقىدە ئىنسانىيەت مۇئەييەن توپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىر خىل يۈكسەك ئەقىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەب مىللىتىنىڭ جىددى ئېھتىياجى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ماركسىزم بولسا، پرولىتارلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ئۇل قىلىپ بەرپا قىلىنغان. دەرۋەقە كېيىنچە، مىللەت ئايرىمىسى خىلمۇ خىل بولغان قەۋملەر ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەرنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشى ۋە ئىسلاھاتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بەزىلىرى قىلىچتىن قورقۇپ، بەزىلىرى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئەرەبلەرگە ئەقىدىداش مۇسۇلمان (ئىسلامغا ئەقىدە قىلغۇچى) لاردىن بولغان. ئۇيغۇرلارمۇ شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. بىراق ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دېگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ» دېگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى ـ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دېگەنلىرىمۇ كاززاپلىق. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشتلاپ، ھاياتىي كۈچى بار ئۆمرىنى ئاۋام خەلقنى قاقتى ـ سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرگىنى، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە ـ مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ «ھاجى ھەرەم» بولىۋاتقانلىقى شاھىت. ئۇلارنىڭ «مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن» دېگىنى ئالدامچىلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يورۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم. ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى «كۆڭلى قارا ئادەم» دەيدۇكى، قارا كۆپۇل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرق بولغان يېگانە «مەن» دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش، سەمەتنى قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ـــ ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ. مانا بۇ ــ 21 ـ ئەسىرگە كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولىۋاتقان ئەھۋال! دەرىخا! پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، ئەقىدىسىز ئەلدە شەخسىيەتچىلىك يامراپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلدە، گۇمانخورلۇق، ساتقىنلىق قايناپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلنىڭ شانلىق تارىخىمۇ، پارلاق ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ. كېلەچەكشۇناس ئالىملارنىڭ گويا بىردەك قارىشى شۇكى، 21 ـ ئەسىر پەن ـ تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان، مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققى قىلغان، دېموكراتىيە يۈكسەك تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پەن ـ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىقابەتمۇڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىر بولىدۇ. 21 ـ ئەسىردە كىمنىڭ پەن ـ تېخنىكىسى ئۇستۈن، كىمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ كۈچلۈك بولىدۇ. كىم ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئىلغار ئەقىدىگە ئىگە بولسا، شۇ مۆھتەرەم، شۇ ئېتىبارلىق بولىدۇ. سەنمۇ ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادى، سەنمۇ ھاۋا ئانامنىڭ يۈرەك باغرى، ھالبۇكى سەنمۇ ئۆزەڭنى قەدىرلە، ئۆزەڭنى سۆي، ئۆزەڭگە ئىشەنچ قىل. بىلگىنكى، ھەرقانداق مەۋجۇدات مۇئەييەن قىممەت بىلەن قەدىرلىك. ئىنسانمۇ شۇنىڭغا تەئەللۇق. سېنىڭ قىممىتىڭ بولسا قەدىرلىك يارسەن، ئەگەر قىممىتىڭ بولمىسا، قەدىرسىز خارسەن. قەدىرسىزلىك، خارلىق ساڭا ۋە ماڭا ھەرگىز خاس ئەمەس! شۇنداق ئىكەن، قەددىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق، قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق! مانا بۇ ـــ نۈسرەت قەدىمىنىڭ ئىپتىداسى، غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى. دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقويۇپ تۇرۇپ، ئوبدان ئويلان، ئەبگا!

    2ـ ئىناقسىزلىق ۋە ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىق


        ئادەمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادەمى،
       ئانىكىم خەلق غەمىدىن يوقتۇر غەمى.
    - ئەلىشىر نەۋائى
    ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىۋاتقان بەزى ئالىملار «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنچە ياۋاش ۋە مۇنچە ساددا بولۇشى ئۇلارنىڭ ھەمىشە قوي گۆشى يەيدىغان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا. مېنىڭچە بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى يەر شارىدا ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى ئۇنىڭدىكى سۇ، ھاۋا ۋە كۈن نۇرى قاتارلىق تەبىئى مۇھىت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. تەبىئى مۇھىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ماكانلاشقان ئورنى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇد. مەسىلەن، تاغلىقلاردا تاغ پىسخىكىسى، چۆل ـ باياۋانلاردا ياشايدىغانلاردا چۆل پىسخىكىسى، دەريا ـ دېڭىز بويلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلەرنى ماكان قىلغانلاردا بولسا، شۇ كونكرېت مۇھىت شەكىللەندۈرگەن خاس پىسخىكا بولىدۇ. ئەمدى كۈندە ئۇچ ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىكى پەرقلەرمۇ ئىنساننىڭ پىسخىكىسىدا مۇئەييەن ئىزلارنى قالدۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام شەرىئىتى ئىجازەت بەرگەن ئاچا تياق جانۋار كالىنىڭ گۆشىنىمۇ «تەبىئىتى سوغۇق، ئادەمگە سوغۇق كېلىدۇ» دەپ يەكلەپ تۈزۈك يېمەيدىغان، يىل ئون ئىككى ئاي ئاساسەن قوي گۆشى بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان ئۇيغۇرغا قوي مىجەزىنىڭ سىپىپ قېلىشىمۇ ئابايقى گەپ. بىراق خۇدا بىلىدۇ، ئەبگا ئۇيغۇرغا ئاشۇ جانۋار قوينىڭ ئەڭ مۇبارەك خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدىغان ئۆملۈك، ئىناقلىق خىسلىتىنىڭ مۇتلەق سىڭمىگەنلىكى ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئالايلۇق، تۆت توڭگۈزنى باققىلى ئېلىپ چىقسا، ئېغىلدىن چىقىپلا تۆتى تۆت تەرەپكە پىتىراپ كېتىدۇ. بىراق ئوتتۇز قوينى بىر كىچىك بالا دەلنەزى باقالايدۇ. چۈنكى قوي دېگەن بىر ـ بىرىگە ئەگىشىدۇ، توپ ئوتلايدۇ. ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، نىسبەتەن چېچىلىپ ئوتلاۋاتقان قويلار ئەگەر بۆرىنىڭ ۋەھىمىسىنى سەزسە، دەرھال  «دۈررىدە» كېلىپ، بىر جايغا مەھكەم توپلىشىۋالىدۇ ــــ شۇ يۇۋاش، ساددا قويمۇ ئۆم بولۇپ، ئۇيۇشۇپ تۇرۇپ، بۆرىنىڭ ھۇجۇمىنى تار ـ مار قىلىدۇ! بىراق ئەبگا ئۇيغۇردا ئۆملۈك، ئىناقلىق ھۇجەيرىسى كەم ياكى تەرەققى قىلمىغان بولغاچ، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆملۈكتە ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە خۇددى توپتىن ئايرىلغان قوي بۆرىگە يەم بولغاندەك تەقدىرگە ئۇچراڭلا تۇرىدۇ.
    تارىخ كىتابلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇچقاندەك ئالغا كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە مەزمۇت ئولتۇرۇپ، گاھى ئاتنىڭ قورسىقىغا شۇڭغۇپ تۇرۇپ، ئوقيانى ئالدى تەرەپتىكى نىشانغا قانداق دەل تەككۈزسە، بەل ئۈستىنى «شاپپىدە» كەينىگە بۇراپلا ئوق ئۈزۈپ، ئارقا تەرەپتىكى دۈشمەننىمۇ تىك موللاق چۈشۈرىدىغان جەڭگىۋار مىللەت ئىدى دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆم ـ ئىناقلىقى ھەققىدىمۇ مۇنداق بىر يارقىن رىۋايەت ئەلمىساقتىن بۇيان، ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا، كىتابتىن ـ كىتابقا كۆچۈپ، داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ: «ئۇيغۇرنىڭ مەئناسى بارچەغە مەلۇم ياپۇشقۇچى مەئناسىدادۇر. مەسىلەن، ئايتەلەر سۈت ئۇيۇدى دېپ. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىندىن ئايرىلە ئىدى. قاتىق بولغاندان سوڭ بىرى بىرىنە ياپۇشدى ۋە دەخى ئايتەلەركى ئىمامغە ئۇيۇدى. ئىمام ئوتۇرسا ئوتۇرار، تۇرسا تۇرادۇر بەس، ياپۇشقانى بولماي مى؟ ئانلار كەلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتەكىنە قوللارى ئىلەن مۇھكەم  ياپۇشقاچ، خان ئانلارغە «ئۇيغۇر» دەدى، ياپۇشقۇچى دېگەن سۆزدۇر» («ئۇيغۇر» نىڭ مەنىسى ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، «يېپىشقۇچى» دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن، سۇت ئۇيۇدى دېگەنگە ئوخشاش. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىگە ھىملەشمەي تۇرغان نەرسە، قاتقاندىن كېيىن بىر ـ بىرىگە يېپىشىدۇ. يەنە تېخى «ئىمامغە ئۇيۇدى» دېگەن گەپمۇ بار. ئىمام ئولتۇرسا ئولتۇرىدۇ. تۇرسا تۇرىدۇ، بەس. مانا بۇ يېپىشقىنى بولماي نېمە؟ ئۇلار كېلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتىكىگە قوللىرى بىلەن مەھكەم يېپىشقاچ، خان ئۇلارنى «ئۇيغۇر» دېگەن. بۇ  «يېپىشقۇچى» دېگەن سۆزدۇر.) [ قاراڭ: ئەبۇلغازى بەھادىرخان يازغان «شەجەرەئى تۈرك» (تۈركىي خەلقلەر شەجەرىسى) 11 ـ بەت، قازان ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى 1891 ـ يىل نەشرى ]. دېمەككى، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئۆم ـ ئىناق بولغاچ، «بىر ـ برىگە يېپىشىپ ئۇيۇيدىغان»، «ئۇيۇشقاق خەلق» مەنىسىدە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئام ـ ئىناقلىق ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پەزىلىتى ۋە يۈكسەك خىسلىتى ئىدى. ئۇزاق قەدىمدىكى ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆم ـ ئىناق ۋە ئۇيۇشقاق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق جەڭگىۋار مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە بۇيۈك قاراخانىيلار زامانىسىدىكىدەك شانلىق مەدەنىيەت دەۋرىنى بەرپا قىلالىغان.
       ۋاھالەنكى كېيىنكى چاغلاردا، خېلى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارغا ئۆز يۇرتلىرىنى ئوراپ تۇرغان تەكلىماكاندىكى قۇمنىڭ خۇسۇسىيىتى سىڭىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۆملۈك، ئىناقلىق ئەنگۈشتىرىنى يوقىتىپ قويغان. نەتىجىدە تەدرىجى ئەبگالىشىپ، بۈگۈنكىدەك ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئۆزئارا ئۆم ـ ئىناقلىقتا بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر ــ بىرىنى قوللىشىش بىلەن ئەمەس، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزئارا ھەسەتخولۇق قىلىش، بىر ـ بىرىنىڭ كۆتىنى كولاش، بىر ـ بىرىنى ھۆل خىشقا دەسسىتىش، كادىرى پۇقراسىنى ئالداش، شەھەرلىكلىرى يېزا ـ سەھرالىقلىرىنى گوللاش، مەست بولغاندا ھال ئوقۇپ دەرتلىشىش، يېشىلگەندە بىر ـ بىرىنى داۋاملىق قەستلىشىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغان.
    يەككە ـ يەككە ئىناقسىزلىقنى ئازدەپ، توپلىشىپ ئىناقسىزلىق قىلىشنىڭ مودا بولۇپ قېلىۋاتقىنىغا ئەييۇھەنناس! ئالايلۇق، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەرەققىي قىلىپ تازا قىيامىغا يەتكەن بىر جاھىل ئىللەت. ئۇنى «ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز ئارا قوللىشىش» دەپ پەدەزلەۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت!
    سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان مىللەتلىرى تېخى رەسمىي مىللەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن چاغلاردىكى ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنىڭ قالدۇقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر قالاقلىق ۋە قاششاقلىق ھارۋىسىنىڭ ئەبجەق جابدۇقى. ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنى دۇنيا مىللەتلىرى ئۆز ئېڭىدىن چىقىرىپ تاشلىۋەتكىنى نەۋاخ؛ بىز ئۇيغۇرلار ئۇنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىمىز تىخى باشتىن ئاياغ. يىگىرمە ـ ئوتتۇز يىلنىڭ  ئالدىدا، «شىماللىق» ۋە «جەنۇبلۇق» دەپ ئىككىگىلا ئايرىش بار ئىدى. ھازىر جەنۇبلۇقلار يەنە ئاقسۇلۇق، كاشغەرلىك ۋە خوتەنلىك دەپ ئايرىلىدىغان، كاشغەرلىكلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن قاغىلىقلىق، پوسكاملىق ۋە يېڭىسارلىق دەپ تۈرلىنىدىغان بولىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايرىش بۇرۇن ئاۋاملار ئارىسىدا كۆپرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا باھانە كۆرسىتىپ:  «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئاڭ ــ سەۋىيىسى تۆۋەن» دەيتتۇق. ھازىر بولسا، بۇ بىر قىسىم كادىرلارنىڭ دەۋران سۈرۈش ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى، بۇنىڭغا نېمە دەپ باھانە كۆرسىتەرمىزكىن؟ بولدى، باھانە كۆرسەتمەيلى، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېچىپلا دەيلى ــ بۇ دەل قىسمەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ئەبگالىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى!
    زىيالىلار قوشۇنى ئىچىدىكى مەھەللىۋازلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ، قۇسقۇسىنى كەلتۇرىدۇ. ھېكايەت، مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلۈمىگە يۇقىرىدىن بەش شىتات بېرىلگەن بولۇپ، ھايت ــ ھۇيت دەپ بولغىچە، بۆلۈم باشلىقى ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان ئۇچ ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان. نەتىجىدە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا پىكرى چىققان، چوڭ باشلىقنىڭمۇ سەل خۇيى تۇتقان. شۇڭا بەشىنچى شىتات ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، شۇ بۆلۈم خىزمىتىگە تازا باب كېلىدىغان، بىراق بۆلۈم باشلىقى بىلەن يۇرتداش بولمىغان بىر ياشنى بەرگەن. ئۆز كەسپىگە ماس خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بۇ ياش بۆلۈمگە ئەتىگەن كېلىپ، كەچ قايتىپ، خىزمەتلەرنى شۇنچە جانپىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، بۆلۈم باشلىقى تۇخۇمدىن تۈك ئۇندۈرۈپ، ئۇنى سېسىق گەپلەر بىلەن ئەيىبلەپ خاپا قىلغان. بۇنى ئاز دەپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈنگىچە كۆپچىلىكنىڭ ئالدېدىلا بۆلۈمنىڭ بۇلۇڭىدىكى تۈكۈرۈك قاچىسىنىڭ لېۋىگە قوندۇرۇپ ساپ ـ سېرىق خەپرۈك تۈكۈرۈپ، ھېلىقى غەيرى يۇرتداش ياش بالىنى «تۈكۈرۈك قاچىسىنى يۇيۇپ كىر» دەپ بۇيرىغان. ياش بالا ئۇن ـ تىنسىز ئۇنى يۇيۇپ كىرگەن. يەنە بەش ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بۆلۈم باشلىقى ئۇ ئىپلاس قىلىقىنى يەنە تەكرارلىغان. غەيرى يۇرتداش ئۇيغۇر ئاشۇنداق خارلانسا، يۇرتداشلار بىر تەرەپتە «خىر ـ خىر» كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۆلۈم باشلىقى مەزكۇر غەيرى يۇرتداش بالىنى دوكلات يېزىپ، باشقا بۆلۈمگە يۆتكېلىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن باشقىلار ئۇ بۆلۈم باشلىقىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇجۇر ـ بۇجۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، جانابى بۆلۈم باشلىقى ھېچبىر خىجىل بولماستىن: «نېمىشقىدۇر مېنىڭ كۆزۈمگە باشقا يۇرتلۇقلار زادىلا سىغمايدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بىر ئۇرۈمچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئىككى يىل ئوقۇب بولغاندىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ يۇرتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» دېگەن بىر ماۋزۇنى سۇنغان. ئۇستازى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ ماۋزۇ ھەققىدە يازىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «خەقلەر، مەھمۇد كاشغەرى، مەھمۇد كاشغەرى، دېسە، قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ. مەن ئۇ ئادەمنى كاشغەرلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇرۈمچىلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭسىزمۇ شىماللىق ئۇيغۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ نامايەندە شېئىرى «تۈگىمەس ناخشا» نى جەنۇبلۇق شائىرلار «ئۇ شېئىر ئەمەس، بەلكى ئىككى ئېغىزلا گەپ» دەپ قەستەن چۈشۈرۈپ ماقالە يازىدىغان، جەنۇبلۇق ئالىم موللا مۇسا سايرامى ۋە نىم شەھىد ئارمىيە ئېلىلەرنىڭ تۇپراق بېشىغا بولسا، شىماللىق ئەدىبلەر يولاپمۇ قويمايدىغان ئەھۋال بىر قىسىم زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا غەيرى ھال ھېسابلانمايدىغۇ؟!
    دەرۋەقە، يۇرتداشلار بىر يەرگە كەلسە، ھېلىقى تونۇش تار كوچىنىڭ دوقمۇشى ۋە ھېلىقى دوڭغاق سۆگەتنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ سۈيى ھەققىدە مەھەللىۋى تەلەپپۇز بىلەن بىردەم ـ يېرىمدەم كاسىلدىشىۋالسا، ئادەم خېلى پۇخادىن چىقىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇرتداشلارنىڭ ئۆز ئارا ئىزدىشىشى ۋە بىرگە ئولتۇرۇپ ـ قوپۇش قىلىشىنى ئاداققى ئەيىبلىك ئىش دېگىلىمۈ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق يۇتداشلار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى سىياسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىزمەت مەيدانىدا ھېچقانداق بىر ئىقتىدار ئۆلچىكى يوق مەھەللىۋى مەزھەب بولۇپ ئۇيۇشۇۋالسا، ئۇ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىللەت تۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسى گەۋدىسىگە چىققان بىر خىل ئۆسمە. ھالبۇكى ئۇنى پەقەت ئۆز ۋاقتىدا كېسىپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
       خوش، ئەبگالىق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىناقلىشالمايدۇ؟ نېمىشقا بىر ـ بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تونۇش جەھەتتە، ئەجدادلىرىمىز ئەسىرلەر مابەينىدە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن تەۋەررۇك ئاڭ ــ ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىغا ئۇزۈل ـ كېسىل خىيانەت قىلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا ئىچكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇ دەرىجىدە ناچار بولۇشى ئۇلاردا ئوتتۇراق مەنپەئەت ئېڭى ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئىدىيىسىنىڭ يوقلۇقىدىن بولىۋاتىدۇ.
       روناق تېپىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، مەيلى قانداق قەۋم، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مەنمۇ گۇللىنەي، تەرەققى قىلىپ باشقا ئەللەر قاتارىدا يۈكسەك مەدەنىي ھايات باياشاتلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەيدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز ئېڭىدا، ئۆز قەۋمى، ئۆز مىللىتىنىڭ جامائىتى ئۈچۈنلا تەئەللۇق بولغان ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە قارىشىنى ئەبەدىيلىك قىلىپ تۇرغۇزۇشى لازىم. ھېكايەت، گېرمانىيىدە ئەخلەت تۆكىدىغان جاي ئاھالىلار ئولتۇراقلاشقان بىنالاردىن خېلىلا يىراقتا بولىدىكەن. ئاھالىلار ئۆز ئۆيلىرىدىن چىقىدىغان كۈندىلىك ئەخلەتنى ئاشۇ خېلى يىراق جايدىكى ئەخلەتخانىغا ئۆزلىرى ئاپىرىپ قويىدىكەن. كىشىگە تەنبىھ بولىدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار ئەخلەتنى قارا ـ قويۇق پوملاپلا تاشلاپ قويماستىن، ئۆزلىرى ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، مەسىلەن، سەي ـ كۆكتات ئېشىندىلىرى ۋە مېۋە ـ چىۋە شۆپەكلىرىنى ئايرىم، قەغەزلەرنى ئايرىم، تۆمۈر بوتۇلكىلارنى ئايرىم ۋە ئەينەك بوتۇلكىلارنى ئايرىم قىلىپ، خاس خالتىغا چىرايلىق قاچىلاپ، ئاندىن ئاپىرىپ قويىدىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن زىيارەتچى ئۇلاردىن: «ئەخلەتخاناڭلارنىڭ يېنىدا، ھەممىنى پوملاپلا تاشلىدىڭ، دەپ تۇتىۋالىدىغان ساقچىلارغۇ كۆرۈنمەيدۇ. ھالبۇكى مۇنچىۋالا زىللىق قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار تولىمۇ تەبىئى قىياپەتتە: «بۇ ئەخلەتلەر ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا بارغاندا، ھامىنى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ھالبۇكى ئەگەر بىز تۈرلەرگە ئايرىپ بەرسەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان سەرپىيات ۋە ئاجرىتىدىغان خىراجىتىنى تىجەپ قالىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئۈچۈن پايدا. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ پايدا، ئاشۇ مەنپەئەتتە بىزنىڭمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىز بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، ياۋرۇپادا ئىشلەمچى بولۇپ يۈرگەن تۈركلەر يىلدا بىر قېتىم تۈركىيىگە قايتىپ، ھۆكۈمەتكە شەخسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى لازىمكەن. ھەۋەس قىلىشقا تېگىشلىك ئاڭ شۇكى، ئۇلاردىن ھېچكىم بۇ باجدىن قېچىپ چەتئەللىك بولىۋالمايدىكەن. ھەر يىلى بەلگىلەنگەن مۆھلەتنىڭ دەل ئۆزىدە، كېلىشلىك باجنى ئاشۇرۇپ تاپشۇرسا تاڭشۇرىدىكەنكى، ھەرگىزمۇ كەم تاپشۇرمايدىكەن، باج ئوغۇرلىمايدىكەن، ھۆكۈمەتنى ئالدىمايدىكەن. نېمىشقا؟ ھۆكۈمەتنى ئالدىساق، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى ئالدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئېشىمىزغا ئۆزىمىز توپا سالغان بولىمىز دېگەن تونۇش ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خۇددى ئوچۇق ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەنىكەن. مانا بۇ ــــ ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تەبىئىي ئىنكاسى!
       دۇرۇس، سەن قانۇن جەھەتتە، مۇستەقىل بىر ئىنسانسەن. شۇڭا، قانداق ياشاش سەندىكى دەخلى تەئەررۇزسىز ھوقۇق. بىراق سېنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ شەنىنى بۇلغاشقا مۇتلەق ھەققىڭ يوق. چۈنكى سەن ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇرسەن، ھازىرقى جۈڭگو نوپۇس دەپتىرىدە، يەتتە مىليون ئىككى يۈز ئون تۆت مىڭ تۆت يۈز ئوتتۇز سەككىز سانىلىۋاتقان (1990 ـ يىلىدىكى سان) ئۇيغۇرنىڭ بىر نەپىرىسەن. دېمەككى، سەن ئۇنداق يەككە ــ يېگانە، يېتىم ــ يېسىر بىر ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، «ئۇيغۇر» ئاتلىق بۇ بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ بىر ھۇجەيرىسىسەن. ھالبۇكى، سەن ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مەۋجۇت. ئۇيغۇر گەۋدىسى نابۇت بولسا، سەنمۇ بولىسەن نابۇت. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى كۈچلۈك بولسا، سەنمۇ كۈچلۈك، ئۇيغۇر گەۋدىسى ئاجىز بولسا، سەنمۇ ئاجىز روۋۇك. بۇ يەردىكى كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقنى بەلگىلەيدىغان نەرسە، پۈتكۈل ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى ۋە جان تومۇرى بولغان ئوتتۇراق مەنپەئەت، ئەلۋەتتە!
       سەندە ئوتتۇراق مەنپەئەت ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن ئوتلىغان ئېشەكتەك ئۆزەڭنىڭ گېلى ۋە ئۆزەڭنىڭ ئەمىلىنىڭ كويىدىلا سوگۇلداپ يۈرىدىغان بىچارە ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيسەن؛ ئوتتۇراق مەنپەئەت ئېڭى بولغاندىلا، ئاندىن شەخسى مەنپەئەتتىن كېچەلەيدىغان، ئۆز نەپسىڭنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقا قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭنى ۋە زېھنىڭنى بېغىشلىيالايدىغان بولىسەن. سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئەمەتنىڭ ئەمىلى سەندىن يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان، سەمەتنىڭ سىيىرى سېنىڭكىدىن ئوشۇق موزايلىسىمۇ خۇيۇڭ تۇتۇپ قالماي خوشال يۈرەلەيدىغان بولىسەن. ئەڭ مۇھىمى، سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن مەيلى گۇاڭجۇ، مەيلى شاڭخەي ۋە مەيلى ئىستانبۇل ياكى بېرلىندە بولساڭمۇ، يۈرىكىڭ سېلىپ كەتمەي، «مەن ئۇيغۇرمەن» دېيەلەيدىغان، ئۆز ۋەتىنىڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ غېمىنى ئۆز غېمىڭ بىلىپ يېيەلەيدىغان بولىسەن.
       يەكۈن شۇكى، ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى يوق ئەلدە، ئۆملۈك، ئىناقلىق بولمايدۇ. ئۆملۈك، ئىناقلىق يوق يەردە، بىچارىلىكتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ.
    بىچارىلىك ساڭا باقىمەندىمۇ، ئويلان، ئەبگا!

    3 ـ ساتقىنلىق ۋە مۇناپىقلىق

    يولۇڭنى تۈزەتكىن، خۇي پەيلىڭ تۈزەت،
    بول ئىككى جاھاندا تۆردە ئولتۇرا.
    (يۇسۇپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» 6641  ـ بېيت)

    ساتقىنلىق ــ ئەبگالىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى روناق تاپقۇزمايۋاتقان ئەڭ ئەجەللىك ئىللەتلەرنىڭ بىرى. ھېكايە، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، غۇرۇرى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ئۆزى بىلەن بىر تىلدا سۆزلەيدىغان، ئۆزى بىلەن بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان روزى موللىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەپسىگە ئېلىنىپ، 1933 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى پاجىئەلىك ھالدا قەتلى قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇ تېخى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئەزىمەت ئىدى.
       بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ــ ئۇيغۇر، روزى موللىمۇ ئۇيغۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، زادى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر روزى موللا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چېقىشتۇرۇپ، ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدۇ؟ بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە روھ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتا. يەنى بۇ ئىككەيلەن گەرچە دىنداش ۋە مىللەتداش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھ بىر ـ بىرسىنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پۈتكۈل خەلقىم، پۈتكۈل مىللىتىمنىڭ ئوتتۇراق مەنپەئەتى مېنىڭ مەنپەئەتىم؛ مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىدادۇر جېنىم دەيدىغان مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئىگىسى ئىدى؛ روزى موللا بولسا، مېنىڭ گېلىم ــ مېنىڭ بارلىقىم؛ ھاكىم گېلىمغا نان بەرسىلا ئۆز مىللىتىمنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى بەش پۇلغا سېتىۋەتسەممۇ شۇركەنمەس تېنىم دەيدىغان ساتقىنلىق روھىنىڭ بەندىسى ئىدى.
       سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، مىللەتپەرۋەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۈستەھكەم ئۇلى ۋە تەۋرىمەس ئاساسى. ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەم تەبىئىي ھالدىلا ئۆزىنىڭ يۇرتىنىمۈ سۆيمەيدۇ. ئەمدى، ئۆزىنىڭ يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى چىندىن سۆيۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاداققى نىشان قىلىنغان مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە، ھەر قايسى مىللەتلەرگە خاس تۈرلۈك ئادەملەرنىڭ قەلبىدە باراۋەرلىك ۋە خوجايىنلىق تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى تولۇقى بىلەن جارى قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار، ئەلۋەتتە. ئەگەر بۇ چۈشەنچە توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا، مىللي ساتقىنلىق ۋە مىللي مۇناپىقلىق تىتاڭ تومۇرىغا تەككۈزۈپ ئەيىبلىنىشى ۋە خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىنىپ، ئادەمي ئەخلاق بابىدىن ۋە ئىنساني پەزىلەت مەيدانىدىن ئەبەدىيلىك قىلىپ قوغلاپ چىقىرىلىشى لازىم.
    ئوچۇق كۆپۇللۈك بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان ئىچكى تارىخىدا، ھامان زور ــ زور پاجىئەلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر كۈرەش بار. ئۇ بولسىمۇ، مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر. 30 ـ  ۋە 40 ـ  يىللاردىكى ئويغىنىش دەۋرىدە بىھۈدە قەتلى قىلىنىپ كەتكەن ئاتاقلىق تەرەققىيپەرۋەر دىني زات ئابدۈقادىر داموللام، مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق ئەپەندى ۋە ئوتيۈرەك شائىر، تاغ يۈرەك تالانت لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ خىل مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ غوللۇق قۇربانلىرى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن يەكۈنلەپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە، روزى موللىلارنىڭ كۆپلۈكىنىڭ قانلىق نەتىجىسى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئارىدىن ئاتمىش ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلارمۇ، ساتقىن روزى موللىنىڭ ئىپلاس جەندىسىگە مىراسخورلۇق قىلغانلارمۇ بار. ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپمۇ ياكى روزى موللىنىڭ ئەۋلادى كۆپمۇ؟ ئەتراپىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار!
    بىز «ئۇ مىللەتمۇ بولمايدۇ، بۇ مىللەتمۇ يارىمايدۇ. دۇنيادا مەن ئاكاڭ بىرىنچى» دەيدىغان تار مىللەتچىلىككە ئىنتايىن ئۆچمىز. بىز مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى كۆز قارچۇقىمىزدىن بەكرەك ئەزىزلەيمىز ۋە ئاسرايمىز. چۈنكى، بۇ يۇمۇلاق يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلىرىنى پەقەت يۇمۇلاق شىرە ئەتراپىغا جەم بولۇپ، ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇرۇپ، ھەممە تەرەپلەرنى ئوخشاش كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئەستايىدىل سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە سىردىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز «مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاق، ئىناق بولۇش» دېگەن ئەسلىدىن توغرا ۋە ھەقلىق شوئارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە بۇرمىلاپ،  «ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىش، ئۆز خەلقىنىڭ ھەقلىق نېسىۋىسىنىمۈ قالدۇرماي سېتىۋېتىش» قىلىپ چۈشىنىۋاتقان ۋە چۈشىەندۈرىۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت ئوقۇيمىز!
    سەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت مەركىزىي تۈۋرۈك قىلىنغان ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر كادىرسەن. ئەڭ ئەقەللىي ساۋات شۇكى، سەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيغۇر مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلىسەن. چۈنكى ئەگەر سەن ئىسسىق قانلار بەدىلىگە كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق بىر ئۇيغۇر بولمىغان بولساڭ، ساڭا ئۇ ھوقۇق، ئۇ ئورۇندۇق مۇتلەق يوق ئىدى. شۇڭا، سەن ھەر خىل مەجلىسلەردە، تۈرلۈك قانۇني سورۇنلاردا ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىڭنىڭ يىغىسى ئۈچۈن يىغلىشىڭ، ئۆز مىللىتىڭنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن كۈلىشىڭ كېرەك. ئەگەر سېنىڭ پىكرىڭ، سېنىڭ بايانىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، راست بولىدىغانلا بولسا، يىغىن رىياسىتى، قانۇن ــ تۈزۈم مەمۇرىيىتى سېنىڭ پىكرىڭنى قوبۇل قىلىدۇكى، پەقەت شۇ چاغدىلا سەن ھەقىقىي ئۇيغۇر كادىرى بولغان بولىسەن. ئەكسىچە سەن «مەن ئۇيغۇر كادىرمەن، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئۈچۈن گەپ قىلسام، شەخسىيەتچىلىك قىلغان، مىللەتچىلىك قىلغان بولىمەن. بۇ ھالدا يولداشلارنىڭ ماڭا پىكرى چىقىپ قالىدۇ» دەپ، ھەقىقەتكە چاپان ياپساڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ تۇرمۇشىدىكى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك دەرد ـ ئەھۋالىنى راستى بىلەن دوكلات قىلمىساڭ، ئۇنى ئاز دەپ باشلىقنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش تەمەسىدە پاكىت ئويدۇرۇپ يالغان گەپ قىلساڭ، بۇ ھالدا سەن ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى ساتقان ئەبگا كادىر بولغان بولىسەن، خالاس.
       بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، مەلۇم ساندىكى ساتقىنلارنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەجەبلىنەرلىكى ۋە خەۋپلىنەرلىكى، ساتقىنلىق ئىللىتىنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۈچۈن جاھاندارچىلىق ۋاستىسى بولۇپ قېلىشى. ساتقىنلىق بىر مەرەز ئىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ سوبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى تۆرىلىش ۋە يامراش سەۋەبلىرىگىمۇ ئىگە.
       نەپسانىيەتچىلىك ــــ ساتقىنلىق تۆرەلمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆستۈرىدىغان پارنىك.  «كۆڭلى تىلەركى دەھردە بار پۇلنى ئالسا ئول، بولسا ئاڭا نەسىب بۇ ئالەمدە بارچە ھەرام» ( كۆڭلى بۇ دەۋردىكى ھەممە پۇلنى مەنلا ئالسام، ھەتتا بۇ ئالەمدىكى بارلىق ھارام نەرسىلەرمۇ ماڭا نېسىب بولسا، دەپ تىلەيدۇ) مانا بۇ 18 ـ ئەسىر ئۇيغۇر شائىرى ئەمىر ھۈسەين سەبۇرى قەلىمى سىزغان نەپسانىيەتچىنىڭ ئوبرازى. نەپسانىيەتچى ئادەمنىڭ ئولتۇرسا ـــ قوپسا ئويلايدىغىنى شەخسى ئۆزىنىڭ نەپسى، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى، ئۆزىنىڭ تويماس گېلى. ئۇنىڭ تونۇشىدا يا ھالال ـ ھارام ئېڭى، يا ھەق ـ ناھەق قارىشى مەۋجۇد بولمايدۇ. ئۇنىڭغا پۇل بەرسىلا، گېلىغا ھەلەڭنىڭ ئورنىدا بىر يېگۈلۈك بەرسىلا، ئاشۇ پۇل بەرگۈچى ۋە ئۇنى باققۇچى ئۈچۈن ئېشەككە ئوخشاش ئىشلەۋېرىدۇ. مۇنداق ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇل ئۈچۈن، ھارام تاماق گال ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىز مەنپەئىتىنى سېتىۋېتىش يېڭىغا قونۇپ قالغان توپىنى قېقىۋەتكەنچىلىكمۇ بىلىنمەيدىغان ئىش.  ھالبۇكى قەيەردە نەپسانىيەتچى كۆپ، شۇ يەردە ساتقىن كۆپ؛ قەيەردە ساتقىن كۆپ، شۇ يەردە بۇرۇختۇملۇق، ئاھ ئۇرۇش ۋە روھى ۋەيرانىلىق كۆپ.
       بىپەرۋالىق بىلەن رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش ـــــ ساتقىنلىقنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى. ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە مەرد ئوغۇل ئىدى؛ روزى موللا بولسا، روھىي دۇنياسى ئەڭ پاسكىنا، ئىنسانىيەت ئىللەت بابىدىكى پەسنىڭ پېسى سانىلىدىغان ساتقىنلىقتىن ئىبارەت مەخلۇق روھىغا قۇل ئىدى. ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر ھەتتا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئەيمىنىدىغان، دوستلىرى، قېرىنداشلىرى بولسا، سۆيۈنۈپ تەلپۈنىدىغان سەردار ئۇيغۇر ئىدى؛ روزى موللا بولسا، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلارنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدىغان سېپى ئۆزىدىن بولغان ئەبگا ئۇيغۇر ئىدى. يەنە ھەممە ئادەم بىلىدۇكى، بۈيۈك ئىنسان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ھايۋان تەبىئەت روزى موللا ساتقىنلىق قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنۇ، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن روزى موللا بولسا، يەنىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەخىرامان يۈرىۋەرگەن. ھېچقانداق بىر تارىختا، ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇ ساتقىننىڭ ھەتتا بىر تال مويىغىمۇ چېقىلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. بۇ نېمە؟ بۇ ــــ رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش! ئۇ ئالىممۇ ياكى زالىم، ئۇ قەھرىمانمۇ ياكى خائىن، ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ. مۇھەببەتنىمۇ، نەپرەتنىمۇ ئوخشاشلا بىر قەبرىستانلىققا كۆمىۋېرىدۇ. بەك ئاچچىغى كېلىپ كەتسە،  «خۇدايىم جازاڭنى بېرەر، ئىلاھىم»،  «ئەلقىساسۇ مىنەلھەق» (قىساسنى ئاللاھ ئېلىپ بېرىدۇ) دەپ قارغاپ قويۇپ، يەنىلا مىسكىن يولىغا قاراپ كېتىۋېرىدۇ. لەنىتى ساتقىن تېگىشلىك جازاسىنى يېمىگەنلىكى، ھەتتا مۇۋاپىق سورۇندا، ھەقلىق تۈردىكى ئەيىبلەشكىمۇ ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، خورىكى ئۆسۈپ، سېتىش تىجارىتىنى داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ.
       كۆتۈرمىچىلىك ــــ ساتقىنلىقنى خېرىدار بىلەن تەمىنلەيدىغان بازار. ئىلىمدارنى پەگاھتا قويۇپ، ئەمەلدارنى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئۇمىچىغا قارىماي ھامان تۆرنىڭ كاللىسىغا مىندۈرۈپ قويۇش، ئىلىمداردىن ئەيمىنمەي، ئەمەلداردىن قورقۇش، ئۇ ئەمەلنىڭ نېمە بەدىلىگە كەلگەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئەمەلدار بولسىلا چوقۇنۇش، ئەمەلدار بولسىلا چاپىنىنى كۆتۈرۈش ـــ بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى زامانلاردىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يامان ئىللەت. ياڭ زىڭشىڭ، شېڭ شىسەيلەر ئۆز زامانىسىدا، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن نادان قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر يەرلىك ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن مىللىي ساتقىنلىققا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. كىم زالىم ھۆكۈمەتكە قولچوماق بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ساتسا، شۇنىڭغا ئەمەل بەرگەن؛ كىم ئۇيغۇر ئاممىسىنى نادانلىق، قاششاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك يولىغا بەكرەك باشلىيالىسا، شۇنىڭغا ئىمتىياز بەرگەن. ئەلەملىك يېرى شۇكى، ئاشۇ 30 ـ يىللاردا، بىچارە نادان خەلق «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەندىن كېيىن ئەمدى پەيغەمبەر كەلمەيدۇ دەۋەتكەنىكەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، شېڭ شىسەي جانابلىرى پەيغەمبەر بولغان بولاتتى ُ دېگەن ئەبلەخنىمۈ قولىدا ئەمەل ۋە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كاتتا دىنىي ئۆلىما بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىخلاس نامىزىنى ئوقۇپ يۈرگەن. يامانغا يانتاياق بولۇپ، ئاۋام خەلقنى قىيناپ جېنىنى جاڭگالدا قويىۋاتقان بەگ، قازى، موللىلارنىڭ ئالدېدىمۇ، داۋانچىڭنىڭ دەرەخلىرىدەك تەكشى ئىگىلىپ تۇرۇپ كۆنۈپ كەتكەن.
      جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى زاماننى خەلقىمىز بەجايىكى يېڭى ئېرا بىلىپ، ئادەتتە  «ئازاتلىقتىن كېيىن» دەپ ئاتايدۇ.  «ئازات زامان» ناخشىسىنى ھەممە ئادەم روھلىنىپ ئېيتىشنى بىلىدۇ. ھالبۇكى ئازات زاماننىڭ خەلقىدە، زامانغا خاس بولغان ئازات ئاڭ، ئازات ئىدىيە ۋە ئازات تونۇش بولۇش كېرەككى، ھەممەيلەن ساتقىنلىق ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغان نەپسانىيەتچىلىك، رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش ۋە كۆتۈرمىچىلىك ئىللەتلىرىنىڭ يىلتىزىغا قەتئىي پالتا چېپىپ،  ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەتىنى ئۆزلىرى قوغدىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن روزى موللىلارنى لەنەت ئەخلەتخانىسىغا تاشلىۋەتكىلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق قوغداپ قالغىلى، شۇنداقلا لوتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ ياش غۇنچە گۈلىنىمۇ راسا ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ.
    مۇناپىق ــــ ئۇيغۇر تىلىغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ، ئۇ «ئېغىزىدا دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتىدە قىلغىنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئادەم» دېگەن بولىدۇ. مۇناپىقلىق ساتقىنلىقنىڭ ھامىيسى. ساتقىنلىق ھامان مۇناپىقلىق ئارقىلىق پەدەزلىنىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ياۋۇز غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرىدۈ. ھىكايەت، 20 ـ يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى تۆمۈر خەلىپەنى بىر مۇسۇلمان قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ:  «سىزنىڭ ئامانلىقىڭىز مېنىڭ ئامانلىقىم» دەپ قەسەم قىلىپ، ئالداپ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ بېرىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن.
    سەن نارەسىدە قىز ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇلغا ئاتا ـ ئانىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا  «بالىلارنى ئەدەبلىك، غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش ئاتا ـ ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى» دېگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ئەستايىدىل ياخشى تەربىيىلىمەي، ئوبدان يېتەكلىمەي، ئاقىۋەتتە بۇرچۇڭنى ئادا قىلالمىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جىنايەت سادىر قىلىدىغان جەمئىيەت داشقاللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويساڭ، بۇ ئەمەلىيىتىڭ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
    سەن ئاناپنىڭ ئاق سۇتى، داداپنىڭ يۈمشاق نئنىنى يەڭ چوڭ بولغان بىر بالىسەن. ھالبۇكى سەن ٌ ئاتا ـ ئانىنىڭ نەسىھەتىنى قۈلاقتا تۇتۇش پەرزەنت ئۈچۈن پەرز ُ دەپ نەچچە رەت ئېيتقان تۈرۈقلۈق، ئەمەلدە خىروئىن تۇتۇنىگە ئەسىر بولۇپ، ڭاسكىنىلىق كوچىسىدا لاغايلاڭ يۇرسەپ، بۇ قىلمىشىپ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
    سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ھالبۇكى خىزمەتكە كىرگەن چاغدا  «دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەييارلاپ بالىلارغا ياخشى بىلىم بېرىمەن. گەپ ـ سۆزدە، يۈرۈش ـ تۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە، ئەدەب ـ ئەخلاقتا، مەدەنىي تۇرمۇشتا ساۋاقداشلارغا ئۆرنەك بولىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە ھەم ئىچىپ ھەم چېكىپ، بەزىدە تېخى تۈرلۈك ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسەپ، بۇ ھال بىلەن سەن تەھقىق مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
    سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا  «خەلق ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىش» نى تەكەللۈمىسىنى كەلتۈرۈپ دەپ يۈرۈپ، ئەمەلىيىتىڭدە، خەلقنىڭ ئاھ ـ دادىغا يەتمىسەڭ، ئاممىنىڭ ئادەتتىكى ھاجىتى ئۈچۈنمۇ سوۋغا ـ سالامسىز ئالدىغا چىققىلى ئۇنىمىساڭ، ئەمەلنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، شەخسى مۇرادىڭ، خۇسۇسىي مەنپەئىتىڭ ئۈچۈنلا كەتمەن چاپساڭ، بۇ ھالىتىڭ بىلەن سەن سۆزسىز بىر مۇناپىق كادىرسەن. بىلگىنكى، خەلق ئۆزلىرىگە سادىق كادىرغا ئاشنا؛ مىللەت ئۆزلىرىگە ئىخلاسمەن كادىرغا تەشنا. ئەكسىچە خەلق مۇناپىق كادىردىن بىزار، كىمدەكىم بولسۇن، مۇناپىقلىقى ئۈچۈن خەلق ئالدىدا ھامان تارتقاي ئىزا!
       جۇڭگودا ئەللىك ئالتە مىللەت بار. ئەللىك ئالتە مىللەت بەجايىكى ئەللىك ئالتە تال گۈل. بىز بىلىمىز، ئۇيغۇر ــ جۇڭخۇا رەيھانزارىدىكى بىر سەرخىل گۈل؛ ئۇيغۇر ـــ جاھان مەدەنىيەت گۈلىستانىدىكى بىر خۇشناۋا بۇلبۇل. ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ گۈلنىڭ سولىشىپ قېلىشىنى، قۇرۇپ نابۇت بولۇپ كېتىشىنى ھېچكىم خاھلىمايدۇ، بۇنىسى روشەن. بىراق شۇنى ئېنىق تونۇش كېرەككى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ خۇشناۋا بۇلبۇلنىڭ ئەبەدىلئەبەد خەندان ئۇرۇپ سايرىشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلار ئاخىرقى ھېسابتا، دەل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزى! شۇنداقىكەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى بوز يېرىنى ئېچىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئومۇمىي گۈللىنىش دولقۇنىغا پائال ماسلىشىش ـــ بۇ دەۋرنىڭ جىددىي تەلىپى!
    پەقەت مۇشۇ تەلەپنى چىقىش قىلىش نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئىللەت يېغىرىڭنى ئېچىپ ئۆزەڭگە كۆرسەتتىم. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مېنىمۇ ساتامسەن، مېنىمۇ چاقامسەن، ئويلان، ئەبگا!

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us