• ھازىردىن باشلاپلا سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64662074.html

    ياشلار كۆپىنچە ئۆز سالامەتلىكىگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىك مەسلىسىنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى مۇتلەق مەنىدىكى مۇھىملىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەنلىكىدە. سىزنىڭ ھەربىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىز يوشۇرۇن ھالدا سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ۋە بەدىنىڭىزدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.

    كۆڭلىگە ئېسىل ئارزۇ– ئارمانلارنى پۈككەن سىزگە نىسبەتەن ساغلام بىر بەدەنگە ئېرىشىشتىنمۇ ئارتۇق تەلەي بولمىسا كېرەك. بىراق، سىز ھەربىر كۈنلۈك تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە دىققەت قىلمىسىڭىز، ھەرقانچە ساغلام ياخشى بەدەنمۇ ئاستا– ئاستا زەئىپلىشىپ ماڭىدۇ، شۇنداقلا كېسەلچان ۋىجىك بەدەننىمۇ، كۈندە دېگۈدەك پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق ئاستا– ئاستا قاۋۇل، ساغلام قىلغىلى بولىدۇ .

    ئىلگىرى گانا يېزىق ئېلانى مىس مېدالىغا ئېرىشكەن جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ ئېلان شىركىتى دۇنياغا مەشھۇر چاڭچېڭ شىركىتىنىڭ سابىق مۇدىرى چېن ۋېي ۋېي مېنىڭ دوستۇم بولىدۇ، بىر قېتمىلىق پاراڭ ئارىلىقىدا كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسىي سەۋەبىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ئازراق ئويلىنىۋېلىپ، «ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ ياخشى بەدىنىم بولغانلىقىدا.» دېگەن ئىدى .

    شۇنداق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كۇرمىڭلىغان سەۋەبىي بولىدۇ، بىراق ئەڭ مۇھىمى ساغلام بەدەن بولۇشتۇر. ھازىرقى سودا جەمئىيتىدە رىقابەت تېزلىك تالىشىدۇ، ئەقىل – پاراسەت، ئىقتىدار تالىشىدۇ، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت. ساغلاملىق ۋە كۈچ– قۇۋۋەت بولمىغىنىدا سىزنىڭ ھەرقانچە ئەقىللىق كاللىڭىز بولغاندىمۇ پايدىسى يوق. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەن ساغلاملىقىدىن ئايرىلغان ئادەم داۋاملىق روھىي كەيپىيات جەھەتتىكى ساغلاملىقىنىمۇ دېگەندەك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە قىلالمايدۇ، زەنجىرسىمان رېئاكسىيەلەر ئىنسان ھاياتىغا بىر تۇتاش يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .

    ئەمەلىيەتتە، بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى داھىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىيدىكى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەن ساغلاملىقنى ئاسراشقا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، زېھنى قۇۋۋىتىمۇ باشقا كىشىلەردىن تولۇپ تاشقان ھالەتتە بولۇپ، تەبئىي ھالدىلا ئادەتتىكى ئادەملەر قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ .

    ھازىرقى زامان ئېلانچىلىقىنىڭ تەشرىپدارى داۋىي. ئوۋگىۋېي ناھايىتى قىزىقارلىق قىلىپ تۇرۇپ: «رىقابەتچىڭىزدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىڭىزلا، سىز يەڭدىڭىز دېگەن گەپ.» دېگەن .

    ھاياتلىقنىڭ ماددىي مەنىسىدىن ئېيتقاندا، تەن ساغلاملىقتىنمۇ مۇھىم ئىككىنجى بىر نەرسە بولمىسا كېرەك، بىراق كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى، ئادەتتە زىيالىيلار باشقا ئادەملەردىن 10 يىل ئاز ئۆمۈر كۆرىدۇ .

    بىر گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئېلان قىلغان مەخسۇش تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، مەملىكىتىمىز زىيالىيلىرى بەدەن سۈپىتى تۆۋەنلەش، ئارتۇقچە چارچاش تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 58 ياش بولماقتا، دېمەك كۆپ قىسىم زىيالىيلار 60 ياشقىچىمۇ ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ دېگەن گەپ. تېخىمۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى بېيجىڭ جوڭگۈەنسۇن زىيالىيلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى پەقەت 53 تىن 34 ياشقىچە. ئون يىل ئاۋالقى ۋاقىتتىن 5 ياشتىن 18 ياشقىچە قىسقارغان. ئۇندىن باشقا 2002–يىللىق شاڭخەيدىكى 10 چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئاخبارات خىزمەتچىللىرىنىڭ ئاساسلىق 40 ياشتىن 60 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرىدىغانلىرى 78 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، 6 پىرسەنىت ئادەم پەقەت 45 ياشقىچە ياشىغان .

    بۇ بىز كۆز يۇممايدىغان ئەجەللىك ھەقىقەت، جوڭگونىڭ «گۈيگۇ» سى دەپ ئاتالغان جوڭگۇەنسۇندە ئىزچىل بىر جۈملە سۆز مودا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ: «40 ياشتىن ئىلگىرى سالامەتلىكنى پۇلغا ئالماشتۇرىمىز، 40 ياشتىن كېيىن پۇلغا سالامەتلىكنى تېگىشىمىز.» بىراق، بۇنداق قىلىش شۇنچە ئەرزىمدۇ؟!

    دۇنيادا پۇل تېپىشقا ئەڭ ماھىر سودىگەرلەر يەھۇدىيلار، شۇغىنىسى، يەھۇدىيلار ھەرگىزمۇ پەقەت پۇل تېپىشنىلا بىلىدىغان خىزمەت مەستانسى ياكى پۇلخۇمار قۇل ئەمەس. دەل ئەكىسچە، ئۇلار ئوزۇقلۇققا ئالاھىيدە ئېتبار بېرىدۇ، تولۇق ئارام ئېلىش ۋە تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشقا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىدۇ. يەھۇدىيلار ئاز ئارام ئېلىپ ئاز ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن، كۆپرەك ئارام ئېلىپ بىر نەچچە يىل ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئارىسىدىكى پايدا–زىيان مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار ئۆز تەن– سالامەتلىكىنى ئاسراشنىڭ مۇھىم ئەھمىيتىنى بىلىدۇ .

    يەھۇدىيلارنىڭ كۆپ قىسمىي سودىگەر. ئادەتتىكى ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا ئورتاق بىر ئالاھىيدىلىكى: ئالدىراش، چۈنكى پۇل دېگەننى مەڭگۈ تېپىپ تۈگەتلىكى بولمايدۇ، قانچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلسا شۇنچە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. بىراق، ئارام ئېلىش ۋە خىزمەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇپ قالسا، قانداق قىلىش كېرەك ؟ جوڭگولۇقلارنىڭ ئادىتى كۆپىنچە ئارام ئېلىشتىن ۋاز كېچىش، كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ بولسىمۇ خىزمەتكە تاقابىل تۇرۇش، لېكىن يەھۇدىيلار ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ ئارام ئېلىشنى تاللايدۇ. يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن تەن سالامەتلىكلا ئەڭ ئاساسىي مەسىلە، تەن سالامەتلىك بولسا ئارام ئېلىشقا تايىنىدۇ .

    يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تاللىشىنى چۈشىنەلمەي ئۇلاردىن «سىلەر خىزمەت قىلساڭلار، بىر سائەتتە 50 دوللار تاپىسىلەر، ئەگەر بىر كۈندە بىر سائەت ئارام ئالساڭلار، بىر ئايدا 1500 دوللار تېپىشتىن قۇرۇق قالىسىلەر، بىر يىلدا 18مىڭ دوللارنىڭ مەرىدىن كېچىسىلەر دېگەن گەپ، بۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، يەھۇدىيلار سىز تاش سانىغىچە قۇم ساناپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جاۋابى: «ئەگەر بىر كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىپ ئارام ئالمىسام 400 دوللار تاپىمەن، بىراق ئۆمرۈم 5 يىل قىسقىرايدۇ، ئەگەر يىللىقنى 120مىڭ دوللار ھېسابلىساممۇ، مەن 5 يىلدا 600مىڭ دوللاردىن زىيان تارتىمەن دېگەن گەپ. ئەگەر كۈندە 1 سائەت ئارام ئالسام، مەن كۈندە 50 دوللار زىيان تارتىمەن، بىراق 5 يىلدا 7 سائەتتىن خىزمەت قىلىپ ھازىر  60  ياشقا كىرگەن بولسام، ئەگەر يەنە ۋاقتىدا ئارام ئالسام 10يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيمەن، ئۇنداقتا 150مىڭ دوللار زىيان تارتىمەن. ئۇنداقتا 150مىڭ دوللار كۆپمۇ 600 مىڭ دوللارمۇ؟ » ھەر شەنبە كۈنلۈك ئاخشىمى يەھۇدىيلار خوشال– خورام ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ .

    سىز ئەمدى نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە جوڭگولۇقلار خىزمەتكە كىرىشىپ كەتسە پۇلنىلا تونۇپ جاننىمۇ تىكىۋېتىدۇ دەپ قارىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەنسىز. 150مىڭ بىلەن 600 مىڭنىڭ قايسىىسى كۆپرەك؟ يەنە كېلىپ سالامەتلىكى ئاجىز كىشىلەر تاپقان تەرگىنىنى يۇقىرى باھالىق داۋالىنىشقا خىراجەت قىلىدۇ، ھەتتاكى، پۈتۈن ئائىلىگە نىسبەتەنمۇ يۈك بولۇپ قالىدۇ . پەقەت ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، تەن– ساغلاملىقنى ئاسراشنىڭ ئۆزىمۇ پۇل تاپقانلىق .

    سىز بەلكىم مەن ياش، سالامەتلىكىم ياخشى، چىداپ ئۆتۈپ كېتىمەن دەپ ئويلايدىغانسىز. بىراق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كۆپ قىسىم ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرمۇ ياش ۋاقتىدا سىزگە ئوخشاش ئويلىغان، سالامەتلىكىگە قىلچىلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن. قانداق سەۋەب بولسا ئاخىرىدا شۇنداق نەتىجە بولىدۇ. گەرچە يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق ئەجەللىك يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆرۈلسىمۇ، كېسەلنىڭ دەسلەپكى قەدىمىي ياشلىق مەزگىلىدە باشلىنىدۇ.

    دۇنيا تازىلىق ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ھەريىلى 17مىلىيون ئادەم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بىلەن ئۇ دۇنياغا ئۇزىغان. (2020 –يىلىغا بارغاندا بۇ سانلىق مىقدار 25مىلىيون بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.) بۇلارنىڭ ئىچىدە 80 پىرسەنتى كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كىرىملىك دۆلەتلەردە بولغان. 1991–يىلى 3.نۆۋەتلىك دۇنيا ساغلاملىق تەربىيسى چوڭ يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىپ: «ھازىرقى جەمئىيەتتىكى 60پىرسەنىت كېسەللىكلەر ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقماقتا، دەل 70تىن 80پىرسەنىتكىچە ئادەملەر دەل مۇشۇ تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمەكتە.» دېگەن. دۇنيا تازىلىق ھەيئىتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى چوڭداۋخوڭ دوكتور: «دۇنيادىكى كۆپ قىسىم سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىللەرنىڭ كۆپىنچىسىنى كىشىلەرنىڭ ئىش– ھەرىكىتىنى ئازراقلا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. پەقەت تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا، ئۆلۈش نىسبىتىنى 50 پىرسەنتكە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. »دەپ قارايدۇ .

    بىر بىلىملىك ئىقتىساس ئېگىسىنىڭ مۇددەتتىن ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇ دۇنياغا ئۇزاپ كېتىشىدىنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمىسا كېرەك. ۋاڭبو «تاڭغۇت خانلىقى» نى يازغاندا قانچىلىك بىلمدار تالانىت ئېگىسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان ئىدى ھە، بىراق ئۇ پەقەت يىگىرمە نەچچە ياشقىچىلا ئۆمۈر كۆرەلىدى. كوڭزىنىڭ ئەڭ ئامراق ئوقۇغۇچىسى يەنخۇي 32 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. «ئاددىي دۇنيا» ئارقىلىق بىزگە نۇرغۇنلىغان تەسىرلىنىش ۋە مېھىر – مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغان يازغۇچى لۇياۋ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك 42 ياشقىچىلا ئۆمۈر كۆرەلىدى، «شاراب تەبرىك ناخشىسى » بىلەن دۇنياغا تونۇلغان داڭلىق كومپوزىتور شېگۇاڭ نەن 49 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، جىياڭجۇيىڭ ئالەمدىن ئۆتكەندە پەقەت 32ياشتا ئىدى ... ... كىشىنىڭ قەلبىنى تىترىتىدىغان بۇ قارا تىزىملىك ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا ، ۋاڭبونىڭ «تاڭغۇت خانلىقى» نىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يازغىنىدەك: «ئوردىدىكى پادىشاھلار ھازىر نەلەردە؟ ھۆكۈمرانلىق ئەمەس مەڭگۈ باقىۋەندە. »

    ئارام ئېلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئەخمەق ئادەم. سالامەتلىكى بولمىغان ئادەم بولسا كەلگۈسى بولمىغان ئادەمدۇر .

    چېڭدۇ شەھەرلىك ئۈچىنجى خەلق دوختۇرخانىسىىدىكى چېنمىن دوختۇر، بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك مۇنداق بىر ئېغىز سۆزنى قىلغان ئىدى: «ھەركۈنلۈك ئۇيقۇ چوقۇم كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، ھاياتلىقتا ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىدىن ۋاز كېچىش كېرەك. ۋاز كېچىشنى بىلىش كېرەك . »

    مېدىتسىنا ساھەسىدە 20يىل خىزمەت قىلغان دوختۇرغا نىسبەتەن، مېنىڭچە، بۇ ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بىزگە ئېيىتقان يۈرەك سۆزى بولسا كېرەك .

    ساغلاملىق مەسلىىسىگە چوقۇم ياش– ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىن باشلاپ ئېتبار نەزىرى بىلەن قاراش كېرەك! ھەرگىزمۇ توقامدا بىر كېسەل ئارتىلغاندا ئاندىن دوختۇرخانىغا چاپماسلىق كېرەك .

    شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ: خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىش، بىر مەزگىللىك ئالدىرىغان بىلەن ھەل بولمايدۇ. ھاياتلىق مارافونچە يۈگىرەشكە ئوخشايدۇ، ئارام ئالىدىغان چاغدا ئارام ئېلىش كېرەك. سىزنىڭ نىشانىڭىز بارلىق مۇساپىسىنى تولۇق تاماملاشتۇر، ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا ۋاز كېچىش ئەمەس .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us