• پۇلىڭىزغا سەل قارىماڭ

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64661970.html

    پۇلىڭىزغا سەل قارىماڭ

    ھېچقانداق نەرسە پۇلغا ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق دۈشمەن بولالمايدۇ. نامراتلىق بىر كىشىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئىشەنچىسى، ساغلاملىقى ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتالايدۇ. مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغان سىز پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى تېزلا تونۇپ يېتىسىز، يەنە كېلىپ خىزمەتكە چىققان چېغىڭىز بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى پۇلغا بولغان ھېسسىياتىڭىز ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ.

    مېنىڭ تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە پۇل تېپىش ئانچە تەس ئەمەستەك بىلىنىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، مەسىلەن: قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ ئاز– تولا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقەتەن قېيىنلىقىنى ھېس قىلىسىز. نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق كېلىپ چىقىدۇ؟

    ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاتا– ئانىسىنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىدۇ، شۇڭا قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ تاپقان پۇل ھېساباتتىن ئارتۇق پۇل بولغاچقا خەجلەپ كېتىلسىمۇ ئانچە ئىسراپچىلىق بىلىنىپ كېتىلمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىدىن باشقا كۆپ مىقداردىكى پۇل خىراجەت قىلىدىغان يېرى يوق. بىراق، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىشىڭىز بىلەنلا تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىللەرگە ئارقا – ئارقىدىن دۇچ كېلىسىز، كىچىكلىكتە سەرەڭگە، گۈرۈچ، ماي ، تۇز دىن، چوڭلۇقتا ئۆي، ئائىلە، بالا، ماشىنا دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى پۇلغا چېتىلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل ئىشلىتىمىز.

    ھەقىقەتەنمۇ ئاقىللار ئېيىتقاندەك، پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ھەم ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس، بىراق پۇل بولمىسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. مانا بۇ پۇلنىڭ قىممىتى.

    ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن تېخى ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھاياتلىقنىڭ مەسئۇلىيتىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىغان بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، پۇل بولمىسا بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدۇ .

    ئۇنداقتا، پۇل قەيەردىن كېلىدۇ؟ يېرىمى ئىشلەپ تاپقاندىن كېلىدۇ، قالغان يېرىمى تېجەپ قالغاندىن كېلىدۇ. ياشلار كۆپىنچە كېيىنكى كۆز قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى ئانچە تونۇپ يېتەلمەيدۇ.  پەقەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە جىق پۇل تاپىدىغانلىقىنىلا خىيال قىلىپ، بەتخەجلىك قىلغان ئادەمنىڭ ھەرقانچە كۆپ ئىشلەپ پۇل تاپقان بىلەن تېجەپ قالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئىشلەپ پۇل تاپقان پۇلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئىقتىسادچانلىقتەك ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بار، ئۇنداق بولمىغىنىدا ئۇلار نامراتلىقتىن پۇلدارلىققا قاراپ ئىلگىرىلىيەلمىگەن بولاتتى.

    شۇنداق بولغان ئىكەن، جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قولىدا ھېچقانچە پۇلى يوق، تاپقان خىزمتىدىن ئالغان مائاشىدىنمۇ دەماللىققا كۆپ كىرىم قىلىپ كېتەلمەيدىغان ھالەتتە، پۇلنى ناھايىتى تېجەشلىك باشقۇرۇپ، ئىشلىتىشكە تېگىشلىك جايىغىلا ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈڭ، ھەرخىل چىقىم ھېساباتىڭىزنى خاتىرلىۋېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىڭ. شۇندىلا بەزى تەبئىي تۈردە پۇل خەجلىنىپ  كېتىپ قالغان چىقىملارنى ئۆچۈرىۋەتكىلى، ئازايىتقىلى ياكى تېخىمۇ ئاز پۇل خەجلەشكە ئۆزگەرتىكىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ھەرگىزمۇ خىراجەت قىلىشقا تېگىشلىك چىقىم بىلەن ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ئېشىپ چۈشكەن روھىي تەلىپڭىزدىكى بەتخەجلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ.

    ئۇنداقتا قانداق قىلىپ خىراجەت قىلىشقا تېگىشلىك چىقىمنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ؟

    بۇ ناھايىتى ئاسان، سىز ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر مەلۇم بىر خىراجەت قىلىنغان چىقىمنى ئېلىۋېتىپ تەھلىل قىلىپ كۆرسىڭىز ئەڭ ئاساسىي ھايات كەچۈرىشىڭىز ۋە تۇرمۇش سۈپىتىڭىزگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئالاھىيدە چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇنىڭ خىراجەت قىلىشقا تېگىشلىك چىقىم ئىكەنلىكىدە گەپ يوق . ئەكسىچە بولسا، ھىسسىي تەلىپىڭىزدىكى بەتخەجلىك بولىدۇ.

    مەن ھەرگىزمۇ سىزنى ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادچانلىق قىلىڭ ياكى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىڭ دېمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت بەتخەجلىك مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلىسىكەن دەيمەن. بولۇپمۇ، دەسلەپتە خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز بىر قەدەر ئاجىز بولغان ۋاقىتتا بولسۇن، ياكى كۈنلەرنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىپ يانچۇقىڭىز توملاشقان ۋاقىتتا بولسۇن، كىرىمگە لايىق چىقىم قىلىڭ. سىز بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز پايدىغا ئېرىشىسىز.

    ئاز بولمىغان كىشىلەر ئىقتىسادچانلىق دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى خاتا سۈيئىستىمال قىلىۋالىدۇ، ئىقتىسادچانلىق ھەرگىزمۇ تۆمۈر خوراز بولىۋېلىپ ھېچكىشىگە بىرتال يۇڭىنىمۇ يۇڭدۇرماسلىق ياكى ئاددى– ساددا تۇرمۇش كەچۈر دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ پەقەت سىزدە ئەسلىدىن بار بولغان چەكلىك ماددىي تۇرمۇشىڭىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىپ، پايدىلىنىپ، ئۇنىڭدىن بەھىر ئېلىش، ئامال بار ئىسراپ قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.

    ئەقىللىق ئادەمگە نىسبەتەن، ئىقتىسادچانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۇرمۇشنىڭ كىشىگە تېخىمۇ قانائەتلىنىش، رازىمەنلىك ۋە خوشاللىق تۇيغۇسى بېرىدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. «شەخىسلەر» ژورنىلىنىڭ باھالىغان 20–ئەسىرىدىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ زور 100 ئادەمنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ ئىگىدارى پ . ت . بانام، 1810–يىلى تۇغۇلۇپ  5 بالىلىق بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان (ئۇ بالىلارنىڭ چوڭى)، 12 يېشىدىن باشلاپلا لاتارىيە بېلىتى ساتقان ، 31 يېشىدا بولسا نىيورۇك شەھىرىنىڭ بەيلاۋخۇيدىكى ئامېرىكا كۆرگەزمە موزىيىنى سېتىۋالغان، 61 يېىشدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سېرىك ئۆمىكىنى تەشكىللىگەن. بۇنداق بىر چوڭ ئۇتۇق قازانغان كىشىنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان نەسىھەتى ۋە تەكلىپى بولسا: «سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىش، سوغۇق سۇدا راھەتلىنىپ يۇيۇنۇش بىر ياخشى پەيتۇننى ھەيدەپ ماڭغاندىن كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كىتاب كۆرۈش، بىرەر سائەتچە ئويۇن ئويناش بىر قېتىملىق 50 ياكى 500 دوللارلىق يىغىلىشتىن كىشىنى تېخىمۇ خوشال كەيپىياتقا ئىگە قىلىدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت .

    شۇنداق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي خوشاللىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ .

    شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى: ھەربىر تىيىن پۇل خۇددى ھەربىر تامچە قاندەكلا مۇھىم، ھەرگىزمۇ خىراجەت قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئورۇنغا چىقىم قىلىشقا بولمايدۇ .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us