• مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64661090.html

    مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە 

    يۈمېيخوڭ

    ئادەم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇتۇق قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولىشىنى بەلگىلەيدۇ. قىيىنچىلىقتىن ئادەتتە تېزلا قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىرىنچىدىن، قىيىنچىلىققا چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. قىيىنچىلىق ئادەتتە قاتناش توسۇلۇپ قالغانغا ئوخشايدۇ. ھەرقانچە ئالدىرىساقمۇ ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ كېتەلمەيمىز. ئىككىنچىدىن، قىيىنچىلىقنى تەدرىجى يوقىتىشىمىز ھەم ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىشىمىز كېرەك. خۇددي پادىشاھ جوۋېن(周文) يۇلىغا(羑里) قامالغاندا «يىجىڭ(易经)»نى يېزىپ چىقىپ، ئاخىرى مەڭگۈ ئۈمۈتۋارلىق بىلەن پۇرسەت كۈتكەندەك. ماندېلا 27 يىل تۈرمىدە يېتىپ تۇرۇپ قاراتەنلىكلەر باراۋەرلىك مەسىلىسىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەي ئاخىردا غەلبىگە ئېرىشكەندەك.

    مەن بىر تەمسىل ئالاي، قىيىنچىلىق بىر ئىتقا ئوخشايدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا يېزامدا ئىت بەك جىقتى،  سىز ئىتقا ئۇچراپ قالغان چاغدا، ئەگەر سىز باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەرسىڭىز ئىت سىزدىن قورقىدۇ. ئەگەردە سىز بۇرۇلۇپلا قاچسىڭىز ئىت سىزنى قوغلايدۇ، ھەتتا سىزنى چىشلىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. ئىتنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى سىز قورقمىسىڭىز سىزدىن قورقىدۇ، سىز قورقسىڭىز سىزنى قوغلايدۇ. قىيىنچىلىقمۇ ئوخشاش، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ئالغا قاراپ ئىلگىرلىسىڭىز، ئادەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيسىز، ئەگەر ئارقىغا قايتسىڭىز قىيىنچىلىق سىزنى يېڭىۋېلىشى مۇمكىن. قىيىنچىلىق ئالدىدا ھەرگىز جەڭگىۋارلىقىڭىزنى ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ.

    ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاب دەۋرىدە قەھرىمانلار جىق چىقىدۇ، ۋەزىيەت قەھرىمانلارنى ياراتقان. مەسىلەن: ليۇباڭ(刘邦)، جۇ يۇەنجاڭ(朱元璋)، ئەگەر تىنچلىق دەۋرىدە ئۇلارنىڭ ئاساسى جەھەتتىن رولى بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇ دېگىنىم تىنچلىق مەزگىلىدە ئىختىساسلىقلار چىقسا بولمايدۇ دېگىنىم ئەمەس. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ. تىنچلىق دەۋرىدە ئىجتىمائىي پەنچىلەر بىلەن ئالىملار جىق چىقىدۇ. مەسىلەن: لى بەي(李白)،  سۇ دوڭبو(苏东坡)، جاڭ خېڭ(张衡)، ھەم سىياسىئونمۇ چىقىدۇ، مىسال: ۋاڭ ئەنشى(王安石)، جاڭ جۈجېڭ(张居正)ئۇلار شۇ زامانغا شەرەپ قوشقۇچىلار، شۇنداقلا مەشھۇر شەخىسلەر.

    بىر ئادەمنىڭ ماشىنا ھەيدەش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى، ئادەتتىكى يوللاردا بىلگىلى بولمايدۇ. پەقەت خەتەرگە يولۇققان ۋاقىتتا ياكى خەتەرلىك تاغ يوللىرىدىلا شوپۇرنىڭ ئىنكاسى بىلەن شوپۇرلۇق ماھارىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغان مەزگىلدە بىر ئادەمنىڭ ھەقىقى قابىلىيىتىنى بىلىش تەسكە توختايدۇ. بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ئۇ كىشى خەتەرگە ۋە جىددى ئەھۋالغا يولۇققان چاغدا ئەڭ ئاسان ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ دەل نېمىشقا ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاب ۋاقتىدا قەھرىمان بىلەن قورقۇنچاقنى تېزلا ئارىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

    مۇنداق بىر گەپ بار، بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى  ھامىلدار ئايالغا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەبىئىيلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،  بۇ گەپنىڭ پەقەت يېرىمى توغرا. بىر ئادەمنىڭ تالانتى جەمىئىيەت تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداقلا تالانتقا ئېكە بولۇشتىن باشقا، يەنە تالانتىنى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈش ئىقتىدارى بولۇش، ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا سىز ھامىلدار بولغان تەغدىردىمۇ باشقىلار كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەلۋەتتە تالانتى بولمىسا ھەرقانچە جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرگەن بىلەن كىيىمنىڭ ئىچىگە ياستۇق تىقىۋېلىپ ھامىلدار بولغاننى دورىغانغا ئوخشاش، ئاخىرىدا كىشلەر ھامان سامان قورساق ئىكەنلىكىنى بايقىۋالالايدۇ.

    ئادەم ۋاز كېچىشنى بىلىشى كېرەك، بىز مەغلۇبىيىتىمىزنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز، ھەم غەلبىمىزدىن ۋاز كېچەلىشىمىز كېرەك. مەغلۇبىيەت سۈبھى ئالدىدىكى زۇلمەتكە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز لازىم. چۆرۈپ تاشلىمىغاندا قۇياشنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرەلمەيمىز. غەلىبە تاققا ياماشقانغا ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز بىر تاغنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، يەنە بىر تېخىمۇ ئېگىز تاققا ياماشقىڭىز كەلمەيدۇ. سودا ساھەسىدە، مەغلۇبىيەتنى چۆرۈپ تاشلىغان كىشىنىڭ ۋەكىلى شى يىجۇ(史玉柱)، غەلبىسىدىن ۋاز كېچەلىگەن كىشى لى كەيفۇ(李开复).

    ھەرگىز ھازىرقى ھالىتىمىزگە قاراپ كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلماڭ، ھازىر نەس باسقان بولسا كىيىن نەس بېشى ناتايىن. ھازىر قالتىس بولسىڭىز كېيىنمۇ قالتىس بولىشىڭىز ناتايىن. ئوخشاش بولمىغان پەسىلدە ئوخشاش بولمىغان گۈل ئېچىلغانغا ئوخشاش، ھاياتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەت ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بەزىلەر ياشلىق دەۋرىدىن مەمنۇن بولىدۇ، بەزىلەر ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىن پەخىرلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر ياشانغانلىق دەۋرىدىن شادلىنىدۇ. ھاياتنىڭ ھەرخىل-ھەر تۈرلۈك كۆتۈرۈش-پەسىيىش نۇقتىسى بولىدۇ، بىراق مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتنىڭ بىردەك ئورتاقلىقى، ئەزەلدىن ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەنلىكىدە.

    گەرچە بىز ئۆزىمىزنى داۋاملىق ھايات دەپ بىلسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىمىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. بىر ئادەم ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇ ئادەمدە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق بولمايدۇ. بىزنىڭ كىيىنىپ-ياسىنىشىمىز ياكى تىرىشىپ ئۆگىنىپ خىزمەت قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنى باشقىلارغا تونۇتۇش ئۈچۈنلا بولماستىن ھەم كوللېكتىپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. مىسالەن، ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر تۇيۇقسىز غايىپ بولسا، سىز ھازىر قىلىۋاتقان كۆپۈنچە ئىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشايمىز، ھەم باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياشايمىز، بۇ ئىنتايىن ياخشى!


    بەزىلەر داۋاملىق ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى رەھبەرلىك ئورنى قىلىۋالىدۇ. خۇددى قولىدىن كەلمەيدىغىنى يوقتەك ھېس قىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ ھوقۇقىدىن ئۆستۈرۈلۈپ ياكى چۈشۈرۈلگەندە ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلارنىڭ ئازىيىپ قالغانلىقى، بۇرۇنقىدەك كېلىپ-كېتىدىغانلارنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى بايقايدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ھوقۇق ئەمىلىنى باشقىلارنى جەلىپ قىلىدىغان سېھرى كۈچكە ۋە باشقۇرۇش قولىغا ئايلاندۇرۋالماسلىقى كېرەك. رھبەرلىك قابىلىيىتي دېگىنىمىز، ئىشەنچىدىن باشقا ھېچنىمىسى قالمىغاندىمۇ يەنىلا ئاتراپىدا ئەگەشكۈچىلىرى بولىدىغان بىرخىل قابىلىيات ۋە تەسىر كۈچى.

     سۈنزى مۇنداق دېگەن:«ئەسكەر پەقەت ئۆلۈم ئالدىدىلا ھاياتلىققا ئىنتىلىدۇ»، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشتا ھەلقىلغۇچ شەرت-شارائىت بولىدۇ. بىرىنچىدىن كۈچ-قۇۋۋەت چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەسلىكى، ئىككىنچىدىن ئەسكەردە ھالاكەت گىردابىدىمۇ يەنىلا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن تېخىمۇ ياخشى ئامال بولمىغاندا. ھازىرقى بىزنىڭ كەسىپكە بولغان ئىنتىلىشىمىزدە، بىزدە يالغۇز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولىشى كېرەك، شۇنداقتىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ شەرتلىرىنىمۇ نەزەرگە ئالمىساق بولمايدۇ. بولمىغاندا پەقەت قاراملىق قىلغان بولىمىزدە، ئاخىرىدا ئۆزىمىزنى جاپاغا قويىمىز. گەرچە شىر بولغان تەغدىردىمۇ، ھالاكەت گىردابىدا پىل بىلەن تىركىشىپ قالسا، ئاۋۋالقىدەكلا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

    بىر ئادەم قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى-ئاشماسلىقى، چوڭ يۆنىلىش بىلەن كىچىك يۆنىلىشنى توغرا تونۇپ يېتىشتە. كىچىك يۆنىلىش ئۆزىنىڭ تىرىشىش نىشانى، چوڭ يۆنىلىش بولسا دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمى. چوڭ يۆنىلىش توغرا بولۇپ كىچىك يۆنىلىش بولمىسا بولمايدۇ، باشنى تىقىۋېلىپ ئىش قىلىپ چوڭ يۆنىلىش بىلەن كارى بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىر توپ ئادەم شىمالى قۇتۇپقا مېڭىپتۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ شىمالغا قانچە ماڭغان سىرى شۇنچە شىمالى قۇتۇپتىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ، بارلىق ئەسۋاپ-سايمانلار ئۇلارنىڭ ماڭغان يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ، ئۇنداقتا ئۇلار قانداق بولۇپ ماڭغانسېرى شۇنچە يىراقلاپ كەتكەن، ئەسلى ئۇلار جەنۇبقا ئېقىۋاتقان غايەت زور مۇز پارچىسىنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋېتىپتىكەن.

    بۇماقالە يۈمېيخوڭ ئەپەندىنىڭ بلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us