• «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» تىن پارچە

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64660415.html

    «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» تىن پارچە
    ئەسەت سۇلايمان

    بىرنچى پارچە: (72-بەت)
    ئابتوبۇس مېڭىشقا يەنە 50 مىنۇتچە ۋاقىت بار بولغاچقا، بېكەتتىكى مەكدونالىد(McDonaldsd) تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ توخۇ گۆشى قىيمىسىدا قىلىنغان ھامبۇرگ بولكىسى بىلەن قورساق تويغۇزدۇم. ئۈرۈمچىدىكى چاغدا بولكا تۈرىدىكى نەرسىلەرنى نېمىشقىكىن پەقەت يېمەيتىم. مانا ئۈچ ۋاقلىق تاماق بىر كۈنلۈك كۈنتەرتىپنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان جۇڭگو جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ غەرىپنىڭ شىددەتلىك تۇرمۇش رېتىمى ئىچىدە ياشاۋېتىپ، كۆڭۈل كۆتۈرگەن نەرسىنى ئىسسىق-سوغۇق دېمەي يەيدىغان بولدۇم. چۈنكى بۇ يەردە ئۈرۈمچى ياكى قەشقەردىكىدەك تاللاپ، ئىلغاپ ئەڭ ياخشى ئاشخانىلاردا ئەڭ مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەيدىغان، بىر ئۈستەلگە رەڭگارەڭ تاماقلارنى دۆۋېلىۋېلىپ كەچكىچە شۇنىڭغا قاراپ مەززە قىلىپ ئولتۇرىدىغان نەدىكى ۋاقىت ۋە ئىمكانىيەت دەيسىز!؟ جۇڭگو پۇلىدا 100 يۈەنسىز ئادەتتىكى ئاشخانىدا بىر ۋاخ ئاددى غىزالانغىلى بولمايدىغان ستوكھولمدا، قورساقنى ئاران ئەستەرلىگىلى بولىدىغان ھامبۇرگ بولكىسى ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلغىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ. ئەگەر شىمالى ياۋروپادىكى يۇقىرى پاراۋانلىق ئىشقا ئاشقان. بۇنىڭغا يارىشا ئىستېمال سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى ئەللەردە بىر مەزگىل ياشاپ كۆرسىڭىز، ئىقتىسادنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، بىر تىيىننىمۇ ئۆز جايىغا خەجلەشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىز. ستوكھولمدا قىممەتچىلىك دەستىدىن سىرتتا تاماق يېيىشكە كۆزۈم قىيماي جاپا تارتساممۇ ئۆيگە قايتقان كۈنلىرىمدە؛ مېترو ئاپتوبۇسلاردا ئالدىراش كېتىپ بارغان شۋېتلانىڭ ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن ئالما ۋە بولكا بىلەنلا قورسىقىنى ئەستەرلەپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە؛ يۇقىرى مائاش ئالىدىغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئادەتتىكى رېستورانلاردا بىر كىشىلىك ئادەتتىكى تاماقلارنى ئىشتىھا بىلەن يەپ تەخسىلىرىنى پاك-پاكىز يىغۇشتۇرغانلىقىغا شاھىت بولغان چاغلىرىمدا ۋەتەندىكى بىھېساب ئىسراپچىلىقلارغا توۋا دېدىم...! بىزنىڭ بۇزۇپ چاچىدىغانغا، پۇلنى بولىشىغا خەجلەپ ئۆزىمىزنى كۆز-كۆز قىلىدىغانغا، ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان تەخسە-تەخسە تاماقلارغا بىر چوكا تەگكۈزمەي كېتىپ قالىدىغانغا زادى قانچىلىك ئاساسىمىز بار؟ بىز كىيگەن تاماقلار بىلەن نۇرغۇن كىيىملەرنى شۋېتلار يېمەيدۇ ھەم كىيمەيدۇ. ئۇلار پۇلى بولمىغانلىقى ئۇچۇن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادچان ۋە تېجەشلىك ياشاشقا كۆنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار بىزدەك ئىسسىق-سوغۇقنى تەڭشەپ، ھۆللۈك بىلەن قۇرغاقلىقنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەش ئۈچۈن مىزاج بىلەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەبىئىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا ھەسسىلەپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. بەلكى ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولغان، ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ساغلاملىقنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تىنىمسىز ھەركەت سىجىللىقىنىڭ ھەممىدىن زۆرۈرلۈكىنى تەبىئىيلا ھېس قىلىپ ياشايدۇ. يۇقىرى ئىسسىقلىق كالورىيىسىگە ئېكە كاۋاپ، بولو ۋە ئۇچار قۇشقاچ مېڭىسى، باچكا گۆشى، بۇغا قېنى، توشقانزەدىكى، زەپە تالقىنى، بادام، ياڭاق مېغىزى قاتارلىق ئەشيالاردىن تەييارلانغان قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان؛ بۆرەك ۋە ئەرلىك جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش، ئاياللارنىڭ ساغرا ۋە كۆكرەكلىرىنى چوڭايتىش ھەققىدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى ھەممە جاينى قاپلاپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بەدەن ساپايىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. بىر ئۆمۈر ئىسسىقلىق ۋە قۇۋۋەتلىك تائاملار بىلەن ھەپىلەشكەن كىشلىرىمىزنىڭ 60 ياشقا بارمايلا قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسىنىڭ ئارتىپ كېتىشى ياكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى قاتارلىق قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىكىلىرى ھەمدە شېكەر سىيىش كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى، سوغۇق تەبىئەتلىك شۋېتلانىڭ بولسا ئۆمۈر بويى مۇز سوغۇق تائاملار بىلەن خام نەرسىلەرنى خالىغانچە ئىستىمال قىلىپ دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان مىللەتلەر قاتارىدا تۇرۇۋاتقانلىقى كىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.


    ئىككىنچى پارچە:(100-بەت)
    بىزدە تېخى بۇ ھەقتە ئۇنچىلىك كۆپ تەتقىقاتلار يوق، سۋېن ھېدىننىڭ ئەسەرلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. شۇنداقكەن، سۋېن ھېدىنغا ئۈن-تۈنسىز ياردەملەشكەن تارىملىق ئۇيغۇر يول باشلىغۇچىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىمىز تېخىمۇ ئاز. يېقىندا ئاڭلىسام لوپنۇر رايونىدا ئۆردەكنىڭ ھەيكىلى تىكلىنىپتۇ دەيدۇ. لېكىن مەن تېخى كۆرمىدىم.

    ‏‏ - بىزمۇ ئاڭلىدۇق. ئۆردەكنىڭ ھەيكىلىنىڭ تىكلىگەنلىكى ياخشى ئىشكەن، لېكىن بىزنىڭ ئېتنوگرافىيە مۇزېيىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىمىمىز لوپنۇرنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ تەمىنلىگەن سۈرەتلەردىن كۆرسەك، ھەيكەلنىڭ ئاستىدىكى مەرمەر تاشقا ئۇيغۇرچە چۈشۈندۈرۈشتە زور خاتالىق بار ئىكەن. خەنزۇچە خەتكە 瑞典 دەپ توغرا يېزىلغان بولسىمۇ، ئەممە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشتە «شۋېيتسارىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن» دەپ يېزىلىپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران قالدۇق. سۋېن ھېدىننىڭ شۋېدسىيىلىك ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بەش قولدەك بىلىدىغان تۇرسا! دەپ سوئاللار قويۇشتۇق. سىزگە دەيدىغىنىم قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشتىكى بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشكە كۈچ چىقارغان بولسىڭىز!

    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. مۇشۇ تۇرقىدا ماڭا ئاسمان ئېگىز، يەر قاتتىق بىلىنىۋاتاتتى. بىزدىكى بىپەرۋالىق، ئەستايىدىل بولماسلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ مۇشۇنداق ئىنچىكە ئىشلاردىمۇ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنى خوكان ئەپەندىنىڭ ئالدىدا قاتتىق تەڭلىكتە قالدۇردى.

    - ھە مۇنداق دەڭ، مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوقكەن، تولىمۇ چوڭ خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ، كەچۈرۈڭ! مەن قايتىپ بارغاندا بۇ خاتالىقنى ئوڭشاشقا تىرىشىمەن. ئۇيغۇر تىلىدا «شۋېتسىيە» بىلەن «شۋېتسارىيە» دېگەن ئىككى ئىككى دۆلەتنىڭ نامى رۇسچىدىن قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ، تەلەپپۇزى يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشلەر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نامىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. ئەمما خاتىرە تاشقا خاتا يېزىپ قويغانلىقى تولىمۇ بىمەنىلىك بوپتۇ. مەن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەپۇ سورايمەن! دېدىم ناھايىتى تەڭلىكتە.

     

    ئۈچىنچى پارچە:( 123بەت)
    شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خانلىق كۈتۈپخانىدىن ئىنىستىتوتتىن كېلىۋاتاتتىم. ھاۋا چۈشكە يېقىن ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئىنستىتۇت بىناسىغا يېقىن جايدىكى كۆل بويىغا كەلگىنىمدە ئۇدۇلۇمدىن سېرىق چاچلىق، چىرايلىق ئىككى شۋېت قىز چىقىپ كەلدى. ئۇلار مېنى كۆرۈپلا توختىدى-دە، ئىنگىلىز تىلىدا گەپ قىلدى:
    - ئەپەندىم، سىز بىلەن پاراڭلاشقان بولساق، بەش مىنۇت ۋاقتىڭىزنى بەرگەن بولسىڭىز.
    -بولىدۇ،-دېدىم مەن ھەيران بولغان ھالدا ئۇلارغا قاراپ،-نېمە ئىش ئىدى؟
    -مۇنداق ئىش، بىز چېركاۋ ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. قارىساق سىز چەت ئەللىكتەك تۇرىسىز، شۇڭا سىز بىلەن پاراڭلىشىپ كۆرەيلى دېگەنىدۇق.
    -شۇنداقمۇ؟-دېدىم مەن تېخىمۇ ھەيران بولۇپ،-نېمە ئىش توغۇرلۇق پاراڭلاشماقچىسىلەر؟
    -مەسلەن، ئېتىقاد مەسىلىلىرى، ئەيسا خرىستوس...
    -كەچۈرۈڭلار! دېدىم مەن ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى دەرھال پەملەپ، -مېنىڭ ئىشىم ئالدىراش، بۇ ئىشلارغا قىزىقمايمەن.
    -لېكىن، ئەپەندىم، ئالدى بىلەن سۆزلىرىمىزنى بىر تىڭشاپ باققان بولسىڭىز!...
    مەن ئۇلارنىڭ سوئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاپ بەرمەكچى بولدۇم. ئۇلار مېنىڭ پوزىتسىيىمدىكى كەسكىنلىكنى كۆرۈپ، بىرئاز بوشىدى بولغاي، يەنە ئارىسالدى بولغان ھالدا:
    -بىزنىڭ سىزنى مەجبۇرلاش ھوقۇقىمىز يوق، ئەلۋەتتە. لېكىن بۇ كىتابچىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، تولىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتۇق!
    -مەن سىلەرگە شۇنى دېمەكچى، -دېدىم مەن ئۇلارغا كەسكىنلىك بىلەن، -مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتى، بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتمىز ئىسلام دىنى بىلەن زىچ باغلانغان. ئەگەردە مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارنى توسۇپ: " ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلساڭلار " دەپ تەلەپ قىلسام، سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟
    (No)-ياق، -دەپ باش چايقاشتى ئۇلار ئىككىلىسى تەڭلا،- بىز ئەلۋەتتە بۇنى قۇبۇل قىلمايمىز.
    - شۇنداق مېنىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جاۋابىممۇ دېدىم ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ، -دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن ياشايدۇ. دۇنيا شۇنىڭ ئۈچۈن خىلمۇ-خىل ۋە رەڭدار كۆرىنىدۇ. شۇنداقكەن، سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ھەممىلا ئادەمنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشۇڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى. كەچۈرۈڭلار، مېنىڭ ئىشىم ئالدىراش، سىلەر بىلەن بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق پاراڭلىشىشقا قىزىقمايمەن.
    -سىز بىز ئۇچراتقان چەت ئەللىك كۆچمەنلەرگە ئوخشىمايدىكەنسىز، گەپلىرىڭىز باشقىچە تۇرىدۇ...
    -مەن كۆچمەن ئەمەس، ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق تەتقىقاتچى بولۇپ كەلگەنمەن.
    -ھە، مۇنداق دەڭ! دېدى ئۇلار بىرئاز خۇدۈكسىنىپ،-لېكىن بىر نۇقتىنى تەكىتلىسەك، خاپا بولمايسىز، ھازىر ئىسلام دىنى تېررورىزم بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتتى.
    -پۈتۈنلەي خاتا ئويلاپسىز،-دېدىم ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ،-ئىسلامىيەت بىلەن تېررورىزم ئايرىم-ئايرىم ئۇقۇم.«11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيادا كۆرۈلۈۋاتقان ئايرىم ھادىسىلەر بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى ئوتتۇرىسىدا زور ئارىلىق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە تەشۋىقاتلىرىمۇ مۇشۇنداق خاتا قاراشنىڭ شەكىللىنىشىدە رول ئوينىغان. خەير-خوش، قىزلار، سىلەر بىلەن داۋاملىق مۇنازىرە قىلىشقا ۋاقتىم يوق. مەن كەتتىم.
    ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە لام-جىم دېمەستىن تۇرغان يېرىدە قېتىىپلا قالدى. مەنمۇ تېز-تېز قەدەملىرىم بىلەن ئىنىستىتوتقا كەتتىم.


    تۆتىنچى پارچە: (262-بەت)
    شۋېتسىيە ئاممىۋى ئەخلاق كاتېگورىيىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەنئەنىۋىلىكى كۈچلۈك دۆلەتتەك تۇيۇلاتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ھالدا شۋېتسىيە قانۇنىدا ھاراق ۋە پاھىشە چەكلەنگەنىدى. 18 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە ھاراق ۋە تاماكا سېتىش مەنئى قىلىنغانىدى. پۈتۈن ستوكھولمدا بىرقانچە ئورۇندىلا ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بويىچە ھاراق سېتىلىدىغان مەخسۇس ماگازىنلار بولۇپ، بۇ ماگازىنلار ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنىلا تىجارەت قىلالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىن پەقەت قۇرامىغا توشقانلارلا ھاراق سېتىۋالالايتتى. باشقا ھەرقانداق ماگازىن ۋە سۇپېرماركېتلارنىڭ ھاراق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايتتى. پارىژ، فرانكفورت ياكى رىم شەھەرلىرىدىكىدەك قىزىل چىراق رايونلىرىنى شۋېتسىيە شەھەرلىرىدىن ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us