• ئامرىكىنىڭ جوڭگۇغا قارىتىلغان قەستلىك سىياسىتى

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64698042.html

    ئامېرىكا جۇڭگونى تىنچ ھالەتتىكى قۇرۇلمىسىC شەكىلگە ئوخشايدىغان قورشاش ئىستىراتېگىيىسىگە ئېلىپ بولدى. سۇغۇق ماناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا قاتتىق مۇئاسىرىنى، سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارىتا سىلىق تۈردە ئۇجۇقتۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغان ئىدى؛ سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا جۇڭگو ۋە روسىيەگە بولغان چوڭ ئىستراتىگىيىسىنى ئالماشتۇرۇپ: روسىيەگە قارىتا قاتتىق مۇئاسىرىگە ئېلىش، جۇڭگوغا قارىتا يوشۇرۇن ئۇجۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

    بىرىنچى ئىقتىسادىي جەھەتتىن  قامال قىلىش: 28كەسىپتىن 21-نى كونترول قىلىۋالدى. بۇ ئەڭ ئاساسلىق ھەم ئەڭ ئاسان بولغان ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىش چارىسى. نۇرغۇن يىللاردىن بويان، جۇڭگو GDP سانلىق مەلۇماتلىرىغا ۋە تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىغا مەھلىيا بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئەكسىچە باشتىن - ئاياغ يوشۇرۇنچە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا قول تىقتى. ئامېرىكا جۇڭگودىن پۇل قەرىز ئېلىپ، يەنە جۇڭگوغا مەبلەغ سالدى، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى يوقاتتى، جۇڭگونىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى كونترول قىلىدى، جۇڭگونىڭ بانكىلىرىغا پاي قوشتى، جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرى، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق بازارلىرىنى قۇرۇتتى. ئەمما ئامېرىكا ئەكسىچە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى كارخانىلارنى سېتىۋېلىشىغا يول قويمىدى. جۇڭگوغا يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنى سېتىپ بەرمىدى، پەقەت جۇڭگوغا كۆپ مىقداردا نەق پۇل بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى سېتىۋېلىشىغا يول قويدى--ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا قەرىز بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ مەبلىغىنى ئايلاندۇرۇپ كولىشىغا ياردەم بەردى. بۇنداق ئىشلار ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز، بېيجىڭ ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لى بىڭ يەننىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەچچە يىل بۇرۇن سۆزلىگەن بىر نۇتىقى“ چەتئەل مەبلىغىنى سېتىۋېلىش ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ بىخەتەرلىكىنى مۇلاھىزە قىلساقلا بۇنىڭغا كۇپايە بولىدۇ.

    1. ئامېرىكا دوللىرى تۇزاق
    ئامېرىكىدا تۇيۇقسىز پارتىلىغان ئىقتىسادىي كىرزىس، ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ قالايمىغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، يەنە جۇڭگودا ساقلىنىۋاتقان نەچچە تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق زايومىنىڭ جاھاننى زىلزىلگە سالىدىغان ھەقىقىتىنى پاش قىلىپ قويدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بۇ پۇللار جۇڭگونىڭ 30يىلدىن بويانقى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنىڭ بايلىق يىغىندىسى، ھازىر كۆپ قىسمىنى ئامېرىكا ئېلىپ كەتتى، پەقەت ساپ ئىقتىساد ۋە پۇل - مۇئامىلە نۇقتىسىدىن قارىساقلا ھەممە ئايان بولىدۇ: ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن زايوم ئارقىلىق جۇڭگونى باغلىۋالدى!جۇڭگو بۇ زايوملارنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ئامالسىز، ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ زايۇملارنى ئاللىبۇرۇن كۇرسى چۈشكەن ۋە تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە پاخاللىشىش يۈز بېرەتتى،  ئامېرىكا ئەكسىچە جۇڭگونى يەنىلا قورقۇتۇپ ئازدۇرۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئامېرىكا زايومىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا، چۈنكى ئەگەر جۇڭگو سېتىۋالمىسا، ئامېرىكا ئىقتىسادى تېزدىن جانلىنالمايدۇ، بۇ زايوملار يەنىلا ھېچنىمىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالىدۇ، ئەكسىچە خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى يەنە ئاشىدۇ، بۇ ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان سانائەت سىستېمىسىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا بۇ خىل گەپلەر ئارقىلىق جۇڭگونى قورقۇتۇپ پۇلنى بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ پۇلىنى ئامېرىكا ئېلىپ كەتتى، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىپ، زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا  پۇلى قالمىدى.ئەمەلىيەتتىن ئېيتقاندا زامانىۋىلىشىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى ئۈزۈپ قويدى. ھەممىمىز بىلىمىز، زامانىۋىلىش سانائەتلىشىش دېمەكتۇر، پۇل بولمىسا قانداق سانائەتلىشىدۇ؟ شۇڭا جۇڭگو مۇشۇ سەۋەبلىك ئاساسىي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئىگە بولالمايۋاتىدۇ، شۇڭانەچچە تىرلىيون  ئامېرىكا دوللىرى ھېچقانداق دۆلەت مۇداپىئە كۈچىگە ئايلىنالمايۋاتىدۇ!ئامېرىكا جۇڭگوغا ئوت كۈچى قوراللىرى ۋە يوقىرى پەن - تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرمەيدۇ، ياۋرۇپامۇ سېتىپ بەرمەيدۇ، جۇڭگوغا پەقەت زايومنىلا سېتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ پۇلىنى ئېلىپ، پۇرسەت كۈتىۋاتىدۇ، جۇڭگو ۋەيران بولغان ۋاقىتتا، تۆۋەن باھادا جۇڭگونىڭ كاپىتالىنى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن يەنە يوقىرى باھادا جۇڭگوغا سېتىپ بېرىپ جۇڭگونى شىلىۋالىدۇ! ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ زايومىنى سېتىۋالمايدۇ؟ نېمىشقا سېرىق ئالتۇنلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ ئامېرىكا دوللىرىنى قوتقۇزمايدۇ؟ نېمىشقا موردېنت شىركىتىنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇتقۇزمايدۇ؟ ھەممىمىزگە ئايان، ئامېرىكا پۇل بېسىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ ئامېرىكا دوللىرىنى بېسىپ كۆپەيتىۋاتىدۇ، جەزمەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جۇڭگونىڭ قولىدىكى ئامېرىكا دۆلەت قەرزى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھېچنىمىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالىدۇ. پەقەت سانائىتى بولسىلا، پەقەت كاپىتال مەنبەسى بولسىلا، ئامېرىكا يەنىلا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىك ئورنىدا تۇرالايدۇ، باشقىلار بولسا ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭغا پۇل بېرىدۇ. ئۇ ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئەمما ئۇ سانائەت، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋە كاپىتال مەنبەسىنى ناھايىتى چىڭ تۇتىدۇ.
    ئامېرىكا بىر تەرەپتىن جۇڭگونى ئۆزىنىڭ زايومىنى ئۈزلۈكسىز سېتىۋېلىشقا گوللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرىزىنى بىلىپ بولمايدىغان ھالدا جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا ۋە دۆلەت ئىچىدە قالايماقانچىلىق(ئاۋارىچىلىق) چىقىرىۋاتىدۇ، بىۋاستە مۇددىئاسىنى ئېيتساق، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا ئۇرۇش ئوتلىرىنى ئۇلغايتىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگونى ئۇسۇلغا سالغانلىق، ياكى سىرتقى دۈشمەن كۈچلەرگە قارىتا قارشىلىق ھاسىل قىلغانلىق، ياكى دۆلەت ئىچىدە توقۇنۇش ھاسىل قىلغانلىق، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ كاپىتالى ئامېرىكىغا ئاقىدۇ!  بۇنىڭدا چەت دۆلەتلەر جۇڭگودىكى كاپىتالىنى ئېلىپ كېتىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ كاپىتالىنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ. يەنە مۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ زايومىنى سېتىۋىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، ئامېرىكا يەنە جۇڭگونىڭ بارلىق بايلىقى ۋە كەلگۈسىنى ھەممىنى قوشۇپ ئېلىپ كەتمەكچى،  ئۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى پەۋقۇلئاددە يوشۇرۇن بولماقتا. بۇنداق بولغاندا نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ كەلگۈسىنىمۇ ۋەيران قىلىپ يوشۇرۇن خەۋىپنى يوقاتماقچى. بۇ ھەربىي ھازىرلىق رىقابىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى يوقاتقاندىنمۇ  ياخشى پىلانلانغان. بىز چوقۇم بۇ نۇقتىنى ئېنىق تۇنۇپ يېتىشىمىز ھەم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى 10 يىلىدا يۈز بەرگەن ۋەقە كېيىنكى 50يىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    2. دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىسكەنجىگە ئېلىش
    جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، ھەممە تەرەپتىن جۇڭگونى يالغۇز قالدۇردى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ دۈشمىنى ئىدى، جۇڭگو بولسا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئارقا سەپ ستراتېگىيەسى ئىدى. بولۇپمۇ ۋيېتنام، جۇڭگو ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىلاھى ئىدى. ھازىر، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئاساسىي جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ سىياسى يەر تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتتى. ۋيېتنام بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولىۋاتىدۇ. خەلقئارا سىياسى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو نۇرغۇن ھەقىقىي دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دوستلىرى بار دەپ ئېيتىلسا،  دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى جەھەتتىكى دوسلۇقتىن ئىبارەت، بۇ ئۆز - ئۆزىنى ئالدىغانلىق ئەمەسمۇ؟ جۇڭگونىڭ ھەقىقىي دوستى دەپ ئېيتالايدىغانلار پەقەتلا جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى چاۋشيەن، بىرماۋە پاكىستان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئامېرىكا ھازىر چوڭ قەستلەش ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ بۇ ئۈچ كىچىك ھەمراھىنىمۇ قالايمىقان قىلماقتا.
    چاۋشيەن
    چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ھەممىگە ئايان. ئەمما ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى دۇنيادا ئەڭ كەسكىن ھالەتتە تۇرماقتا. بۇنىڭ ئارقىسىدىن ئامېرىكىنىڭ سىتراتىگىيەسى يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرماقتا.  ئامېرىكا چاۋشىيەننىڭ جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى بىردىن بىر قول تىقىشقا بولمايدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، ئەمما چاۋشيەن يەنە چاتاق چىقارسا ئاساسلىق مەقسىتى يەنىلا ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا ھاكىمىيەت كۈچىنى ئۇزارتىشقا بولاتتى. بۇ تەرىپىنى كۆرۈپ يەتكەن ئامېرىكا چاۋشيەندە بىر دائىرە ھاسىل قىلىپ، ئۇنى جۇڭگودىن پارچىلىدى. ئۇ ئۈزلۈكسىز چاۋشيەنگە تەسىر كۆرسىتىپ، چاۋشىيەنگە پۈتۈن كۈچى بىلەن يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ياپونىيە بىلەن كورېيەنى ئۈزلۈكسىز ئامېرىكىنىڭ چوڭ تايانچىلىق ئورنىنى تۇتۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارادا جۇڭگونىڭ ئىناۋىتىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ چاۋشيەننى كونترول قىلالمايدىغان ئەھۋالغا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونى چاۋشيەننى جازالاشقا كۈشكۈرتتى، شۇڭا چاۋشيەندە يادرو قوراللىرى بولسا، جۇڭگوغىمۇ تەھدىت بولىدۇ. بىر كۈنى جۇڭگونىڭ قىلمىشى سەل ئېشىپ كەتسە، چاۋشيەننى ئامېرىكىغا ئىتتىرىپ بەرگەنلىك بىلەن باراۋەر بولۇپ، چاۋشيەن خۇددى بىر يوغان تاشتەك ئامېرىكا تەرەپكە دومىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ چاۋشيەندىن ئازراقمۇ يادرو كىرزىسى ھېس قىلمايدۇ. ئۇ ھازىر تىنچ ئولتۇرۇپ كۆزەتمەكتە، ئۇ ئەسكەر چىقارمايلا پۈتۈن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى كونترول قىلالايدۇ؛ ياپونىيەنى قوشقاندا، ئامېرىكا جۇڭگوغا بولغان سىىتراتىگىيە تەييارلىقىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇ يەنە روسسىيەگىمۇ تاقابىل تۇرالايدۇ، بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ستراتېگىيەسىگە ماسلىشالايدۇ. ئەگەر بىز ياخشى ھەرىكەت ئېلىپ بارمىساق چاۋشيەننىڭ ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇقەررەر. يەنە كېلىپ ناھايىتى تېزلا بولىشى مۇمكىن.

    بېرما
    بېرما بولسا ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بايلىق ئىستراتىگىيەسى. بېرما بولسا جۇڭگونىڭ غەربى جەنۇبىدىكى چوڭچىڭ، چېڭدۇ ۋە كۈنمىڭ قاتارلىق ئۈچ بۇرجەك رايۇنىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى. بۇ ئورۇننى ئاچقاندا مالاككا بوغۇزىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەنە 3000 كېلومېتىر دېڭىز يولىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. يەنە مالاككا بوغۇزىنىڭ ئەڭ تار يېرى 3 كىلومېرىغا يەتمەيدۇ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدا. بۇمۇ ھەم جۇڭگونىڭ ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان ئەڭ قولايلىق قانىلى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا شەرىق سودىسىنىڭ كۆپ قىسمى ھىندى ئوكياندىن ئۆتىدۇ. يەنە ھىندىستاننىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئويلىغىنى بار، ئۇ جوڭگوغا ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرىدۇ. بېرمىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى، جۇڭگوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداق بولغاچقا ئامېرىكا بۇنى ھەرگىزمۇ بوش قويىۋەتمەيدۇ.
    يەر شارىلاشقان دۇنيا مالىيە - ئىقتىسادى نى ئالدىنقى شەرىت قىلغان بىر ئەدىبنىڭ گېپى بويىچە: بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە جۇڭگوغىمۇ ئىشەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ھازىر جۇڭگوغا ياخشى بولىشى، ئۇنىڭ غەربنىڭ بېسىمى ئاستىدا باشقا تاللىشىنىڭ بولمىغانلىقىدا. ئەگەر پۇرسەت بولسا بېرما چوقۇم ھىندىستان، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىدا ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن غەرىپ ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى مۇئامىلىدە بولسا، ئۇ دەرھاللا ئۇلارغا قىزىل پايانداز سېلىپ ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ. ھازىر ئامېرىكا جوڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قول سوزدى.

    پاكىستان

    ئافغانىستان ئۇرۇشى ئارقىلىق، ئامېرىكا ئاساسىي جەھەتتىق پاكىستاننى كونترول قىلىۋالدى. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ئىستراتىگىيە جەھەتتە ئاساسىي جەھەتتىن تايىنىش قىممىتىنى يوقاتتى. جۇڭگۇ قۇرۇشقا ياردەم قىلماقچى بولغان، ھىندى ئوكياندىن تۈز چىقىشقا بولىدىغان گۇۋادېر پورتى ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرىنىڭ تەھدىدى ئاستىدا تۇرماقتا، بۇلا ئۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ھىندى ئوكياندىكى ھىندىسىتاننىڭ ئىسكەنجىسىدىن  قۇتۇلدۇرالايدىغان جاي، ئەمما ھازىر تولىمۇ قىيىن. ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا ۋە باشقا جايلار ئارقىلىق جۇڭگونى قورشاپ تۇرۇشىنى تىلغا ئالمىساقمۇ بولىدۇ.

    3. بەشىنچى كالۇننا مەركىزىدىن چېچەكلىدى
    سىرتتىن قورشاش، مەركىزىدىن چىچەكلەش: شىزاڭ مەسىلىسىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ چوڭ قالايماقانچىلىقى بىر كېچىدىلا مىڭلىغان ئادەمنى تالاپەتكە ئۇچىراتتى.  لى دېڭ خۇي يەنە بىر قېتىم ياپونىيەگە قېچىپ كەتتى، دالاي تەيۋەننى زىيارەت قىلغىلى كەتتى؛ رابىيە ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەگە باردى؛ خەلىق ترانسىپورت ئىشلىرى تەيۋەندىن بوشلۇققا ئېرىشتى................بۇ ئىشلارنى بىز يەككە ھالدا  'ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچ' دەپ قارىدۇق، ئەمەلىيەتتە ئارقا سەھنىدە ئامېرىكا ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. رىكې نېمىشقا دەسلەپتە رابىيەنى ئامېرىكىدا كۈتىۋالىدۇ؟ چۈنكى ئۇ ئارقىلىق شىنجاڭنى قالايمىقان قىلماقچى. چۈنكى باشقا جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ ئادەملىرى بار، شىنجاڭدىلا يوق ئىدى.  شىنجاڭنى قالايماقان قىلىش مەقسىتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنىلا ئۆتكۈنچى بىر باسقۇچ، شىنجاڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.
    جۇڭگونىڭ پەقەت ئۈچلا قۇرۇقلۇق ئېنىرگىيە مەنبەسى بار: بىرىنچىسى شىنجاڭ، بىرىنچىدىن چاۋشيەننىڭ شەرىق تەرپىگە يېقىن؛ يەنە بىر تەرەپتە بولسا بېرما، يەنە بىر زاپاس ھالەتتە تۇرۇۋاتقان پاكىستانمۇ بار. بۇ بىر قانچە نۇقتىلار ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى نىشان قىلغان ئىستراتىگىيە مۇھىم نۇقتىسى. مەقسىتى بولسا جۇڭگونىڭ گېلىنى بوغۇش. دېڭىز ئۈستىدىن ئېلىپ ئېيتساق، تىنچ ئوكياننى ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە كونترول قىلىۋالغان؛ ھىندى ئوكيان ئۈستىدىمۇ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان بار، ئاساسىي جەھەتتىن دېڭىز يوللىرى قامال قىلىندى. قۇرۇقلۇق ئۈستىدىمۇ توساق بار، جۇڭگو قۇرۇقلۇقتا قاغجىراپ تېزلا ھالاك بولىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئەجەلگە سۆرەپ بېرىش سىتراتىگىيىسى.
    سىياسى جەھەتتىن ئېزىقتۇرۇش دورىسى. جۇڭگونىڭ يوقارقىلارنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى GDP نى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ جۇڭگونى مەستخۇش قىلدى. خۇددى ئەينى يىللىرى روسىيەگە قاراتقان ؛شوك بىلەن داۋالاش؛تەدبىرىگە ئوخشاش. نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىنىڭ GDP سىدىن مەستخۇش بولۇپ يۈردى، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا جۇڭگولۇقلار بىخۇدلاشتى. يېقىندا ؛ يەر شارى ۋاقىت گېزىتى؛ ئاچقان كەلگۈسى 10يىللىق جۇڭگو تەرەقىياتىنى مۇلاھىزە قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىسى دەپ ئاتالغان بىر قىسىم ئۆلىمالىرى مۇنداق دەپ قارىدى، 2009-يىلى جۇڭگونىڭ GDP سى ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە ئون يىلدىن كېيىن جۇڭگونىڭ GDP سى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇ ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ گېپى گەپ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخى ئاساسى بولمىغان ئاجايىپ- غارايىپ گەپلەر. مەن شۇ ۋاقىتتا مەسخىرىلىك كۈلۈپ سورىدىم: 1840يىلى جۇڭگونىڭ GDP سى دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيتتى، ئەنگىلىيەنىڭ كۈن پاتماس ئىمپېرىيەسى ئارانلا يىگىرمىدىن بىرنى ئىگىلەيتتى؛ پۈتۈن ياۋرۇپانىڭكىنى قوشسىمۇ جۇڭگونىڭكىگە تەڭ بولالمايتتى، نېمىشقا جۇڭگو ياۋرۇپانى بۆلىۋالمايدۇ، نېمىشقا ياۋرۇپا تەرىپىدىن بۆلىۋېلىنىدۇ؟ پەسىيىپ  1894 - يىلغا كەلگەندە، جۇڭگونىڭ  GDP سى يەنىلا ياپونىيەنىڭ توققۇز ھەسسىسىدىن كۆپ بولدى، نېمىشقا جۇڭگو ياپونىيەنى مەغلۇب قىلالمايدۇ، ئەنتىنى ئالمايدۇ. ئەكسىچە ياپونىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى، تەيۋەننى يوقىتىپ قويدى؟ تارىختا GDP سانى ھەرگەز يوقىرى ئورۇن - مەرتىۋىنى ئىپادىلىگەن ئەمەس، نېمىشقا ھازىر ئۇنداق بولغۇدەك، يىغىن مەيدانى سۈكۈتكە چۆمدى.  

    جۇڭگو ئىقتىسادى ئاساسلىقى تۆۋەن سەۋىيە تېخنىكىسىدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا جۇڭگونىڭ  ئىقىسادى ئەۋزەللىكى، ھەرگىزمۇ ھەربىي كۈچ بولالمايدۇ. شۇڭا ئىستراتىگىيە ئەۋزەللىكى ۋە سىياسى كۈچى بولالمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا پەقەت قاقتى سوقتى قىلىنىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. چەت ئەللىكلەرگە بۇ نوقتا تولىمۇ چۈشىنىشلىك. شۇڭا ئامېرىكا ، ياپونىيە، ياۋرۇپالار جۇڭگونىڭ يوقىرى پەن تېخنىكىغا ئىگە بولىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا كىرگۈزگىنى پەقەتلا ماكدونالد، كوكا كولا، ھەمدە باشقا مەھسولاتلار...ئۇلار تېخنىكىنى ھەرگىز ساتمايدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ كاپىتالى جۇڭگوغا كەلگەندە بايلىق مەنبەسى ۋە زاۋۇتلارنى سېتىۋالىدۇ.
    ئامېرىكا سودىنى ئاساس قىلىدۇ، 200يىلدىن بويان بۇ دۆلەتنىڭ ھىندىئانلىرىغا تېنچلىق بېرىلمىدى، ياكى قوشنا دۆلىتى موسكىۋاغا ئاراملىق بېرىلمىدى، ئامېرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى ئىسپانىيەگە قارىتا جەڭ باشلىغانلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى. بۇ يەردە شىۋىتسىيە ستوكھولم خەلقئارا تېنچلىقنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ نوپوزلۇق سانلىق مەلۇماتلىرى بار: سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، ئامېرىكا تەخمىنەن 2.4يىل ئۇرۇش قىپتۇ؛ سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن بۈگۈنگە قەدەر تەخمىنەن 1.4يىل ئۇرۇش قىپتۇ. جۇڭگو بىلەن دېسەك بولار. ئىلگىرىكىنى دېمەيلا قويايلى، ئىسلاھات ئېچىۋەتكەندىن بويان ئىككى تەرەپنىڭ سودىسى 30نەچچە يىل ئېلىپ بېرىلدى، ئامېرىكا جۇڭگوغا نېمە قىلىپ بەردى؟ ئەلبەتتە ئىككى تەرەپ جەڭ قىلمىدى، ئەمما ئامېرىكا جۇڭگونى قورشاپ ئىستراتىگىيىگە ئېلىپ بولدى. ئامېرىكىلىقلار كۈلكىلىك قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگولۇقلار بىزگە زەھەرلىك ئويۇنچۇقلارنى سېتىپ بېرىدۇ، ئەمما بىز ئۇلارغا زەھەرلىك زايوملارنى سېتىپ بېرىمىز! ئامېرىكا بىر تەرەپتىن جۇڭگوغا زەھەرلىك ئەخلەت زايوملىرىنى سېتىپ بېرىش ھەققىدە باش قاتتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگوغا قارىتا چوڭ  بىر مەيدان' سىلىق تۈردە ھۇجۇم قىلىش' جېڭىگە تەييارلىق قىلىپ بولدى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us