• ساتقۇنلۇق ۋە مۇناپىقلىق

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64677290.html

    ساتقۇنلۇق ۋە مۇناپىقلىق

    يولۇڭنى تۈزەتكىن ،خۇي پەيلىڭ تۈزەت ،
    بول ئىككى جاھاندا تۆردە ئولتۇرا:
    (يۈسۈپ خاس ھاجىپ :((قۇتادغۇ بىلىك ))6641-بېيىت

     

    ساتقىنلىق -ئەبگالىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى بولۇپ ،ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىنى روناق تاپقۇزمايۋاتقان ئەڭ ئەجەللىك ئىللەتلەرنىڭ بىرى . ھىكايەت ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى ، غۇرۇرى . ئۇ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ئۆزى بىلەن بىر تىلدا سۆزلەيدىغان ، ئۆزى بىلەن بىر دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ئىنسان روزى موللىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەپسىگە ئېلىنىپ ،1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى پاجىئەلىك ھالدا قەتلى قىلىنغان . شۇ يىلى ئۇ تىخى ئەمدىلا 32ياشقا كىرگەن بىر ياش ئەزىمەت ئىدى . بۇ يەردە مۇنداق سۇئال تۇغۇلىدۇ :ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرى -ئۇيغۇر، روزى موللىمۇ ئۇيغۇر . شۇنداق تۇرۇغلۇق ، زادى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر روزى موللا ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرنى
    چىقىشتۇرۇپ ،ئۆلتۈرگۈزىۋىتىدۇ ؟ بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە روھ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتا ، يەنى بۇ ئىككەيلەن گەرچە دىنداش ۋە مىللەتداش بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھ بىر -بىرسىنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى : ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر پۈتكۈل خەلقىم ، پۈتكۈل مىللىتىمنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى مىنىڭ مەنپەئەتىم ، مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىدادۇر جىنىم دەيدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ،خەلقىپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئىگىسى ئىدى . روزى موللا بولسا مىنىڭ گېلىم -مىنىڭ بارلىقىم ،ھاكىم گېلىمغا نان بەرسىلا ئۆ ز مىللىتىمنىڭ ،ئۆز خەلقىمنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى بەش پۇلغا سىتىۋەتسەممۇ شۈركەنمەس تىنىم دەيدىغان ساتقىنلىق روھىنىڭ بەندىسى ئىدى . سەمىمىيەت بىلەن ئېيىتقاندا ، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەرقانداق ئىرق ،ھەرقانداق دىن ،ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن ،ئەمەلى پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ،ئۆز خەلقىغە كۆيۈش ،ئۆز مىللىتىنىڭ بەخىت -سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بىغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۇناھ ھىساپلانمايدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كىرەك . چۈنكى مىللەتپەرۋەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى ۋە تەۋرەنمەس ئاساسى ،ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەم تەبئىي ھالدىلا ئۆزىنىڭ يۇرتىنىمۇ سۆيمەيدۇ .ئەمدى ئۆزىنىڭ يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى جىنىدىن سۆيىشى مۈمكىن ئەمەس . ھالبۇكى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاداققى نىشان قىلىنغان مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ،ھەر قايسى مىللەتلەرگە خاس تۈلۈك ئادەملارنىڭ قەلبىدە باراۋەرلىك ۋە خوجايىنىلىق تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش ،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇىشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ،ئۆزلىرىنىڭ تېگىشىلىك رولىنى تولۇقى بىلەن جارى قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيتى بار ، ئەلۋەتتە .ئەگەر بۇ چۈشەنچە توغرا دەپ قوبۇل قىلىندىكەن ، ئۇ ھالدا ،مىللى ساتقىنلىق ۋە مىللى مۇناپىقلىق تىتاڭ تومۇرىغا تەككۈزۈپ ئەيىپلىنىشى ۋە خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىنىپ ،ئادەمىي ئەخلاق بابىدىن ۋە ئىنسانىي پەزىلەت مەيدانىدىن ئەبەدىيلىك قىلىپ قوغلاپ چىقىرىلىشى لازىم . ئوچۇق كۆڭۇللۇك بىلەن ئېيىتقاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان ئىچكى تارىخىدا ،ھامان زور-زور پاجىئەلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر كۆرەش بار . ئۇ بولسىمۇ مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللى ساتقىنلىق ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشتۇر . 30-ۋە 40-يىللاردىكى ئيغىنىش دەۋرىدە بىھۇدە قەتلى قىلىنىپ كەتكەن ئاتاقلىق تەرەققىپەرۋەر دىنى زات ئابدۇ قادىر داموللام ، مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى مۇھەممەتئەلى تەۋپىق ئەپەندى ،ۋە ئوت يۈرەك شائىر ،تاغ يۈرەك تالانت لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ خىل مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللى ساتقۇنلۇق ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنىڭ غوللۇق قۇربانلىرى . شائىر ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشىلىق تەقدىرىدىن يەكۈنلەپ ئېيىتقاندىمۇ ،ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ،روزى موللىلارنىڭ كۆپلۈكىنىڭ قانلىق نەتىجىسى . شۇنىسى ئېنىقكى ،ئارىدىن ئاتمىش ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۇگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ، ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلارمۇ ،ساتقىن روزى موللىنىڭ ئىپلاس جەندىسىگە مىراسخورلۇق قىلغانلارمۇ بار . ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ،خۇسۇسەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىچىدە ،ئابدۇ خالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپمۇ ياكى روزى موللىنىڭ ئەۋلادى كۆپمۇ ؟ئەتراپىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار ، ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بىقىڭلار !
    بىز (( ئۇ مىللەتمۇ بولمايدۇ ، بۇ مىللەتمۇ يارىمايدۇ .دۇنيادا مەن ئاكاڭ بىرىنجى ))دەيدىغان تار مىللەتچىلىككە ئىنتايىن ئۆچمىز . بىز مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى ،ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىناقلىقنى كۆز قارچۇغىمىزدىن بەكرەك ئەزىزلەيمىز ۋە ئاسرايمىز . چۈنكى بىز بۇ يۇمۇلاق يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلىرىنى پەقەت يۇمۇلاق شىرە ئەتراپىغا جەم بولۇپ ،ئۆپكىسىنى بىسىۋىلىپ ئولتۇرۇپ ،ھەممە تەرەپلەرنى ئوخشاش كۆزدە تۇتقان ھالدا ،ئەستايىدىل سوزلىشىش ،پىكىرلىشىش ،ۋە سىردىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،بىز ((مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىق ،ئىناق بولۇش )) دىگەن ئەسلىدىن توغرا ۋە ھەقلىق شۇئارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە بۇرمىلاپ ((ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىش ، ئۆز خەلقىنىڭ ھەقلىق نىسىۋىسىنىمۇ قالدۇرماي سىتىۋېتىش )) قىلىپ چۈشىنىۋاتقان ۋە چۈشەندۇرىۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت ئوقۇيمىز !

    مەنبە: ((شىنجاڭ مەدەنىيىتى )) ناملىق ژورنالنىڭ 1996-1997-يىللىق سانلىردا ((بىزدىكى ئەبگالىق )) تىمىسىدا ئىلان قىلىنغان ،ئەسەردىن ئىلىندى . ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى :ئابدۇرەئۇپ پولات

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us