• خۇتۇن ئۇمۇمنىڭ مۈلىكى ئەمەس...

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64662638.html

    بۇرادەر ، توي كۈنى خۇتۇنىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئالغاندىن باشلاپ ئۇ سىزگە مۇتلەق تەۋەدۇر . شۇنداقلا سىزمۇ ئۇنىڭغالا تەئەللۇقسىز. بەزىلەر ئىشلايدىغان ئاياللارنىڭ يېرمىغا ئېرى ، يېرمىغا ئىدارە ئىگە دەۋالدۇ ھەجۋى قىلىپ . ئەمما ئىشلەمچىلىك مۇناسىۋىتىدە ئۇمەلۇم بىر .ەدارە - ئورەانغا بىسبەتەن ھەقلىك مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ، ئەمما نىكاھ ۋە ئەر- ئاياللارنىڭ بىر - بىرىدىن مەنپەئەتلىنىش مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە دەخىلسىزدور ، مۇتلەقتور . شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ئىگە بۇلۇڭ . مەن بەزى ئەلەرنىڭ ئىدارىگە باھالاش كىلدىكەن ، مېھمان كۈتىدىكەن  دەپ ىۇتۇنلىرىنى ئاخشاملىرىمۇ كىملەرنىڭدۇ خىزمىتىگە سېلىپ بېرىپ ، ئۆيىدە پۇشۇلداپ ئولتۇردىغىننى بىلىمەن ھەم بۇنداق ئەھۋاللارنى خېلى كۆپ كۆرگەنمەن. ئەمما سىز مەجىبورىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئەر بۇلدىغان بولسىڭىز ، ئايالىڭىزنىڭ ئىدارسىدىكىلەرنىڭ ھەر قانداق باھالاش ، كۈتىۋىلىش شەكلىدىكى ئورۇنسىز ئولتۇرۇشلىرىغا سىز سىز  قاتنىشىشىغا يول قويماڭ . مەن بۇنداق كۈتىۋىلىش شەكلىدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ ماھىيتىنى ئۇبدان بىلىمەن . ئايالىڭىز نىكاھتىن باشلاپلا  سىزلا بەھىرلىندىغان مۇتلەق نېممەتكە ئايلاندى . ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ  بەھرلىنىشىگە ، كۆڭۈل ئىچىشىغا يول قويماڭ . شۇنداقلا ئايالىڭىزسىز  سىزمۇ مۇنداق ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشىغا ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماڭ . سىز ئۆزىڭىز ھەر يەر - ھەر سورۇنلاردا يايراپ يۈرۈپ ئايالىڭىزنى مېنىڭ خىزمىتىمنىلا قىلىسەن دەپ سىرتماققا ئالسىڭىز ، بۇ ئادالەتسىزلىك ھېساپلىنىدۇ ھەمدە ئۇڭايلا ئايالىڭىزدىمۇ قارشلىشىش ، شۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ بىقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالىدۇ . ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلما ..........
    بەزى سورۇن ، يىغىلىش ، قاتنىششىلارغا بېرىش زۆرۈر بۇلۇپ قالغاندىمۇ خەقنىڭ خۇتۇنلىرىبىلەن تانسا ، ئۇسول ئويناشتىن ساقلىنىڭ . شۇنداقلا خۇتۇنىڭىزنىمۇ ئومۇمنىڭ  مۈلكى ، كىم ئوينىسا بۇلىۋېردىغان ئۇيۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ . بىزدە خۇتۇنى باشقىلار بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئوينىسا ، ئۆزى  بىر تەرەپتە  تۇرۇپ خوشلۇقتىن ئېغىزى كېلە بىلىدىغان ئەرلەر ئاز ئەمەس . ھەتتا بىرەر باشلىق خۇتۇنى بىلەن تانسا ئويناپ قويسا ، خوشلۇقتىن كۆرەڭلەپ بېشى ئاسمانغا تاقىشىدىغان ، باشلىققا رەھمەت ئېيتىپ سۆيۈنۈپ كىتىدىغان ئەرلەرمۇ ، ئۆزى ئۆيىدە داغ چايغا قاتتىق ناننى چىلاپ يەپ ئولتۇردىغان خۇتۇنى رېستۇراندىن  ، خەق بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناپ  بەزمىخانىدىن كېلەمەيدىغان ئائىلىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ...........
    بۇرادەر ، ئۇنتۇماڭ ۋە قىققەت قىلىڭكى ، خۇتۇن ئومۇمنىڭ مۈلكى ئەمەس . خۇتۇن ئەر بولغۇچىغىلا تەۋە. ئۇ شۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى ، شۇنىلا كۈتىشى ، شۇنىڭلا كۆڭلىنى ئىچىشى كېرەككى ، يات ئەرلەر بىلەن تانسا ، ئۇسۇل ئويناپ  ئۇنىڭ ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىپ ، كۆڭلىنى ئېچىپ قويماسلىقى كېرەك . يات جىنىسلىق  ئەلەرنىڭ تەن ئەزايى بىلەن تۇلا ئۇچراشقان ئايال سىزنىڭ تېنىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا بارا - بارا  غەيرى سېزىمدا بولماس ، ھەتتا سىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىزدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ، نارازى بۇلۇشقا  خۇشتار بۇلۇپ قالىدۇ ، ھەمدە ئۇچرىشىش ، ئولتۇرۇشلىرى تېخىمۇ كۈپىيىپ ، ئۆيدىن  ، سىزدىن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كىيمىگە ، گىرىمگە ، ئەرلەرنىڭ ماختىشىغا ئامراق بۇپ قالىدۇ - دە ، سىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كىتىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بىقىڭ ، رىستۇرانغا ، يات ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشلىرىغا ئامراق خۇتۇنلارنىڭ قايسىبىرى ئۆز ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتىدىكىن ؟ قايسىبىرى ئېرىنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلدىكىن ؟ ............
    ئايالىىڭىزنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنۋىلىڭ . ئۇ ئومومنىڭ ئورتاق بەھىرلىندىغان مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن . ئايالىڭىز ئۈچۈن سىز ۋە نىكاھ ، ئائىيلىدىن مۇھىم ئولتۇرۇش ، كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن  دۇسىت يوق . سىزنىڭ ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغىنىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ تۆۋەنلەۋاتقىنىدىن بۇلىدۇ. ۋاقتىدا ئۇنى تۇتۇپ قىلىڭ . ئۆز دائىرىڭىزدە كونتىرول قىلۋىلىڭ . بولمىسا ئۇ ئەتە - ئۆگۈن يەنە بىر گەدىنى توم ، يانچۇقى بوم بىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن.  
      

    مەنبە؛ كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر دىگەن كىتاپتىن

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us