• مۇستاپا كامال ۋە ئىسلام دىنى

    2010-05-31

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64781251.html

    مۇستاپا كامال ۋە ئىسلام دىنى


    مىنىڭچە باشقا دۆلەت ئىقىم مەسىللىرى توغرىسىدا ئاز تۇلا مۇلاھىزە قىلىپ پىكىرلىشىش خاتا ئەمەس بىز ،ئۇلار بىزگە نىمە ئىش قىلىپ بەرگەنتى، بىزگە كىم ياردەم قىپتىكەن، بۇنىڭغا بىزنىڭ سالاھىتىمىز توشمايدۇ، تالاشقاننىڭ نىمە پايدىسى، ئۆزەڭنى بىل ئۆزگىنى قوي، دىگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەر بىلەن سەل قاراپ رەدىيە بىرىپ بىر چەتكە چىقىۋالماي ئاكىتىپ قاتنىشىپ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنازىرە قىلىشىمىز كىرەك،ھىلىمۇ بۈكۈنۈپ ياشىغىنىمىزغىمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى شۇڭلاشقىمۇ مۇشۇ ئىقىم مەسىللىرى توغرىسىدا قۇرقۇپ ئىغىز يىرىپ بىرنىمە دىيەلمىگەچكە بۇ سەھنىدىن چىكىندۈرۈلۈپ تۇرۇلىۋاتىمىز،شۇلاردا بولغان ئىش بىزدە بولمايدۇ دەپ ئېيتالامسىز بىز ھەممىگە تەڭ قاراپ ياخشى تەرىپىنى ئۈگۈنۈپ يامان تەرىپىدىن نەپىرەتلىنىشنى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك مەن يىقىندا بىر مۇنبەردىشىمىزنىڭ مۇستاپا كامال توغرىسىدىكى تىمىنى ئۇقۇپ بۇ تىما توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە مەنمۇ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم ،لىكىن بىر ئانىدىن تۇغۇلغان 10 بالىدا 10خىل مىجەز دىگەندەك بۇنىڭدىمۇ نەچچە خىل كۆزقاراش ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ھەممسى ئۆزىنىڭ دىگىنىنى يورغۇلىتىپ بىر-بىرىگە قايىل بولمىغان بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئىككى خىل كۆز قاراش1-خىلى ئىسلامى قىرىنداشلار مۇستاپا كامالنىڭ قەھىرمانلىقىنى ئىتىراپ قىلسىمۇ ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئىسلام دىنىغا بولغان يەكلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇش دىننى ھاكىمىيەتتىن ئايىرىش ھەم دىننى دۆلەت قانۇنىنىڭ باشقۇرىشىغا چۈشۈرۈپ دىنغا ھىچقانداق يول قويمىغاچقا ئۇنىڭغا نارازى بۇلۇپ ئۇنى ئىسلامنىڭ خائىنى تۈرۈك خەلىقىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى جاۋاپكارى دىگەننى ئوتتۇرغا قويغان،
    2-قاراشتىكىلەر ئەينى چاغدىكى مۇستاپا كامالنىڭ قىلغىننى توغرا شۇندا ق قىلغاچقا ئۇلار بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىپ مەدىنىيەتلىك ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولغان دۆلەتنى قۇرالىغان مىللىتىنى نادانلىقتىن قاللاقلىقتىن قۇتۇلدۇرغان مىللىي قەھىرمان دەپ يۇقۇردىكى 1-خىل قاراشتىكىلەرنىڭ پىكىرىگە رەدىيە بىرىپ ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى دىننىي مەسىللەرگە شۇنداق باستۇرۇش ئىلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات تەلەپ قىلغانلارمۇ بار،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ تىمىنى يوللاپ شۇچاغدىكى مۇستاپا كامالنىڭ دىنغا بولغان يەكلەش ۋە چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئەينى بۇيىنچە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقنى قارار تاپتىم ،بىر ئىشنىڭ ئاق قارىسىنى بۈلۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا چۇقۇم دەلىل-ئىسپات بۇلىشى كىرەك،شۇنداق بولغاندىلا قارىشى تەرەپنى قايىل قىلىپ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان مۇنازىرىنى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇرۇش بىز پىكىر يۈرگۈزگۈچى ئىنسانلارنىڭ بۇرۇچى، بۈلمىسە جىم تۇرۇپ بۈلگەنلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ كىيىنكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇنازىرىلەر بۇلۇپ قالسا پىكىر قاتناشتۇرۇشقا ئاساس ھازىرلاش كىرەك، چۈنكى ھەممە ئادەم بۈ بىلىملىك بۇلۇپ تۇغۇلمايدۇ
    مۇستاپا كامال ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ بىشىغا كۈن چۈشكەندە مەيدانغا چىقىپ مىللىي ئازاتلىق ئۇرۇشى قىلىپ مۇستەققىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز لىكىن ئۇنىڭ شۇنداق قابىلىيەتكە ھەم غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە تۈرۈك خەلىقى ۋە قول ئاستىدىكى ئىستىداتلىق قۇماندان ھەم ئۆز ۋاختىدا مۇستاپا كامالنى شۇنداق شارائىتقا ئىگە قىلغان ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن ئۆستۈرگەن ئىمپىرىيە ھەم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ،ئەينى ۋاختىدا تۈركىيىنىڭ شۇنداق ئىغىر ئەھۋالغا قىلىشى خەلىپىلىك ۋە سولتانلىق تۈزۈم بولماستىن شۇ ھۇقۇققا ئىگە بولغان ئادەمنىڭ ئىختىداسىزلىقى،تۇخۇ يۈرەكلىكى ئاچكۆزلىگى شەخسىيەتچىلىگى،ئىماننىڭ سۇسلىقىدىن باشقا سىرتقى دۈشمەننىڭ بۈلگۈنچىلىك قىلىپ ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرغا سوغاقچىلىق سىلىپ ئىچكى قالايمىقانچىلىق مىللىي ھىسىياتىنى قۇتۇرۇتۇپ ئىچكى نىزانىڭ ئۆتكۈرلىشىدىن دۆلەتنى باشقۇرالماي قالغان خەلىپە خەلىقنىڭ قارىشلىقىغا ئۇچىردى بۇنىڭ بىلەن ئىمپىرىيە ئىچىدىكى غەرىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلغان بىرقىسىم ياشلار ۋە ياۋرۇپا بۆلگۈنچىللىرى نادان خەلىقنى قايمۇقتۇرۇپ يەرشارىدىكى بىردىن بىر كۈچلۈك بولغان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى ئاجىزلاشتۇردى، بۇنىڭغا يانتاياق بۇلغان خەلىقچىل پارتىيىسى ئاخىرداھەممىنى دىندىن كۈرۈپ تۆت توكتوك سۇپا ئىشانلارنى تۇتقا قىلىپ ئىمپىرىيىنى پارچىلاپ خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئاخىردا غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ كۆڭىلدىكىدەك غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتۇردى ،ئەمدى بۇ قىسمەتنى يالغۇز تۈرۈك مىللىتىلا باشتىن ئۆتكۈزدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس بىز مىللىتىمىزنى دىمەيلى شۇنچىلىك كۆپ نۇپۇسقا شۇنچىلىك كەڭ يەر مەيدانىغا ئىگە بولغا دۆلىتىمىزمۇ ئۆز ۋاختىدا پادىشاھنىڭ ئىختىدارسىزلىقى تۇخۇيۈرەكلىكى مىلىتارىسىتلارنىڭ بۆلگۈنچىلىگى، شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلىدىن دۆلەتنى يىرىم فىئودالىق يىرىم مۇستەملىكە دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ بوزەك قىلىشغا ئۇچىراپ تەڭسىز شەرتنامىلەرنى تۈزۈپ يەر زىمىنىمىزنى قوش قوللاپ تۇتۇپ بەرمىدىمۇ،ئەينى ۋاختىدا يولداش لى شاۋچى سىنىپتا ئولتۇرۇپ مۇئەللىمىنىڭ ۋەتەن ساتقۇچ خائىنلارنىڭ<<زىمىنىمىزنى خوشنا ئەللەرگە بەرسەك بىرىمىزكى دۆلەتنىڭ قۇلىغا بەرمەيمىز>>دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى ئىيتىڭلار مۇشۇنىڭدىن ئارتۇق زەربە بولماس مۇشۇمۇ گەپمۇ ئۆزمىلىتىدىن تىنىپ ياتلارنىڭ قوينىغا ئىتىشى بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۈزۈنى تۆكتى ،بىزنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىنمۇ نۇرغۇنلىغان يەر باشقا دۆلەتنىڭ مۈلىكىگە ئايلىنىپ كەتتىغۇ،بىز تىخى1997ۋە1999يىلى-بىر قىسىم زىمىنلىرىمىزنى قايتۇرىۋالمىىدىقمۇ،شۇچاغدا خەنزۇ مىللىتىدىن چىققان مىللى قەھىرمان سۈن جۇڭشەن ئەپەندى شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغاپ 2000يىل ھۈكىمىرانلىق قىلغان پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ خەلىق پارتىيىسىنى قۇرغاندا خەلىق ئۇنىڭغا ئاتا خەنزۇ دىگەن نامنى بەرمەي(دۆلەت ئاتىسى )دىگەن نامنى بەردىغۇ،دۆلىتىمىز ئازات بۇلۇپ 10يىللىق قالايمىقانچىقىنى بىشىمىزدىن كەچۈردى، بۇ قالايمىقانچىلىق ئاياغلىشىپ بىر يىل مۇھاككىمە قىلىش ئارقىلىق1981-يىلى ج ك پ مەركىزى كومىتىتى رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا خاتالىقىنى 2نجى ئۇرۇنغا قۇيۇپ 3:7نىسبەت بۇيۇنچە بىكىتىلدى،مانا بىر مىلىيارتتىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت مۇستاپا كامالنى بىسىپ چۈشكىدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ دۆلەتنى مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈردى ئاخىردا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلىپ رەئىس دىمەستىن يىغىن ئىچىپ جاكارلىدى،مىللىي قەھىرمانلارنى كۆكرەك كىرىپ چىقىشى دۆلەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىختىدارسىزلىقىدىن زۇلۇمىدىن ئاغرىنىپ چىدىماي ئوتتۇرغا چىققان،بىزدىنمۇ ئەخمەتچان قاسىمىغا ئوخشاش ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز چىقتىغۇ ،ئۇنىڭلىق بىلەن خەلىپىلىك سولتانلىق پادىشاھلىق تۈزۈم ئەسكى ياكى قالاق دىيىشىمىز خاتا چۈنكى ھازىرمۇ يەر شارىدا پادىشاھلىق تۈزۈممۇ خەلىپىلىك تۈزۈممۇ ھەم سولتانلىق تۈزۈممۇ مەۋجۇت ،شۇنداق تۈزۈمدىكىلەر تىخى بىزدىن ياخشى تەرەققىي قىلىپ كىتىۋاتىدۇ
    ئۇ سەۋەپ بىلەن ئىسلام دىنىنى چەكلەش باستۇرۇش ئۇنى كەمسىتىش ، مىللى ھىسىياتنى دەپ ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنى بۇرۇنقى زاماننىڭ شەيىخلىرىگە سۇپا ئىشانلىرىغا تەقلىد قىلىش ھەم رەدىيە بىرىشى ئادالەتسىزلىك ،
    مۇسۇلمانلار ھىسىياتىقا بىرىلىپ مىللىتىنىڭ خاراپلىشىشغا خاتا يولدا مىڭىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، مۆمىن مۇسۇلمانلار مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن مەيلى ئېمانسىز بولسۇن يول يۈرگۈچىلەرنىڭ يۇلىنىڭ راۋان بۇلىشى ۋە پۇتىغا بىر نەرسە كىرىپ ياكى ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن يولدىكى نەرسىلەرنى ئىلىۋىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ دىنىمىز شۇنچىلىك دەرجىدە ئىتىپاقلىقنى قولايدۇ ،دىنىمىزدا ھەرگىزمۇ بۇ كاپىرماڭدىغان يول بولسا ياكى باشقا مىللەت ماڭىدىغان يول بولسا ئىلىۋەتمەڭلار دىمەيدۇ، لىكىن مىللىي ھىسىياتى كۈچلىكلەر مىللەت مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ئۇنىڭغا پۇتلىشىدىغان ھەر قانداق مەسىلىگە قارىشى تۇرىدۇ مىللىي ھىسىيات ئىنساننى ئاخىرى شەخسىيەتچىلىككە ئاپىرىدۇ
    ئەمدى مۇشۇ مۇستاپا كامال توغۇرلۇق يىزىلغان تارىخ ۋە تەرجىمھاللارنى بايانىنى ئاڭلاپ باقايلى زادى مۇستاپا كامال راستلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ دۈشمىنىمۇ؟ ئۇ راستلا ئىسلامغا ئۆچمۇ ؟تارىخچىلارنىڭ مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام دىنىغا تۇتقان مۇئامىلىسى توغرىسىدا زۇۋانسىز تارىخنى ئۇقۇپ باقايلى،
    بۇنىن ئۇقۇشتىن بۇرۇن بىر نەچچە سۇئال قۇياي،تخىمۇ چۈشۈنىشلىك بۇلىدۇ
    1-تۈركىيىدە بۇرۇن خەلىپىك تۈزۈم بارمىكەن؟ھازىرچۇ ؟خەلىپىلىكنى كىم ئاغدۇرىۋەتتى؟خەلىپىلىك تۈزۈمى سۇپا ئىشانلارنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلامدۇ مۇسۇلمانلارنىڭمۇ؟
    2-مۇسۇلمان قىز ئاياللار بىشىغا ياغلىق ۋە پۈركەنجە ئارتامدۇ؟تۈركىيىدە بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى كىم ؟قىز ئاياللارنىڭ ئورۇنىشىنى قۇرئان كەرىم تەشۋىق قىلامدۇ سۇپا ئىشانلارمۇ؟
    ئەسلى مۇسۇلمانلار ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى دەم ئىلىش قىلاتتى ؟كىم قايسى كۈنگە ئۆزگەرتتى؟تۈركىيە ئەينى ۋاقىتتا قايسى كۈنى دەم ئالاتتى؟دەم ئىلىشنىڭ سۇپا ئىشانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بامۇ؟
    3-ئەرەپ پارىس تىللىرنى ئۈگۈنىشنىڭ سۇپا ئىشانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
    4-تۈۋەندە ئىلىپ بىرىلغان ئىسلاھاتلار سۇپا ئىشانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىكەن؟
    5-ئىسلام دىنىنى كىم بۇرمىلاپتۇ ؟كىم بارنى يوق، يوقنى بار قىپتۇ؟
    قىرىنداشلار ئۇقۇش جەريانىدا مۇشۇنىڭغا جاۋاپ تاپساڭلار زادى ئەينى ۋاختىدا كىمگە زەربە بىرىپتۇ
    يۇقۇرقىلارغا جاۋاپ ئىزدەش جەريانىدا مۇستاپا كامالنىڭ سۇپا ئىشاننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ تىغ ئۇچىنى ئىسلام دىنىغا قاراتقانلىقىنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ،بۇ تىمىدا ھەرگىزمۇ كۆپتۈرۈش ،ئويدۇرما،تۆھمەت قىلىش مەۋجۇت ئەمەس پەقەت شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نۇپۇزلۇق كىتاپلارنى يىغىپ ھەممىسىدە ئوخشاش بولسا ئەينى بىلەن كۈچۈرۈپ يازدىم بىرسىدە بار بىرسىدە يوق بولسا ئۇلارنى يازمىدىم لىكىن ئۇنداقلار ئۇچۇرمىدى،بۇنى يىزىشتى مەخسىتىم بەزىلەرگە زەھىرىمنى سىلىۋالاي ياكى دىۋالاي ۋە ياكى جىدەل چىقىراي دىمىدىم پەقەتلام ،مۇشۇ پەيىتتىمۇ سۇپا ئىشان نامى بىلەن ھاقارەتلىنىۋاتقان قىرىنداشلىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى گىپىنى مەن سىللەرگە چۈشەندۈرۈپ قۇيىۋاتىمەن سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بىرىۋاتىمەن ،شۇ دەۋىردە سىزمۇ يوق بىزمۇ يوق لىكىن قالدۇرۇپ قويغان تارىخى بار ،مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن ئۇنىڭ قەھىرمانلىقىنىغا ئىسىلىۋالماي باشقا تەرىپىگىمۇ مۇسۇلمانلىق يۈرىگى بىلەن قاراش كىرەك ،تۈۋەندە دەيدىغاننى دەۋىرەي تىللامسىز ،يەنە بىرنىمىلەرنى دەمسىز ئىختىيار ئۆزىڭىزدە ،باشلىدىم
    1-نىمە ئۈچۈن ئەينى ۋاختىدا بۇرۇندىن پايتەخىت قىلىپ كەلگەن ئىستانبولنى پايتەخىت قىلماي ئەنقەرەنى تاللىدى؟
    500يىل داۋامىدا، ئىستانبول ئۆزىنىڭ مەسچىت، خانىقا، ساراي، ئوردا، دىنىي ئۆلىمالىرى ۋە ئوردىنىڭ ۋەزىر -ۋۇزرالىرى بىلەن قۇشۇلۇپ، يەنە كىلىپ يېقىن ئەتراپتىكى سەھرا- كەنىتلىرى، شەھەر مەركىزي كۈچلىرى، زىچ گىرەلەشكەن بىرقاداققا ئوخشاپ قالدى، بۇجاي ئىنقىلابىي يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئېيىتقاندا، مۇستاپاكامال قۇرماقچى بولغان يېڭى تۈركىيىنىڭ پايتەختى بۇلۇشقا ماس كەلمەيتتى. شۇڭا، ھەدەپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىۋاتقان، يېڭى خەلىق ۋە يېڭى دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىرجاي - ئەنقەرە تاللاندى. يېڭى دۆلەت بىرسۇلالە، بىر ئىمپىرىيە ياكى دىننىي ئىتىقاد ئەتراپىدا ئاساسىدا ئەمەس بەلكى بىر مىللەت - تۈرك مىللىتىنىلا ئاساس قىلىپ قۇرماقچى.
    دىمەك بۇيەردە ئىستانبول مەسچىت خانىقا ئوردا دىننىي ئۆلمالارنىڭ تەسىرى بولغاچقا بۇ يەرنى بىر قاداققا ئوخشۇتۇپ،ئىستانبولنى پايتەخىت قىلىشقا ماس كۆرمىگەن
    2-مىللى ئىسلامىي ئۆرۈپ ئادىتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى
    مەن ئاراڭاردىكى بىركىشىنىڭ (ئالدىقى رەتتە ئولتۇرغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) بېشىغا پوسما كىيىپ پوسمىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىرقەۋەت يېشىل سەللا يۆگىۋالغانلىقىن، ئۇچىسىغا يەكتەك ، ئۇنىڭ تۆپىسىگە بولسا يەنە مىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان كاستۇم كىيىۋالغانىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ تىزىنىڭ ئاستىنى كۆرەلمىدىم. ئېيتىڭلارچۇ؟ بۇ قانداقچە كىيىنىش؟ بىر مەدەنيەتلىك ئادەم مۇشۇنداق ئەخمىقانە كىيىمنى كىمنى كىيىۋالسا بۇلامدۇ؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇ تۇرقى بىلەن چەت ئەلگە چىقسا. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈلكىسىگە قالمامدۇ. بۇنى قەتئى ئۆزگەرتىش كىرەك ھەمىمىز شىلەپە كاستۇم -بۇرۇلكا كىيىپ تۈرۈك مىلىتىنى غەرىپ مەدىنىيىتىدىن قالمايدىغانلىقىنى تۇنىتىشىمىز كىرەك
    بۇنڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بۇلىىدۇكى ئۇنىڭغا ئۆز مىللىتىنىڭ كىيىم كىچىگى ھەم ئىسلامى سەللە ۋەيەكتەكلىرى كۆزىگە پەقەتلا سىغمىغان چۈنكى بۇمۇ ئىسلامنىڭ ئىپادىلىنىشى
    3-ئاياللارنىڭ كىيىنىشى

    1925-يىلى ئاۋغۇسىتنىڭ 30-كۈنى مۇستاپا كامال كاستامونىدا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نوتىقىدا پوسما كىيمەسلىكىنى تەكىتلەش بىلەن مۇنداق دېدى:
    <<بەزى جايلاردا ئاياللارنىڭ رەخىت، يۇڭ ياغلىق ياكى ئۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەربىلەن بېشىنى ئوراپ، يۈزىنى چۈمكىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئەرلەرگە ئۇچراپ قالسا، ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلۋالىدىكەن ياكى بولمىسا ئېڭىشىپ يەرگە قاراپ تۇرىۋېلىپ نىمە قىلىشىنى بىلمەيلا قالىدىكەن. بۇنداق قىلىشنىڭ زادى نىمە ئەھمىيىتى بار؟ ئەپەندىلەر، بىر مەدەنىي دۆلەتتىكى ئانىلار ۋە قىزلارنىڭ مانا مۇشۇنداق غەلىتە، ياۋايى قىلىقلارنى قىلىشى دۇرۇسمۇ، بۇئىش دەرھال تۈزىتىلسۇن!>>
    بۇنى قانداق چۈشۈنىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھزاپ سۈرىسىدە مۇندا ئايەت بار
    ئى پەيغەمبىر !ئايالىرىڭغا قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئيتقىنكى ،پۈركەنجەبىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىگى)ئەڭ ئۇڭڭاي تۇنىلىدۇ دە باشقىلار بۇلارغا چىقىلمايدۇ ئاللاھ(بەندىلەرگە)ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر،ناھايتى مىھرىباندۇر(سۈرە ئەھزاپ58-ئايەت)
    4-مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام دىنى مائارىپى
    1929-يىلى ئوتتۇرامەكتەپ دەرىسلىكىدىن ئەرەپ ۋە پارىس تىلى چىقىرىپ تاشلانغاندىن كىيىن ، دىنىي ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتتى، ھېىچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بۇ ئىساھاتنىڭ سىنىقىدا دىنىي ئىنىستىتۇت ئاخىرى1933-يىلى تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى، كىيىن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ قارىمىقىدا بىر شەرق تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى.دىنىي ئىنىستىتۇت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان توققۇز يىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاۋالقى 284 تىن بىراقلا 20 گە چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئىمام ۋە خاتىپلارنى تەربىيىلەش مەكتىبىنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ سانىمۇ بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى 1932-يىلى ئەڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشقان مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككى مەكتەپمۇ تااقلدى. ئەمدى مەخسۇس <<قۇرئان كەرىم>> ئۆگىتىدىغان
    مەكتەپلەردىن باشقا دىنىي مائارىپقا ئائىت بىرمۇ مەكتەپ قالمىدى.
    قۇرئان كەرىم مۇھەممەت سۈرىسىنىڭ ئايىتىدە مۇنداق بايان بار
    <<كاپىر بولغان ۋە كىشلەرنى ئاللاھنىڭ يۇلىدىن توسقانلارنىڭ(ياخشى )ئەمەللىرنى ئاللاھ بىكار قىلىۋىتىدۇ(سۈرە مۇھەممەت2-ئايەت)
    مانا بۇ مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىكى دانا تۈزۈمى
    5-مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام نىكاھ ئائىلە شەرىئەت قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى بىلەن بىرگە ناماز ۋە ئەزائەيتىشنى تۈرۈك تىلىغا ئۆزگەرتىشى
    بۇ يەنە كىلىپ بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا سىناق تەرىقىسىدە ئەمەس، بەلكى جامائەت رەستىسىدە يۈزمۇ-يۈزتۇرۇپ قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم ئىدى. مۇسۇلمانلارتەرىپىدىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دەپ مۇقەددەسلەشتۈرۋېتىلگەن شەرىئەت ئەمدى مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن قىلچە يۈز-خاتىرە قىلنماي، ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئەھكام -ئەركانلىرنى بىكار قىلىۋېتىلىپ، ئورنىغا تۈركىيىنىڭ ھەق-تەلەپ قانۇنىي چىقتى. قەدىمكى ئەمىر مەرۇپلار بىر دەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.ئەكىسچە، ئەر -ئاياللار ھوقوقتا باراۋەر بولغان نىكاھلىنىش ۋە نىكاھتىن ئاجىرىشىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى.
    شىۋىتسارىيىچە بولغان ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ بۈيۈك مەجلىسىدە ماقۇللىنىشى بىر كىچىدىلا تۈركىيىنى ئوتتۇرا شەرىقنىڭ شىۋىتسارىيىسىگە ئايلاندۇرۋەتتى
    1932-يىلى ئەرەپچە ئەزان توۋلاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تۈرۈكچە ئەزان توۋلاشقا ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلدى،شۇ يىلى 30يانىۋاردا ئايا سۇفيا مەسچىتىنىڭ پەشتىقىدا تۇنجى قىتىم تۈرۈكچەزۇۋان بىلەن ئەزان توۋلاندى،ئۇزاق ئۆتمەي دىننىي ئىشلار كومىتىتقا ۋەتىلشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتى ساپ تۈرۈكچە ئەزاننىڭ تىكىستىنى ئىلان قىلدى،تۈرۈكچە مۇزىكا ئىنىستوتى ئۇنىڭغا ئاھاڭ ئىشلەپ چىقىپ ئۇنى نوتىغا سالدى،1933-يىلىنىڭ بىشىدا ئىنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ ئەرەپچە ئەزان توۋلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى،ھۈكىمەتنىڭ بۇنىڭغا ئارلىشىشى ئۇلارنىڭ باشقا ھەر قانداق ئىشقا قوللانغان تەدبىرىدىنمۇ ئىشىپ كەتتى.
    مۇستاپا كامال پوسما كەيمەسلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن باشقا يەنى بەزى سىموۋۇللۇق نەرسە كالىندارنى ئۆزگەرتتى يەنى مۇسۇلمانلار قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان ھىجىريە كالىندارىنى ھازىرقى مىلادىيە كالىندارىغا ،مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە كۈنلۈك دەم ئىلىش كۈنىنى ھازىرقى يەكشەنبە كۈنىگە ئۆزگەرتىۋەتتى
    مانا بۇ خىل ئۆزگەرتىشلەر ئىسلامنىڭ ئەسلى پىرىنسىپىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان ئۆزگەرتىش بولۇپ،ئاللا سۇبھانىۋەتەئەلا بىزگە چەكلىنىشنى بۇيرىغان تاغۇتتىن ھۆكۈم سوراش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات ھىساپلىنىدۇ...
    ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن
    كىمكى ئۆزىگە(مۆجىزىلەر ئارقىلىق )توغرا يول ئىنىق بولغاندىن كىيىن ،پەيغەمبەرگە يەنى(ئۇنىڭ ئەمىرىگە)مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن،مۆمىنلەرنىڭ يۇلىدىن غەيرىگە ئەگىشىدىكەن،ئۇنى ئۆز يۇلىغا قۇيۇپ بىرىمىز،ئۇنى (ئاخىرەتتە)جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز جەھەننەم نىمە دىگەن يامان جاي( سۈرە نىسا 114-ئايەت)
    ئۆز رازىلىقى ۋە رىغبىتى بىلەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ غەيرىدىن ھۆكۈم تەلەپ قىلغان كىشى ئىسلامدىن چىققان ***** ھىساپلىنىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
    (ئى مۇھەممەد !) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى ،ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆ كۈمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيىتقان بولمايدۇ. <سۈرە نىسا 65-ئايەت>
    ساڭا نازىل قىلىنىغان كىتاپغا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا ) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلارنى ) كۆرمىدىڭمۇ ؟ ئۇلار ئەرزىنى شەيتاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتىدۇ .ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان ، شەيتان ئۇلارنى چۇڭغۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ . <سۈرە نىسا60-ئايەت> .
    ئى مۆمىنلەر ! ئاللاھقا ،پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ، ئەگەر سىلەر بىرەر شەيئىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار ،بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار ،ئەگەر سىلەر ئاللاھقاۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقى ئىشىندىغان بولساڭلار ،بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش )سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر. <سۈرە نىسا59-ئايەت>دىمەك مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلامغا بويسۇنغىنى مۇشۇنداق بولامدۇ؟بۇ خىل ئىسلاھاتلاردىن ئاللا رازى بولامۇ؟؟<<ئەگەر ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بولساڭلار >>ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن ئاداۋەت ۋە جاھالەتلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇڭلار ،ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىڭلار .بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ،ئىختىلاپلاشقاندا كىتاپ ۋە سۈننەتكە قايتىپ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىنى ئىزدىمىگەنلەر ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيىتمىغان بولىدۇ .مانا بۇ دىننىڭ كورسەتمىسى

    مۇستاپا كامال ھاكىمىىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىپ بىرىشى نەتىجىسىدە، بىر قاتار ئەجەللىك زەربىلەر ئارقىلىق دىنىي ساھادىكىلەر نىڭ ھىچقانداق ھاياتىي كۈچى قالمىدى. (بۇ يەردە سۇپا ئىشانلارنىڭ ھاياتى كۈچى دىيىلمىدى)
    6-مۇستاپا كامالنىڭ ئۈلىمى
    كىم قانداق ھالەتتە ئۆلسە شۇنداق ھالەتتە تىرىلىدۇ،
    مۇستاپا كامال ئاتا تۈرۈك (ھىجىرىيىنىڭ1358-يىلى ئۆلگەن)ئۇنىڭغا قۇيۇلۇشقا تىگىشلىك ئىسىم قۇيۇلمىغانلىغى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ .ئۇ ئىسلام دىنىغا ئۆچ ئىدى .ئۇ خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ،ئەزاننىمۇ تۈرۈك تىلىدا توۋلاشقا مەجبۇرلىغان ،جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك دەم ئىلىش كۈنىنى يەكشەنبە كۈنىگە ئالماشتۇرغان ،مەشھۇر ئاياسۇفىيا مەسچىتىنى مۇزىيخانىغا ئۆزگەرتكەن.بىر كۈنى سەھەردە ناماز بامداتقا توۋلانغان ئەزان ئاۋازىغا ئۆچلىگى تۇتۇپ كەتكەچكە ،ئەزان ئىيتقان مەئەزىننى ئۆلتۈرۈشكە ۋە مەسچىت مۇنارىنى چىقىۋىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن،ئىنتايىن ئىچىنارلىق كۈلكىلىك يىرى شۇكى ئۈلۈش ئالدىدا ئۆزىگە جىنازا نامىزىنى ئۇقۇماسلىقنى ۋەسىيەت قىلغان.....ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئۆز ۋەسىيىتىگە بىنائەن جىنازا نامىزىنى ئۇقۇماسلىقى ياكى ۋەسىيەتكە خىلاپ ھالدا نامازنى چۈشۈرۈش توغرىسىدا تالاش تارتىش يۈزبەرگەن،ئاخىرى ھەرھالدا جىنازا نامىزىنى ئۇقۇلۇشىنى توغرا تىپىشقان،لىكىن ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا كىم ئىمام بولغىنىنى بۈلەمسىلەر؟ئۇ دەل جاھىل مىللەتچى دىننى ئىشلار مۇدىرى شەرەفىدىن ئەپەندى بۇلۇپ ،كىيىن ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيەت رەئىسى <<ئىسمەت ئىنونى>>قايىل قىلىپ ،بارىلىق ئىبادەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ تۈرۈكچە تەرجىمىسىنى ئىشلىتىش ۋە مەسچىتلەردە قانۇننىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۈرۈكچە قىرائەت قىلىشنى مەجبۇرىي يولغا قويغان ئىدى ،ئاتا تۈرۈكنىڭ جىنازا نامىزىغا مانا مۇشۇ شەرەفىدىن ئىمام بولغان!....دىمەك پالتىسىنىڭ سىپى ئۆزىدىن بولغان ،بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ...ئاللاھ ھىچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ!...
    ئاللاھ بۇنداق قىلمىش توغۇرلۇق مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈرگەن
    ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنى ياد قىلىنىشىنى تۇسىدىغاۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسچىتكە ئۇلارنىڭ قۇرۇققان ھالدا كىرىشى لايىق ئىدى ،ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بۇلىدۇ ئاخىرەتتە چوڭ ئازاپقا دۇچاربۇلىدۇ(سۈرە بەقەر،113-ئايەت)
    7-پىرىنسىپنىڭ قاتتىق ئىجىرا قىلىنىشى نەتىجسىدە1928-يىلى ئاساسى قانۇنغا ئىلگىرى كىرگۈزىلگەن<<ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى>>دىگەن سۆز چىقىرىپ تاشلاندى(دىمەكچى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ئەمەس)
    مۇستاپا كامال مۇشۇنداق ئىسلاھات ئىلىپ بىرىپ مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ئىنساننىڭ قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە قۇلى بارمايدىغان قىلشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان مۇشۇنداق زەربىلەر بىلەن تۈركىيە زىمىنىدا ئىسلام دىننىڭ ھىچقانداق تەرەققى قىلىش يۇلىنى قويمىدى
    مانا قىرىنداشلار مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام دىنىغا ناھايتى ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقى ھەم ئۆزى قول تىقىپ باستۇرۇپ خالىغانچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىنى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ئايەتلىرىنى بىرگە يىزىپ قويدۇم ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلمىشلارغا بىرىلىدىغان جازانى ئىنىق قىلىپ چۈشۈرگەن بولسىمۇ بەزىبىر زىيالىرىمىز بۇ قىلمىشىغا سەن ھۈكۈم قىلالمايسەن ئاللاھ بۈلىدۇ ئاللاھ ھۈكۈم قىلىدۇ دەپ مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزغا ھاقارەت قىلغانلارمۇ بار،
    توغرا ئاللاھ بۈلىدۇ ئاللاھ بۈلگەچكە بىزنى بۈلىۋالسۇن دەپ قۇرئان كەرىمنى ۋە مۇھەممەت (س ئە ۋ)منىڭ ھەدىسلىرىنى بىزگە قالدۇردى بىز نىمىشقا بۇنىڭغا تايىنىپ توغرا خاتاسىنى ئايرىمايمىزھەق بىلەن باتىلنى ئايرىمايمىز، ئاللاھ بىزگە ھەقنى بۈلسۇن دەپ ئەقىلنى، ھەقنى سۆزلىسۇن دەپ تىلنى، ھەقنى كۆرسۇن دەپ كۆزنى بەرمىدىمۇ ، بەزىللىرىمىز ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلسۇن دىمەي ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن دپ ئاللاھدىن تىلىدىڭلار ،سىللەرچە ئۇ پەقەت گۇناھ ئۆتكۈزمىگەنما؟بەزىللىرىمىز مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ بىزنىڭ زىمىنىمىزغاقايتا تۈرۈلۈپ بىزلەرنىڭ يەنە ئۇنىڭغا قارىشى تۇرغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىنى ئۇيىۋالسكىن ، بىزدىنمۇ مۇشۇنداق بىرسىنىڭ چىقىپ سۇپا ئىشان ماشايىخلارنى دىڭىزغا تاشلىۋەتسە دىدى قەنىكەن شۇ سۇپىلار نەدە باركەن شۇنداق شۇ ئىشانلار ،يۇقۇردا يىزىلغانلىرىدا قايسى يەرلىرىدە سۇپىلارنى ئىشانلارنى يۇقاتتى دىيىلگەن يىرى باركەن.مەن مۇشۇ توغرىسىدىمۇ بىر ئايەتنى كۆرسىتەي
    <<ئى (مۇھەممەت )سىنى كىشىلەر ئارسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىنچە ھۈكۈم قىلسۇن دەپ ساڭا ھەق كىتاپنى يەنى (قۇئاننى)نازىل قىلدم،خائىنلانىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن >>
    ،بەزىلەر مۇستاپا كامال بولمىغان بولسا ئۇلار بۇنداق بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە بۇلالمايتى دەپ بىلجىرلاپ كەتتى بۇ توغرىسىدا ئاللاھ مۇنداق دىگەن
    <<ئى مۆمىنلەر سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قىرىنداشلىرىڭلار ھەققىدە ئۇلار يىنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتى دىگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار.
    سۈرە نىسا155-ئايەت>>
    ئاللاھ ،مۇستاپا كامال بولمىغان بولسىمۇ ئورنىغا باشقا بىرسى چىقىرىپ ئۇ قىلغانننى قىلدۇرالايتى بۇ بىر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سىناق شۇڭا قالايمىقان جۆلىمەيلى
    مۇستاپا كامالنىڭ بۇ قىلمىشىغا بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەر قاراپ تۇرمىغان تۈۋەندە مىسىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاپنامىسىنى كۈرۈپ باقايلى.
    1926-يىلى مارتتائەزھەر ئونۋىرسىتىنىڭ مودىرى ۋە مىسىرنىڭ باش قازىسى بىرلىكتە ئىمزا قۇيۇپ<<مىسىر پادىشاھلىقى ئىسلام جەمىئىتى >>نامىدا خىتاپنامە چىقاردى
    <<ئىش ناھايىتى ئايدىڭ، - دېدى ئۇلار خىتابنامىدە، ناۋادا بىر مۇسۇلمان ئۆزىنى يارتلارغا ئوخشاتماقچى بۇلۇپ، مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ كىيىم-كىچىكىنى كىيىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇئاخىرقى ھېسابتا ئېتىقاد ۋە ئىش- ئەمەللىرىدە يەنىلا ياتلارغا ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا ، مۇسۇلمانلار بەردەك مۇنداق دەپ ھېسابلايدۇكى، بىر كىشى باشقىلارنىڭ دىنىغا ئېغىپ ئۆزىنىڭ دىنىنى كەمسىتىپ بېشىغا شىلەپە كىيىدىغان بولسا، ئۇ دىنغا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بىرئادەم ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قىلىپ كۆرسەتمەكچى بۇلۇپ شىلەپە كىيسە، يەنەكىلىپ ئۇلارنىڭ دىنىي رەسمىيەتلىرىدىكى بەزى نەرسىلەرنى، مەسىلەن، چىركاۋغا كىرىش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋالسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇسۇلمانچىلىققا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ناۋادا ئۇنداق ئىشنى قىلمىدى دىگەندىمۇ، ئۇ يەنىلا گۇناھقا لايىق بولىدۇ.... بىزمانامۇشۇنداق دورامچىلىق شامىلنىڭ خەلىقىمىزنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى يۇقىتىپ، خەقلەرنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى كىيىش ئارقىلىق ئۆزمىللىتىنىڭ بۇرۇنقى فورمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك ئىشنىڭ ئىنتايىن ئەخمىقانە ئىكەنلىكىدىن ئەجەبلەنمەي تۇرالمايسىز. >> مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باياناتلار ۋە رۈشەن سەۋەب كۆرسىتىلگەن نارازىلىقنامىلەرنى تۈركىيىدە زادىلا تاپقىلى بولمايتتى، ئەمما ناھايىتى ئېنىقكى مىسىر ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ خىتابنامىسى ئەمەليەتتە ئىسلاھاتقا قارشىلىق كۆرسىتىاتقان تۈركىيىلىكلەرنىڭ مۇددىئاسىنى دەل ئەكىس ئەتتۈردى،
    مانا بۇ خىتاپنامىدىن چۈشۈنىۋىلىشقا بۇلىدۇ مۇستاپا كامالنىڭ بۇ قىلمىشىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسى قۇبۇل قىلالمىغان ،ئۇنداقتا تۈركىيە خەلىقى قارىشلىق كۆرسەتمەي قۇبۇل قىلغاندىمۇ ئۇنداق ئەمەس،مۇشۇ خىتاپنامىنىڭ بىر ئابزاسى شۇنى چۈشەندۈرىدىكى ئەينى چاغدا مۇستاپا كامالنىڭ تۈزگەن قانۇنىغا قارىشى تۇرغانلارنى قانلىق باستۇرۇپ ھەيۋە قىلىپ خەلىقنى قۇرقۇتىۋەتكەن << مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باياناتلار ۋە رۈشەن سەۋەب كۆرسىتىلگەن نارازىلىقنامىلەرنى تۈركىيىدە زادىلا تاپقىلى بولمايتتى، ئەمما ناھايىتى ئېنىقكى مىسىر ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ خىتابنامىسى ئەمەليەتتە ئىسلاھاتقا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيىلىكلەرنىڭ مۇددىئاسىنى دەل ئەكىس ئەتتۈردى>>
    كىمىكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىلىق قىلىپ ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتىدىكەن ئاللاھ ئۇنى دوزاغقا كىرگىزىدۇ ،ئۇ دوزاقتا مەڭگۈ قالىدۇ ،ئۇ خورلىغۇچى ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ (سۈرە نىسا13-ئايەت)
    بەزىلەر سولتان تۈزىمنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرا بولسمۇ ئىسلام دۇنياسىدا خەلىپە بولمىسا بولمايدىغانلىقنى پاكىت قىلىپ،مۇستاپا كامالنىڭ ئۆزىنى<<خەلىپە>>دەپ ئىلان قىلىشنى تەكلىپ قىلدى،بۇ تەكلىپ خىلىلا ئۇرۇنلۇق بولسمۇ ،ئەمما مۇستاپا كامال بۇنى زادىلا قۇبۇل قىلمىدى
    ئۆز ۋاختىدا ەرۋەردىگارەڭ پەرىشىتلەرگە<<مەن يەر يۈزىدە خەلىپە(يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن>>دىدى،پەرىشتىلەر <<يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان قان تۈ كىدىغان (شەخىسنى)خەلىپە قىلامسەن؟ھال بۇكى بىز بولوساق سىنى پاك دەپ مەدىھلەيمىز ،مۇقەددەس دەپ مەدىھلەيمىز >>دىدى،ئاللاھ << مەن ھەقىقەتەن سىللەر بۈلمەيدىغان نەرسىلەرنى بۈلىمەن>> دىدى(سۈرە بەقەر29-ئايەت)
    خەلىپىلىك تۈزۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى تۈركىيىدىكى ئىسلام كۈچلىرىگە(بۇ يەردىمۇ سۇپا ئىشان دىيىلمىگەن)بىرىلگەن قاتتىق زەربە بولدى،
    شۇنداق قىلىپ يەرشارىدا پەيغەمبەر(س ئە ۋ) باشلاپ بەرگەن ئىسلام خەلىپىلىگى 1922يىلغا كەلگەندە تۈركىيە مۇستاپا كامال دەۋرىدە رەھىمسىزلەرچە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى شۇ چاغدا قول ئاستىدىكى خەلىپىلىكنى ياقلۇغۇچى قۇماندان دىننىي ئەربابلار مۇستاپا كا مالنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قورقۇپ چەتئەلگە قىچىپ كەتتى كىيىن مۇستاپا كامال نىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى بىلەن بەزىلەر يۇرتىغا قايتىپ كەلدى
    بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يۇلىدىن چىققۇچىلارمۇ بار مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بۇلىدۇ توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئۇتۇن بۇلىدۇ،72-سۈرە جىن(13-14-ئايەت)
    تۈۋەندە ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ غەلبىسىنى تەبىرىكلەپ باھالىشىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مەخسىتىىڭ دىننى يۇقۇتۇش ئىكەنلىگى مەلۇم بۇلىدۇ
    قوماندان سىزگە قانداقمۇ ھەيران بولماي تۇرالايمەن. مەن فرانسىيىدە ‏بىر لائېلىك (سىياسىي بىلەن ‏دىن
    ئايرىۋىتىلگەن) ھۆكۈمەت قۇرغانىدىم. بۇ ‏ھۆكۈمەتنى پاپانىڭ پارىژدىكى ۋەكىللىرىنىڭ ‏ياردىمى بىلەن پوپلار ‏ئاغدۇرىۋەتتى. سىز بولسىڭىز خەلىپىنى قوغلىۋەتتىڭىز ۋە ھەقىقىي ‏مەنىدىكى ‏لائېلىك بىر دۆلەتنى قۇردىڭىز. سىز بۇ خىل مۇتەئەسسىپلىك ‏ئىچىدە لائېلىكلىكنى بۇ مىللەتكە قانداق ‏قوبۇل قىلدۇردىڭىز. تالانتىڭىزنىڭ بۈيۈك ‏ئەسىرى لائېلىكىك بىر تۈركىيىنى يارىتىش بولدى.‏

    ‏ --- ئېدوئارد ھېرىئوت، ‏سابىق باش ۋەزىر $
    لا ئىلىكنىڭ مەنىسى ئاللاھ يوق دىگەنلىك بۇلىدۇ،ئەينى ۋاختىدا تۈركىيە خەلىقى بۇ لائېلىكىك تۈزۈمنى قۇبۇل قىلماسلىققا ئامالسىز قالغان بۇنىڭدى ئۇنىڭ ۋەھشىلىگى چىقىپ تۇرىدۇ ،باشقا مىللەتلەرمۇ ھەيران قالغان،يۇقۇرقىلارنى ئۇقۇش جەريانىدا ھىچقانداق يەردىن سۇپا ئىشانلارنى يۇقاتقانلىقى سۆزلەنمىگەن پەقەتلام ئىسلام كۈچلىرى ئىسلام دۇنياسى خەلىپىلىك دىگەندەك ئىبارىلەر مەۋجۇت بۇ كىتاپلا ھەممىسى شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ئىشەنچىلىك نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا چىكىت پەشلىرىدىن تارتىپ كۈچۈرۈپ چىقتىم ،بۇنىڭدا ھىچقانداق ئويدۇرما سەپسەتە تۆھمەتلەر مەۋجۇت ئەمەس،بىر نەچچە كىتاپنى ئۇقۇپ مەزمۇنى ئوخشاش بولغاچقا سىللەرگە بىمالا ئوتتۇرغا قۇيۇپ يازالىدىم

    1979-يىلى ئىراندا ھۈمەينى باشچىلىقىدىكى ئىران ئسلام ئىنقىلاۋى بىر پاي ئوق چىقارماي ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قۇردى ،ھۈمەينى ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندىن كىيىن تۈركىيىنى كاپىر دۆلەت(كاپىر تۈزۈمدىكى دۆلەت) دەپ ئەيىپلىدى
    يۇقۇردىكى تارىخلارنى يالغانمىكىن دىسەم تا ھازىرغىچە بۇ زىمىندا دىن بىلەن ھۇقۇق تۇتقان ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدا كۈرەشلەر توختىماپتۇ بۇرۇن بىر نەچچە قىتىم گىزىتتە تورلاردا تۈركىيىنىڭ ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشنى چەكلەپ قانۇن چىقارغانلىقى نۇرغۇنلىغان ياغلىق ئارتىدىغان قىز ئاياللارنىڭ كۆزيىشى قىلغانلىقنى كۆرگەن ھەم ئۇقۇغانتىم لىكىن ئۇخەۋەرلەر ئىنىق ۋاختى بىلەن جەريانى بولمىغاچقا مۇشۇنداقلا دەپ قويدۇم تۈۋەندە تۈركىيىدىكى ئىسلام ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغان ھاكىمىيەتنىڭ جازالانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي
    تۈركىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە جازالاندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى . ئىستانبول ، 31 - ئىيۇل تېلېگراممىسى : تۈركىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام ئىدىيسى كۈچلۈك << ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى >> سىياسىي بىلەن دىننى ئايرېۋىتىش تۈزۈمىگە خەۋپ يەتكۈزگەچكە ، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ئۇنى << قانۇنسىز سىياسىي پارتىيە >> دەپ جاكارلىۋەتكىلى تاس قالدى ، ئەمما ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ پارتىيىنى مالىيە جەھەتتىن جازالاشنى قارار قىلدى .
    تۈركىيىنىڭ زۇڭلىسى ئەردۇئان بۇ ھۆكۈمنى قوللاپ مۇنداق دېدى : << ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات >> سىياسىي بىلەن دىننى ئايرېۋىتىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغان پارتىيە ئەمەس ، بىز تۈركىيىنىڭ بۇ ئاساسىي تۈزۈمىنى داۋاملىق قوللايمىز ھەمدە دېموكراتىيىنى كۈچەيتىمىز .
    بۇ خەۋەردىن كۈرۈۋىلىشقا بۇلىدۇ تۈركىيە زىمىنىدا تا ھازىرغىچە مۇستاپا كامالنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى بۇشاپ قالغىنى يوق
    پايدىلانغان ماتىرىياللار :
    قۇرئان كەرىم2-مۇستاپا كامال تەرجىمھالى3-تۈركىيىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى4-دۇنيا ھازىرقى زامان تارىخى5-جۇڭگۇنىڭ يىقىنىقى زامان تارىخى 6-ماۋزىدۇڭ تەرجىمھالى7-لىشاۋچى تەرجىمھالى 8-شىنجاڭنىڭ يقىنىقى زامان تارىخى9-ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى 8ئاۋغۇست خەۋىرى10-ئىسلام دولقۇنى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us