• بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قايتا تەربىيە ئۆگىنىش ماتىريالى(ئىشچى-خىزمەتچىلار ئۈچۈن)

    2010-05-31

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64783452.html

    «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى بويىچە قايتا تەربىيە »پائالىيىتىنى

    يولغا قويغاندىن كېيىنكى ئۆز-ئۆزەمنى

     تەكشۈرۈش ماتىريالىم

     

    مەن بۇ ئۈگۈنۈش جەريانىدا  مەركىزى كومىتىتىنىڭ 7-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 5-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى ۋە 7-نۇمۇرلۇق ھۆججەتنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى ، مەركەز ، ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەتنىڭ  شىنجاڭ ۋە ۋىلايەتنىڭ مۇقىملىقىن قوغداشقا ئالاقىدار بىر يۈرۈش مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھى ، ۋىلايەت ، ناھيە دائىرىسىدە يۈز بەرگەن تۈرلۈك تىپىك قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەر يىغىندا توپلىمى ۋە ۋىلايەت ، ناھيە دائىرىسىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ، تىرورلۇق دىلولىرى توپلىمى ، «بەش قاراش » نى پۇختا تۇرغۇزۇش ۋە تۆتنى تۇنۇشنى كۈچەيتىش ئۇقۇشلىقى ، ماركىسىزملىق مىللەت دىن نەزەرىيسى ۋە مىللەت دىن سىياسىتىگە ئالاقىدار قانۇ-نىزاملار ،شىنجاڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتىنى شەرھىلەيدىغان ئاق تاشلىق كىتاپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ قانۇنسىز دىن ئوقۇتۇش ، تەپسىر سۆزلەش  پائالىيەتلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىتلىق چارىسى ، ئىزبوتنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تۇنۇشقا ئالاقىدار تەشۋىقات تىزىسلىرى ، شىنجاڭنىڭ يېزا قىشلاقلىرىغا ئالاقىدار ۋەزىيەت ،سىياسەت تەربىيىسى ئوقۇشلىقى ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار بىلىملەر ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئوقۇشلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۈگەندۇق. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىنچە قايتا تەربىيە ئېلىپ بېرىش، كەڭ كۆلەمدە پاش قىلىش، تەنقىت قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، تەكشۈرۈپ ئوتتۇراغا قويۇش   قايتا تەكشۈرۈش  ئۈگۈنۈش  پالىيىتى يولغا قۇيۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇھىم ماتىرياللار تۇلۇق ئۆگۈنۈش قىلىندى . بولۇپمۇ مەن ماركىسىزىملىق مىللەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتتىم. ماركىسىزملىق ۋەتەن قارىشى  ماركىسىزمنىڭ ۋەتەننىڭ تېرروتورىيىسى ۋە ئىگىلىك ھۇقۇقى، ۋەتەننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ، ۋەتەننىڭ بىرلىگى ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش، ۋەتەن خەلقى ۋە ئىجدىمائى تۈزۈم، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە گۈللىنىشى، شۇنىڭدەك ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان ئۇمۇمى قاراش ۋە تۈپ نوقتىنەزەر بولۇپ، بۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدۇر، ماركىسىزملىق ۋەتەن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ ئەخلاقى قۇرۇلۇشى پىرىگۇراممىسىدا ئوترىغا قويۇلغان تەلەپ بويىچە كىشىلەرنى ۋەەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش ، ئۆز-ئۆزىنى قەدرىلەش ، ئۈزىگە ئىشىنى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا ۋەتەننى سۆيۈش ، خەلققە ياخشىلىق قايتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ شەرەپ ، ۋەتەنگە ، مىللەتلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى ئەڭ چوڭ نۇمۇس دەپ بىلىشكە يىتەكلەش لازىم. دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، 56 مىللەت بار. بۇ 56 مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسىمى .جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر چوڭ ئائىلە ، جۇڭخۇا پەرزەنىتلىرىنىڭ بىر ئورتاق ۋەتىنى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگۇ. جەمىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولسۇن ياكى پۇقرا بولسۇن ئايدىڭلاشتۇرۇۋرېلىشقا تىگىشلىك بىر مۇھىم نوقتا شۇكى ۋەتەننى بىلىش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ، جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى  ۋە سوتسىيالىزم يولىنى بىلىش كېرەك.  ۋەتننى بىلىش ئۈچۈن ئاۋال دۆلەت بىلەن مىللەتنىڭ ، پۇقرالار بىلەن ۋەتننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش لازىم. بۇ ئارقىلىق ۋەتننى بىلىش ئېڭىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن زور رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن بۇندىن بۇرۇنمۇ كوپ قېتىم سېلىشتۇرۇپ تەكشۇرۇش ماتىريالىمنى يېزىپ چىققان بولساممۇ بىراق  بۇ قېتىمقى  ئۆگۇنۇشكە قاتناشقاندىن كېيىن  ئۆزەمدە يەنىلا  ئاز بولمىغان نوقسانلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلىدىم . مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز-ئۆزەمنى  تۆۋەندىكى نوقتىلار بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە يەنى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر دىننىي ئەسەبىي كۈچلەر،زوراۋان تىرورچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيىمىزگە سىڭىپ كىرىشىگە قەتئى يول قويماسلىق  بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى .مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ نوقتىنى ئېنىق تۇنۇپ يەتكەن بولساممۇ لېكىن يەنىلا بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا . مەن «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن ۋاقىتتا «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ رەزىل ئىدىيىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېچىپ بېرەلمەسلىكتەك ھالەت شەكىللەندى .ئۇ ئېنىق «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە  نىسبەتەن بىلىشىمىنىڭ تۈۋەن بولغانلىقىدىنى كېلىپ چىقتى دەپ قارايمەن .مەن بۇندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي سىياسىتى ،دىننىي سىياسىتى ۋە ماركىسىزىملىق ئىدىيە-نوقتىنەزەرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگۈنۈپ تەتقىق قىلىپ «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ماھىيىتىدىن تۇنۇپ،ئۇلارغا بايرىقىم رۇشەن،مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئىدىيىمىزگە ۋە مەكتىپىمىزگە سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي يول قويمايمەن.ئوقۇتقۇچىلار ئادەم تەربىيلەشتەك ھەم مۇھىم ،ھەم ئېغىر ،ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلارنى ماركىسىزىملىق ئىدىيە بىلەن تەربىيلەپ،توغرا بولغان دۇنيا قاراشنى تىكلىتىپ،سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئېغىزدىكى سۆز بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئوقۇتقۇچىلاردا قەتئى تەۋرەنمەس ئىدىيە بولىشى،شۇنداقلا ئۇلاردا يۈكسەك ماركىسىزىملىق ئاڭ بولىشى كېرەك مىنىڭ مۇشۇ نوقتىنى تۇنۇپ يىتىشىممۇ تازا چۇڭقۇر بولمىغان .بەزى ئىشلارغا سەل قاراش ،ئىشلارنى قولنىڭ ئۇچىدا قىلىش ،تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلىشتەك شەكىلۋازلىق ئىدىيىلىرى ساقلانغان .بۇندىن كېيىن خىزمەتلىرىمدە بۇنداق ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگۈتۈپ،ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپەمىنى تۇلۇق ئورۇندايمەن شۇنداقلا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيىىسىنى ساپلاشتۇرۇپ ئۇلارداماركىسىزىملىق دۇنيا قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ توغرا يۆلىنىشتە تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى بىلەن شوغۇللۇنۇشتا ئۈلگە بولىمەن . «ئىزبوت»تەشكىلاتى قانۇنسىز بۆلگۈنچى تەشكىلات بولۇپ ،ئۇلارنىڭ مەقسىدى ۋەتىمىزنى پارچىلاشتىن ئىبارەت.مەن مۇشۇ قېتىمقى ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى مەرگەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئۈگۈنۈش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن ،بۇ بۆلگۈنچى تەشكىلاتنىڭ خارەكتىرىنى ئېنىق تۇنۇپ يەتتىم،لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسى نوقتىنەزىرىگە قارىتا  مەندە ئىلگىرى ھىچقانداق ئىدىيۋى تەييارلىق يوق ئىدى.بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى ،مىنىڭ سىياسى سەزگۈرلۈگۈم تۈۋەن ،سىياسى تەدبىر بەلگىلەش ئېڭىمنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى ،مەسىلىلەرگە ماھىيەتلىك باھا بىرىش ئىقتىدارىمىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى  ،بىخوتلىقىمنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسلىق بەلگە.مەن مۇشۇ ئۈگۈنۈش جەريانىدا بۇ نوقتىنى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.بۇندىن كېيىن خىزمەتلىرىمدە ئۈزەمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگەللەشكە ماھىر بولۇپ،ئەكسىلئىنقىلابى تەشكىلاتلارغا مەيدانىم مۇستەھكەم،بايرىقىم رۇشەن ھالدا قەتئى قارشى تۇرىمەن .مەن ئىلگىرى ئەكسىلئىنقىلابى تەشكىلاتلارغا ئۆزەم قاتناشمىساملا بولىدىغۇ دەپ ئويلاپ،باشقىلارنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم نوقتىغا سەل قاراپ ،يۇشۇرۇن خەۋىپنىڭ ساقلىنىشىغا ئۆزەم بىلىپ-بىلىمەي يول قويغان.مەن بۇ قېتقمقى ئۆگۈنۇش ئارقىلىق ئەكسىلئىنقىلابى تەشكىلاتلارنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى تۇلۇق تۇنۇپ يەتتىم.بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلىرىمدە« ئۆلۈك بۇلۇڭ» قالدۇرماي ،مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا قەتئى قارشى تۇرۇپ،كەڭ خەلىق ئاممىسى ئوقۇغۇچىلارنى توغرا يولغا باشلاش ،تەربىيلەش مەسئۇلىيتىمىنى ئاڭلىق ئادا قىلىمەن .دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا :«پۇقرالارنڭ دىنغا ئىتقاد قىلىش ئەركىنلىگى ۋەدىنغا ئىتقاد قىلماسلىق ئەركىنلىگى بولىدۇ»دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك دىننىي سىياسىتى .يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا:«كەڭ ئوقۇتقۇچىلارشۇنداقلا تەربىيلەنگۈچىلەر دىنغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ»دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .بۇ نوقتا شۇنى چۈشەندۈرۈدىكى ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ، باشقا دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىدىن كەسپىي جەھەتتە رۇشەن ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.بۇنداق ئالاھىدىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەم تەربىيلەش ،ئادەمنى قانداق تەربىيلەش ۋەزىپىسىدە ئىپادىلەنسە،ئوقۇغۇچىلارنڭ كەلگۈسىدە قانداق كىشىلەردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىش مەسىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ.  دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت.بىز چۇقۇم ئۈزۈل-كىسىل ماركىسىزىمچىلاردىن بولۇپ ،سوتسىيالىزمىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرىنى ماركىسىزىملىق مەيدان،ماركىسىزىملىق ئىدىيە ،دىيالىكتىك ماتىريالىزىملىق دۇنيا قاراش بىلەن تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىقىپ ،سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولىشىغا تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك.  دىننىي ئىتقاد مەسىلىسى تارىختا تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە باشقا ئىجدىمائى ھادىسىلەرنى چۈشەنمەسلىكتىن ،قىسقىسى ،بىلمەسلىكتىن قېلىپ قالغان ئىپتىدائى مەسىلە.بۇ دۇنيانى بىلگىلى بولمايدۇ دەپ قاراپ،كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش ،دۇنيانى ئۆزگەرتىش،ئۇنى ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتلىرىدىكى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى بوغىدۇ.ئۇ پەقەت دۇنيانى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ كونتورول قىلىپ تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.ماھىيەتتە بۇ بىر بىمەنىلىك.بىز ماركىسىزىمچىلار بۇنداق ئىدىيىگە قەتئى قارشى تۇرىشىمىز كېرەك.بىز ماركىسىزىمچىلار دۇنيانى بىلگىلى ،ئۆزگەرتىگىلى ،تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ دىگەن ئىدىيىدىن قەتئى تەۋرەنمەي،توختىماي ئىلگىرلەپ يېڭىلىق يارىتىشىمىز لازىم.  مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقارقى نوقتىنى ماھىيىتى بىلەن تۇنۇپ يىتىپ،دىننىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان ،ئىشەنمىگەن بولساممۇ،كەڭ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارغا بۇ خىلدىكى تەربىيەنى ئېلىپ بېرىشىم يىتەرلىك بولمىغان. يەنە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دىننىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەك كېيىدىغان ئاز ساندىكى بىرنەچچە ئوقۇغۇچى بايقالدى.بۇنى مەن ئۆزەمدىكى مەسىلە دەپ قارايمەن .مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان ئاتىئىزىم تەربىيەسىنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ ،يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولىشىغا قەتئى يول قويمايمەن. زوراۋانلىق ،تىرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەقسىدى دۆلىتىمىزنى پارچىلاپ،سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ،ئۈزىنىڭ رەزىل مەقسىدىگە يىتىپ،كەڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قول قىلىشتىن ئىبارەت.مەن بىرئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ نوقتىنى تۇنۇپ يەتكەن بولساممۇ،يەنە ئىدىيەمدە بەزى مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىپ كېتەلمىدىم.   مەسىلەن:قىسمەن ئەھۋاللاردا ئامرىكىنىڭ ،شىياڭگاڭنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىرغىنچىلىق تەشەببۇس قىلىنغان كىنولىرىنى كۆرگەن ئەھۋاللار بولۇپ قالدى.مەن ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى مەرگەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئۈگۈنۈش پائالىيتىگە قاتناشقاندىن كېيىن ،بۇ خىلدىكى فىلىملەردىمۇ شەخسىيەتچىلىك ،كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ شەخسىگە چۇقۇنۇش ئېڭى ،ئىرقى كەمسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىنغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم.مەن بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلەردە شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ،تىرورچى زوراۋان تەشكىلاتلارغا ئەجەللىك زەربە بىرىپ،ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.ھەمدە مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە تىرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئى قارشى كۈرەش قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرىشىگە  كاپالەتلىك قىلىمەن .  ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغاندىن بۇيان،پارتىينىڭ لۇشەن،فاڭجىن ،سىياسەتلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ كەلدىم.سىياسى ئىنتىزام پارتىيىمىزنىڭ جېنى .بۇنىڭغا ئاڭلىق رىئايە قىلمىغاندا كىشىلەرئاسانلا خىزمەتلىرىدە يولدىن ئېزىپ قالىدۇ.مەن بۇ مەسىلىنى توغرا تۇنۇپ يىتىپ ،پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ كەلدىم.كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ سىياسى جەھەتتىن ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىم.شۇنداق بولسىمۇ،مەندە بىر قىسىم ئەھۋاللار ساقلىنىپ كەلدى.مەسىلەن:سىياسى ئۈگۈنۈش كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ ئۇنىڭدىن زارلىنىدىغان ،سىياسى ئۈگۈنۈش قىلغاندا ئۈگۈنۈشنى يۈزەكى قىلىدىغان ئەھۋاللار ...مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە يۇقارقىدەك سىياسى خىزمەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىمىنى تۈگۈتۈپ،ھەر ۋاقىت سىياسىنى سۆزلەش ،ئۈگۈنۈش ئارقىلىق سىياسى جەھەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ سىياسى ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمەن .كەسپىي ئەخلاق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەرىكەت مىزانى .كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلمىغان ئوقۇتقۇچى ئۈزىدە ئوقۇتقۇچىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغانغا باراۋاەر.مەن بۇ نوقتىنى ئاڭلىق تۇنۇپ يىتىپ،كەسپىي ئەخلاققا ئاساسى جەھەتتىن ئاڭلىق رىئايە قىلىپ كەلگەن بولساممۇ،يەنە قىسمەن ئەھۋاللار سادىر بولدى .مەسىلەن :ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار ،دەرسكە پۇختا تەييارلىق قىلمايدىغان ئەھۋاللار،كىيىنىش،يۈرۈش-تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار...مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە يۇقارقىدەك ناچار ئادەتلىرىمىنى تۈزىتىپ ،كەسپىي ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.شۇنداقلا مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق ۋە  مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا ئۆز رولۇمنى ئاساسى جەھەتتىن جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن بولساممۇ،يەنە مەندە قىسمەن ئەھۋاللار ساقلانماقتا.مەن بۇ نوقتىنىنى ئىدولوگىيە ساھەسى مەرگەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئۈگۈنۈشىگە قاتناشقاندىن كېيىن تۇلۇق ھىس قىلىدىم.بۇ جەرياندا مەندە ساقلانغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىداللىقىنى توغرا ئىگەللىمەسلىك ،ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ،غايىسى ،ھەۋىسى قاتارلىقلارغا ئىتىبارسىز قاراش قاتارلىقلار بولۇپ،بۇندىن كېيىن خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ مائارىپ پەنلىرىنى ئۈگۈنۈپ،ئوقۇغۇچىنى ئاساسى گەۋدە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،بىر ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن .ھەم باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا ئۈلگە بولىمەن .  دەرس تەييارلاش خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى قانداق يەتكۈزۈش جەھەتتىكى لاھىيە .دەرس ساپ،ساغلام تەييارلانمىسا ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئوڭۇشلۇق يەتكۈزگىلى بولمايدۇ.ماتىريالنىڭ ساپلىقى ماھىيەتتە ئىدىيىنىڭ ساپلىقىدۇر.مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ نوقتىنى توغرا تۇنۇپ يىتىپ،دەرسنى دەرس پىرىگۇراممىسىغا ئاساسەن تەييارلاپ ئۆتكەن بولساممۇ،مەندەيەنە قىسمەن ئەھۋاللار سادىر بولدى .مەسىلەن:دەرس تەييارلاشتا چۇڭقۇر بولماسىلىق ،ئىزدەنمەسلىك ،دەرس ئۈتۈشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماسلىق ، قىسمەن ئەھۋاللاردا بىلىمىمنىڭ چەكلىكلىكىدىن مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى مۇھاكىمە قىلالماسلىق قاتارلىقلار .مەن بۇندىن كېيىنكى ئۇقۇتۇش ئەمىلىيىتىمدە تىرىشىپ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ،دەرسلىك ماتىرياللىرىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارغا پەن مەدىنيەت بىلىملىرىنى توغرا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن .مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇپ،ئۇلارنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلارغا چۇڭقۇر بىلىم بىرىشىگـە يىتەكچىلىك قىلىمەن .دەرس تەييارلاش ،دەرس ئۈتۈش مۇھىتىنىڭ قانداق بولىشى ئوقۇغۇچىلارغا پەن-مەدىنىيەت بىلىملىرىنىڭ توغرا يۆلىنىشتە يەتكۈزۈلۈش-يەتكۈزۈلمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم مەسىلە.شۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم دەرس تەييارلاش ،دەرس ئۈتۈش مۇھىتى ساغلام بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈ    چۈن ئەڭ مۇھىمى ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىدىيەسى ساغلام بولىشى لازىم.ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلغاندا ،دەرس ئۆتكەندە چۇقۇم ماركىسىزىملىق مەيداندا چىڭ تۇرىشى ،ئېغىپ كەتمەسلىكى كېرەك.مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلىگە ئاڭلىق قاراپ،دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ دەرس ئۈتۈپ كەلگەن بولساممۇ،يەنە قىسمەن ئەھۋاللار سادىر بولدى .مەسىلەن:مەن ئۆز تەييارلىقىمنىڭ ساپلىقىنىلا ئويلاپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماتىرياللىرىنى،ئوقۇغۇچىلارنڭ سومكىلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرالمىدىم،مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تەكشۈرۈشكە دىگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىدىم.بۇندىن كېيىن خىزمەتلىرىمدە بۇ تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بىرىپ ،تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ سادىر بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن .خەنزۇ تىلى –دۆلەت تىلى .دۆلەت تىلىنى بىلىش شەرەپ ،بىلمەسلىك نۇمۇس.تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قىلىش قورالى .تىل ئارقىلىق كىشىلەر ئىقتىساد،مەدەنىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئالاقىلىشىپ ،ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ،ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈش ،ئۆز-ئارا چۈشىنىش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا ،تىل ئۈگۈنۈش تەرققىياتتىن دېرەك بېرىدۇ.مەن خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈش جەھەتتە يۇقارقىدەك تۇنۇشقا ئىگە بولغان،شۇنداقلا خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولساممۇ ئۆزەمىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەمىنى دىگەندەك ئۆستۈرەلمىدىم.بۇنىڭدىكى سەۋەپلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.مەسىلەن:ئىرادىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى،ئىرىنچەكلىك قىلىش،بىر باشقا ئېلىپ چىقىشقا نىيەت قىلماسلىق ،قىينىلىقىدىن ۋايساشق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.مەن ئىدولوگىيەساھەسى مەرگەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئۈگۈنۈشىگە قاتناشقاندىن كېيىن تىل ئۈگۈنۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتتىم.ئەمىلىيەتتە بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا يۇقارقىدەك ئىللەتلەرنىڭ ساقلىنىشى نۇمۇس.مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلرىمدە خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈشنى ئاساسى خىزمەتلەر تەرتىۋىگە كىرگۈزۈپ،زىرىكمەي ،تىرىكمەي ئۈگۈنۈپ خەنزۇتىلى سەۋىيەمىنى ئاشۇرىمەن .ھەم خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈشكە قارشى كۈچلەر كۆرۈلگەندە ئۇلار بىلەن قەتئى كۈرەش قىلىمەن .ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر دەۋرى.ئۇچۇر تېخنىكىسى ھازىرقى ۋاقىتتا يېڭى بىر پەن سۈپىتىدە نامايەن بولدى.ئۇنى ئۈگۈنۈش ،بىلىش ھازىرقى كىشىلەرگە قويىدىغان ئەقەللى تەلەپ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇقۇتقۇچىلار ئۇچۈر تەخنىكىسىنى ئىگەنلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.ئۇچۈر تور تېخنىكىسى دۇنيانى بارغانچە تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئارىلىقنى بارغانچە قىسقارتىۋاتىدۇ.بۇ ماھىيەتتە بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ بارغانچە تىزلىشىۋاتقانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .ياخشىنىڭ كەينىدە ناچىرىمۇ بولغان بۇلۇدۇ .ئۇچۇر ۋە تور ئالاقىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىلغار مەدىنىيەتكە تەۋە بۇلۇشى ناتايىن بىز ئۇقۇتقۇچىلار بۇ نوختىنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يىتىپ ،مەكتىۋىمىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ناچار،سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلىرنىڭ كىرىشىگە قەتتئى يول قويماسلىغىمىز لازىم.مەن بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلە بۇ نوختىنى ماھىيىتى بىلەن تۇنۇپ يەتكەن بولساممۇ يەنە مەندە بىر قىسىم ئەھۋاللار ساقلانماقتا.مەسىلەن :مەكتىۋىمىزدىكى يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش تورىنى ۋە كومپۇيىۇتۇر دىسكىلىرىنى ۋاختى ۋاختىدا تەكشۈرەلمەسلىك،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تىلىۋۇزۇر ئارقىلىق ئۆتكەن ئەمىليەت دەرسىنى تىڭشىيالماسلىق،ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن تەربىيەمنىڭ يەتەرلىك بولماسلىغى قاتارلىقلار.

    مەن بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلىرىمدە يۇقارقى تەرەپلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، باشقىلارغا

     ئۈلگە بولۈشقا تىرىشىمەن

     مەنبە:ئۇستۈن ئاتۇش مائارىپ

     

    "ئۇچ خىل كۇچ "لەرنىڭ بۆلگۇنچىلىك سۇيقەستى
    پەقەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ


    نۆۋەتتە، بىز ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پەيىتتىدە تۇرىۋاتىمىز، تەرەققىياتنىڭ كەلگۇسى چەكسىز گۈزەل.خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب كۇچى، ئۇيۇشچانلىقى ئۆزلۇكسىز كۇچۇيۇپ، شەھىرىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى تولۇپ تاشقان زور ئىشەنچ بىلەن ھاللىق جەمىيەت قۇرۇشتەك چوڭ ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىدى.بۇنىڭ بىلەن جەمىيەتنىڭ ئىجدىمائىي تەرەققىياتى ، جەمىيەت مۇقۇملىقى چوڭ ۋەزىيەت تەقەززاسى بولۇپ ، كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.ھەرقانداق دۇشمەن كۇچلەر  بۇنى توسۇپ قالالمايدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
    بىراق شۇنى تونۇپ يېتىش لازىمكى ، ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭ ۋە غۇلجىنىڭ بۆلگۇنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ ئىرادىمىز بويىچە بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ غۇلجىدىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۆلگۇنچىلىك ، بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى ئۇزاق تارىخىي سەۋەبلەرگە ۋە رىئال ، مۇرەككەپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە. غەرىبتىكى دۇشمەن كۇچلەر سوتسىيالىستىك جوڭگۇنىڭ بىر پۇتۇنلۇكىنى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۇشنى خالىمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقىنى ، شىنجاڭنىڭ مۇقۇم گۈللەپ ياشنىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى كۆرۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ، شىزاڭدىكى مىللىي بۆلگۇنچىلەردىن پايدىلىنىپ ، دۆلىتىمىزگە قارىتا "غەرىبلەشتۇرۇش" " پارچىلاش"غەرىزىدە بولىۋاتىدۇ. ئۇلار مىللەت ،دىن مەسىلىلىردىن پايدىلىنىپ ، ئىش تېرىپ ، بۆلگۇنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۇرمەكتە. شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى : چىگرا ئىچى –سىرتىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ بىزگە بولغان سىڭدۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىدى. ئۇلار تەشكىللىك ، پىلانلىق ھالدا بىۋاستە تاللىماي پارتىلىتىش، ئوت قويۇش، يوشۇرۇن ئۆلتۇرۇش قاتارلىق رەزىل ئۇسۇللار بىلەن بىگۇناھ شەھەر ئاھالىلىرىغا زەربە بەردى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق زور كۆلەمدىكى تېرورلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. بولۇپمۇ مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قىزغىن كۇتۇۋاتقان مۇشۇنداق مۇھىم پەيىتتە ، چىگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەر قەشقەر قاتارلىق ئورۇنلاردا "4-ئاۋغۇست""10 -ئاۋغۇست""12-ئاۋغۇسىت" ئېغىر زوراۋانلىق تېرورلىق ۋەقەلىرىنى پىلانلاپ چىقتى. "4-ئاۋغوست" تىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 16 ساقچىنىڭ ئۆلۇشى،16 ساقچىنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.  دىمەك بۇ چىگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ پىلانلىق ، تەشكىللىك ۋە ئالدىن تەييارلىق قىلغان تېرورلىق قىلمىشى بولۇپ ، خاراكتىرى ئىنتايىن قەبىي، زىيىنى زور بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىميىتى ۋە قەبىھ ئەپتى- بەشرىسىنى، شۇنداقلا زوراۋانلىقققا يۇزلەنگەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىق ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىپ ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۇمەت خىزمەتلىرىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بىز نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۇرئىتى تەرەققى تاپقان رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە تېز ئەمەس.ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تەرەققى تاپقان رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئانچە تېز ئەمەس.بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي مىللەت مەنپەئەتى دەپ جار سالغان "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
    "ئۇچ خىل كۇچ" لەر پەيدا قىلغان بىر يۇرۇش زوراۋانلىق ، تېرورلوق قىلمىشلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۇزۇمگە قارشى تۇرۇش، ھەرمىللەت خەلقنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ئاخىردا ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.بىزنىڭ "ئۇچ خىل كۇچ" لەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كۆرىشىمىزنىڭ ماھىيىتى "دىمۇكراتىيە" ۋە "كىشىلىك ھوقۇق" كۆرىشى ئەمەس، شۇنداقلا مىللەت ۋە دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن دۆلەتنى پارچىلاش ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى پىرىنسىپاللىق مەسىلە. ئۇلار تارىخنىڭ ئېقىمىغا خىلاپلىق قىلدى، ئۆز مىللىتىنى ئىچىگە ئالغان ھەرمىللەت خەلىقلىرىنىڭ تۇپ مەنپەئەتىگە خلاپلىق قىلدى ئۇلار دۆلەتكە خائىنلىق قىلدى، مىللىتىنى ساتتى. ئۇلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جىنايەتكارلىرى، ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ ئورتاق دۇشمىنى . "ئۇچ خىل كۇچ" لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىگە زەربە بەرمىسەك مۇقۇملۇق بولمايدۇ، تەرەققىيات بولمايدۇ. ھەرمىللەت خەلقلىرىگە خاتىرجەملىك بولمايدۇ.
    دۇنيادىكى بەزى بىر قالايمىقانچىلىق يۇز بەرگەن رايۇنلارغا قارايدىغان بولساق ناھايىتى مۇھىم بىر ساۋاق بار ، بۇنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ بولسىمۇ قۇدرەتلىك دىكتاتۇرا ئارقىلىق بۆلگۇنچىلەرگگ قاتتىق زەربە بەرمىگەندە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر چەكسىز بولۇپ ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۇتۇنلۇكىگە زىيان يەتكۇزۇپ، دۆلەتنى ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. دۇشمەنگە زەربە بەرگەنلىك خەلقنى قوغدىغانلىق، دۇشمەنگە كەڭچىللىك قىلىش ، خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۇزگەنلىك بولىدۇ.
    دىننىي ئەسەبىي كۇچلەر "ئىشىنىش دىگەنلىك ئاللاھقا ئىشىنىش دىگەنلىكتۇر" دىگەن ئىسلام ئەقىدىسىدىن پايدىلىنىپ ، ئاشكارە ھالدا " ئاللاھقا ئىشىنىدىكەنمىز كوممۇنىزىمغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ" " مەۋجۇدىيەتكە ئىشىنىشكە بولمايدۇ""ئىنقىلابقا ئىشىنىشكە بولمايدۇ" دىگەنلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.دىنى ئەسەبىي كۇچلەر ئىمان چەكلىمىچىلىكىنىڭ تىغ ئۇچىنى بىۋاستە ھالدا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلغۇچى يادرولۇق كۇچ جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۇرەش نىشانى "كوممۇنىزىم"غا، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابقا ۋە قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى"خەلققە ئىشىنىش"كە ، جوڭگۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىتىقاد قىلىدىغان پەلسەپەۋى ئاساسى، دىئالىكتىك ماتىريالىزىم ۋە تارىخى ماتىريالىزىمنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى"مەۋجۇدىيەتكە ئىشىشنىش"كە، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ پاك گۈزەل ھېسياتى"مۇھەببەتكە ئىشىنىش" كە، قاراتقان. ئەلۋەتتە بۇ ئىسلام دىنى ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتەك دىنى ئەقىدە نامىدا، يامان غەرەزدە ئىماننىڭ چەكلىمىچىلىكى دىگەن نەرسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، تىغ ئۇچىنى جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ دەيدۇ. بۇنىڭدىكى سىياسى مەقسەت ئوچۇق ھالدا دىنغا ئىشەنگۇچىلەرنى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۇمىتىگە قارشىلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ۋەتەننى پارچىلاش، شىنجاڭ مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلەر بىلەن بىمالال شۇغۇللىنىشقا كۇشكۇرتۇشتىن ئىبارەت.
    دىننىي ئەسەبىلەر ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىدىكى "ئاللاھقا ئىشىنىش" نامىنى ئىستىمال قىلىپ ، دىنغا ئىتىقات قىلىدىغان ئاممىنى "كاپىر"لار بىلەن كۆرەش قىلىشقا ، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۇمىتىدىن "ئىنتىقام" ئېلىشقا ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىپ ئاتالمىش" شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى"نى قۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئۇلار ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى سۇيئىستىمال قىلىپ بىر تەرەپتىن دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا "پەقەت سەن ئاللاھقا ئىتىقاد قىلساڭ ، ئاللاھ سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ" دەپ ۋەز ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن گەپنى يۆتكەپلا تىغ ئۇچىنى ئاتالمىش "پانىھ ئالەمدىكى ناھەقلىق" كە قارىتىپ ، "تاجاۋۇزچىلار باشقا ئەلگە تاجاۋۇز قىلدى" دىگەن نەرسىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى.(دىمەكچى بولغىنى ،خەنزۇلار ئاتالمىش، << شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى >> گە تاجاۋۇز قىلدى دىمەكچى)ئۇلار ھاكىميەت بېشىدىكى ھۆكۇمەتنى "تەۋەككۇلچى زوراۋان" دەپ ئەيىپلەپ، ئاتالمىش "زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى "لارغا ھېسداشلىق قىلدى(يەنى تېرورچى ئونسۇرلارغا) ئۇلار "مەيلى قېچىپ كەتسۇن ياكى جازاغا مەھكۇم بولسۇن"ئۇلارنى " ھەققانىيەت ئۇچۇن ، ھەققانىيەتنى قوغداش ئۇچۇن زالىملارنىڭ قىيىن قىستاقلىرىغا، تاياقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، زۇلۇمدىن قورۇقماي ئاخىرى ئۆلۇمگە مەھكۇم بولدى" دەپ مەدھىيلىدى، ئۇلارنىڭ " يورۇق دۇنيادىن، ۋەتىنىدىن ئايرىلغانلىقىغا" ئەپسۇسلاندى. دىنىي ئەسەبىي كۇچلەر ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى بايان قىلىپ ، " مۇشۇ زالىم پادىشاھلارنىڭ( يەنى خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ مۇشۇ جىنايەتچىلەرنى جازالىغان ئادىل ئىشلىرىنى دىمەكچى) تېگىشلىك جازاغا ئۇچۇرشىنى ئارزۇ قىلىمەن " دەيدۇ.
    يىغىپ ئېيتقاندا بىز دىنى ئەسەبىيلەر ئوتتۇرغا قويغان ئىشىنىشنىڭ ماھىيىتىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشىمىز قىيىن ئەمەسكى : بۇنىڭدا ئىسلام دىنىدىكى " ئاللاھ"قا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت دىنى ئەقىدىنى دەستەك قىلىۋىلىپ، ئۆزىنى "ئاللاھ" نىڭ "ئەلچىسى" ، "پەيغەمبەر" دەپ پەردازلاپ ، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۇمەتلەرگە قارشى تۇرۇشقا كۇشكۇرتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش " شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى" نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن  توپ يەمچۇكى بولۇشقا ئۇندەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسەتكە يەتمەكچى! بۇ دىننىي ئەسەبىي كۇچلەر تەرغىپ قىلغان "ئىماننىڭ ماھىيىتى" مانا مۇشۇ.
    دىنى ئەسەبىيلەرنىڭ دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئويدۇرۇپ چىقارغان سەپسەتىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تازلاش ئۇچۇن ، بىز ماركىسىزىمچە دىنىي كۆز قاراشنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتىمىز، بۇ ئارقىلىق ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ، زۆر كۆلەمدىكى ۋەزىپىلەر قانۇنغا بويسۇندۇرۇلغان دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچى ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلار ئۇچۇن ئورتاق كۆرەش قىلىمىز.
    ماركىسىزىم – دىن بىر تارىخى شارائىتنىڭ مەھسۇلى ، ماركىسىزىم – لېنىنىزىم ئۇزۇل –كېسىل ماتىريالىستىك تارىخى كۆز قاراش ئارقىلىق دىننى چۇشەندۇرۇپ كېلىپ :"خوراپاتلىقنى تارىخ ئىسپاتلىسۇن" دەيدۇ. ماركىسىزىم ئوبىكىت ماددى دۇنيانىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. دىن دىن ئىجدىمائىي ئىقتىسادى بازىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كىشىلىك جەمىيەت ماددىي تۇرمۇش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققى قىلغان. مۇئەييەن تارىخى دەۋىرنىڭ ئىجدىمائى- ماددى تۇرمۇش شارائىتى ئاستىدىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگۇرۇش سەۋەبىنى ئىزلىسەك ، " ئادەملەر دىننى بەرپا قىلغان""ھېچقانداق دىن ئادەمنى ياراتقان ئەمەس. ئىسلام دىنى مىلادى 7- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا شۇ خىل تەبئىي ۋە ئىجدىمائىي شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقان دانىشمەن مۇھەممەد تەرپىدىن بارلىققا كەلگەن، ھېچقاچان ئىسلام دىنى بۇ دانىشمەن مۇھەممەدنى بارلىققا كەلتۇرگەن ئەمەس. مانا بۇ ناھايىتى ئاددى  ھەم  ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان تارىخى پاكىت.
    ماكىسىزىم شۇنداق دەيدۇكى ، دىن تەبئىي كۇچلەر ۋە ئىجدىمائىي كۇچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر خىل تەبئىي ئېڭى ۋە تەبئىي سەزگۈسى، شۇنداقلا دۇنيا ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەكىس ئەتكەن بىر خىل فانتازىيەلىك ئىنكاسنىڭ ئاستىن –ئۇستۇن بولۇشى ، بىر خىل ئاستىن- ئۇستۇن قىلىنغان دۇنيا قاراش.
    ئېنگىلىس: " بارلىق دىنلار، پەقەتلا كىشىلەرنىڭ كۇندۇلۇك تۇرمۇشنى باشقۇرىدىغان سىرىتقى كۇچلەرنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى  خام خىياللارنىڭ ئىنكاسى، بۇ خىل ئىنكاستا بۇ دۇنيادىكى كۇچلەر، بۇ دۇنيادىن ھالقىيدىغان كۇچلەرنىڭ شەكلىنى قوللىنىدۇ" دەيدۇ.("ماركىس، ئىنگىلىس، تاللانما ئەسەرلىرى 354-بەت، ئېنگىلىس:"دىيۇرنىغا قارشى") مانا بۇ دىنىنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ بېرىدۇ. بۇ ھېچقاچانمۇ دىنىي ئەسەبىلەر  تەرغىب قىلغان " ئىمان" نىڭ" ماھىيىتى" ئەمەس. پارتىيە ھۆكۇمەت ماركىسىزىملىق دىنىي كۆز قاراشقا ئاساسەن بىر يۇرۇش مۇكەممەل ، پۇختا، ئىلمىي ئاساستا دىنى مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان سىياسەت ۋە سىتىراتىگىيەلەرنى تۇزۇپ چىقتى، ماركىسىزىم پىرولتاريەت سىياسى پارتىيەلەرنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى قوللايدۇ. دىننى ئىتىقاد پۇقرالارنىڭ ئەركىن تاللايدىغان شەخسى ئىشى . پاتىيىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ماركىسىزىمنىڭ دىننى نەزەريەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى تارىخى ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، دىننى مەسىلىلەرگە قارىتا ، دىننى مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇچۇن ھەرخىل سىياسەتلەرنى تۇزۇپ چىقىپ، ھەرخىل دىننى مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق بىر ياقلىق قىلدى. شىنجاڭدا دىنىي مەسىلىنىڭ مىللىكى ، ئاممىۋىلىق ۋە خەلىقئارالىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقۇملىقىنى قوغداش، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتلەرنى ياخشى ئىجدىمائىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ، دىنغا ئىتىقاد قكىلىدىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشتى.. نۆۋەتتە بۆلگۇنچى دۇشمەن كۇچلەر دىنى نىقاب قىلىپ ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى سۇيقەستلىرىگە ئۇنۇملۇك چەك قويۇش ئۇچۇن بىز شۇنى نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلەيمىزكى ، پارتىيەنىڭ دىننى ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئۇنۇملۇك چۇشەندۇرۇش ۋە توغرا ئىجرا قىلىشىمىز لازىم. پارتىيىمىزنى دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتى- پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ مۇھىم نامايەندىسى شۇنداقلا خلق بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ئېھتىياجى . بىراق دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش دىگىنىمىز – دىننى تەشەببۇس قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، دىن ساھەسىنى كىڭەيتىش دىگەنلىكمۇ ئەمەس، پارتىيىمىزنىڭ دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتى  - ھەرقايسى پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگىمۇ ھەم دىنغا ئىتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگىمۇھۆرمەت قىلىدۇ.دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە دىنى باشقۇرۇشى بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرپى. شۇنداقلا قارمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى . دىن- ئاساسىي قانۇن، قانۇن – تۇزۇم ، قانۇن قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇريەتلەر دائىرسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.  دۆلىتىمىزدە سىياسى بىلەن دىن، دىن بىلەن مائارىپ ئايرىۋىتىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. دۆلىتىمىز پۇقرالارنىڭ دىننىي ئىتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. لىكىن دىننىڭ دۆلەتنىڭ سىياسى قانۇن ، ئەدىليە ۋە مائارىپقا ئارلىشىشىغا يول قويمايدۇ.  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار  قانۇن سىياسەت ۋاستىلىرى،  مائارىپ ۋاستىلىرى، مەمۇرىي ۋاستىلەر قاتارلىق ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، دىننى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئۇنۇملۇك كۇچەيتىپ، بوشاشماستىن داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، كۆرۇلگەن مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر ياقلىق قىلىپ ، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تۇەۇتۇش، مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇقۇملۇقىغا ، شىنجاڭنىڭ ، ئىلىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ، ئىقتىسادىي، ئىجدىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
    بۇگۇن ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەرەققىياتقا ، پاراۋانلىقىقا  ئىنتىلىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىجدىمائى مۇقۇملۇقىغا بولغان ئارزۇسى ھەممىدىن قىزغىن.شىنجاڭ غۇلجىدىن ئىبارەت بۇ ئانا تۇپراقتا " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش شەپىسى سېزىلگەن ھامان ئۇلارنى قەتئىي تازلىشىمىز، قەيەردە " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ، بۆلگۇنچىلىكى كۆرۇلگەن ھامان ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز لازىم. " 4-ئاۋغۇست" ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كىيىن ، پارتىيە ، ھۆكۇمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار دەرھال قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىپ ، ئىجدىمائىي مۇقۇملۇق ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىۋىنى ساقلاپ قالدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق  بۇزغۇنچىلىق ، بۆلگۇنچىلىك قىلمىشلىرى، قۇدرەتلىك خلق دىمۇكراتىيە دىكتاتۇرسىنىڭ زەربىسىدىن بىتچىت بولىدۇ . " ئۇچ خىل " كۇچلەرنىڭ ھەرقانداق  بۆلگۇنچىلىك سۇيقەستلىرى مەڭگۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ

    مەنبە: ئىنتىل سەيناسى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us