• بىزدىكى پاھىشە ۋازلىك ، چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلى

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63947427.html

     

    بىزدىكى پاھىشە ۋازلىك ، چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلى

    ئابدۇۋەلى تۇرسۇن (ئەر تۇران )


    پاھىشەۋازلىق ئىنسان ھىسىياتىدىكى چەكتىن ئاشقان ، پىسخىك بىنۇرمال ھالەتلەرنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان ھىسسىي خۇشاللىقىدىن كۆرە تالاپىتى - دىشۋارچىلىقى تولىراقتۇر . بۇ نۇقتىنى نورمال كاللىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ئاڭقىرىپ ئالسا كېرەك . مەزكۈر يامان ئادەت بىر ئادەمدە شەكىللەنگۈدەك بولسا ، شۇ ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىدىكى فىزىلۇگىيەلىك ۋە پىسخىك تەڭپۇڭلۇق ، ئەخلاقىي كونترۇللىقىنى تامامەن يوقىتىپ ، ئىللەت قۇللىقىغا ، روھى كېسەللىكنىڭ مۇشى ئىلمىنىتىغا گىرىپتار بۇلغان بۇلىدۇ .

    غەرىپتىكى كۆپلىگەن پىسخىك دۇختۇرلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، پاھىشەۋازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ، بىرلەمچى روھىي كەمتۈكلۈك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن . بۇنىڭغا سەل قارالسا بۇ ھال شۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن زەئىپلىشىشىگە ئەگىشىپ ، تېخىمۇ ئەدەپ بارىدىكەن . تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ، پىسخىك دۇختۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۆزگىچە يۇقۇرى بۇلۇپ ، ئۇلار دەسلەپتە بۇنداق بىمارلارنىڭ ئەشۇ ھىسسىي باشباشتاقلىقتەك يامان مەيلىنى ئۆزگەرتىشكە ، فىزىلوگىيەلىك ... ئىھتىياجنى كۆپرەك ئويلاشتىن كۆرە ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەقىلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شاش ھىسسىي تەلپۈنىشىنى بېسىشنى ، زېھنىنى كۆپرەك ئىلىم پەن ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆگەنگەن يامان مىجەزىنى ئۆزگەرتىشكە ، ئىنسانىيەتكە كۆپرەك تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن ... بۇنىڭ ئەكسىچە ، پىسخىك داۋالاشنى جىددىي خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتمىغان ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە پاھىشۋازلىقتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك ئىكەن ...

    شۇنىسى ئېنىقكى پاھىشۋازلىق روھى كىسەللىكنىڭ مۇھىم سەلبىي بىر تۈرى بۇلۇش بىلەن بىرگە ، چۈشكۈنلەشكەن ئادەملەرنىڭ ، ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە باشلايدىغان بارسا كەلمەس يولىغا ئايلانغان . سابىق سۆۋىت ئىتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، شەرقىي ياۋروپا ۋە روسىيەدىن جۇڭگۇنىڭ خاربىن ئۆلكىسىگە نۇرغۇن قىز - ئاياللار سۇدا قىلىش باھانىسىدا ئېقىپ كىرگەن بۇلۇپ ، بۇلار كېيىنچە پاھىشىۋازلىق يولى بىلەن جىنسىي كېسەللىك - ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقاتقۇچى مەنبەلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالغان . تارىخىي يازمىلاردىن مەلۇمكى ، روسىيە 18- ئەسىرىدىن كېيىن ئۆزى كۇنتۇرۇل قىلغان ئۇتتۇرا ئاسىيا زىمىنىدا ، پاھىشىخانىلارنى كۆپلەپ بىنا قىلىشنى يولغا قويغان بۇلۇپ ، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر روھى كىسەللىكنىڭ بۇخىل يۇقۇملىق باكتىرىيىسىدىن يۇقۇملانغان ئىدى ... ياۋرۇپالىقلار مۇندىن 4- 5- ئەسىر ئىلگىرىكى مۇستەملىكە دەۋرىدە ئافرىقا ، جەنۇبىي ئامېرىكا ، شىمالىي ئامېرىكا ... يەرلىك خەلىقلىرى ئارىسىدا ئۇلارنى ئىدىيىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن ، ئېلىپ بارغان نەرسىلەر ئىچىدە ئىنجىل - چېركاۋ ، ھاراقتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان تېنى كېسەللەنگەن << پاھىشە ئاياللار>> مۇ بار ئىدى . مۇشۇ پاھىشەلەرنىڭ جىنسىي يۇقۇملاندۇرىشى ئارقىسىدا ، ئاۋىستىرالىيە ، ئافرىقا ، لاتىن ئامېرىكىسى ... يەرلىك خەلىقلىرىنىڭ كېسەللىنىشى ، زەئىپلىشىشى ، كونا جۇڭگۇغا ياۋرۇپالىقلار ئېلىپ كەلگەن ئەپيۈننىڭ سەلبىي تەسىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى ...

    جىنسىيەتتىكى چەكتىن ئېشىشنىڭ ، ئىنسانىيەتنى ھالاكەتنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە قەيىت قىلىنغان ، ئىزاھاتلار ، چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن ۋە بۇنداق يامان ھەرىكەتلەرگە لەنەتلەر ئۇقۇلغان . مەيلى << ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى>> دە بۇلسۇن ، دۇنياۋىي قامۇس << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ياكى خەلق داستانلىرىمىزدا بولسۇن ... ئۇنىڭ مىللىي ، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت تەرەپلىرى قامچىلانغان ۋە نۇرغۇن ئىبىرەتلىك نەقىللەر كەلتۈرۈلگەن . شۇڭا ئەشۇ كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى << كەنىئان باتۇر >> ، << ئالپامىش >> ، << چىن تۆمۈر باتۇر >> ، << ئاي بەرچىن >> ، << مەختۇمسۇلا >> ، << نۇزۇگۇم >> ... ئوبرازلىرى ئەخلاقلىق ، ئۇلۇغ غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ، پاكلىق - ھەقىقەتنىڭ ھىمايىچىللىرى ، قۇغدىغۇچىللىرى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا سىمۇۋۇلى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن . ئۇلار ھەمىشە ئىشىرەتخۇرلۇق ، بۇزۇق ۋە رەزىلىك ھامىيلىرىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ جەڭ قىلغان ۋە ئەشۇ سۆيۈملىك ئىنتىلىشلىرىنىڭ ۋودۇرۇت بومبىسى كەبىي تەڭداشسىز مەنىۋىي قۇۋۋىتى بىلەن ، ئىنسانىيەت ئىتىكىلىق قىممىتىنىڭ بۈيۈك مەشئىلىنى ياندۇرغان ... شەرىق خەلقلىرىنىڭ يىتۈك پەيلاسۇپى فارابىي ئۆزىنىڭ چوڭقۇر دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلاردەك ، ساپ - بىباھا ...پەلىسەپەۋىي ئەسەرلىرىدە ، ئىنسانىيەت ياشاپ كەلگەن ۋە ياشاۋاتقان شەھەرلەرنى - ئىنسانىيەت جەمىئىتىنى : << پەزىلەتلىك شەھەر ۋە جاھالەتلىك شەھەر >> دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىغان ئىدى . ئۇنىڭچە ،جاھالەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈپىتى ، << چۈشكۈنلىك >> بۇلۇپ : << ئۇنىڭ ئاھالىسى كەيىپ - ساپانى ئارزۇ قىلىدۇ . يەپ ئىچىپ شەھۋانىيلىق - پاھىشەۋازلىق قىلىدۇ ... ...>> { ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ << فارابىينىڭ پەلىسەپە سېستىمىسى >> دىگەن كىتاۋىغا قارالسۇن }<< پەزىلەتلىك شەھەر >> ئاھالىسى << جاھالەتلىك شەھەر >> نىڭ ئەكسىچە ، ئۇنىڭغا قارمۇ - قارشى مەيداندا تۇراتتى ... بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بۇلۇدۇكى ، پىسخىك بۇزۇقچىلىق - پاسىقلىقلارنىڭ -بىر مىللەت ، جەمىئەت جۈملىدىن ئىنسانىيەتنى ، ھەر تەرەپتىن گۇمراھلىقتا قۇيىدىغانلىقى ، ھالاك قىلىدىغانلىقى شەكسىزدۇر ...

    دىمەك ، بۇ بىرخىل << رەزىل قىلمىش >> ، ئەجداتلىرىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت يىرگىنىدىغان تىراگىدىيەسى تەسەۋۇردىنمۇ دەھشەتلىك ئەھۋال ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرقىسمى بولۇپ ، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .. . ؟ نىمە ئۈچۈن جەمىيىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر شەھەر - بازاردا << ھۆسىن تۈزەش ئورنى >> ، << ئۇۋىلاش ئۇرنى >> ... نامىدىكى ئاتالمىش << ساتىراچخانىلار >> ، << مەدەنىيەت>> نىڭ ساختا كۆرىنىشلىرى كۆز ئالدىمىزدا ئوچۇقتىن - ئوچۇق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ ... ؟ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نامدا << ساتىراچخانا >> بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە << پاھىشخانا >> ... لار بۇلۇپ ، كەسپكە پىشقان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، مۇشۇنداق ئورۇنلاردا ئۆزلىرىگە جىنسىي كىسەل يۇقتۇرغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى << ئۇيغۇر >> لار تەشكىل قىلىدىكەن . ... مانا بۇ بىزنىڭ مەنىۋى ، جىسمانىي چىرىكلىكىمىز ، روھىي جەھەتتە يىمىرىلىشنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنىڭ روشەن ئىپادىسى ...

    بۇنىڭدەك بەتقىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئەيدىز كېسىلىمۇ ، بىزنىڭ چۈشكۈن جەمىئىتىمىزدە چوڭ بىر مۇئەمما بولۇپ تۇرۇپتۇ : شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەنزۇچە مەلۇم سانىدىكى << شىنخۇاشى بېيجىڭ 2- ئاي 21- كۈنىدىكى مەلۇماتى >> دا 2006- يىلى جوڭگۇدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىغان ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، پۈتۈن مەمىلىكەت مىقىياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرغانلار بىرمىلىيۇندىن ئاشىدىكەن . شۇيىلى بۇسان ئۆتكەنكى يىلىغا قارىغاندا %19 . 5 ئاشقان ، ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈكسىلىۋېتىپتۇ ... << يەنە بەزى مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، خېرۇيىن چېكىدىغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ياش - ئۆسمۈرلەر بۇلۇپ ، پۈتۈن زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ %53 نى تەشكىل قىلىدىكەن ... >> { << ئازاپ ئىچىدىكى بالىلار >> 1998 - يىل 9- ئايدا يەن بىيەن نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، دۇنيا ۋە جۇڭگۇدىكى ئەڭ يېڭى مۇكاپاتلىق ، فۇتۇ سۈرەتلەر تۇپلىمىنىڭ 253- بېتىگە قارالسۇن } . يەنە شۇ كىتاپنىڭ 262 - بېتىدە ، بىر مۇخبىر ئۆزى زىيارەت قىلغان ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم زەھەر تاشلاش مەركىزىدە تارىتقان بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ سۈرىتى ئاستىغا مۇنداق قۇرلارنى يېزىپ قويغان : << ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بۇئۆسمۈر ، گويا ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن يېڭى قۇياشقا ئوخشايدۇ ، بۇ ۋەتەننىڭ ئۈمىدى . يۈسۈپ ئەمەت ئىسىملىك بۇ بالا ئۈرۈمچىدىكى بۇ زەھەر تاشلاش مەركىزىدە ، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە . بىز ئۇنىڭ بۇ يۇمران تۇرىقىغا قاراپ ، ھەرگىزمۇ ئۇنى 4 يىل خرۇئىن چەككەن دىيەلمەيمىز . بۇ ئۆسمۈرنىڭ بۇيەرگە داۋالىنىش ئۈچۈن 2- قېتىم كېلىشى بۇلسىمۇ ، بىراق ئۇنى يەنە 3-4- 5 - قېتىملىق ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ، داۋالاش پۇرسەتلىرى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . مەن ئۇيلاپ قالدىم بۇزادى نىمە ئۈچۈن ... ؟ >> بۇ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشنىڭ سەۋەبىنى بىز كىمدىنمۇ كۆرىشىمىز مۈمكىن ...؟ مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن بۇ بىزگە كېلەچەك - ئۈمىت چىرىغىمىزنىڭ ، مىلىيۇن ۋۇجۇتلارنى لەرزىگە سالىدىغان چۈشكۈن خىرە كۆرىنىشىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ ...

    بۇ مەرەز كېسەلنىڭ يۇقۇش مەنبىيى ، يەنىلا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ، ئۆسمۈرلەرگە - بالىلارغا قىلىنغان جىنسىي زوراۋانلىق ، زەھەرلىك چېكىملىك ... بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە پاھىشىۋازلىقنىڭ سالمىقى مۇئەييەن ساندا تۇرىدۇ . بىزنىڭچە ئىجتىمائىيلاشقان جىنسىيەت بىلەن يۇقىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش - تارقىلىش يوللىرى ھەرخىل بۇلسىمۇ ، ئۇلارنى يەنىلا تۈۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ : يەنى ھازىر شەھەر - بازارلاردا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان << ئۇۋىلاش ئورۇن >> لىرى ... دىكى كۆپلىگەن پاھىشەلەر ، ئۇلار بۇخىل كېسەللىكنى يۇقتۇرۇشتىكى بىرىنچى ئامىل ... يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھەرخىل << مۇلازىمەتچى >> نامىدا بارغانلار ... ئۇلار يۇقتۇرغۇچى سۈپىتىدە ھەرخىل بىنۇرمال جىنسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى مەجبۇرلانغان ... ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن << ئالىي دەرىجىلىك >> ، << 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا >>لار ... دىمۇ نۇرغۇن << مۇلازىمەتچى >> لەر بۇلۇپ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نامدا << مۇلازىمەت >> چىلىك << كۈتكۈچىلىك >> ... قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بەزى خۇجايىنلىرىنىڭ ياكى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن تويۇق يۇلغا ماڭىدۇ ... بۇ << كۈتكۈچى >> قىزلارمۇ ، سىرىتتىن كەلگەن نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن بىنۇرمال مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ ، كېسەل يۇقتۇرىدىغان يۇقتۇرغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالغان ...

    مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقەت قىلىدىغانلار ئىكەن ... ئۇلار بۇ يۇلدا بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئازدۇرۇش قۇربانىغا ئايلانغان . ئاق تاماكىنى تومۇرىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش جەريانىدا بىر بىرىگە يۇقتۇرغان ... مەن ئۆتكەن يىلى غۇلجىدىكى بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ، يېشى 50 نىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ ، ھەسرەتلىك ياشلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ ئىچىدىكى بارلىق دەرت - ھەسرەتلىرىنى تۆككەنلىكى ، ھازىرمۇ ئېسىمدە خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك تۇرۇپتۇ : ئەشۇ چاغدا ئۇ ماڭا يېشى 30غا كىرىپ قالغان جىيەنى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ يىگىت 17 يېشىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ ھاۋالىسى - ياردىمىدە ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مال ئېلىپ كېلىپ ، غۇلجىدا سېتىپ دىگۈدەك نەچچە يىل سودا قىپتۇ ... ئۇ كېيىنچە بۇ ساھەدە چىقىش يۇلى تېپىپ پۇلى كۆپەيگەندە ، باشقىلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ، ئۆزىگە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋاپتۇ ... ئۇنىڭ دادىسى 3، 4 يىل ئىچىدە بۇ ئۇغلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 400مىڭ يۇەن پۇلنى خەجلەپ بولغان ، كېيىنچە بىچارە ئاتا بۇ يۇلدا بارلىق تەئەللۇقاتىدىن ئايرىلغان ۋە كېسەل بۇلۇپ قازا قىلغان ... ئەيدىز كېسىلى بۇلغان بۇيىگىت ھازىر ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ بىر ئايلا ئۆمرى قالغان بولۇپ ، مۇشۇ كېلىشمەسلىك تۈپەيلى بۇ ياشنىڭ 2 بالىسىمۇ ، ئايالىمۇ ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان ...ئۇنىڭ ئايالى ئۆينى تاشلاپ بۇرۇنلا چىقىپ كەتكەن ئىكەن ...

    مەن شۇ قېتىم غۇلجىدىن قايتىش مەقسىتىدە ئاپتۇۋۇزغا چىقتىم ، يېنىمدا يېشى 22 لەرگە كىرىپ قالغان بىر ياش بالا ئولتۇراتتى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن تېزلا تۇنۇشتۇم ۋە ئۇنىڭ نەگە باردىغانلىقىنى سورىدۇم . ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بورتالاغا پاختا تېرىغىنى باردىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ نامىرات ئىكەنلىكىنى ، ياشانغان ئاتا ئانىسىنى قارا ئىش قىلىش بەدىلىگە باقىدىغانلىقىنى ، بۇ يىل بورتالا تەرەپكە بېرىپ << پاختا تېرىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ماڭغانلىقى ... >> نى دەپ بەردى . ئۇنىڭ تۇرىقى - كىيىنىشى ھەقىقەتەن رەتسىز ، روھى چۈشكۈن ئىدى . ئۇ بىر سودىگەر ئاكىسىنىڭ 35ياشتا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ بۇيىل تۈگىگەنلىكىنى ، بۇنىڭ سەۋەپلىك ئائىلىسى ئىقتىساتتىن بەكلا قىينالغانلىقىنى دەپ بەردى . ئۇ يەنە ئۇلار تۇرغان كەنىتتە 85 ياشقا كىرگەن بىر بۇۋاينىڭمۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بۇلغانلىقىنى ، ھەتتا ئەشۇ يەردىكى پۈتۈن بىر كەنىتتە 26 ئادەمنىڭ مۇشۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ دەپ بەردى ...

    ھەقىقەتەن بۇ بىزنى چۆچۈتمەي ، ئويلاندۇرماي قالمايدۇ . بۇلارنىڭ بەرى بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت بولغان ، ئىجتىمائىيلاشقان پىسخىك ۋە جىسمانىي كىسەللىك ، يەنى پاھىشىۋازلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن ئاپەتلىرىدىن بىر ئەمەلىي كۆرىنىشتۇر ...

    مەن تۇرۇشلۇق شەھەردىكى مەلۇم بىر بازارنىڭ قىسمەن كادىرلىرى ، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا غۇلجىدىكى مەلۇم بىر << مېھمانخانا >> دىكى قىزلارنىڭ مۇلازىمىتى << ياخشى >> دەپ ئاڭلاپ ، بىر ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى مەخسۇس كۆتىرە ئېلىپ ، بۇيەرگە بېرىپ ئىشىرەت قاينىمىدا راسا رۇھ تەنلىرىنى << يايراتقان>> لىقى ... 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا 50 ياشتىن ئاشقان بىر ئادەمنىڭ ، مۇشۇ شەھەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەرگە << ئويۇن قويۇش >> باھانىسىدا ئاپىرىپ << يامان يولغا زورلىغانلىقى >> ... ئۇندىن باشقا يەنە مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ، دەرىستە ئەلاچى بىر چىرايلىق جەنۇپلىق قىزغا : << ئەگەر ماڭا بىر كېچە ھەمرا بۇلمىساڭ ئىمتىھاندىن قالدۇرىۋېتىمەن ... >> دەپ تەھدىت سالغانلىقى ۋە ئاخىرى بۇقىزنىڭ نۇمۇسىغا تەككەنلىكى ... بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر شەھەرنىڭ چەت ياقىسىدىكى ، بىر ناھىيە ئۇتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچسىىنىڭ ، ئۆزىنىڭ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن قىز ئۇقۇغۇچىسىنى ئالداپ ، ئۇنىڭ نۇمۇسىغا تەككەنلىكى ... دەك روھىي ئىللەت تۈسىنى ئالغان، ھەقىقىي بۇلۇپ ئۆتكەن ، رىئالىي كۆڭۈلنى قەي قىلدۇرىدىغان كۆرىنىشلەر - بىزنىڭ چەكتىن ئاشقان جىنسىي كېسەللىك ، مەنىۋىي تىراگىدىيەگە باي تۇرمۇشىمىزنىڭ يەنە بىر كۆرىنىشىدۇر ...

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھازىر ، ئۇرۇمچى ، ئاقسۇ ، غۇلجا ، شىخۇ ، قارماي - مايتاغ ... ۋە بورتالا شەھىرىنىڭ شىمال شەرقىدىكى ، ئېچىۋېتىلگەن كۆلىمى بىر بازارچىلىكمۇ چىقمايدىغان << ئالاتاغ >> ئېغىزىغا كېلىپ تېنىنى ساتىدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن ... بۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرغانلاركەن ...

    مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ساھەسىدىكى مۇھىم مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، مۇشۇ بورتالا شەھرىنىڭ ئۆزىدە << ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 200 گە بارىدۇ >> كەن . بۇسان ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ . بۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەردە ، مۇشۇنچىلىك كۆپ يۇقۇملاندۇرغۇچى بولسا ، پۈتۈن شىنجاڭدا بۇسان قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ ... ؟!

    يۇقارقىلاردىن بىزنىڭ كاللىمىزغا تەبىئي ھالدا ، نىمە ئۈچۈن بۇنداق پاسكىنىلىقلار ، مەينەتچىلىكلەر بىزدە شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ ، بىز نىمە ئۈچۈن ئەقىل ۋە جىسمىمىزنى خورىتىدىغان يامان ئىشلارغا ئۆزىمىزنى شۇنچە ئۇرىمىز ...؟ بۇنداق ئىشلار نىمە ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا بىزدە كۆرىنەرلىك ، ئىجتىمائى خاراكتىرنى ئالىدۇ ... ؟ دىگەن سوئاللار كەلمەي قالمايدۇ . بىز چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان بولساق ، بۇ يوقۇتۇشلارنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى روھىي قاتلىمىمىزدىكى ، ئىدىراكىي كەمتۈكلىكىمىز ، ھېسسىي مىيىپلىقىمىزدىن ، ئەخلاقىي جەھەتتە بۇزۇلغانلىقىمىزدىن ، ئەجداتلارنىڭ پاك روھىيىتىدىن ئوزۇق - كۈچ ، مەدەت ئالماي ، چۈشكۈنلۈك، بىغەملىك پاتقاقلىرىغا مىلەنگەنلىكىمىزدىن ... كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر بۇلارنى بىز توغرا ئەمەس دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا ھەربىرىمىز ئۆزىمىز تۇرغان شەھەر ، بازارلاردىكى رەستىلەرگە- گۈزەرلەرگە ... ئوبدان كۆز يۈگۈرىتىپ باقايلى ... شۇ چاغدا ئەمەلىيەت تېخىمۇ ئايدىڭ بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ بۇزۇلۇش ، يامان يول ... ھەممە ئادەملىرىمىزدە بار دىگەنلىك ئەمەس . ياخشى ئەخلاقلىق ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەملىرىمىزمۇ نۇرغۇن . بىراق ئۇلارنىڭ سانى ئاز ... بەلكى يۇقارقى ئىللەتلەر باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزدە كۆرۈنەرلىك ... !

    يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بۇلىدۇكى ، ئىنساننىڭ چىن ئىنسان بولۇشىدىكى ئامىللار نۇرغۇن بۇلسىمۇ ، لېكىن ئەخلاقىي يىتۈكلۈك، دەرەخكە سۇ قانچە زۆرۈر بۇلسا ئىنسانغىمۇ شۇنچە زۆرۈردۇر ، خۇددى 18- ئەسىرىدە ياشاپ ئۆتكەن شائىرىمىز خاراباتى :<< ئەي بۇرادەر ياخشى ئەخلاق قايسى ؟ ياخشى ئەخلاق راسلىق ، پاكلىقتۇر ! >> دىگىنىدەك ، بىر مىللەتكە نىسبەتەن << پاكلىق >> تېخىمۇ زۆرۈردۇر . ئۇنىڭ بۇزىلىشى بىر ئادەمنى ھەتتا بىر جەمىئەت - مىللەتنى ھالاكەت ھاڭلىرىغا غولىتىپ تاشلايدۇ . شۇڭلاشقا تويۇق يولدىكى كىشىلىرىمىزگە شۇنداق خىتاپ قىلماي تۇرالمايمىزكى : ھەي ئازغۇنلار ھىدايەت يولىغا قايتىڭلار ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمىيىتىڭلارنى ، قەدىر قىممىتىڭلارنى بىلىڭلار ، ئەجدات روھى قورۇنمىسۇن ، پۈتۈن ئىنسانىيەت لەنەت تاشلىرىنى ياغدۇرمىسۇن ، ئەۋلاتلار ئىچىنىشلىق قىسمەت قۇلىغا ئايلانمىسۇن ...!!!

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us