• دۇنيادىكى ئالىم ۋە ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63947337.html

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك تەركىپلىرىنى شەكىللەندۈرگۈچى قەدىمقى ھەر قايسى ئۇرۇق ،قەبىلە،قەۋم ۋە ھەلىقلەر يىراق ئوتمۇشتىن باشلاپ تارىم ۋادىلىرى ،جۇڭغار ئويمانلىقى ،ئىلى دەريا ۋادىسى ،ئىسسىق كۆل ساھىلى ،ئېرتىش دەرياسىدىن تارتىپ بالقاش كولىنىڭ ئەتراپلىرىدا ،بايقال ئەتراپلىرىدا ،تاشقى موڭغۇلىيەدىكى سەلىنگا ،ئورخۇن ،تۇغلا ،قۇرۇلۇن دەريالىرىنىڭ ساھىللىرىدا ،ئورال_ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ،سەنشى ،شەنشى ،نىڭشا ۋە گەنسۇ ئولكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا ياشىغان ،قەدىمقى دەۋرىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن تارتىپ خوشنا خەلىقلىرىگىچە ئورتاق ،ئىزچىل قوللىنىپ كەلگىن`گەن ئىسىم “ ئۇيغۇر ”دىگەندىن ئىبارەت. مەسىلەن : “ كونا تاڭ سۇلالىسى تارىخى” دا “ ئۇيغۇر” دىگەن سوزنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى “ شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغۇچى” دەپ ئىزاھلىغان بولسا ،مەھمۇد قەشقەرى : “ باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ،ئوز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۇچىلەر ،قولىدىكى ئوۋنى قاچۇرماي قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ تۇتقۇچىلار ” دەپ چۇشەندۇرگەن.

    ئۇيغۇر تىلى ئورال-ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى ئالتاي -تەڭرىتاغ تىللىرى ئائىلىسى تۇركى تىللار گۇرۇپپىسى شەرقى ھون تۈركىمى ئۇيغۇر -ئوغۇز تىلى بۆلىكى ئۇيغۇر قارلۇق تىلى قىسمى ئۇيغۇر تىلى دىئالىكتىكىسىغا تەئەللۇق.

    ئامىركىلىق ئالىم ر.گروسىي “ يايلاق ئىمپىرىيىلىرى تارىخى” دىگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارغا يۇقۇرى باھا بېرىپ ،ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ “مەدەنىيەت ئۇستازلىرى”دىن بولغان دەيدۇ.

    تۇركىيىلىك داڭلىق تاتار ئالىم ئەھمەت زەكىي كۆرسىتىپ مۇنداق دىگەن : “ ئۇيغۇرلار تۈركلار ئارىسىدا قۇۋۋەتلىكەرەك ، مەدىنىيەتلىرىمۇ يۇقىرىراق بولغانلىقتىن ،ئۆزىنىڭ تىللىرى باشقا تۇركىلەر ئۇچۇنمۇ ئەدىبى تىل بولۇپ خىزمەت قىلدۇرغان .”

    “ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى تىزىسلىرى”دىن ئېلىندى .
    قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوڭۇر ساغۇچ چاچلىق قوي كۆزلۈك ياكى كۆك كۆز ئىدى ، ھازىرقى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئۆزگۈرۇپ كەتكەن .

    سىلەر ئەرەپچە،روسچە ئىسىملاردىن ئەمەس ،قەدىمقى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدىن فامىلە ياسىساڭلا ياخشى بولىدۇ . بۇ ئىسىملار كونا قول يازمىلاردا بار .سىلەر ھازىرقى مەدىنىيەتتە ئارقىدا .بۇ دىگەنلىك ئەزەلدىن ئارقىدا دىگەنلىك ئەمەس ،ئوز مەدىنىيىتىڭلارنى ئۇگۇنىڭلار ،ساخلاڭلار،راۋاجلاندۇرۇڭلار،يازغۇچىلىرىڭلار بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىشى كېرەك .بولۇپمۇ دىھقانلارنى ئەينەن يېزىش ،كۆپلەپ يېزىش كېرەك . سەۋەبى: دىھقانلار مىللەتكە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدۇ ،ئۇلار ئاساسى خەلىق ،بىر مىللەتكە خاس بولغان نۇرغۇن ئىسىل نەرسىلەر دىھقانلاردا ساقلانغان بولىدۇ .ئۇلارنىڭ ئۆزگۇرۇپ كىتىشى ئاستا بولىدۇ .ئۇلار يەرلىك ئادەت ، يەرلىك تىل ، مىللى مەدەنىيەتكە ئامراق . مەن سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تىلىڭلاردا يېزىلغان ئەسەرلىرىڭلارنى ئوقۇپ باقتىم .تىل ئادىتىڭلار ،تىلدىكى مىللى خۇسۇسىيەتلەردە ئوزگۇرۇشلەر كۆپ ئىكەن . سىلەر ئۆز تىلىڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە جۈملە تۈزۈشىڭلار كېرەك.

    زوردۇن سابىر نىڭ “ ياۋروپاغا سەپەر ” رىدە بىر ياۋروپالىق ئالىمنىڭ ئاپتورغا ئېيتقانلىرىدىن ئۇزۇندە: _____

    ئۇيغۇر دوسلىرىم ماڭا “ پەنجىگاھ مۇقامى” ئېلىنغان لېنتىنى سوۋغا قىلىشتى ، مەشرەپ مۇقاملىرىنى ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى چەكسىز ئىجتىھات بىلەن يۇرەكنى ئۆرتەيدىغان ئاۋاز ئېقىملىرى بىەن كۈيلەيدىكەن .ئۇلارنىڭ ئاق تىرەكلەرنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ياڭراتقان بۇ باھاسىز سىمفونىيە سادالىرىغا تەڭكەش بولۇپ تۇغۇلغان گۇزەل شېئىرلىرى كىشىلەرنى بىر بىرىگە نەقەدەر دوست - ئاشىنا قىلىپ تۇرىدۇ -ھە؟!

    قەبرىگاھتا ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەھمەد سىزغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ رەسىمىگە ئۇزاق تىكىلدىم . ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۇملۇك شاپاق دوپپىسى ،ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىزدىنىشتىن ھىچقانداق تالمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش تازا ۋە روشەن .

    مەھمۇد قەشقەرى سۆزلەرنى يوقىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى .ئۇنىڭ شاھىيانە شاراپىتى بىلەن تۈمەنلىگەن سۆزلەر ئەمدى مەڭگۈ تىرىك ،ئۇ سۆزلەر ئازاق بۇلاقلىرىغا ئوخشاش قايناپ تۇرىدۇ .سان-ساناقسىز خەلقلەرنىڭ شائىرلىرىغا ئىلھام بەرىۋەرىدۇ .مەھمۇد قەشقەرىگە ئوخشاش دانىشمەن ئالىملار ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تارىخىدا ساناقلىقلا . مەھمۇد قەشقىرى خەلقلەرنىڭ سۆزلىرىنىلا ئەمەئەس ،ئۇلارنىڭ ئالتۇن - يامبودەك ئىسىل ماقال-تەمسىللىرى ۋە رىيالىستىك روھقا باي شېئىرىيىتىنىمۇ ئەسىرلەر ئۇچۇن ،تۇركى تىللىق خەلقلەرنىڭ بەختى ئۇچۇن ساقلاپ قالغان “ تۇركى تىللار دىۋانى” تۇركى تىللىق خەلقلەرنىڭ جاھان مەدىنىيىتى غەزىنىسىگە قوشقان ئۆلمەس ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

    ئىبراھىم غافۇر- ئۇزبەكىستان ( تارىم جورنىلى1988-يىلى 5-ساندا ئېلان قىلىنغان “قەشقەردە” ئەسىرىدىن .)

    قەشقەرنىڭ تارىخى موسكۋا نىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن .بىز رۇسلار ياكى سلاۋىيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ،ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،سلاۋىيان ئۆۋلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا ،ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان شانلىق يۇقۇرى مەدىنىيەت ھاياتىدا ئىدى.

    روسسىيە — ۋاسىلىيەف

    ئۇيغۇرلار قەدىمقى تۇركى تىللىق خەلىقلەر جۇملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن ،بالكى قەدىمقى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تۇرك قەبىلىلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەڭ قەدىمقى كۆپ سانلىق تۇركى خەلىق ئىدى.

    روسسىيە — ۋ. رادلوف

    ئۇيغۇرلار قەدىمقى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ مەدىنىيەتلىك خەلىق ئىدى.

    روسسىيە — س . مالوف

    ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ،لېكىن ئازراق موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ئارلىشىپ قالغان ،بۇلار قەدىمقى تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرىقلىق خەلىق ئىدى . ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك ،سېرىق چاچلىق ،ئاق يۇزلۇك ،قاڭشارلىق ئىدى. ۋاقىتلارنىڭ ئۆتىشى بىەن ئۇلار موڭغۇل ئىرقى ۋە باشقا ھىندى - ياۋروپا خەلىقلىرى بىلەن ئارلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۇرلۇك سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بۇگۇنكىدەك ھالەتكە كەلگەن. خاتالاشمىسام سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمقى بۇ ھالەت ھازىرمۇ مەۋجۇتقۇ دەيمەن؟

    ۋاسىلىي — روسسىيە

    جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، ئۇيغۇرلار ئىسىل مىللەت دىگەن خۇلاسىگە كىلىشىڭىز تەبىئى .شىنجاڭدا يۇز بەرگەن بەزى تارىخى ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ . مەسىلەن: قەدىمقى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار ،چوڭ ياۋچىلار ، ساكلار ،ئىفتالىتلار ، چاڭلار ،تۇبۇتلار ، تۇرۇكلەر ، سىيانپىلار ، قىتانلار ،جۇرجانلار ، موڭغۇللار
    ياشىغان.بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ ،قۇدرەت تېپىپ جاھان سورىغان .لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا
    بەزىلىرى كىچىكلەپ ئاجىزلاپ كەتتى ، بەزىلىرى تارىخى سەھنىدىن پۇتۇنلەي يوقىلىپ كەتتى ، ئۇيغۇرلار بولسا تارىختىكى بوران
    چاپقۇندا راۋاج تېپىپ زورىيىپ شىنجاڭنىڭ ئاساسى مىللىتىگە ئايلاندى ،بۇنىڭ سىرى نىمە؟

    ئەرەبلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەنئەنىسىنى مۇنداق ئوبرازلىق سۇرەتلىگەن : “ ئۇ خۇددى تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دەرىزە ئېچىلغان ئۆيگە ،ھەتتا گۇللەرنىڭ رەڭ ۋە پۇراقلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ .”

    بۇرۇنقى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يىزىقى ،قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقى ، خەنزۇ يىزىقى ، سۈرىيە يىزىقى ، سانسكىرت يىزىقى ،فارس يىزىقى ،تۈرك يىزىقى ، تاڭغۇت يىزىقى بىلان بۇددا دىنىغا ، مانى دىنىغا ، نىستورىيان دىنىغا ، مەجۇسى دىنىغا ئائىت دىنى كىتاپلارنى تاش مەتبەلەردە نەشىر قىلالىغان ،بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچراپتىكەن . بۇنىڭ سىرى نىمە؟

    بىرەر دەۋىرنىڭ مەدىنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرەلايدىغان كاتتا مەدىنىيەت ئەرباپلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدىنىيەتلىك مىللەت دەپ ئاتىماق تەس ،شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقەرىلەردەك ئىككى ئۇلۇغ كاتتا مەدىنىيەت ئەربابى چىققان .بۇنىڭ سىرى نىمە؟

    ئۇيغۇرلار ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ ش ئامان دىنى ، مانى دىنى ، مەجۇسى دىنى ، بۇددا دىنى ، ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلغان . دۇنيادا دىن ئەقىدىسىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ . بۇنىڭ سىرى نىمە؟

    ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدىبىياتى بار ،ئەمما ئوز ئالدىغا سىستىما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدىبى مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى .بۇنىڭ سىرى نىمە؟

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەن-ئەنىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پارلاق نەتىجىسى قارىخانىلار سۇلتانلىقىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىدۇر .ئۇنىڭدىن كىيىن دېڭىز - ئوكيان قاتنىشى راۋاجلانغانلىقتىن شىنجاڭنى ئارىلاپ ماڭىدىغان خەلقئارا سودا كارۋان يوللىرى بىكار بوپ قالدى ، شۇنداق بولسىمۇ ،ئۇيغۇرلار كونا “ يىپەك يولى” دا جاپاغا چىداپ قاتناپ يۈرۈپ كەڭ دۇنيا بىەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.

    ئۇيغۇرلار شىمالى موڭغۇل قۇملىقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى ، كىيىن ئۈچ يولغا بۆلۇنۈپ كۆچۈپ تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى .ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تارىمدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ئەللەرنى ئاسىمىلاتسىيە قىلدى .كېيىنكى ئۇزۇن تارىخى جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى ، موڭغۇلنى ،قىتانلارنى ئاسىمىلاتسىيە قىلدى .شۇنداق زور ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نىمە؟

    分享到: