• AIDS كېسىلىنىڭ ئاياللار ئارىسىدىكى تارقىلىشى

    2009-05-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39890017.html

    AIDS كېسىلىنىڭ ئاياللار ئارىسىدىكى تارقىلىشى ۋەAIDSكېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا تارقاش ئەھۋالى

    مەھمەت ئەمىن


    AIDS كېسىلى ئاسالىقى قان، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت 3 خىل ۋاسىتە ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا تارقايدىغان بولۇپ، جۇڭگو دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگوداAIDSكېسىلىنىڭ تارقىشىدا 61.6% زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، 9.4% قان ئېلىش، 8.4% جىنسىي مۇناسىۋەت، 1.6% قان سېلىش، 0.3% ئانىدىن بالىغا يۇقۇش، قالغان 18.7% نامەلۇم سەۋەبلەر ئىگىلەيدىكەن. پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى 2 مىليون 400 مىڭ ئايال AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، تەخمىنەن 800 مىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    جۇڭگوداAIDSكېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ نىسبىتى پۈتۈنAIDSكېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئەسلىدىكى 1/9 دىن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ھازىرقى 1/3 ئىگىلەيدىغان ئەھۋالغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بەزى رايونلاردا AIDS كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشى، ئائىدس كېسىلىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىشىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ 0.6% ئىگىلىگەن.

    ئۇيغۇر رايونىدا بولسا ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تارقالغانAIDSكېسىلىنىڭ نىسبىتى ھازىرچە گەرچە ئانچە يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىمىسىمۇ، بىراق يېقىندىن بېرى بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق تارقاۋاتقان AIDS كېسىلى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋىبىAIDSكېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كۈنسايىن كۆپىۋاتقانلىقىدا. 1999-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدا AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئاياللارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 280 بولۇپ، 2002-يىلىغا كەلگەندە 700 دىن ئاشقان. 2004-يىلى بولسا 3000 گە يېقىنلاشقان. 2002-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار،AIDSكېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمى سانىنىڭ 11% ئىگىلىگەن بولۇپ، 2004-يىلى بۇ نىسبەت 30% ئاشقان. بۇ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىداAIDSكېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە نىسبەت تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈنAIDSكېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئاياللار شۇنچە تېز كۆپىيىپ كەتتى. بۇنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە سەۋەبتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

    1. بىرقىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى ئەنئەنىۋى ئەخلاق پەزىلەتنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن پاھىشە ئىشلارنىڭ كۆپىيىشى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئويۇن قويۇش ياكى مېھمانخانىلاردا كۈتكۈچى بولۇش نامى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، پاھىشە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىزلىرىمىز كۆپەيمەكتە. بۇ AIDS كېسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

    2. ئۇيغۇر رايونىدا لاياقەتسىز دوختۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىچكىرىدىن چىققان ئاققۇن دوختۇرلارنىڭ كۆپىيىشى، ئۇلارنىڭ ناچار ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بولۇپمۇ ئاياللار كېسىلى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان ئاياللارنىڭ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق AIDS كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا.

    3. بەزى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىدا، ھەر خىل شارائىتنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلىدىن، قان ئېلىش ۋە ئوكۇل ئۇرۇشتا بىر يىڭنىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش،AIDSكېسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.

    4. ئۇيغۇر قىزلار ئارىسىدىكى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە شۇ ئارقىلىق AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ كۆپەيمەكتە.

    5. ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇراقسىز كىشىلەر يەنى كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە تازىلىق شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى AIDS كېسىلىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.

    6. AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە AIDS كېسىلىنى بىگۇناھ ئاياللىرىغا يۇقتۇرۇش ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا. ئادەم ئائىدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 3~5 يىلغىچە يوشۇرۇن مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەت بولمايدۇ، دەل مۇشۇ مەزگىل، AIDSكېسىلىنى باشقىلارغا يۇقتۇرىدىغان ئەڭ خەتەرلىك مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇرۇن دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ 85% ئاساسەن 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان نىكاھ يېشىدىكى ئەرلەر بولۇپ، AIDSكېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ كوپىيىشى، AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ كۆپىيىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كورسەتمەكتە.

    تۇغۇت يېشىدىكىAIDSكېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ كۆپىيىشى، AIDSكېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتىنى ئاشۇرماقتا. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا AIDS كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئەھۋالىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ؟ AIDS كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

    1. AIDS كېسىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارقاشقا سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىللارنى يەنى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن پاھىشە ئىشلارنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.

    2. لاياقەتسىز دوختۇرلارنى تىزگىنلەش، دوختۇر ۋە سىستېرالارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دوختۇرلۇق ئەسۋابلىرىنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش كېرەك. قان ئېلىش، ئوكۇل ئۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشلەردە، ئىمكان بار بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

    3. ئەر-ئايال ئىچىدە بىر تەرەپنىڭ AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا ياكى AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، قارشى تەرەپ چوقۇم ئۆزىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

    4.AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەر ئايال، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كىرەك. چۈنكى ھازىرغا قەدەر AIDS كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك داۋاسى يوق بولۇپ، ئەگەر تۇغۇلغان بالا AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىگە ئېغىر يۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شۇ گۇناھسىز بالىغىمۇ نۇرغۇن ئازاب بولىدۇ.

    5. ئەگەر ئېمىۋاتقان بالىسى بار ئايالنىڭ AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا، ياكى AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىسىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك.

    - مەنبە : ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى «ئۇيغۇربىز»تورى
    分享到: