• ئېھرامدىكى 10چوڭ مۆجىزە

    2009-05-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39891325.html

    1.ئېھرامنى كېسىپ ئۆتىدىغان مېردىئان سىزىقى دەل يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز –ئوكياننى ئوخشاش ئىككى قىسمغا ئايرىيدىكەن.  
    2.ئېھرامنىڭ ئىگىزلىكىنى بىر مىللىرىياتقا كۆپەيتسە ( يەنى ئېھرامنىڭ ئىگىزلىكى 146.59مىتىرنى بىر مىلىىرياتقا كۆپەتسە ) نەتىجە قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقىغا ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ كېلىدىكەن .
    3.ئېھرامنىڭ 3ھەسسە ئىگىزلىكىدىن ئېھرامنىڭ تەڭ كۆلىمىنى ئېلىۋەتسە،نەتىجە دەل چەمبەرنىڭ تۇراقلىق قىممىتى 3.14159غا تەڭ كېلىدىكەن.
    4.داتلىشىپ قالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېھرام ئىچىگە قويۇپ قويسا، بىر مەزگىلدىن كېيىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىدىكى داتلار يوقاپ ئىنتايىن پاقىراق بولۇپ كېتىدىكەن.  
    5.گۆش ،سۇت ،تۇخۇم قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ئېھرام ئىچىدە ئۇزۇن مۇددەت ساقلىسا ئۇنىڭ ساقلىنىشى زامانىۋى توڭلاتقۇلاردا ساقلىغاندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.   
    6.سۇسىزلاندۇرۇلغان يېڭى گۇلنى ئېھرام ئىچىگە قويۇپ قويسا ،گۇل غۇنچىسى خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە سولىشىپ قالمايدىكەن ،شۇنداقلا رەڭەى ئۆڭمەي ھازىر ئۈزگەندەك تۇرۇدىكەن .  
    7.ئېھرام ئىچىگە قويۇپ قۇيۇلغان سۇ بىلەن جاراھەت ئېغىزىنى يۇسا جاراھەت ئېغىزى تېزز ساقىيىدىكەن،ئۈنىمى بۇگۇنكى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى جاراھات داھالاش دورىلىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
    8.بىر مسىرلىق ئايال ئېھرام ئىچىدىكى سۇ بىلەن يۇزىنى بىر قانچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن ،ئۇنى تونىيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قارىماققا كۆپ دەرىجىدە ياشىرىپ كەتكەنلىگىنى ئېيتىشقان.
    9.ئېھرام ئىچىدىكى سۇ بىلەن دەل –دەرەخ ،زىرائەتلەرنى سۇغۇرغاندا ،دەل –دەرەخ ،زىرائەتلەرگە ئۆستۇرگۈچى ھورمۇن بەرگەندەك ئىنتايين قۇيۇق ۋە تىز ئۆسىدىكەن. 
    10.بىر قىسىم ئالىملار ئېھرام ئىچىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن بەدىنى كۈچلىنىپ كەتكەندەك بىر خىل ئاجايىپ تۇيغۇغا كېلىپ قالغان .
    دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار يۇقارقى ئاجايىپ ھادىسىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ،لېكىن ھازىرغىچە بىرەر يەكۈن چىقىرالمىغان.
    «تەرمىلەر گېزىتى» دىن تەرجىمە قىلىندى

    分享到:

    评论

  • ئېھرام ئىچىدىكى سۇ،ئىيتىلۋاتقان زەمزەم سويى شومۇ نىمە؟