• مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى

    2009-05-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39891990.html

     

     ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ

     

     ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ

    ﺑﺎﻻﯓ ﺋﺎﺯﺳﺎ ﺋﺎﮬ ﺋﯘﺭﻣﺎ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ .
    ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
    ﺧﺎﺗﺎ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻦ.
    ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮﻛﯘﻧﻰ.

    ﮔﻪﺩﻩﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﮬﯩﭽﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ.
    ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
    ﺋﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﺎﺳﺎﯞ ﺗﺎﻱ ﮬﻪﺭﻳﺎﻥ ﭼﺎﭘﺴﺎ ﭼﺎﭘﻤﺎﻣﺪﯗ.
    ﺋﯘﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.

    ﺋﺎﻗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ.
    ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﮬ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
    ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ.
    ﭼﯩﻠﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺟﯩﻢ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ.

    ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﻮﻗﺎﭺ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﻳﻪﯞﻩﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ.
    ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻧﺎﻥ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
    ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﺎﺭ،
    ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﻱ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮﻛﯘﻧﻰ.

    ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ،
    ﺋﯘﻻﺭ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﺪﻩ ﺳﯘ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.
    ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﯗﺯﻧﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ،
    ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﮕﻪﺭﻟﻪﭖ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،

    ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﺴﺎ،
    ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﮕﻪ ﺑﺎﻻﯕﻤﯘ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
    ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﭖ،
    ئوﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﯨﯔ ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﺗﻮﻥ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ.

    ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﯓ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ،
    ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﻣﻪﻳﺪﻩﯕﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
    ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﺴﻪﯓ ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﻳﺎﺧﺸﯩﻨﻰ،
    ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯗﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،

     

    ئۆز يارىڭ

     

     

    ئۆزگە باغقا كۆز سالما ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،  j/I^ \Ms  
    نېمە تەشۋىش ئالەمدىن، تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ.  xLUgbql-  
    ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،    K|Q|v39{b  
    ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە ئەتراپىڭدا ئۆز يارىڭ.  wI\ n%#  
    `O:ecPD4M  
    يار ئۈستىگە تۇتقان يار بەڭگە ئوخشار بىر چىلىم،    &4g]#A>@  
    لەززەت يوقتۇر تەكتىدە تاۋۇز كەبىي بىر تىلىم،  t:pgw[UJ  
    مۇڭداشقانسەن مۇڭداشساڭ تۈگىگىچە بىر فىلىم،  :?!kZD!  
    مىڭ سۆيگۈ بار ئۇ يەڭلىغ ئاچقان پالدا ئۆز يارىڭ.  wi{qN___  
      ]{tnNr>mv  
    پىچاق كەسسە قولۇڭنى ھېچكىم ئۇنداق تاڭالماس،     
    تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا ھېچكىم ئۇنداق ئالالماس،  PS*=MyNa  
    يۆلەپ يۈرەر بىر ئۆمۈر بولۇپ قالساڭ ماڭالماس،    XYBvM]  
    نىجادلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ.  ^TC <_]7  
    /h)_Q;35S;  
    يۈگرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن،    Eb9 eEa 
    ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا ئامان چىقساڭ خەتەردىن،    (}$pf6s  
    يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن،  QKj8~l(  
    تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ. vDG AC'  
    v() wngn  
    جۇدالىققا دۇچ كەلسە، ئاۋۋال سېنى ئەسلەيدۇ،    ~/R,oQ1!g}  
    سەن بولمىساڭ سۇ تۇتۇپ ئۆزى خامان چەشلەيدۇ،  E?L^ L3s  
    بىلىندۈرمەي يوقۇڭنى ئۆزى ئوتۇن كەسلەيدۇ،  3^ct;gz  
    ئىسسىتىدۇ ئۆيۈڭنى شېرىن جاندا ئۆز يارىڭ.  [M:ag_rm+f  
    z>\vYR$  
    شەيتان خۇشال بېغىڭدىن ئالما، شاپتۇل قاققانغا،  4|?y [j 6  
    سەن خۇشالسەن تاتلىق دەپ ئاچچىق مېغىز چاققانغا،  >";I3S-t  
    سۈكۈت قىلدىڭ لاي سۇلار ئېرىقىڭدا ئاققانغا، k0%*{IVPN  
    راھەت دېگەن ئەسلىدە ئەتكەن خامدا ئۆز يارىڭ. NJ^H"F LS:  
    L7~9u|7a#  
    بەرىكەت بولماس زەررىچە بەرگىنىدە شۇلارنىڭ،  C-vFl[@a0  
    قۇچاقلىما، تىكەن بار بەدىنىدە شۇلارنىڭ،  {8!\aYI  
    قازا كېلۇر سەن ئۈچۈن قەدىمىدە شۇلارنىڭ،  B=4xZJ Py  
    ئەسلى رىزقى، نېسىۋەڭ چاچقان داندا ئۆز يارىڭ. ?3f-" K_r  
    ?9Lp@k~TO  
    ئاش ئۇسقاندا بىچارە بىللە چىقار بىنەمگە،  b7t hu5  
    چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە،    ^)qOILn  
    باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋۋال سېنى گىلەمگە،  scXY~l]I*  
    تولغىنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ.  676r0`  
    E< 57d,3l  
    كۆكلىتىدۇ تەر تۆكۈپ تۇرمۇش ئاتلىق باراڭنى، xsPY#  
    سەن تالانى ئويلىساڭ، ئۆيدىن باشلار پاراڭنى، jrF#DDH?I  
    دۈشمىنىڭگە كۆرسەتمە يىرتىقىڭنى، ياراڭنى، " [Z'n9C  
    سۆيگۈڭ كېلۇر سەن ئۈچۈن ئۇھ تارتقاندا ئۆز يارىڭ. _m;H$N~I#  
    !=-{$& {  
    جاھان قىلغان جاھاننى شۇلاردىكى ساداقەت،  B7y^)/  
    چېچىلغاندۇر شۇلاردىن يەر- زېمىنگە سائادەت،  ^]{)gk8P~2  
    باھار قەلب، ياز چىراي، ئۆز يار دېگەن گۈل قامەت،  Vr|sRvz  
    كەلمەكتىدۇر ئات چېپىپ شەرەپ- شاندا ئۆز يارىڭ. 4!l%@R>O2  
    I(bxCiRV  
    ئاسىيلىرى سۆيگۈنىڭ، ئىزلىرىڭغا قاراپ باق،  NFAjh?#  
    قانداق كەلدىڭ بۇ يولدا ئۆز- ئۆزۈڭدىن سوراپ "  M+g=  
    ئۆز بېغىڭدىن ئايرىلماي، ئۆز گۈلۈڭنى پۇراپ باق،  #9's^}i  
    كۈندىن ئاۋۋال نۇر چاچار ھەر بىر تاڭدا ئۆز يارىڭ. (^U 8wit/  

    ئائىلەڭ

    ھىدلىماققا گۈلۈڭ بار ، گۈلزارىڭدۇر ئائىلەڭ،
    شاھ تاجىغا زوقلانما ،گۈلتاجىڭدۇر ئائىلەڭ.
    كۈندە سۆيسەڭ ئەرزىيدۇ ،دىلدارىڭدۇر ئائىلەڭ،
    كۈندە كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ، گۈلخانىڭدۇر ئائىلەڭ،
    ھۆسۈن قوشقان ھۆسنۈڭگە بىر خالىڭدۇر ئائىلەڭ.

    قەدرىن بىلسەڭ ، مەھبۇبەڭ بىللە چۈشكەن مەپە ئۇ،
    بىلگەنلەرگە ئۆمۈرلۈك بىر مېھنەتتىن شەپە ئۇ .
    جاھان شۇنداق گاھ ساراي، گاھ خارابە كەپە ئۇ ،
    سېنى قىلار نەۋرىلىك شۇ كەچمىشتە ئەتە ئۇ،
    تەزكىرەڭدىن تەلتۆكۈس ئىزھارىڭدۇر ئائىلەڭ.

    كەتتى دىمە ياشلىقنى ، ۋىسال دىگەن شۇنىڭدا ،
    نەدە ھوزۇر  ئۇنىڭسىز يالغۇز كىيگەن تونۇڭدا ؟
    ياخشى كۆرگەن يايرىڭ بار ، دېمەك قۇرغۇي قولۇڭدا ،
    سېنىڭ ئۈچۈن پىدائى،ئۇچۇپ يۈرەر يولۇڭدا ،
    قاناتلىقسەن ئۇ بىلەن ، شۇڭقارىڭدۇر ئائىلەڭ.

    ھېكمەتلىرى كۆپ ئۇنىڭ،غەمدىن تولا شادلىقى،
    تاڭلىيىڭدىن كەتمەيدۇ تائامىنىڭ تاتلىقى .
    مېھمان كەلسە خىزمەتتە چويلا بىلەن ساپلىقى ،
    شاتلىقىغا بىللەدۇر سېخىيلىقى،پاكلىقى،
    دوستلار بىلەن چالارغا دۇتتارىڭدۇر ئائىلەڭ.

    يايرىڭ يۆلەك بارچىدە ،تەڭ تارتىدۇ جاپانى،
    ئادەت قىلغان بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئۈچۈن ۋاپانى.
    كەچۈرىدۇ ئۇرساڭمۇ، سەندىن ئۆتكەن خاتانى،
    دېۋەيلىسەڭ،دوستۇڭدەك كۆرسىتىدۇ ساپانى،
    ئاۋۋال يايرىڭ سۇغارغان بوستانىڭدۇر ئائىلەڭ.

    ئۇمۇ ئەزىز،سەن ئەزىز ئۈژمە كۆڭۈل بولمىساڭ،
    يېتەكلىسە شاياتۇن،پىنھانلاردا قونمىساڭ.
    ئايلانمىساڭ ئاسىيغا، دەستە گۈللەر سۇنمىساڭ،
    ئىشەنچ بىلەن گۈللەيدۇ ۋېسال دىگەن ،ئويلىساڭ،
    ساداقەتتە سېلىنغان مۇنارىڭدۇر ئائىلەڭ .

    تۆكەلەيسەن تالادا تۆكەلمىگەن سىرىڭنى،
    يۇيالايسەن يالغۇز باش يۇيالمىغان كىرىڭنى.
    تاپالايسەن تەسەللى، بىرىڭ سىلاپ بىرىڭنى،
    كۆرسىتىسەن يىرتىلغان تىكەن كىرگەن يېرىڭنى،
    ئۆزگىلەرگە ئوخشىماس ئۆز يايرىڭدۇر ئائىلەڭ.

    ئائىلەڭدەك نەدە بار ئىسسىق ماكان ،ئىسسىق جاي،
    مۇزلاپ كەلسەڭ ئالدىڭغا قۇيىلىدۇ ئىسسىق چاي.
    دېرىزەڭدىن زوقلۇنۇپ قارىشىدۇ تۈندە ئاي،
    ئىناق جۈپلەر باختىيار،ئىناق جۈپلەر ئۆتەر باي،
    شۇڭا،ئېيتقان دەردىڭگە دەرمانىڭدۇر ئائىلەڭ.

    ئۇ بولمىسا باغرىڭنىڭ پاراغىتى  - بالاڭ يوق،
    ئۇ بولمىسا قوي-قوزا ، مۆرەپ تۇرغان كالاڭ يوق.
    ئۇ بولمىسە ھويلاڭ يوق،ئالما-ئۈرۈك باراڭ يوق،
    ئۇ بولمىسا سېنىڭدە كەلگۈسىدىن پاراڭ يوق،
    شۇلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئىمكانىڭدۇر ئائىلەڭ.

    قەدىناس يوق قەلبىدە قەدىرسىزنى ياقتۇرماس،
    ئەمگەكچانغا ئاشىق ئۇ ، ئەجىرسىزنى ياقتۇرماس.
    قوي بولغىچە قوزىسى ،تەخىرسىزنى ياقتۇرماس،
    گاھى كەلگەن قازاغا سەۋرىسىزنى ياقتۇرماس،
    ساڭا ھاردۇق يەتكۈزمەس ھەمكارىڭدۇر ئائىلەڭ.

    دەستۇرى بار مەكتەپ ئۇ دىيانەتتىن - ئەخلاقتىن،
    سەھىپىسى سۆزلەيدۇ دىلغا چىراغ ياقماقتىن .
    سالام - سەھەت بېشارەت ئەلدە ھۆرمەت تاپماقتىن،
    بالاڭ شۇڭا يىراقتۇر ئەگىزلەردە ئاقماقتىن ،
    ئۆزۈڭ ياققان سېنىڭمۇ بىر شامىڭدۇر ئائىلەڭ.

    سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن ،
    سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن.
    شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشناپ گۈللىگەن ،
    گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن ؟
    مەيلى سۇلسۇن،كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ.


     بىرەر تونۇش بولمىسا

    ئىش پۇتكۇزمەك مۇشەقەت بىرەر تونۇش بولمىسا ،
    قوشۇلىدۇ شەرتكە شەرت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا .
    قوشۇلىدۇ دەرتكە دەرت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ،
    يىغلاشمۇ بار نەچچە رەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا ،
    ئەڭ ياخشىسى  ،ئاستا كەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    بولۇۋالدى خادىملار ئشنى يولسىز بىجىرمەس ،
    مىدىرلىماس ئاز پۇلغا ،ئۇندا بىزنى باسار نەس .
    ئارقا ئىشىك ئاچمىساڭ ،ئاسان ئىشمۇ بولار تەس ،
    شۇڭا ،تونۇش ئىزدەيمىز مېڭىپ يۇرۇپ ئىگىز -پەس ،
    تۇگىشىمىز پۇل تۆلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    تونۇشلىرى بارلارنىڭ بالىلىرى خىزمەتتە ،
    يېقىنلىرى يوقلارنىڭ قالدى يىللاپ بىر چەتتە .
    پىرىنسىپلا،ھۆججەتلەر يوق ئەمەستۇر ئەلۋەتتە ،
    ھۆججەت قېلىپ بىر چەتتە ،ئىش پۇتىدۇ خىلۋەتتە ،
    يامان ئىكەن شۇ خىلۋەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    كۆرە -كۆرمەي دوختۇرلار ،بالنىستا يات دەيدۇ ،
    يېتىشمەيدۇ پۇل دىسەم ،ئۆي -جايىڭنى سات دەيدۇ .
    بىر شەيتىنىم پىچىرلاپ ،رىستۇرانغا تارت !دەيدۇ ،
    كۆڭلۇم ئەمما ،ياخشىسى ،بىرەر تونۇش تاپ دەيدۇ ،
    ئۆزگە ئامال يوق پەقەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    تونۇش كېرەك جىق ئىشتا ،تىجارەتتە سەپەردە ،
    تونۇش -بىلىش بولمىسا ،ھاياتىڭمۇ خەتەردە .
    ئىشچى بولۇپ زاۋۇتقا ،رەسمىيەتنى ئۆتەردە ،
    قەرىز ئېلىپ بانكىدىن ،جانغا لازىم ئېتەردە ،
    كار قىلمايدۇ ئاق ھۆججەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    تونۇش دېگەن تۇنۇشكەن ،يۇمشىتاركەن قاتتىقنى ،
    ئايلاندۇرۇپ تاتلىققا ،ئوڭشايدىكەن ئاچچىقنى .
    يىقىنلىرى پەسكۇيغا چۇشۇرەركەن باشلىقنى ،
    تونۇش كېلەر يېتەكلەپ غەم باسقاندا شادلىقنى ،
    سوكۇلدايسەن ھەپتىلەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    تامغا تۇتقان خادىملار بولۇپ كەتتى تەمەخۇر ،
    كۇندە بېلىق تۇتماقچى بىزدەكلەرگە سېلىپ تور .
    زەن سالمايدۇ ،كۆرمەيدۇ ،باشلىقىڭنىڭ كۆزى كور ،
    ئېيتسا كېرەك باشلىقمۇ بىللە ناخشا ،بىللە خور ،
    شۇڭا ،ئۆتمەس ئەرز خەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    ئەقەلىيسى ،ئالالماي بىر پىراۋا بالامغا ،
    ئۆتۇپ كەتتى توققۇز ئاي قۇرۇق بارغاچ سالامغا .
    پۇل سۇڭگۇتسەم ،جۇدالىق كېلەر ئىكەن كاللامغا ،
    تۇز سەپكەندەك بولمامدۇ ساقايمىغان يارامغا ،
    ئۇندىن باشقا نە مەدەت ؟بىرەر تونۇش بولمىسا .

    قىل قالغاندا بىر قېتىم قېقىلغىلى ئىچىمدىن ،
    بىر تونۇشۇم بىر تالاي قالدى ساقلاپ چىقىمدىن ،
    كۆزلەيدىكەن ،ۋاي ئۇلار باشقىسىنى  پېتىمدىن ،
    ئايرىلغىلى تاس قالدىم بىر ئاپشاركا ئىتىمدىن ،
    ئۆلەر ئىدىم شۇ سائەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    بىرەر تونۇش بولمىسا ،ياقا يۇرتقا چىقساڭمۇ ،
    مۇساپىرسەن ،غېرىپسەن پۇل خەجلەشنى ئۇقساڭمۇ .
    تەشۋىش بىلەن ياشايسەن تاۋكالاردا ئۇتساڭمۇ ،
    تونۇشلارغا يىتەمدۇ بىرەر ئاشنا تۇتساڭمۇ ،
    كېتەر سەندىن سەلتەنەت ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    تېنەپ قالدىم تۇيۇقسىز بىرەر تۇنۇش بولمىغاچ،
    سەرسان بولدۇم ،يات كۆرۇپ سارايلاردىن قوغلىغاچ .
    بىر شەھەرگە بىر كۇنى بېرىپ قېلىپ ئوينىغاچ ،
    ئامان قالدىم تۇرمىدىن ياندا پۇلۇم قوغدىغاچ ،
    بولار ئىكەن بەكمۇ سەت ،بىرەر تۇنۇش بولمىسا .

    تونۇشتۇرۇش دېگەندىن تونۇش ياخشى بولقالدى ،
    سايىسى يوق دەرەختىن قومۇش ياخشى بوپقالدى .
    تونۇشلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ياخشى بوپقالدى ،
    يىرتىقىمغا ئەسقاتقان پۇرۇچ ياخشى بوپقالدى ،
    تۇگىتەتتى مېنى يەپ ،بىرەر تونۇش بولمىسا .

    ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن

     

    ئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

    قايسىڭ ئىشقا كىچىكسەڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

    كىچىكمەمسەن خىزمەتكە ، يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ ،

    بىر كارۋاتتا يېتىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

     

    جان يېرى بار ئادەمنىڭ ، ئوخشار ئاڭا مائاشمۇ ،

    ئوندىن قۇسۇر تېپىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

    بۇندىن ئۆزگە تەدبىرنىڭ ، ئانىسىنى تۈمەنمىڭ ...!

    مېنىڭ بىلەن ئېيتىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

     

    ئىنتىزامىڭ بولمىسا كۈندە كېسەل بولمامسەن ؟!.

    بالنېستتا يېتىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

    ئىدارىگە يولاتما ، ئەمدى بالا-چاقاڭنى ،

    بۇندا بالا بېقىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

     

    چىقىپ كەتسەڭ كىرمەيسەن ، خالا جايدىن بىر سائەت .

    يىغىن ئاچسام قېچىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

    قېشىڭدىكى ئوسمىنى قاچان قويدۇڭ ، ئېيتمىدىڭ ،

    ئەمدى خېنە يېقىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

     

    گەپنى ئۇچۇق دەپ قوياي ! مېنى كۆرسەڭ پىچىرلاپ ،

    قۇلىقىڭنى يېقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

    بارالايدۇ پىقىرمۇ ، بارغان يەرگە ھەر قايسىڭ ،

    رەھبەرلىككە چېقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .

    分享到: