• شۇنداقمۇ ئاخماق ئاياللار بولىدۇ

    2009-05-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39892781.html

    شۇنداقمۇ ئاخماق ئاياللار بولىدۇ؛كوڭلىدە ئۇ ئەرنىڭ باشقا بىر ئايالنى ياخشى كورىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن كوڭلىدە ئۇنىڭ ئوز يېنىغا قايتىپ كېلىشىگە ئۇمۇت باغلاپ يۇرىدۇ.
    شۇنداقمۇ ئاخماق ئاياللار بولىدۇ؛ ئۇ ھېلىقى ئەرنىڭ ئوزىگە ناۋاندا بىر تىلفۇن قىلىشىدىن ئۇ ئەرنىڭ ئوزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ،ئوزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،لېكىن بۇنى ئۇ يەنىلا ئۇ ئەرنىڭ ئوزىنى تېخى ئۇنۇتمىغانلىقى.ئوزنى ھازىرمۇ يەنە ياخشى كورۇپ ئەسلىشى دەپ بىلىدۇ.
    شۇنداقمۇ ئاخماق ئاياللار بولىدۇ؛ گەرچە ئۇ ئەر بىلەن ئوتتىرىدا ھېچقانداق مۇھەببەت قالمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،لېكىن بۇ ئايال ئۇ ئەر تەرەپىدىن ئۇنتۇلغان مۇھەببىتىدىن ئۇمۇت ئوزمەي ،ئاتالمىش مەنگۇلۇك مۇھەببىتىگە ئىشىنىپ شىرىن خىياللار بىلەن كۇتىدۇ.
    شۇنداقمۇ ئاخماق ئاياللار بولىدۇ؛ئۇ گەرچە تەقدىرنىڭ ئوزىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ھېلىقى ئەرنىڭ ئوزىنى خاتىرە بۇيۇم سۇپىتىدە كورىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن كۇندە تەڭ كېچىدە تۇرۇپ ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىپ ئاللاھدىن ئۇ ئەر ئۇچۇن بىر ئۇمۇر بەخىت ھەم خۇشاللىق تىلەيدۇ.
    شۇنداقمۇ ئاخماق ئاياللار بولىدۇ؛ ئوزىنى ئاللىقاچان خاتىرە بۇيۇم ئورنىدا كورىدىغان ھېلىقى ئەر تاسادىپى ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ«تېنىچلىقمۇ خۇتۇن» دەپ ئاغزىغا  بۇرۇندىن ئادەت بوپ قالغان سوز بىلەن ئەھۋال سوراپ قالسا،بۇ ئەخماق ئايالنىڭ ھاياجاندىن خوش بولۇپ كوزلىرىدىن ياشلار ئاقىدۇ،بۇ ئاخماق ئايالنىڭ خىيالىچە بولسا ئۇ ئەر ئوزىنى تېخى ئۇنۇتمىغان ئىدى.ئىككىسىنىڭ بۇرۇنقى بىرگە ئوتكەن ۋاقىتلىرىنى ئۇنۇتمىغان بولۇپ ئوزىنى ھازىرمۇ ياخشى كورەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەخماق ئايال ئاشۇ ۋاپاسىز ئەرنىڭ ئاغزىدا مۇنداقلا دەپ قويغان بىر ئېغىز سوزى ئۇچۇن قايتىدىن يەنە شىرىن خىياللار بىلەن ئوزلىرىنىڭ كەلگۇسى گۇزەل كۇنلىرىنى كوز ئالدىغا كەلتۇرۇپ ،گۇزەل ئارزۇلارنى قىلىدۇ.
    شۇنداقمۇ ئاخماق ئاياللار بولىدۇ؛ئاشۇ ۋاپاسىز ئەر ئۇچۇن بىر ئۇمۇر ياشلىقىنى ئاتايدۇ.
    .بىر ئۇمۇر ئاشۇ ۋاپاسىز ئەردىن باشقا بىرىنى ياخشى كورمەيدۇ.
    ئاشۇ ۋاپاسىز  ئەر نى بىر ئۇمۇر ساقلايدۇ، كۇتىدۇ.
    ئاشۇ ۋاپاسىز ئەرنىڭ كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئوز يېنىغا قايتپ كېلىپ قايتىدىن«جېنىم سىزنى سويىمەن،سىزنى مەڭگۇ ياخشى كورىمەن» دىيىشىنى ساقلايدۇ.
    分享到: