• داڭلىق سېھرىگەر_ داۋىد. كوپپېرفېيلد

    2009-05-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39889256.html

    داۋىد. كوپپېرفېيلد( David Copperfield  )نىڭ ئەسلى ئىسمى داۋىد. كوتكىن بولۇپ، 1956-يىلى ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىدا بىر كۆچمەن روس ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا سېھرىگەرلىككە قاتتىق قىزىقاتتى. ئۇ ئىچ مىجەز، تارتىنچاق بولۇپ،ئۇنىڭدىكى قابىلىيەت دوستلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغاندا ، ئۇنىڭدىكى ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە سېھىرگەرلىك ماھارىتىگە خېلى پىششىق بولۇپ،  كەسپى سېھرىگەرلەردەكلا ئورۇندايدىيالايدىغان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئامېرىكا سېھرىگەرلىك جەمىيىتىگە كىرىپ، بۇ دۇنيادىكى داڭلىق جەمىيەتتىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزا بولۇپ قالدى. 1972-يىلى، 16ياشقا كىرگەن داۋىد نيۇ-يورك ئۇنۋىرىستىتى سەنئەت فاكولتىتى ئوقۇغۇچىلىرىغا سېھرىگەرلىك دەرسى بەردى.
          1974-يىلى ، داۋىد يېڭى جېرسىي شىتاتىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۇپ،فوردھام ئۇنۋېرىستىتىغا ئوقۇشقا كىردى. بۇ چاغدا چېكاگودىكى «سېھرىگەرلەر» ئوپېرا گۇرۇپىسى ئۇنى باش رولدا ئوپىرالىق سېھرىگەرلىك ئويۇنى ئويناشقا تەكلىپ قىلدى. داۋىد قىسقىغىنە ئۈچ ھەپتە دەرستىن توختاپ، «سېھرىگەرلەر»نىڭ ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئوپىرادىكى بارلىق سېھرىگەرلىك ئويۇنلىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ لاھىيلىدى ۋە ناخشا ، ئۇسسۇل بىرلەشكەن سېھرىگەرلىك ئۇسلۇبى ياراتتى.  بۇ ئويۇن چىكاگو تارىخىدا ئوينالغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مۇزىكىلىق ئوپىرا بولدى. «سېھرىگەرلەر» بىلەن ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن، داۋىد نيۇ-يوركقا قايتىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ سېھرىگەرلىك ئۇسلۇبىنى تەرەققىي قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نام چىقىرىشقا باشلىدى. داۋىد 20 ياشقا كىرگەندە، ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىئو شېركىتى باش لېدىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ABC تېلىۋىزىيە تورىنىڭ يېڭى بىر پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بۇ پروگراممىنىڭ نامى «ABCدىكى سېھرىگەرلىك » بولۇپ، داۋىد بىلەن باشقا 14 چولپان بىرلىشىپ ئويۇن قويدى، بۇ پروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يوقىرى بولدى. كېيىن داۋىد بىلەن كولۇمبىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە شېركىتى بىرلىشىپ«داۋىد. كوپپېرفېيلدنىڭ سېھرىگەرلىك دۇنياسى» دەپ مەخسۇس پروگرامما ئىشلىدى. ئۇنىڭ كارامەت سېھرىگەرلىكى مىليونلىغان كىشلەرنى ھەيران قالدۇردى.
          داۋىد. كوپپېرفېيلد ھازىرقى ئەڭ ئۇلۇغ سېھرىگەر دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ 30نەچچە يىلدىن بۇيان ئورۇندىغان سېھرىگەرلىك ئويۇنى كىشلەرنىڭ تەسەۋۋرىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ «ئورۇندىغىلى بولمايدۇ» دىگەن ئىشلارنىمۇ بىر-بىرلەپ ھۇجۇتقا چىقاردى.  ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ نەتىجىلىرى بىلەن 19 قېتىم  ئامېرىكىنىڭ تېلىۋىزىيە سەنئەت مۇكاپاتى_ ئېممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ ئوينىغان  ئويۇنلارنىڭ بېلەت سېتىلىشى «شىر پادىشاھ»،«مۈشۈك»،«ئوپىراتىياتىرخانىسىدىكى ئەرۋاھ» دىگەندەك داڭلىق نومۇرلارنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويدى. ئۇ ئورۇندىغان«غايە ۋە جۆيلۈش» دىگەن ئويۇن Broadway (نيۇ-يورك مانخاتتوندىكى داڭلىق كوچا، بۇ يەردە نۇرغۇن داڭلىق تىياتىرخانىلار بار. 百老汇 )نىڭ بېلەت سېتىلىش رېكورتىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە.
       1968-يىلى ، 12 ياشلىق داۋىد سېھرىگەرلىك ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ئامېرىكا سېھرىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى ئەڭ ياش سېھرىگەر بولۇپ قالغان.
      1972-يىلى ،16 ياشلىق داۋىد نيۇ-يورك ئۇنۋىرىستىتىدا «سېھرىگەرلىك سەنئىتى» دىگەن دەرسلىكنى ئۆتكەن.
      1974-يىلى، «سېھرىگەرلەر» ئوپىرا ئۆمىكى بىلەن ئويۇن قويۇپ، ئۆزىنىڭ سېھرىگەرلىك تالانتىنى نامايەن قىلغان.
      1977-يىلى، تېلۋىزىيە پىروگراممىسىغا چىقىپ، «داۋىد. كوپپېرفېيلد» دىگەن نام بىلەن ھەممىگە تونۇلغان.
      1979-يىلى، «قورقۇنچلۇق پويىز» دىگەن فىلمىدە رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلغان.
      1980-يىلى، ئامېرىكا سېھرىگەرلىك جەمىيتى تەرىپىدىن « يىللىق داڭلىق سېھرىگەر» بولۇپ باھالانغان ئەڭ ياش سەنئەتكار بولۇپ قالغان.
      1981-يىلى، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېغىرلىقى 7 توننا كېلىدىغان رېئاكتىپ ئايرۇپىلاننى غايىپ قىلىش سېھرىگەرلىكى ئوينىغان ۋە شۇ يىلى «يىللىق سەنئەت چولپانى» بولۇپ باھالانغان.
       1982-يىلى، سېھردىن پايدىنلىپ كېسەل داۋالاش ئېلىپ بارغان.
       1983-يىلى،  تېلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغان 50مىليون ئالدىدا نيۇ-يوركتىكى ئەركىنلىك ئىلاھىنى غايىپ قىلىش سېھرىگەرلىكىنى ئوينىغان.
       1984-يىلى، داۋىد لاسۋېگاستىكى CEASAR سارىيى بىلەن ئۇزۇن يىل ئويۇن قويۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان تۇنجى سېھرىگەر بولۇپ قالغان.
       1985-يىلى، «ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق 10كىشى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
      1986-يىلى، سەددىچىن سېپىلىدىن تېشىپ ئۆتۈش سېھرىگەرلىكىنى ئورۇندىغان.
      1987-يىلى، ئۇ قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان ئامېرىكا ئالكاتېرا تۈرمىسىدىن ئوڭۇشلۇق «قېچىپ» چىققان.
      1988-يىلى، سېئول ئولىمىپىك تەنھەركەت مۇسابىقسىدە ئامېرىكىغا ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلغان.
      1989-يىلى، پارتىلاپ ئالدىدا تۇرغان بىنادىن ئوڭۇشلۇق «قۇتۇلۇپ» چىققان.
      1991-يىلى، ئۇزۇنلىقى 85 ئېنگىلىز چىسى ، ئېغىرلىقى 70 توننا كېلىدىغان «شەرق تېز پويىزى»نى غايىپ قىلىش سېھرىگەرلىكى ئوينىغان.
       1992-يىلى، «ئۇچۇش» سېھرىگەرلىك ئويۇنىنى كۆرسىتىپ، تۇنجى بولۇپ ياردەمچى سىم ئىشلەتمىگەن سېھرىگەر بولۇپ قالغان.
        1993-يىلى، ئۇ «يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوت» دىگەن نومۇرنى ئورۇنداپ،باغلاقلىق پېتى لاۋىلداپ يېنىۋاتقان ئوتتىن قۇتۇلۇپ چىققان، شۇ يەردە بىر داڭلىق دوگۇر توپ چولپىنىنىڭ بىر مىليون دوللار قىممىتىدىكى كارتىسىنى كۆز ئالدىدا يىرتىپ تاشلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرگەن.
       1995-يىلى، ھوللىۋود چولپانلار كوچىسىدا ئىزىنى قالدۇرغان بىردىنبىر سېھرىگەر بولۇپ قالغان.
       1996-يىلى، «غايە ۋە جۆيلۈش» ناملىق ئويۇنى Broadway نىڭ بېلەت رېكورتىنى ياراتقان.
       2000-يىلى، ئەسرلىك FISM سېھرىگەرى بولۇپ باھالانغان.
        2001-يىلى، ئۇ يۈرەكلىك ھالدا گىرمانىيە دۆلەتلىك لاتارىيە بېلىتىنىڭ نومىرىنى پەرەز قىلىپ تاپقان.
        2001-يىلى، جۇڭگودا چوڭ تىپتىكى كېچىلىك « كىرىش ئېغىزى»نى ئورۇندىغان. سېتىلغان 50مىڭ بېلەتنىڭ بىرىمۇ قالمىغان.
        2002-يىلى،گۇاڭجۇ، شاڭخەي، بېيجىڭلاردا ئويۇن قويۇپ، دۆلەت ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان سېھرىگەرلىك دولقۇنى قوزغىغان.
    شەرق پويىزىنى غايىپ قىلىش
    ئۇچۇش
    ئەركىنلىك ئىلاھىنى غايىپ قىلىش
    http://v.ku6.com/show/CW6g8EWL6k8F13Fy.html
    سەددىچىننى تېشىپ ئۆتۈش
    http://v.ku6.com/show/4573WOZ7jRbhgHLx.html
    分享到:

    评论

  • مەن بۇرۇن شىنقاڭ تىلىۋىزىيە قانىلىدى سەنئەت گۇلزارى پوراگراممىسىدا ۆۆرگەن كۆپ فىلىملىرنى ھەقىقەتەن تەبىئى چىقىرىدۇ كارامەتنى