• لاياقەتلىك مۆئمىنلەر ئائىلىسى

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39670845.html

    1-بىر ئانىنىڭ سۆيگۈ ئەمگىكى
    2-بىر دادىنىڭ سۆيگۈ ئەمگىكى
    3-ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى
    4-بىر ۋاپادار پەرزەنت
    5-ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش
    6-ئاتا-ئانىسى مۆئمىن بولمىغىنىدا
    7-ئاتا-ئانىڭىزنى سۆيۈڭ!

     

    بىر ئانىنىڭ سۆيگۈ ئەمگىكى

    ھېچكىم بىر ئانىنىڭ بالىسىغا بەرگەن قۇربانلىقىدەك ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە بەدەل تۆلىيەلمەيدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلەلمەيدۇ.ئانا بالىسىنى قورساقتىكى ۋاقتىدا ئۈستى-ئۈستىلەپ كۆتۈرىدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن بالا تۇغۇلىدىغان چاغدا،ئۇ ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارىسىدا ئېسىلىپ تۇرىدۇ.ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چېچرىدە قەتئىي ئىرادە ۋە سەۋىر-تاقەتتىن تارتىپ،پۇشايمان قىلىش ياكى ئاغرىنىشتەك بارلىق ھېسياتلار ئىپادىلىنىپ قالىدۇ.بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا بالىسىدىن ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن خەۋەر ئالىدۇ ۋە بېقىپ ئۆستۈرىدۇ.ئۇنى سۈتى بىلەن ئىككى ياشلارغا كىرگۈچە ئىمىتىدۇ.يەنىلا ئۇنىڭغا بارلىق ۋۇجۇدى،مېھرى بىلەن قارايدۇ.مەيلى نېمە ئىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر،چىداشلىق بېرىدۇ ۋە مۇشۇنداق جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىدۇ.ئانىنىڭ بۇنداق قۇربان بېرىشلىرىسىز بالا كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ،تېىىمۇ ياخشى ۋە بەختىيار ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ.
     
    بالىنىڭ سەۋەبىدىن ئانا ھەمىشە يېتەرلىك ئۇخلىيالماي قالىدۇ.كۆپلىگەن ئارام ئېلىشلىرىنى قۇربانلىق قىلىدۇ.نەتىجىدە،ئۇ تەبىئىيكى توختىماي كۈچەشلەردىن ھېرىپ-چارچاپ ھالىدىن كېتىدۇ.بىراق ئەجەبلىنىشكە يېتەرلىك،رېئاللىقتا ئەكسىچە ئىشلار يۈز بېرىدۇ،ئۇ(ئانا)ھەمىشە شاد-خورام روھىي ھالەتتە بولىدۇ.

      ئۇ ھەمىشە ئەتىگەندە ئەڭ بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدۇ.ئاخشىمى ئۇ ھەممىدىن كېيىن ئۇخلايدۇ.بالىلارغا ناشتىلىق تەييارلايدۇ،ئائىلىسىدىكى باشقىلارنى دەم ئالدۇرىدۇ.ئاندىن ئۆيدىكى ھەربىرەيلەن خىزمەت،مەكتەپ ياكى ھەركىم تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،ئۆيدە پەقەت ئانا ئۆزى يالغۇز قالىدۇ.ئۇ ئارام ئالمايدۇ،بىراق ئىشلەشنى يەنىلا داۋام قىلىدۇ.-تاماق ئېتىدۇ،دەم ئالماستىن كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدۇ.بالا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭ تامىقى تەييار؛ئۇ ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ تاماق يەيدۇ.ئانا بولسا،قاچان بولمىسۇن ۋاقتىدا ياكى يېتەرلىك بىر نەرسە يېيەلمەيدۇ.

    ئۇ ھەمىشە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق.قىيىن ھەم كىشىنى بىزار قىلدىغان ئىشلارنى قىلىپ خوشاللىق ۋە بەخىت ھېس قىلىدۇ.چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ يولدىشى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈندۇر.ئۇ ھەرگىزمۇ قىلغان ئىشلىرىدىن چارچاش ھېس قىلمايدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكى بىلىپ تۇرۇدىكى بۇلار بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى بەخىتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
     ئۇ ھەممە بالىلىرىنىڭ مۇۋەپپقىيەت قازىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ-ئۇ بولسىمۇ خەلىققە پايدىلىق بولۇش،ۋاپادار بولۇش،ئاتا-ئانىغا سادىق ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇش،ئاللاھقا ئىتائەتمەن ۋە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان بولۇش ۋە ئائىلىسىگە،جەمئىيەتكە،ۋەتىنىگە ئەڭ تۆھپە قوشىدىغان بولۇش دېگەنلەرنى ئۈمۈد قىلىدۇ.ئۇ بالىلىرىغا بولغان ئارزۇ-تىلەكلىرى بولغىنى ئۈچۈن ھەمىشە خوشال ۋە روھلۇق يۈرىدۇ.كىشىنى بىزار قىلدىغان كۆپلىگەن ئېغىر ئىشلار ئىچىدە ھېرىپ-چارچىغىنى بىلدۈرمەيدۇ.ھېچقاچان ئاھ ئۇرۇپ-خورسىنمايدۇ،بىراق ئەزەلدىن مەمنۇنلۇق ۋە تەشەككۈر ئىچىدە يۈرىدۇ.

     پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدىن بىرىدە ئانىنىڭ بالىغا بولغان ھېسياتى ھەققىدە شۇنداق بايان قىلغان ئىكەن:
    شۈبھىسىزكى،ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن كەلگەن بىر ھېسيات بار،ئەگەر شۇ ھېسيات بولمايدىكەن،بىر ئانا بالىسنى ئەمدۈرمەيدۇ-ئوزۇقلاندۇرمايدۇ،ئېتىزلىقىدا تېرىقچىلىقمۇ قىلمايدۇ(قۇياش قىزدۇرۇپ كۆيدۈرىۋاتسىمۇ)

    بىر دادىنىڭ سۆيگۈ ئەمگىكى

    دادىنىڭ تۆلەيدىغان بەدەللىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ.ئۇ ئائىلىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر'نان تېپىپ كىرگۈچى'پۇل،تاماق،كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىگۈچى،قوغدىغۇچى،بالىلىرىنى ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر بىلەن ئائىلىنى تەمىنلىگۈچىدۇر.

    ھەركۈنى ساق-سالامەت بولسىلا،دادا پۇل تاپىدۇ ۋە ئائىلىسىگە سەرىپ قىلىدۇ.مەنىۋى ياكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن كۈن بويى ئىشلەيدۇ ياكى سىرتلاردا يۈرۈپ ھاياتى خەۋپ-خەتەر،بوران-چاپقۇنلار ئىچىدە ئۆتۈدۇ.ئۇ ھەممە قىيىنچىلىقلارنى سەۋىرچانلىق ۋە ئىرادە-غەيرەت بىلەن چىڭ تۇرۇپ ئۆتكۈزىدۇ.بۇلار پەقەتلا شۇ ئائىلىسىنىڭ موھتاجلىقلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈندۇر.دادا .ھەربىر بالىسىنىڭ ياراملىق بولۇپ،مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىنى خالايدۇ.ئۇلارنى ئاسرايدۇ،كۆيۈنىدۇ،ھۆرمەتلەيدۇ،قىز-ئوغۇللىرىنى ئوخشاشلا سۆيۈدۇ،رەسۇلىللاھنى ئۈلگە قىلىپ،لاياقەتلىك دادا بولۇشقا تىرىشىدۇ.مانا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  شۈبھسسىز بىر لاياقەتلىك دادا ئىدى.ئۇنىڭدىن بىزگە ئاتا-پەرزەنت مۇناسىۋىتىن ئۈلگە بولىدىغان بىر گۈزەل مىسال شۇدۇركى،ئابدۇل مالىك مۇجاھىد شۇنداق ھېكايە سۆزلەيدۇ؛پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىزى فاتىمە ئۇنى يوقلاپ كەلگىنىدە،ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى كۈتىۋالاتتى،ئۇنى سۆيۈپ قوياتتى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى.بۇ زامانىمىز كىشىلىرىگە ئوغۇللىرىنى ياخشى كۆرۈپ،قىزلىرىنى تۆۋەن كۆرۈشتەك ئادالەتسىزلىكلەرگە نىسبەتەن بىر ئەينەكتۇر.ئۇ بۇ ئاددىيغىنە ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزلەرگە پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلارغا قانداق كۆيۈنۈشنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

    ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمۈدى
     ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمۈدى بالىلىرىنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتۇر.شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ  ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانغىنىدا ئىنتايىن خۇشھال بولىدۇ-بالىسى مەكتەپتە ياخشى ئوقىسا،ياخشى خۇلۇقلۇق بولسا ۋە ئىبادەتلەرنى تەئدىل-ئەركان بىلەن ئورۇنلىسا...بىر بالىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىمۇ چوڭ خۇشاللىقتۇر.كىمىكى ئاتا-ئانىنى خۇشھال قىلسا،كەينىدىنلا ئۇلار دۇئا قىلىدۇ:

    'ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى(يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى)تىلەيمىز،بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى(يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىس،ياخشلىققا دەۋەت قىلغۇچى)قىلغىن؛دەيدۇ.(فۇرقان-25-74)
    شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەربىر پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمۈد-ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك.ئەگەر ئۇ بىر ئوقۇغۇچى بولسا،ئوقۇشنى ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇسا ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدۇ.ئۇ ئەگەر ئوقۇشنى تۈگىتىپ جەمئىيەتكە چىققان بولا،چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ۋە چېنىقىشى،ھەر ۋاقىتتا يۈرۈش-تۇرۇش،ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ياخشىلىشى ۋە ھەرگىزمۇ جەمىئيەتكە زىيان سالغۇچى يۈك-بېسىم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.ئۇ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى،شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىغا ياخشى نىيەت ۋە ئىلتىجالار بىلەن دۇئا قىلىشىپ تۇرۇشى ھەم پەرز ۋە قەرزدۇر.

    ئەگەر ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يىراق بىريەردە تۇرىۋاتقان بولسا،ئۇ ھەرقاچان ئاتا-ئانسىنىڭ يالغۇزلۇق تارتىپ قېلىشى مۈمكىنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك.ئۇلارغا ھەمىشە خەت يېزىپ تۇرۇشى،تەتىللەردە يوقلاپ تۇرۇشى،بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-ئايەملىرىدە ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇشى زۆرۈر.ئۇ ھەم ئاتا-ئانىسىنى خوشھال قىلىشقا تىرىشىشى،ھەرگىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىقى كېرەك.

     ئەگەر ئۇ ھاياتىدا بىرەر چوڭ خاتالىق-گۇناھ سادىر قىلىپ سالغان بولسا ۋە ھاياتى گۇناھ بىلەن توشۇپ كەتكەن ھايات بولسا،ئۇ ۋاقتىدا ئەس-ھوشىنى يىغىپ،تىرىشىپ توغرا يولغا قايتىشى،ئاللاھقا تەۋبە قىلشى كېرەك.يەنە شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنى قايتىدىن تۈزۈتۈپ،ئاتا-ئانىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئازاپلىماسلىق ۋە رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

     

    ۋاپادار پەرزەنتئاتا-ئانىلار شۈبھىسىزكى بالىلىرىنىڭ ۋاپادار-ئاقكۆڭۈل پەرزنەت بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.بىر ۋاپادار پەرزەنت دىننىڭ چاقىرىقلىرى بويىچە كۈچلۈك ئېتىقادلىق ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن ۋە شۇنداق قىلىشنى چۈشەنگەن بولىدۇ-يەنى،ئۇ كۈندىلىك پەرز نامازلارنى ياخشى ئورۇنلايدۇ،رامىزاندا تولۇق روزا تۇتىدۇ،ئالىملەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى،لىكسىيەلىرىگە بارىدۇ،شۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ،شۇنداق پەرزەنتلەر بۇ ئالەمدىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئاتا-ئاىسىنى مەمنۇن قىلىدۇ.

    پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دېگەن«قاچانكى بىر كىشى ئۆلسە،ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن باشقا ئىش-ئەمەللىرىدن ساۋابقا ئېرىشىشتىن مەھرۇم بولىدۇ'ئۇلار خەلىققە پايدىلىق بولغان ساۋابلىق قۇرۇلۇشلار(مەسىلەن مەسچىت،مەكتەپ،دوختۇرخانان قۇرۇلۇشى)كىشىلەرگە پايدىلىق ئىلىم ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرۇدىغان ۋاپادار پەرزەنتتىن ئىبارەت»

    بىر ۋاپادار پەرزەنت ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئاتا-ئانىسىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ.

    ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مېھرىبانلىق كۆرسۈتۈشى،ئاتا-ئانىسىغا مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك بولۇشىدۇر.ئۇ چوقۇم ئاتا-ئانىسىغا مۇلايىم ۋە ئىتائەتمەن بولۇشى كېرەك.ھېقاچان قوپاللىق بىلەن قارىماسلىق ۋە ناچار پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق لازىم.بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ياشىنىپ،كۈچىدىن قالغان ھالىتىدە شۇنداق.ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەلۇم ئىشلىرىدىن خاپا بولۇپ قېلىشى مۈمكىن،بىراق شۇندىمۇ ئۇلارغا ئەدەب بىلەن سۆزلىشى لازىمدۇر.

    قۇرئان كەرىمدە پەرزەنت بولغۇچىغا ئۇنىڭ ھاياتىدا ئاتا-ئانسىغا قانداق مۇئامىلە قىلشىنى ئۆگۈتۈپ مۇنداق دەيدۇ؛« پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى'ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا،ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن(يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۈنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن.ئۇلارغا ھۈرمەت بىلەن يۇمشاق سكز قىلغىن.ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھيىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئى پەرۋەردىگارىم!ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك،ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن،دېگىن»بەنى ئىسرائىل-17-23~24

    «ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق.ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ،مۇشەققەت بىلەن تۇغدى»ئەھقاف-46:15

    پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوجرىسىغا ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز كىرمەسلىكى كېرەك.تاكى ئۇلار رۇخسەت قىلمىغۇچە كىرمەسلىك لازىم.

    «كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە ۇلار ئىلگىرىكىلەر (يەنى چوڭلار كىرىشتە)ئىجازەت سورىغاندەك(ئۆيگە كىرىشتە ھەممە ۋاقىت)ئىجازەت سورىسۇن24:59نۇرئاتا-ئانىسىدىن بۇرۇن ئۇلارغا ھۆرمەت -ئېھتىرام بىلدۈرۈش.ئېھتىرم بىلدۈرگەندىمۇ پەرزەنتلەر ئاتا-ئانسىنى ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىپ،كۈتۈۋېلىشى كېرەك.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قىزى فاتىمە ئۇنى ئۆيىگە يوقلاپ كەلگىنىدە،ئورنىدىن تۇراتتى ۋە پەيغەمبىرىمىز ئۇنى سۆيۈپ قوياتتى ھەم ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتى.خۇددى شۇنىڭدەك،فاتىمە دادىسى ئۇنى يوقلاپ كەلگىنىدىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كۈتىۋالاتتى ۋە دادىسىنى سۆيۈپ قوياتتى ھەم ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ فاتىمە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرەر ئىدى.(ئەبۇ داۋۇد،ئەل-نەسەي ئەنەس،تىرمىزى)

    ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش

     

     



    پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسى موھتاج بولۇپ قالغان چاغدا ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش زۆرۈر.بىر ياش كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،دادىسىنىڭ ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە موھتاج بولۇپ قالغانلىقىدىن دەرد تۆكۈپ بېرىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ:

    «سەن ۋە سېنىڭ بايلىقىڭ داداڭ ئۈچۈندۇر»(ئىشلىتىشكە)

    بەنى سەلەمە قەبىلىسىدىن ئاتا-ئانسى ئۆلۈپ كەتكەن بىرەيلەن  كېلىپ«يا رەسۇلىللاھ،ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارغا يېتىپ تۇرغىدەك ياخشىلىقتىن بىرەرى قالامدۇ؟»سەپ سورايدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام« شۇنداق،ئۇ ئىككسىگە دۇئا قىلىش ۋەئۇ ئىككسىگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىڭ؛ئۇلارنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ بېرىشىڭ؛ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىشىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۈرمەتلىشىڭدۇر(ئەبۇ داۋۇد،ئىبنى ماجەھ،ئىبنى ھىببان)

    ئاتا-ئانىلارغا قىلىنىدىغان ياخشى دۇئا:ئى پەرۋەردىگارىم!گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئاتا-ئانامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن.كىچىكلىكىمدە ئۇلار مېنى تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا رەھمەت قىلغىن.

    ئاتا-ئانىسى مۆئمىن بولماي قالغىنىدا

     

     



    پەرزەنت بولغۇچى ئاتا-ئانىسى ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن قاچقان،مۆئمىن ئەمەس بولۇپ قالغاندىمۇ ئۇلارغا ياخشى مۇناسىۋەت -مۇئامىلە قىلشى زۆرۈر.بىراق ئۇ ئاتا-ئانسىغا بويسۇنسا بولمايدۇ(دىننىي ئىشلاردا)

    «ئەگەر ئاتا-ئاناڭ سنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا،ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن،ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن(يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن»31:15لوقمان

    مۇسۇلمان بولمىغان ئاتا-ئانىسىغا ياخشى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش.مەسىلەن:ئۇلارنى ھۆرمەتلەش،ئۇلارنى ئەدەب بىلەن كۈتۈش،ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش،كىيىم-كېچەك،ئپزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش،ئۇلارنى يوقلاش ۋە ئاغرىپ قالغاندا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش لازىم.ئەڭ مۇھىمى،ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ھەق يولىغا باشلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش كېرەك.

    پەرزەنتكە كېلىدىغان ساۋاب:كىمىكى ئاتا-ئانسىغا سادىق،كۆيۈمچان بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن،بۇ پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقتىن باش تارتقانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى تەرەپتىن ئۈمۈد كۈتەلەيدۇ.

    بۇ يەردە بۇنىڭغا كېلىدىغان ساۋابلار ھەققىدە ھەدىسلەر بار:

    «كىمىكى ئاتا-ئانسىغا ياخشىلىق قىلىدىكەن،ئەلۋەتتە ئۇ بەخىتلىك ۋە خاتىرجەم ياشايدۇ ۋە ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن  قىلىدۇ»(ئەل-فاس ئەل-كەبىر)

    سىز ئاتا-ئانىڭىزغا ۋاپادار بولسىڭىز بالىڭىز ھەم سىزگە ۋاپادار بولغۇسى.

    «قاچانكى ئاتا-ئانىسىنىڭ مەمنۇنلىقى توختايدىكەن،ئاللاھنىڭ مەمنۇنلىقى توختايدۇ؛قاچانكى ئاتا-ئانسىىنىڭ غەىزىپى توختايدىكەن،ئاللاھنىڭ ھەم غەزىپى توختايدۇ»(تىرمىزى،ئەل-ھەكىم ۋە بۇخارى)

    «دۇئاسى ئىجابەتسىز قالمايدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشى بار،ئۇلار:زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى،مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە بالىنىڭ ئاتا-ئانسىغا قىلغان دۇئاسىدۇر«(ئەھمەد،بۇخارى،ئەبۇ داۋاۇد،تىرمىزى)

    گۇناھى كەبىرەلەر بۇدۇركى:ئاللاھقا باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلىش:بىراۋنىڭ ئاتا-ئانىسىغا زۇلۇم قىلىشى؛ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم ئىچىش» (سەھىھ بۇخارى)

    ھەربىر گۇناھ كەبىرە قىلغۇچى دوزاخ ئوتىدا جازالىنىدۇ،پەقەتلا گۇناھكار ئاللاھقا تەۋبە قىلغان بولسا بۇنىڭ سىرتىدا ياكى ئەگەر گۇناھى ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىش بولسا گۇناھكار چوقۇم ئاتا-ئانسىنىڭ كەچۈرىمىگە ئېرىشىشى كېرەك.

    ھەربىر گۇناھ ئۈچۈن جازالىنىش قىيامەتكە قەدەر توختىلىپ تۇرۇلىدۇ،ئەگەر گۇناھى ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىش بولسا،مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ ھاياتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن جازالىنىدۇ(تىرمىزى)

    بۇ ھەقتە شۇنداق رىۋايەت سۆزلىنىدۇ:ئەلقەمەھ ئەسلىدە رەسۇلىللاھنىڭ كاتتا ساھابىلىرىدىن بىرى ئىدى.ئۇ ئىبادەتلەرنى تولىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئورۇنلايتتى،روزا تۇتاتتى ۋە زاكات بېرەتتى.كېيىن ئۇ توي قىلدى.ئۇ ئايالىنى ئانىسىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەر ئىدى.نىھايەت،ئۇ ئۆلىدىغان چاغدا،ئۇنىڭ تىلى «لائىلاھە ئىللەللاھ»كەلىمىسىگە كەلمەي قالدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭ ئانىسىدىن ئۇنى كەچۈرىشىنى سورىدى.ئانىسى رەت قىلدى.نەتىجىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەزرىتى بىلال(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نى ياغاچلارغا ئوت يېقىپ،ئەلقەمەھنى ئوتقا تاشلاشقا بۇيرىدى.بۇنى كۆرۈپ،ئانىلىق مېھرى ئۈستۈن كەلگەن ئانا،ئوغلىنى كەچۈرىۋەتتى.شۇندىلا ئەلقەمەھ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە«لائىلاھە ئىللەللاھ»كەلىمىسىنى ئېيتالىدى.

    ئاتا-ئانىڭىزنى سۆيۈڭ

     



    ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغانلىرى شۇقەدەر كۆپكى،ھەربىر ئوغۇل-قىز چوقۇم ئۇلارنى سۆيۈشىمىز ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز ،چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز،ئۇلارغا مىننەددارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.قايسى پەرزەنت شۇنداق قىلالىسا ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ ۋە بۇ دۇنيادا ھەم بەخىتلىك ۋە پاراغەتلىك ياشايدۇ،ئىنشائاللاھ.يەنە ئەگەر كىمىكى ئاتا-ئانىسىغا زۇلۇم قىلىپ،قاقشىتىدىكەن،ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن،بىر ۋاپادار پەرزەنت_ئوغۇل-قىز بولۇشقا تىرىشىڭ.ئاتا-ئانىڭىزنى سۆيۈڭ،شۇندىلا ھاياتىڭىز بەخىتلىك ۋە شاد-خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈدۇ ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن يىراق بولسىز.

    分享到: